logo

trugen jacn

شەرقىي تۈركىستاندا ئاققان قاندا تۈرك مىللىتىگە يېزىلغان ئوچۇق خەت

ھەمزە سويسال

 

شەرقىي تۈركىستاندا ئاققان قاندا تۈرك مىللىتىگە يېزىلغان ئوچۇق خەت

بىر مىللەتنى مىللەت قىلىپ تۇتۇپ تۇرغۇچى ئامىل تىل ۋە تەقدىرداشلىق بولۇپ، خۇشاللىقتا، غەم – قايغۇدا، ئاجىزلىقتا، پەخىرلىنىشتە، ياخشى – يامان كۈندە ھەمدەم بولۇش، ئېغىر كۈنلەردە، قېيىنچىلىقتا ھەمنەپەس بولۇش… ئەگەر بۇ ئىككىسى بىلەن بىرگە تەۋرەنمەس قەلىپداشلىقنىڭ بارلىقىدىن ئېغىز ئېچىش، ھەقىقەتتىن سۆز قىلىش مۇمكىن بولسا ۋە بۇنى ئىسپاتلايدىغان ھەقىقىي قېرىنداشلىق ھەققى ۋە ئەمەلىيىتى بولسا، ئۇنداقتا دىن دەۋاتقان ئۇ ئۇلۇغ رىشتە، بۇ تىرىك ۋۇجۇتتا ئۇنى قوغداپ ھىمايە قىلغان، بىر پۈتۈن ئىماندىن تەشكىل تاپقان مۇستەھكەم قورغاندۇر.
ئەپسۇسكى، تۈرك مىللىتى، مەۋجۇت ھالىتى بىلەن ئىسلام ئۈممىتى، بىزنى ئىسلام بىلەن شەرەپلەندۈرگەن ئەرەپ مىللىتى، بۈگۈن بۇ رىشتىلەر بەرپا قىلىشى كېرەك بولغان ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىقتىن يوقسۇن ھالدا تۇرماقتا. دېمەكچى بولغانلىرىمنى ئىرىقچىلىق ئۇقۇمىدىن خالىي ھالدا ئېيتىۋاتقانلىقىمنى ۋە ھەرگىزمۇ ئۇنىڭدىن مەدەت كۈتمەيدىغانلىقىمنى ئالدىن بىلدۈرۈپ قوياي. بۇ كىرىش سۆزنى شەرقىي تۈركىستاندا سىستېمىلىق ۋە خۇپيانە پىلانلار بىلەن يوق قىلىنىۋاتقان قان ۋە دىن قېرىنداشلىرىمىز يەر يۈزىدىن يوقۇلۇپ كەتمەستىن ۋە ھازىرمۇ دات – پەريادلىرى، ياردەم تەلەپلىرى، مەدەت چۇقانلىرى ئەرشنى تىترەتكەن بولسىمۇ، ئەمما بىزدىكى بىپەرۋا، ئېرەڭشىمەس ئۆلۈك قەلىپلەرنى ھەرىكەتكە كەلتۈرەلمەيۋاتقان نىدالىرى ئاڭلانماس بولۇشتىن ئىلگىرى بىر ئىش قىلالماسلىقنىڭ ئىزتىراپىنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن يېزىۋاتىمەن، قانچىلىك تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ماڭا نامەلۇم. ئەمما بۇ مەسىلىنى مىڭلىغان ئەھمىيەتسىز ۋە ئەرزىمەس، پانى، ئۆتكۈنچى مەسىلىلەر نۆۋەت بەرمەيۋاتقان چولتا كۈنتەرتىپنىڭ ئالدىغا ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن بۇنى يېزىۋاتىمەن.
ئەسلىدە بۇنى قىلىۋاتقان، بۇ ئازاپنى ھەر ھۈجەيرىسىگىچە چوڭقۇر ھېس قىلىپ ياشاۋاتقان ۋە بەرداشلىق بېرىش قېيىن بولغان بۇ ئوتنى روھىدا يالقۇن تاغ كەبى تىزگىنلەپ، پات – پات ۋولقان كەبى تېشىغا ئۇرۇپ، ئۆزىگە تەسەللىي بەرگەن نۇرئەلا كۆكتۈرك ھەدىمىز، ئانىمىزدۇر. ئۆزى 1965 – يىلى زالىم خىتاينىڭ زۇلۇمىدىن قېچىپ، ۋەتەن دەپ ئاتالغان بوشلۇقنى ھېچقانداق نەرسە بىلەن تولدۇرالمايدىغان ھەسرەتنى ئارقىدا قالدۇرۇپ، يۇرتىمىزغا پاناھ تارتقان مىھنەتكەشلەردىن بىرى. ھاياتىنى، خىياللىرىنى، ھايات زوقىنى، كۈنلىرىنى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈش، سەيلە – ساياھەت قىلىش ئارزۇلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ھەر نەپەسىنى ئانا يۇرتىدىكى زۇلۇم ۋە ئاسمىلاتسىيەنى توختۇتۇش ئۈچۈن ۋەقپە قىلغان بۇ سەمىمىي ھەدىمىزگە قۇلاق سېلىڭ. بۇ پەريادنىڭ تىلىنى ئىدىراك قىلىشقا تىرىشىڭ، قولىمىزدىن ھېچقانداق ئىش كەلمەيدۇ دەپ، پەقەت دۇئا بىلەنلا بولدى قىلماڭ ۋە بۇ داۋاغا باشتا ئىنسان بولۇش سۈپتىڭىز بىلەن ئىنسانلىق داۋاسى دەپ قاراپ ئىگە چىقىڭ…
نېمە قىلالايمىز دەۋاتامسز؟
بۇ خەۋەرلەرنى ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېساپلىرىمىز ئارقىلىق ئەتراپىمىزدىكىلەرگە يەتكۈزۈش؛ سەمىمىي تۇيغۇلىرىمىزنى قوشۇپ يېزىپ، بۇ زۇلۇمنى ئىسپاتلايدىغان رەسىملەرنى ئورتاقلىشىش ئارقىلىق ۋە كىشىنى يىرگەندۈرىدىغان سىياسىي مەنپەئەتلەرنى كۆزلىمەستىن، پارچىلانماستىن تەك ۋۇجۇت بولۇپ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كەنتەرتىپكە ئېلىپ كېلەلەيمىز. بىز بىر دولقۇن پەيدا قىلساق، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن تاراتقۇ ۋە ئۇخلاپ ياتقان سىياسەتچىلەرنى چوقۇم ھەرىكەتكە كەلتۈرگىلى بولىدۇ.
شۇنداق، سايلام بار. شۇنداق، باشقا مەسىلىلەر بار. لېكىن بۇلار ھەر دائىم بولۇپ كېلىۋاتقان ۋە تەكرارلىنىدىغان ئىشلاردۇر. ئەمما ئۇيغۇرلارنى، پەلەستىنلىكلەرنى، ئاراكانلىقلارنى، باشقا مىللەتلەردىن، باشقا دىنغا مەنسۇپ بولغان مەزلۇم ۋە مەھكۇملارنى يوقۇتۇپ قويساق، بۇلارنىڭ قايتۇرۋالغىلى، ئورنىنى تولدۇرۋالغىلى بولمايدۇ. زۇلۇمغا، ھەقسىزلىققا سۈكۈت قىلماي قارشى تۇرىدىغان بۇ مىللەتنىڭ تومۇرىدىكى ئېسىل قاننى قايتىدىن ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈشىمىز كېرەك. ئەمما بۇنى ھېچقانداق سىياسىي، ئىدىئولوگىيىلىك مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدىغان خۇرۇچ سۈپتىدە قارىماستىن قىلىشىمىز لازىم. قېنى كېلىڭ، مۇسۇلمانلىقىمىز، ھەممىدىن ئاۋۋال ئىنسان ۋە قېرىنداش ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسىتەيلى. توختىماستىن تىلغا ئېلىۋاتقان، رېئاللىققا ئېشىشىنى ئارزۇ قىلىۋاتقان، ئۆتمۈشتىكى پەخىرلىك كۆرۈنۈشلەر بىلەن خىياللىرىمىزنى نەقىشلىگەن، تىلىمىزدىن چۈشۈرمەي تەشۋىق – تەرغىپ قىلغان بۈيۈك ئارزۇلىرىمىزنى، جۇش ئۇرۇپ تۇرغان داۋامىزنى «دۇرۇست»لۇق مۆھىرى بىلەن ئىسپاتلايلى.

ئاللاھنىڭ نۇسرىتى تىرىكلەرگە كېلىدۇ

قۇرۇق دۇئا – تىلەكلەر، كۆز كۆز قىلىشلار، ئادەتكە ئايلىنىپ قالغان ھەرىكەت ۋە شۇئارلارغا ئاللاھنىڭ ئىتىبار قىلمايدىغانلىقى ئېنىق. ئاكىفنىڭ ئۆز دەۋرىدە ئوخشاش ئىزتىراپ ئىچىدە چۇقان كۆتۈرۈپ قىلغان نىداسى ۋە ئويغۇنۇپ ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن خۇددى روھىنى سىقىپ سىلكىپ، « ئەي مىللەتى مەرھۇمە! » دېگەن كۆڭۈل رىشتىسى زىيانغا ئۇچرىغان، سىياسىي ماجرالارنىڭ، پىرقەۋازلىق ۋە پارتىيەپەرەستلىكنىڭ بىرلىكنى بۇزۇپ پەرىشان قىلىش نەتىجىسىدە، پارچە – پارچە بولۇپ ئاقىۋەت ئۆزىنىڭ ئاغرىقىنىمۇ ھېس قىلمايدىغان، ئۆز دەردىگە مەلھەم سۈرەلمەيدىغان ھالغا كەلگەن سۆيۈملۈك ئەزىز مىللىتىم، سىلكىن ۋە ھۇشۇڭنى تاپ!!!
سەن خۇدۇڭنى تاپقىنكى، سېنى مەزلۇملارنىڭ كۆز يېشى، ئاھۇ – زارىنى توختىتىشقا ۋەسىلە قىلىشنى خالىغان رەببىمنىڭ نۇسرىتى ۋە ئىنايىتىگە ئېرىشكەيسەن، پەيغەمبىرىمىزنىڭ شاپائىتى ۋە ھىممىتىگە نائىل بولغايسەن…
بۇ مەكتۇپ جانابى جۇمھۇر رەئىسمىزگە ۋە ھەممىمىزگىدۇر.
ئۇيغۇرلار جان تالىشىۋاتىدۇ… بۇ جان بىزنىڭ جېنىمىز…
نۇمۇسىمىزغا، ئىززەت – ھۆرمىتىمىزگە داغ چۈشىۋاتىدۇ…
ئەگەر بۇ يانغىننى ۋاقتىدا ئۆچۈرمىسەك، بوسۇغىمىزغا كېلىشى مۇقەررەر…
ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن بۇ مەسىلىدە ئۆزەڭلارنى جاۋاپكار دەپ قاراڭلار.
ئەگەر ھازىر ئۆزەڭلارنى جاۋاپكار دەپ قارىمىساڭلار، مەھكەمەئى كۇبرادا جاۋاپكارلىققا تارتىلىدىغانلىقىڭلاردا ھېچقانداق شۈبھە يوق. پەيغەمبىرىمىزنىڭ يۈزىگە ئۇيەردە قانداق قارايمىز؟ نېمە دەيمىز؟…
ھازىردىن باشلاپ بۇنى ئويلاڭلار، ئويلايلى. كېلىڭلار، سىياسىي نىزالارنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، بۇ داۋاغا ئىگە چىقىپ بىرلىك بولايلى. خىتايلار بۇ بىرلىشىشتىن ھۇنلار ۋە كۆكتۈركلەر دەۋرىدە قانداق قورققان ۋە دىۋىگە ئوخشاش يوغان گەۋدىسى قانداق تىتىرەپ تىز پۈككەن بولسا، بۇ قورقماس ۋە سىتىراتىگىيلىك پوزىتسىيەنى نامايەن قىلالىساق، خىتايلار يەنە بىزدىن قورقىدۇ ۋە بۇ زۇلۇمنى داۋاملاشتۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ. كېلىڭلار، خىتايدىن ئەمەس، ئاللاھتىن قورقايلى!
كېلىڭلار، خىتايدىن ئەمەس، ئاللاھتىن قورقايلى! ئەگەر ئاللاھتىن قورقۇپ ۋە ئۇنىڭ رازىلىقىنى كۆزلىسەك، ئۇ بىزنى ھەرگىزمۇ يەرگە قاراتمايدۇ ۋە نۇسرىتىنى، فەتىھ پۇرسىتىنى شۈبھىسىز ئېھسان ۋە ئىكرام قىلىدۇ. سۆز تۈگىدى… ئەمدى نۆۋەت جۈرئەت ۋە غەيرەت دۇلدۇلىغا مىنىشكە كەلدى… ئۇ ئاتقا مىنمىگەنلەر ئارتۇق گەپ قىلمىسۇن…
ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىسىمىز
بىز ھەر ۋاقىت زۇلۇمغا قارشى دېگەن زۇلۇمنىڭ ئاخىرلىشىش ئۈچۈن جۇمھۇر رەئىسىمىزدىن كېچىكىپ قالماستىن، دەرھال بۇ سۆزىنى ئىسپاتلايدىغان ئەمەلىي ھەرىكەتلەرنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشىنى ئۈمىت قىلىمىز…
بۇ داۋاغا ھەممىدىن بەكرەك ئىگە چىقىش ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇق غايىسى بولغان مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيسى ۋە بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسىدىنمۇ بۇنى كۈتىمىز…
داۋا، غايە بۈگۈن ئىگە چىقىلغاندا داۋا ۋە غايە بولىدۇ…
قۇرۇق تىلەكلەر ۋە غايىلەر بىلەن ھېچ ئىشنىڭ ھەل بولمايدىغانلىقى مۇقەررەر.
ئاللاھ بىزگە ئاڭ، پاراسەت، تىرىشچانلىق ۋە نۇسرەت ئاتا قىلغاي… ئامىن
مەنبە: ھۆرمەتلىك ھەمزە سويسالنىڭ شەخسى فىسبۇك ئادىرىسىدىن ئېلىندى.

Share
2746 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.