logo

trugen jacn

شېھىت ئوغلى شېھىت ئابدۇلئەھەدخان بارات (مەخسۇم ھاجىم)نىڭ ئۆز قەلىمى بىلەن يېزىلغان تەرجىمىھالى

 

ئەقىدە، ۋەتەن، مىللەت ئۈچۈن پۈتۈن ھاياتىنى ئاتىغان رەببانى كاتتا ئالىمىمىزغا مەرسىيە يېزىش ئۇنچىۋالا ئاسان ئىش ئەمەس، ئەلۋەتتە. ئۇنىڭ ئۈستىگە كاتتىلىرىمىزدىن ئايرىلىپ قالغىنىمىزدا، يۈرەكلىرىمىز يېرىلىپ، قوللىرىمىز تىترەپ، قەلەملىرىمىز گاچىلىشىپ كېتىشكە تاس قالىدۇ.
مەن پەقەت بۇ ئاددىيغىنا سۆزلىرىم ئارقىلىق بۇ بۈيۈك پىر – ئۇستاز، شېھىت ئوغلى شېھىت ھەققىدە كۆڭلۈمنى ئىپادىلەپ، قېرىنداشلىرىم بىلەن تۇيغۇلىرىمنى ئورتاقلىشاي دەپ ئويلىدىم.
شېھىت ئوغلى شېھىت، رەببانى ئالىم، ۋەتەنپەرۋەر، مىللەتسۆيەر زات، ئابدۇلئەھەد بارات مەخسۇم ھاجىم مەشھۇر مۇجاھىدلار ئائىلىسىنىڭ بىزگە قالدۇرغان تەۋەررۈكى ئىدى. مانا بۇ تەۋەررۈكىمىزنىڭ تۈرمىدە شېھىت قىلىنىپ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا كەتكەنلىك خەۋىرى پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنى، شۇنداقلا پۈتۈن ئىسلام ئۈممىتىنى قايغۇغا سالدى.
ئادەتتە ”ئالىم“ ئاتالغانلار كۆپ بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئۆگەنگەنگە ئەمەل قىلىدىغان، مەيدانى ئېنىق، ئىككىلىنىش ياكى چېكىنىش، بويۇن ئېگىش ياكى خورلۇقلارغا رازى بولۇشلار ئەسلا خىيالىغا كىرىپ باقمايدىغان ئەركەك ئالىملار تېپىلماس ئەڭگۈشتەرگە ئايلانماقتا.
مەرھۇم شېھىت ئوغلى شېھىت، ئابدۇلئەھەد بارات مەخسۇم ھاجىم مانا مۇشۇنداق ئەركەك ئالىملارنىڭ قاتارىدىن بولۇپ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئۆلىمالىرىمىز ئىچىدە مەن شەخسەن ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان، ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان، ئىش- ئىزلىرى، مەۋقە-مەيدانلىرىدىن ئەڭ تەسىرلەنگەن، داۋاملىق ياد ئېتىپ دۇئالىرىمدا ئەسلەپ، كەلگەن- كەتكەنلەردىن ئەھۋالىنى سوراپ تۇرىدىغان سۆيۈملۈك ئۇستازلىرىمدىن بىرى ئىدى.
ئۇستازىمىز ئۆزىدىكى ساباتلىق، چىدامچانلىق، پىداكارلىق، تۈرلۈك سىناقلاردا تەۋرەنمەسلىك، توغرا يولدىن ئاداققىچە ئاداشماسلىق روھى بىلەن ھازىرقى ئەسرىمىزدە مىللىتىمىزدىن چىققان بارماق بىلەن سانىلىدىغان بۈيۈكلىرىمىزدىن بىرى ھېسابلىناتتى.
پۈتۈن دۇنيا 27 يىل تۈرمىدە ياتقان نېلسون ماندىللاغا ئوخشىغان دەۋا ئىگىلىرىنى، قەھرىمانلارنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشىدۇ. ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ 30-40 يىل ھاياتىنى تۈرمىدە ئۆتكۈزگەن ۋە ئۆتكۈزۈۋاتقان، شېھىت قىلىنغان ۋە قىلىنىۋاتقان ئالىملىرى، ۋەتەنپەرۋەرلىرى، زىيالىيلىرى، ئوغلانلىرىنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. ئابدۇلئەزىز چىڭگىز داموللام، ئابدۇلھەمىد داموللام (قاراقاش)، پەتھىددىن مەخسۇم، ئابدۇلئەزىز مەخسۇم، ئابدۇنەبى قارىھاجىم، ئابدۇلخەبىر داموللاھاجىم، ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ھاجىم، مۇھەممەد سالىھ قارىھاجىم، ئابدۇلھەمىد داموللاھاجىم (قەشقەر)، قەمبەر داموللام، ئابدۇلئەھەد بارات مەخسۇم ھاجىم، كېرەم قارىم… قاتارلىقلار ئۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر، ئەلۋەتتە.
شېھىتلەر، پىداكارلار كارۋىنى ئەنە شۇنداق يولىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بۇ مىللەت ئوغلانلىرىنىڭ قۇربان بېرىشلىرى توختاپ قالمايدۇ، ئىسلامىيەت چىرىقى ۋەتىنىمىزدە ئەسلا ئۆچمەيدۇ.
[مۆمىنلەرنىڭ ئىچىدە ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىدە چىڭ تۇرغان شۇنداق ئەزىمەتلەر باركى، ئۇلاردىن ئەھدىگە ۋاپا قىلىپ ئۆلگەنلەرمۇ بار، ئۆلۈمنى كۈتىۋاتقانلارمۇ بار، ئۇلار ئەھدىسىنى قىلچە ئۆزگەرتمىگەن.]
ئۇستازىمىز تۈرمىدىكى چاغلاردا ئۇنى ئەسلىسەملا يۇقىرىقى ئايەت يادىمغا كېلەتتى. ئۇ چاغلاردا بۇ ئالىم ئۆلۈمنى كۈتىۋاتقانلار قاتارىدا بولسا، ئەمدىلىكتە نەچچە مىليون شېھىتلىرىمىز قاتارىدا ئىگىسى ئۇنى ئۆز يېنىغا ئېلىپ كەتتى.
ئەپسۇس، بىز بۇ ئالىمىمىزنىڭ قاچان، قەيەردە، قانداق شارائىتتا شېھىت قىلىنغانلىقىنى بىلمىدۇق، ئۇنى ئۆز لايىقىدا قەدىرلىيەلمىدۇق. لېكىن ياراتقان ئىگىمىز ئۇنىڭ قەدرىنى ئوبدان بىلىدۇ. ئۇنىڭ نەچچە ئون يىللاپ تۈرمىلەردە قانداق ئەزىيەتلەرنى تارتقانلىقىنى، سەرسان بولۇپ نەلەردە قېچىپ يۈرگەنلىكىنى، قانداق قىيىن-قىستاقلارغا ئېلىنغانلىقىنى، قانداق شېھىت قىلىنغانلىقىنى… ئۇنىڭ پەرۋەردىگارى، پەرۋىشكارى، غەمگۈزارى تولۇق بىلىدۇ.
بۈيۈك ئۇستازىمىز ئابدۇلئەھەد مەخسۇم ھاجىمنىڭ بىر پۈتۈن ھاياتى، ئىش-ئىزلىرى مىللىتىمىزنىڭ ئوغلانلىرىغا، ئۆلىمالىرىغا مەڭگۈلۈك ئۆرنەك، تارىخ سەھىپىلىرىگە ئۆچمەس ئىز بولغۇسى!
جانابى ئاللاھ ئۇستازىمىزنىڭ مەرتىۋىسىنى يۇقىرى قىلغاي! ئۇنىڭغا ۋە شېھىت ئاتىسىغا پەيغەمبەرلەر، سىددىقلار، شېھىتلەر ۋە سالىھلار قاتارىدىن ئورۇن بەرگەي! ئائىلە تاۋابىئاتى، سەپداشلىرى، تالىپلىرى ۋە پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىگە سەۋر ئاتا قىلغاي! ئامىن.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن پىداكار، تەۋرەنمەس ئالىملىرىمىزغا ئالى ئېھتىرامىمنى بىلدۈرىمەن. ئابدۇلئەھەد بارات مەخسۇم ھاجىم، كېرەم قارى كەبى ئۇستازلارغا ئاللاھنىڭ سالامى، رەھمىتى، بەرىكىتى بولسۇن!
ئاخىرىدا، شېھىت ئۇستازىمىز ئابدۇلئەھەد بارات مەخسۇم ھاجىمنى يېقىندىن تونۇشىمىزغا ئازراق بولسىمۇ ياردىمى بولارمىكىن دېگەن ئۈمىدتە، ئۇستازىمىزنىڭ 2015-يىلى ئۆز قەلىمى بىلەن ئەرەبچە يازغان تەرجىمىھالىنىڭ تەرجىمىسىنى كەلتۈرۈش بىلەن سۆزۈمنى ئاخىرلاشتۇرىمەن.

 

شېھىت ئوغلى شېھىت ئابدۇلئەھەد خان بارات (مەخسۇم ھاجىم)نىڭ ئۆز قەلىمى بىلەن يېزىلغان تەرجىمىھالى
«خەلقىنىڭ بەخت سائادىتى ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىنى سەرپ قىلىۋاتقان، … ئاللاھ يولىدىكى بۇرادىرىم.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
ۋەتىنىدە (تۇرۇپمۇ) غېرىب بولۇۋاتقان، زالىملارنىڭ قەدىمى ئاستىدا خارلىنىۋاتقان، خەلقى ئىچىدىكى مۇناپىقلار ئارىسىدا ئۆچ كۆرىلىۋاتقان بۇرادەرلىرى ئابدۇلئەھەد باراتتىن.
ئاللاھتىن بىزگە ۋە ھەرقايسىلىرىغا دۇنيادا ئەزىزلىك، ئاخىرەتتە نىجاتلىق، دۈشمەنلەرنىڭ خارلىشىدىن قۇتۇلۇش تىلەيمىز.
ئۆزلىرىمۇ ئاڭلىغان بولۇشلىرى مۇمكىن، مەن 1958-يىلى 27 ياش ۋاقتىمدا «تارىخ كىتابلىرىنى ئوقۇدۇڭ، ئۇنى مەدرىستىكى دەرسلىرىڭگە قاتناشقانلارغا يەتكۈزۈڭ» دېگەن تۆھمەتلەر بىلەن تۈرمىگە سولاندىم. تۈرمىدىكى 14 يىل جەريانىدا ئىنتايىن ئېغىر ئىشلارغا سېلىندىم، چىدىغۇسىز ئاچلىقلارغا، داۋاملىق قىيناش ۋە خورلاشلارغا ئۇچرىدىم. ناماز ۋە باشقا ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىشقا (قەتئىي) ئىمكانىيىتىم بولمىدى. ھەتتا 14 يىللىق قاماق مۇددىتىم توشقاندىن كېيىنمۇ، مېنى قويۇۋەتمەي، داۋاملىق خورلىدى ۋە ئىنتايىن ئېغىر ئىشلارغا سېلىشنى داۋاملاشتۇردى. بۇنىڭغا چىدىماي تۈرمىدىن قىچىپ، يۇشۇرۇنچە يۇرتۇمغا كەلدىم. بۇرادەرلىرىمنىڭ ئۆيلىرىدە بىرىنىڭ ئۆيىدىن يەنە بىرىنىڭ ئۆيىگە يۆتكىلىپ ئىنتايىن قىينىلىپ سەككىز يىل يۇشۇرۇنۇپ يۈردۈم. كېيىن كىشىلەر ئولتۇراقلاشقان جايلاردا تۇرۇشۇم قىيىنلىشىپ كەتتى. دۈشمەنلەرنىڭ تۇتۇۋېلىشىدىن خاتىرجەم بولالماي تاغ-دالىلارغا چىقىپ كېتىپ، قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى قىلىدىغان كىشىلەر ئارىسىدا ئېغىر ئىشلارنى قىلىپ يۈردۈم.
يىگىرمە يىلدىن كېيىن ئاللاھ زالىملارنىڭ چوڭىنىڭ جېنىنى ئالدى. خىتايدىكى كوممۇنىستلارنىڭ تۈزۈمى بىر ئاز ئۆزگىرىپ، ئوچۇق ئاشكارا يۈرەلەيدىغان بولدۇم، ئانام ۋە ئۇرۇق- تۇغقانلىرىم بىلەن دىدارلاشتىم، يېزىدا بىر نەچچە يىل دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللاندىم. ئاللاھ ماڭا كىچىك بالىلار ۋە باشقىلارغا دەرس ئۆگىتىش شارائىتى يارىتىپ بەردى. دەرس ئۆگىتىش ئىشلىرىنى 18 يىل داۋاملاشتۇردۇم. 2004-يىلىغا كەلگەندە، زالىملارنىڭ ساقچىلىرى مېنى دەرس ئۆگىتىۋاتقان چېغىمدا تۇتۇۋىلىپ، سولاپ قويدى، مېنى «قۇرئان ئوقۇدۇڭ، بالىلارغا قۇرئان ئۆگەتتىڭ، جىھاد توغرىسىدا سۆزلىدىڭ، مۇنداق، مۇنداق گەپلەرنى قىلدىڭ، بۇ يۇرتتىكى ھاكىمىيىتىمىزنى ئاغدۇرۇشقا تەشۋىق قىلىش بىلەن شۇغۇللاندىڭ…» دېگەندەك نۇرغۇنلىغان تۆھمەتلەر بىلەن قارىلاپ، بەش يىللىق كەستى، مېنى يۇرتۇمدىن ئەڭ يىراق بولغان بىر تۈرمىگە يۆتكىدى، ناماز ۋە باشقا ئىبادەتلەردىن پۈتۈنلەي چەكلىدى ھەتتا ئاللاھنى زىكىر قىلىش ئۈچۈن تىلىمنى مىدىرلىتىشقىمۇ، ئىشارەت قىلىشقىمۇ پۇرسەت بەرمىدى. ھەر كۈنى مېنى خورلاپ، دىنىمىزنى ھاقارەتلىدى ۋە ئەيىبلىدى، تارىخىمىزنى بۇرمىلىدى، بىزنىڭ ئەزەلدىن تارتىپ خىتاينىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىمىزنى ۋە ئەبەدىل ئەبەد شۇنداق بولىدىغانلىقىمىزنى سۆزلىدى، كېچە-كۈندۈز زالىملارنىڭ قانۇنلىرىنى ئۆگىنىشكە سالدى.
ئاخىرى بەش يىل توشۇپ تۈرمىدىن چىققانمۇ بولدۇم، لېكىن تا ھازىرغىچە ئۇلارنىڭ ئىشپىيونلىرىنىڭ نازارىتى ئاستىدا ياشاۋاتىمەن. ماڭا خەلقىمىز ئارىسىدا دەرس ئۆگىتىش ۋە تەبلىغ قىلىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىمغا رۇخسەت قىلىنمىدى.
قانداقلا بولمىسۇن، ئاللاھقا شۈكرى، يۇرتىمىزدا مەيلى شەھەرلەردە بولسۇن، مەيلى يېزا – قىشلاقلاردا بولسۇن، كىچىك بالىلارغا دىن ئۆگىتىش ئىشلىرى ئۈزۈلۈپ قالمىدى. بۇ ئىشلار ئىشپىيونلاردىن ئېھتىيات قىلغان ئاساستا كۆپىنچە كېچىلىرى ئۆيلەردە، بەزى ياش ئۇستازلارنىڭ غەيرىتى بىلەن يۇرت مەھەللىلەردە ئېلىپ بېرىلدى. دىننى يەتكۈزۈش ۋە ئۆگىتىش ئىشلىرى، زالىملار خالىمىسىمۇ، تارقاق ھالەتتە ئۆيلەردە ئېلىپ بېرىلىشتىن توختاپ قالمىدى.
بىز ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمىز، بىز چوقۇم ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز.
ئې ئاللاھ خەلقىمنى ھىدايەت قىلغىن، ئۇلارنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ دوزاخلىرىدىن قۇتقۇزغىن.

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
ئابدۇلئەھەد (مەخسۇم ھاجىم).»
تۈگىدى.

20180528_174720

3980ad9a-3e26-412f-9714-54b778319c2b

 

http://turkistantimes.com/uy/news-2945.html

Share
2819 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.