logo

trugen jacn
30 دېكابىر 2014

شى جىنپىڭ خىتايدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئىدېئولوگىيە كونتروللۇقىنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغان

6266434-640x360

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ خىتايدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ماركسىزم ئىدېئولوگىيەسىنى كۈچەيتىپ، غەرب ئىدىيەلىرىنىڭ سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەكىتلىگەن.

خوڭكوڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۇزاققا سوزۇلغان نامايىشى تىنچىتىلغاندىن كېيىن، خىتاي كومپارتىيەسى خىتايدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئىدېئولوگىيە جەھەتتىكى كونتروللۇقنى كۈچەيتىش مۇقامىنى توۋلاشقا باشلىغان.

شى جىنپىڭ بۇ ھەقتىكى مەخسۇس كۆرسەتمىسىدە، «ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ماركسىزم ئىدېئولوگىيەسىنى تارقىتىش ۋە تەتقىق قىلىشتىكى ئېغىر ۋەزىپىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى ھەمدە ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ چوقۇم كومپارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ۋە يېتەكلىشىنى قوبۇل قىلىشى لازىملىقى» نى تەلەپ قىلغان.

شى جىنپىڭنىڭ بۇ چاقىرىقى خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغان. ئۇلار بىردەك، 1989-يىلىدىن بۇيان خىتايدا يۈرگۈزۈلۈپ كەلگەن ئىدېئولوگىيە قاماللىقى ئەمدى ئاقمايدۇ، شى جىنپىڭ ماركسىزم تەلىماتلىرىنى قايتا بازارغا سېلىش ئارقىلىق بۈگۈنكى يەر شارىلىشىش دولقۇنى ئېلىپ كەلگەن تارىخ ئېقىمىنى توسۇپ قالالمايدۇ، دەپ قارىماقتا.

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/shi-jinping-12292014145529.html

Share
1223 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.