logo

trugen jacn

شۋېتسىيە لۇند ئۇنىۋېرسىتېتىدا ساقلىنىۋاتقان قول يازما ئەسەر – جەڭ مارشلىرى

 

شۋېتسىيە لۇند ئونۋېرسىتىتىنىڭ كۇتۇپخانىسىدىكى ئۇيغۇرلارغا دائىر ماتېرىياللار ئىچىدە ساقلىنىۋاتقان «مارشلار» توپلىمىغا جەمئى 12پارچە مارش كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، 9 پارچىسىغا «ئەسكەرلەر مارشى»، 3پارچىسىغا «مەكتەپ مارشى» دەپ ئىزھات يېزىلغان.

 

«مارشلار» توپلىمىنىڭ مۇقاۋىسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن بىرىنچى بېتىڭ ئۈستىگە شۋىتلار تەرىپىدىن شۋېتچە «ئۇرۇش ناخشىلىرى، شەرقىي تۈركىستان، 1933 – 1934» دېگەن خەتلەر يېزىپ قويۇلغان.

 

بۇ مارشلاردا ئاساسەن 20 – ئەسىرىنىڭ 30 – يىللىرى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەر قوزغىلاڭ ۋە ئىنقىلابقا بولغان قىزغىنلىق، خورلۇقتىن قۇتۇلۇش يولىدىكى ئۈمىدۋارلىق ۋە ئىمان ئېتىقادقا بولغان قىزغىن مۇھەببەتلەر ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. مارشلارنىڭ دىققەتكە سازاۋەر يەنە بىر تەرىپى شۇكى، ئۇنىڭداشۇ دەۋىرلەرنىڭ مۆتىۋەرلىرى بولغان خوجا نىياز ھاجى ۋە تۈمۈر سىجاڭلارنىڭ ئىسمى ئۇچرايدۇ. مەسىلەن، بىرىنچى مارشتا مۇنداق بايانلار بار:

 

ھەممىمىز ياش ئەسكەرمىز،

دىن، ئىمان بار قەلبىمىزدە.

تۈركنىڭ قەلبى تىنچ بولسۇن،

راھەت ئۇيۇسۇن ئوردىمىزدە.

خوجا نىياز غازى ئاتا،

خوجا نىياز غازى ئاتا.

 

ئىككىنچى مارش مەخسۇس تۈمۈر سىجاڭغا بېغىشلانغان بولۇپ، مارشتا تۈمۈر سىجاڭنى تۈمۈر پاشا دەپ ئاتايدۇ.

 

تۈمۈر پاشا ئۆزى ياشتۇر،

مىليون ئەسكەرلەرگە باشتۇر.

كاپىرلارغا باغرى تاشتۇر،

مىڭ ياشىسۇن تۈمۈر پاشا.

 

چوڭلارنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، تۈمۈر سىجاڭ قەشقەردە تۇرغان مەزگىللىرىدە خەلق ئارىسىدا چوڭ تەسىر قوزغىغان شەخىسكە ئايلانغا بولۇپ، ئۇنىڭ نامىغا بېغىشلانغان ناخشا – قوشاقلار كۆپلەپ بارلىققا كەلگەنىكەن.

 

بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى بايان قىلغان ئابدۇغېنىي مۇنداق دېدى:

 

تۈمۈر سىجاڭ 20 – ئەسىرىنىڭ 30 – يىللىرىدىكى ئۇيغۇر تارىخىنى ياراتقان مەشھۇر شەخىسلەرنىڭ بىرى بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ نامىغا بېغىشلانغان شېئىر، قوشاقلارنى دەۋرىمىزدە ئۇچرىتىش ناھايىتى قىيىن، ھەتتا يوق دېيەرلىك. ئۇيغۇر تارىخى قوشاقلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ قامۇسى بولغان 4 توملۇق «ئۇيغۇر تارىخى قوشاقلىرى قامۇسى» دېگەن كىتابقىمۇ تۈمۈر سىجاڭ ھەققىدە ھېچقانداق قوشاق كىرگۈزۈلمىگەن.

 

 

مەنبە: RFA ئۇيغۇر

Share
2328 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.