logo

trugen jacn

شى جىنپىڭ جۇڭگونى بۇنىڭدىن كېيىن قايسى تەرەپكە يېتەكلەيدۇ؟

 

 

شى جىنپىڭ جۇڭگونى بۇنىڭدىن كېيىن قايسى تەرەپكە يېتەكلەيدۇ؟

ئەلروھلان

ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن قانداق يېڭى ئەھۋاللارغا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئاساسىي جەھەتتىن جۇڭگونىڭ بۇنىڭدىن كېيىن قايسى تەرەپكە قاراپ ماڭىدىغانلىقى بەلگىلەيدۇ. مەن جۇڭگودا بۇنىڭدىن كېيىن يۈز بېرىدىغان ئۆزگىرىشلەرنى بىلىۋېلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش جەريانىدا بىر ناھايىتى ياخشى مەنبەنى ئۇچراتتىم. ئۇ بولسىمۇ ئاۋسترالىيە مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىستراتېگىيىسى تەتقىقاتى كەسپىنىڭ پروفېسسورى بېيتىس گىلنىڭ «شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدىكى جۇڭگونىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى: ئالدىمىزدىكى قىيىن ئۆتكەللەر» دېگەن تېمىدىكى بىر ئىلمىي دوكلاتى بولۇپ، بۇ دوكلات يۇقىرىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتتا 2016-يىلى 9-نويابىردا بېرىلگەن. پروفېسسورلۇقتىن باشقا، بېيتىس گىل يەنە سىدنېيدىكى بىر ئويلاش ئامبىرىنىڭ دىرېكتورى بولۇپ، ھازىرغىچە جۇڭگو سىياسىتى، چەت ئەل مۇناسىۋەتلىرى ۋە بىخەتەرلىك سىياسەتلىرى ئۈستىدە ئۇزۇن مۇددەت ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بارغان، ھەمدە كۆپلىگەن ئىلمىي ماقالىلەر ۋە كىتابلارنى ئېلان قىلغان. ئۇ يېقىندا «جۇڭگو: ئاۋسترالىيە بىلەن بولغان ئىشلارنى توغرا قىلىش» ناملىق بىر كىتابنى پۈتتۈرگەن بولۇپ، ئۇ كىتاب بۇ يىل 3-ئايدا نەشر قىلىنىدىكەن. پروفېسسور بېيتىس گىل خەنزۇچىنى ناھايىتى ياخشى بىلىدىغان بولۇپ، جۇڭگوغىمۇ ناھايىتى كۆپ بېرىپ تۇرىدىكەن. جۇڭگو چەت ئەل ئىشلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇنى «ئەڭ يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدىغان 10 نەپەر ئامېرىكىلىق جۇڭگو كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ بىرى» دەپ تاللاپ، ئۇنىڭ سىياسىي، ئاكادېمىيىلىك ۋە ئىجتىمائىي ساھەلەرگە كۆرسەتكەن تەسىرلىرىنى ئېتىراپ قىلغان. ئۇ 2002 – 2007-يىللىرى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى ئىستراتېگىيە ۋە خەلقئارا تەتقىقات مەركىزى (بىر ئويلاش ئامبىرى) نىڭ رەئىسى بولغان. 2007 – 2012-يىللىرى شىۋېتسىيە سىتوكھولم خەلقئارا تىنچلىق تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ دىرېكتورى ۋە باش لىدېرى بولغان. پروفېسسور بېيتىس گىل 1986-يىلىدىن باشلاپ جۇڭگودا جەمئىي 3 يىل خىزمەت قىلىپ، ئالدىنقى 30 يىل ئىچىدە جۇڭگوغا يەنە 60 تىن كۆپرەك قېتىم بارغان.

مەزكۇر يازمىدىكى ئىدىيىلەرنىڭ ھەممىسى ئەسلىدىكى مەنبەگە تەۋە بولۇپ، ئەگەر مەن ئۆزۈمنىڭ ئىدىيىسىنى قوشۇپ قويماقچى بولسام، ئۇنى بىر «ئىلاۋە» سۆزى بىلەن باشلانغان ئايرىم ئابزاس قىلىپ يازىمەن. تۆۋەندىكىسى مەن بۇ قېتىم بايان قىلماقچى بولغان رەسمىي مەزمۇنلار.

يېقىنقى نەچچە ئون يىلنىڭ مابەينىدە جۇڭگودا شى جىنپىڭنىڭكىگە ئوخشاش خاراكتېرگە ئىگە، ئۇنىڭكىگە ئوخشاش مىجەزى بار، ۋە ئۇنىڭكىگە ئوخشاش نىيىتى بار لىدېرلاردىن بىرەرى چىقىپ باقمىغان. بۇ يەردە مەن شى توغرىلىق ئازراق توختىلىمەن. شۇنداقلا شىنىڭ ئالدىكى قىيىن ئۆتكەللەر، ۋە ئاشۇ قىيىن ئۆتكەللەر دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى كىشىلەرگە نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىمەن.

1. شى قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر

شىنىڭ لىدېرلىق ئورۇنغا چىققىنىغا ھازىر 4 يىلدىن ئاشتى. يەنى ئۇ ئۆزىنىڭ جۇڭگوغا لىدېر بولۇش مۇددىتىنىڭ 1/3 قىسمىنى ئورۇنلاپ بولدى. ئۇ مۇشۇ قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە كۆپلىگەن جۇڭگولۇقلار ۋە كۆپلىگەن غەربلىك ئانالىزچىلارنىڭ نەزىرىدە كىشىلەر يېرىم چوقۇنىدىغان بىر ئادەمگە ئايلاندى. بۇ خىل ئەھۋال 1960-يىللاردىكى كىشىلەرنىڭ ماۋغا چوقۇنۇشىغا بىر ئاز ئوخشاپ كېتىدۇ. خېلى ئىشەنچلىك بىر تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، شى ھازىر جۇڭگو پۇقرالىرى ئىچىدە ناھايىتى يۇقىرى ئابرۇيغا ئىگە بولۇپ، شىنىڭ ھاياتىنى تونۇشتۇرىدىغان تېلېۋىزور پروگراممىلىرى، ۋە شىنى تەسۋىرلەيدىغان باشقا ھەر خىل تەشۋىقات قۇرۇلمىلىرىمۇ ناھايىتى كۆپ ئىشلەندى. شى «جۇڭگو مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ مەدەنىيىتىنى قايتىدىن گۈللەندۈرۈش» تىن ئىبارەت بىر «جۇڭگو غايىسى» نى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ غايە ھازىر جۇڭگودىكى ئۆزىدىن پەخىرلەنگەن خەلقلەر ئىچىدە ناھايىتى كۈچلۈك تەسىر قوزغاۋاتىدۇ. ئۆزىنىڭ ئاشۇنداق يۇقىرى نوپۇزىدىن پايدىلىنىپ، شى كىشىلىك مۇناسىۋەتلىرى ئىنتايىن كەڭرى ۋە كۈچلۈك بولغان سىياسىي، ھەربىي ۋە كارخانىچى زاتلار ۋە ئۆزىنىڭ سىياسىي دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن چىرىكلىكنى يوقىتىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى. شى ئىچكى بىخەتەرلىك، ئىقتىسادىي ئىسلاھات ۋە تاشقى ئىشلارغا ئوخشاش مۇھىم ساھەلەر ئۈچۈن ئىستراتېگىيە تۈزىدىغان كىچىك گۇرۇپپىلارغا باشلىق بولۇپ، شۇ ساھەدىمۇ بىر قىسىم مۇھىم خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. شى ئالدىنقى 4 يىل ئىچىدە 50 دەك چەت ئەلنى زىيارەت قىلدى، ھەمدە ناھايىتى چوڭ تاشقى ئىشلار پىلانلىرىنى يولغا قويدى. ئۇ ھازىر جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزىدىكى كەڭ زېمىنلارنى ئۆزىگە تەۋە قىلىۋېلىش ئىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلىپ، جۇڭگونىڭ دېڭىزدىكى ھەربىي ھەرىكەت رايونلىرىنى بۇرۇنقىدىن نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقلىققا كېڭەيتىۋاتىدۇ.

دېمەك، شى ھازىر ناھايىتى جىق ئىشلارنى ناھايىتى ياخشى قىلىپ كېتىۋاتىدۇ. شۇڭا بىز ئۆزىمىزدىن مۇنداق سوئاللارنى سورىماي تۇرالمايمىز:
–شىنىڭ ھوقۇقى زادى قانچىلىك چوڭ؟
— بىز ئۇنىڭ لىدېرلىق ئۇسۇلى ۋە جۇڭگو پىلانى ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىمىز؟
— ئۇ جۇڭگو غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالامدۇ؟
— ياكى ئۇ ھازىر كۆرۈنگەنگە ئوخشاش ئۇنچىۋالا كۈچلۈك ئەمەس بولۇپ، ئۇنىڭ ئالدىدا كۆپلىگەن توسالغۇلار بارمۇ؟ ئۇ ئاسانلا ئۆرۈلۈپ چۈشەمدۇ؟
— بۇ خىل ئەھۋاللار كەلگۈسىدە جۇڭگونىڭ قوشنىلىرىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟

شى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇپ 4 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، يەنى 1953-يىلى 6-ئايدا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى شى جوڭشۈن (习仲勋) شۇ چاغدا جۇڭگونىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋە داڭلىق ئىنقىلابىي قەھرىمان ئىدى. 1962-يىلى ماۋ زېدۇڭ شى جىنپىڭنىڭ دادىسىنى «پارتىيىگە قارشى چىققان ئوڭچى» غا چىقىرىپ، ئۇنىڭ بارلىق ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلىدى. شۇنىڭ بىلەن شى جىنپىڭنىڭ جۇڭنەنخەينىڭ ئىچىدىكى راھەت تۇرمۇشى ئاخىرلاشتى. شى جوڭشۈن 1966-يىلىغىچە بېيجىڭدا سولاقتا تۇردى. ئاندىن ئۇنىڭ ئائىلىسى 1968-يىلىغىچە بىر يېزىغا، يەنى ئۆز تۇغقانلىرىنىڭ يۇرتى بولغان شەنشى ئۆلكىسى ۋېنئەنيى يېزىسىغا پالانغان ھالدا ياشاپ، دېھقانچىلىق ئىشلىرىغا سېلىندى. شى جىنپىڭ ۋېنئەنيىدىن 1975-ئايرىلدى. ئۇ شۇنداق قىلىپ 15 ياشتىن 22 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتىكى ھاياتىنى ئاشۇنداق خارلىق ئىچىدە ئۆتكۈزدى. ئۇ 1975-يىلى چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرىپ، خىمىيە ئىنژېنېرلىقى كەسپىدە ئوقۇدى. ئەمما ئۇ بىر «گوڭ-نوڭ-بىڭ ئوقۇغۇچى» (ئىشچى-دېھقان-ئەسكەر ئوقۇغۇچى) بولۇپ، ناھايىتى كۆپ ۋاقتىنى ماركسىزم، لېنىنىزم ۋە ماۋ زېدۇڭ ئىدىيىلىرىنى، ۋە جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ تەلىماتلىرىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن سەرپ قىلدى. شۇنداقلا مەكتەپ يېزا-ئىگىلىك مەيدانىدىمۇ ئىشلىدى. 1979-يىلى شىنىڭ دادىسىنىڭ ئورنى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، ئۇ ھوقۇق جەھەتتە ناھايىتى تېز ئۆسۈشكە باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە شى 2007-يىلى شاڭخەي پارتىيە كومىتېتىنىڭ باشلىقى بولدى. بۇ خىزمەتنى ئاران 7 ئاي ئىشلەپ، 2007-يىلى 10-ئايدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىدىكى ئەڭ كۈچلۈك 9 ئادەمنىڭ بىرسىگە ئايلاندى. ئۇ يەردە 5 يىل ئىشلەپ، 2012-يىلى 11-ئايدا مەركىزىي پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى بولدى. ئۇنىڭدىن كېيىن جۇڭگو ھەربىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى بولۇپ، 2013-يىلى يەنە دۆلەتنىڭ رەئىسلىكىنىمۇ ئۆز قولىغا ئالدى. شۇنداق قىلىپ، شى 60 ياشقا كىرگەندە جۇڭگونىڭ ئەڭ يۇقىرى ئورۇندىكى لىدېرى بولدى.

كىشىلىك تۇرمۇش جەھەتتە، شىنىڭ 2-خوتۇنى پېڭ لىيۈەن بىلەن توي قىلغىنىغا ھازىر 30 يىل بولاي دېدى. پېڭ لىيۈەن ئېرىدىن 9 ياش كىچىك بولۇپ، ئۇ ھازىر جۇڭگو ئارمىيىسىدە بىر چوڭ گېنېرال بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. ئۇ يەنە بىر داڭلىق ناخشىچى ۋە چولپان ئارتىس بولۇپ، شى بىلەن توي قىلىپ ئۆتكەن ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمىدا پېڭ ئېرىدىن كۆپ داڭلىق بولۇپ ئۆتتى. ئۇلارنىڭ شى مىڭزې ئىسىملىك بىر قىزى بار بولۇپ، ئۇ قىز 2014-يىلى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈردى. شى ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن ھەقىقەتەنمۇ بىر ناھايىتى قۇدرەتلىك ئائىلە بولۇپ، ئۇلار يەنە ھەممە جەھەتتە ناھايىتىمۇ ئابرۇيلۇق.

داڭلىق پارتىيە ئائىلىسىنىڭ تاۋابىئاتى بولۇش، ئۆزىنى ساقلاپ قالغۇچى بولۇش، ۋە ئۆزىنى پارتىيىگە پۈتۈنلەي ئاتىۋەتكەن بىرى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەر بىلەن، شى ھازىر ئۆزىگە ناھايىتى ئىشىنىدىغان، كەسكىن قارار چىقىرىدىغان، ئىدېئولوگىيە مىراسلىرىدا چىڭ تۇرىدىغان، ھەمدە جۇڭگو مەنپەئىتى ئۈچۈن تەۋرەنمەي ۋە بۇرۇنقى لىدېرلاردىن بەكرەك تىرىشىدىغان بىر كىشىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.

شىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ھوقۇق ئورنىغا چىققىنىغا ئاران 4 يىل بولغان بولسىمۇ، ئۇ ئاشۇ 4 يىل جەريانىدا ھوقۇقلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىگە يىغىپ، يوشۇرۇن دۈشمەنلىرىنى تازىلاپ، خەلقنىڭ ھىمايىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئىشلار ئۈچۈن ناھايىتى كەڭ ۋە مۇكەممەل سىياسەتلەرنى تۈزۈپ چىقتى. بۇ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشتا ئۇ ناھايىتى جىددىي ھالدا چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ۋە پارتىيە ئىستىلىنى ساغلاملاشتۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ باردى، ئىدېئولوگىيىلىك قىزغىنلىقنى ئەسلىگە كەلتۈردى، تەشۋىقاتنى كۈچەيتتى، ۋە ئۆزى بىلەن ئوخشاش پىكىردە بولمىغانلارنى كۆزىدىن يوق قىلدى، ھەمدە ئۇنچىۋالا كۈچلۈك ئەمەس قارشى پىكىرلەرگىمۇ يول قويمىدى.

شى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىغا قارىتا ئۆزىدىن بۇرۇن دۆلەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرى بولغان جياڭ زېمىن ۋە خۇ جىنتاۋغا ئوخشىمايدىغان چوڭ پىلانلارنى ۋە كەلگۈسى ھەققىدىكى يېڭى ئىدىيىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. دۆلەت ئىچىگە قاراتقان سىياسىتىنىڭ بىر ئەڭ ياخشى مىسالى «جۇڭگو غايىسى» دىن ئىبارەت. بۇ سۆز شىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى لىدېرلىق قابىلىيىتىنى ئەڭ ياخشى نامايان قىلىپ بېرىدىغان بولۇپ، بىز بۇ سۆزنىڭ نامايەندىسىنى جۇڭگونىڭ ھەممە يېرىدە ۋە بارلىق تەشۋىقات قوراللىرىدا ئۇچرىتالايمىز. ئۇ ھازىر پارتىيە ھۆججەتلىرى ۋە مەكتەپ دەرسلىك كىتابلىرىغىمۇ كىرگۈزۈپ بولۇندى. ھازىر جۇڭگونىڭ ھەر قانداق بىر كوچىسىغا بارسىڭىز، «جۇڭگو غايىسى» نىڭ بەلگىلىرىنى كۆرىسىز.

جۇڭگودىكى تەشۋىقاتلاردا «جۇڭگو غايىسى» مۇنداق دەپ چۈشەندۈرۈلگەن: پارتىيە قۇرۇلغانلىقىغا 100 يىل بولىدىغان 2021-يىلى ئوتتۇرا-دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان بىر جەمئىيەت بەرپا قىلىپ بولۇش، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغىنىغا 100 يىل توشىدىغان 2049-يىلى بولسا جۇڭگونى بىر تولۇق تەرەققىي قىلغان دۆلەت قىلىپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ بولۇش. مانا بۇ جۇڭگونىڭ ھازىر شى جىنپىڭ ۋەكىللىك قىلىدىغان ئەڭ ئۈمىدۋار غايىسى.

ئىلاۋە: جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ قەتئىيلا قەغەزگە يېزىلمىغان، يالغۇز چەت ئەللەردىنلا ئەمەس، جۇڭگودىكى كىشىلەردىنمۇ ئاساسەن مەخپىي ساقلىنىۋاتقان «100 يىللىق مارافون» دەپ ئاتىلىدىغان بىر پىلانىمۇ بار بولۇپ، ئۇ پىلاندا 2049-يىلىغا بارغاندا جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، دۇنيادا 1-ئورۇنغا ئۆتۈش نىشان قىلىنغان. مەن بۇ ھەقتە ئۆزۈمنىڭ كېيىنكى بىر يازمىسىدا يەنە ئايرىم توختىلىمەن.

2. شى جىنپىڭ يولغا قويغان بىر قىسىم تەدبىرلەر

شى جىنپىڭ كىشىلەرگە ئۈمىد بېغىشلايدىغان يۇقىرىدىكىدەك بىر خىل نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا تىرىشىش بىلەن بىرلىكتە، ئۆزىنىڭكى بىلەن ئوخشىمايدىغان كۆز-قاراشتىكى كىشىلەرنى ئېغىر دەرىجىدە باستۇرۇش ئىشىنى تەڭ ئېلىپ ماڭدى. بۇ جەھەتتە ئۇنىڭ قىلغىنى 1989-يىلىدا يۈز بەرگەن تيەنئەنمېن ۋەقەسىدىن كېيىنكى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققان ئىشلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ جۇڭگودا مىللەتچىلىك ھېسسىياتىنى كۈچەيتىش جەھەتتىمۇ خېلى كۆپ ئىشلارنى قىلدى. شىنىڭ رەھبەرلىكىدە ج ك پ ھازىر قىلىۋاتقان ئىشلارنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيدىغان پائالىيەتچىلەر، ئادۋوكاتلار، قارشى پىكىردىكىلەر، ئاخباراتچىلار، زىيالىيلار ۋە نەشرىياتچىلارنىڭ بوزەك قىلىنىش، سولىنىش ۋە غايىب بولۇش ئىشلىرى كۆپلەپ يۈز بەردى. جۇڭگودا بىخەتەرلىك ۋە نازارەتچىلىك ساھەسىدىكى بىر قىسىم يېڭى قانۇنلارنىڭ تۈزۈلۈشى بىلەن يۇقىرىقىدەك قاتتىق-قوللۇق تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشى، جۇڭگودا ئىش بېجىرىۋاتقان چەت ئەل تەشكىلاتلىرىنىڭ نازارەت قىلىنىشى ۋە ئىنتېرنېت ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ ناھايىتى قاتتىق ھالدا ساقچىلىق قىلىنىشى بىر يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى. 2013-يىلى ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى خىزمەتلەرگە قارىتىلغان، جۇڭگودا «9-نومۇرلۇق ھۆججەت» دەپ ئاتىلىدىغان بىر ھۆججەت شىنىڭ مۇشۇ ساھەدىكى تەدبىرلىرىنى خۇلاسىلەپ بېرىدۇ. 9-نومۇرلۇق ھۆججەت ج ك پ ھاكىمىيىتىگە تەھدىت سېلىۋاتقان 7 خىل كۈچنى تىلغا ئالدى. يېقىندا جۇڭگو مائارىپ مىنىستىرلىقىمۇ بىر ھۆججەت تارقىتىپ، ئۇنىۋېرسىتېتلاردا سۆزلىنىدىغان دەرسلەرنىڭ مەزمۇنلىرىغىمۇ بىر قىسىم چەكلىمىلەرنى قويدى. بۇ ئىككى ھۆججەت ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەر ۋە قىيىن ئۆتكەللەر ئىچىدە غەرب قانۇنلىرىدىكى دېموكراتىيە ۋە باشقا غەرب ئىدىيىلىرى، مەسىلەن، ئۇنىۋېرسال قىممەت قارىشى، خەلق جەمئىيىتى، قانۇنىي دېموكراتىيە ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكى قاتارلىقلارمۇ بار.

بۇ خىل باستۇرۇش يالغۇز جۇڭگو ئىچى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، ئۇ دۆلەت سىرتىغىمۇ كېڭەيتىلدى. مەسىلەن، ئاشۇنداق دۆلەت سىرتىدىكى رايونلار ئىچىدە خوڭكوڭ، ھەتتا ئاۋسترالىيەمۇ بار. جۇڭگو ھۆكۈمىتى چەت ئەلدىكى جۇڭگو پۇقرالىرى ۋە چەت ئەلگە گراژدان بولغان جۇڭگولۇقلاردىن ئۆز ۋەتىنىگە سادىق بولۇشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ، ھەمدە ئۇلارغا ھەيۋە قىلىۋاتىدۇ.

خېلى كۆپ ساھەلەردە مۇشۇنداق قاتتىق نازارەت قىلىش ياخشى ئۈنۈم بېرىۋاتىدۇ. مەسىلەن، ئۆتكەن يىل دۇنيا چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى 180 دۆلەتنىڭ مۇخبىرلار ئەركىنلىكى كۆرسەتكۈچى سانلىرىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا جۇڭگو 175-ئورۇننى ئالدى. يەنى، جۇڭگو پەقەت سومالىيە، سۈرىيە، تۈركمەنىستان، شىمالىي كورېيە ۋە يەنە بىر كىچىك دۆلەتنىڭ ئالدىغا ئۆتەلىدى.

شىنىڭ رەھبەرلىكىدە جۇڭگو ئۆزىنىڭ ئەسكەر تۇرغۇزغان رايونلىرىنى كېڭەيتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ روشەن بولغىنى يېڭى سۈنئىي ئاراللارنى ياساش، جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزىغا ھەربىي بازا قۇرۇش، شۇنداقلا 2012-يىلى جۇڭگونىڭ، فىلىپپىنغا قارايدىغان بىر قىسىم دېڭىز قىرغاقلىرىنى ئىگىلىۋېلىش قاتارلىقلار بار. بۇ يىل جۇڭگو جىبۇتى ئارىلى (Djibouti Iceland) دا بىر دېڭىز ئارمىيە ئارقا سەپ بازىسى قۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە بۇ بازا سومالىيە قاراقچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ۋە ب د ت نىڭ ئافرىقىدىكى ئىشلىرىغا ياردەملىشىشكە ئەۋەتىلگەن جۇڭگو دېڭىز ئارمىيىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىكەن.

چەت ئەل مۇناسىۋىتى ساھەسىدە، شى بىر ئاسىيا قۇرۇلمىسى مەبلەغ بانكىسى (Asian Infrastructure Investment Bank, AIIB) ۋە 21-ئەسىرلىك دېڭىز يولى يىپەك يولى قۇرۇش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن جۇڭگو 1.4 ترىللىيون دوللار پۇل خەجلەپ، تاشيول، پويىز يولى، ئايروپىلان ئىستانسىسى، دېڭىز پورتى، ئېلېكتر ئىستانسىسى، خەۋەرلىشىش تورلىرى ۋە باشقا قۇرۇلمىلارنى ياساشنى پىلانلىدى. ئەگەر بۇ ئىش ۋۇجۇدقا چىقىدىكەن، يۇقىرىدىكى قۇرۇلمىلار جۇڭگونى قۇرۇقلۇق يوللىرى ئارقىلىق ئاسىيا قۇرۇقلۇقىدىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ بازىرىغا، شۇنداقلا ئافرىقىنىڭ شەرقىي قىرغىقى ۋە ياۋروپاغىچە تۇتاشتۇرىدۇ.

3. جۇڭگو ھازىر دۇچ كەلگەن ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي مەسىلىلەر

گەرچە شى يۇقىرىقىدەك خۇسۇسىي ۋە سىياسىي مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئۇ ھازىر بىر قاتار قىيىن ئۆتكەللەرگە دۇچ كەلدى. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى شىنىڭ لىدېرلىق ئۇسۇلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇ مەسىلىلەر شى ئوتتۇرىغا قويغان جۇڭگو غايىسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ۋە جۇڭگو مىللىتىنىڭ روھلاندۇرۇلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىشى مۇمكىن.

جۇڭگو ھازىر بۇنىڭدىن 30 يىل ئىلگىرى دېڭ شياۋپىڭ ئىسلاھات قىلىش ۋە ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى يولغا قويغاندىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر ئىقتىسادىي ئېنىقسىزلىقلارغا دۇچ كەلدى. بۇنىڭ ئىپادىلىرى تۆۋەندىكىدەك:
–(1) جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سۈرئىتى ئاستىلاشقا باشلىدى.
–(2) بۇ ئاستىلاش قۇرۇلما جەھەتتىكى ئاستىلاشقا كىرىدۇ.
–(3) بۇ ئاستىلاش ئىقتىسادىي قۇرۇلمىلارنىڭ ئۆزگەرتىلىشى جەريانىدا يۈز بېرىۋاتقان بولۇپ، بۇرۇن مۇشۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كەلگەن باشقا ئەللەر ئاشۇنداق ئۆزگەرتىشتە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولالمىغان.

ھەممىدىن مۇھىم نۇقتا شۇكى، بېيجىڭ بۇنىڭدىن كېيىن يولغا قويىدىغان سىياسەتلەر جۇڭگو ھازىر دۇچ كەلگەن تۈپ ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلالايدىغان-قىلالمايدىغانلىقى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس. ھازىرقى ئاستىلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان نەرسە جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىنى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدۇرغان نەرسىنىڭ دەل ئۆزى: كاپىتال زاپاس مېلىغا مەبلەغ سېلىش. باشقىچە قىلىپ ئېيتساق، جۇڭگو ئالدىنقى 30 يىل ئىچىدە ئېكسپورت سانائىتىنى ئاساس قىلغان ئىقتىسادىي قۇرۇلمىلارنى بەرپا قىلىش ئاساسىدا تەرەققىي قىلدى. ئۇ قۇرۇلمىلار تېز سۈرئەتلىك يول، پويىز يولى، دېڭىز قىرغاق پورتى، ئايروپىلان ئىستانسىسى، بىنالار، ۋە زاۋۇت ئۆيلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاشۇنداق زور كۆلەمدىكى كاپىتال مەبلەغ سېلىش جەريانى ئەمدى توختايدۇ. يەنە بىر ئايروپىلان ئىستانسىسى، يەنە بىر پويىز يولى ياكى يەنە بىر شەھەر سېلىشنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىغا قوشىدىغان تۆھپىسى ئىنتايىن ئاز بولىدۇ. ھەممىمىزنىڭ خەۋىرىدە بولغىنىدەك، جۇڭگو ھازىر بىنا قاتارلىق نەرسىلىرىنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولۇپ كېتىش مەسىلىسىگە دۇچ كەلدى. شى جىنپىڭنىڭ ئالدىدىكى ۋەزىپە كاپىتال مەبلەغ سېلىشنى ئازايتىپ، ھازىرغىچە ياسىلىپ بولغان نەرسىلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، ھەمدە دۆلەت ئىچىدىكى ئىستېمال بازىرىنى چوڭايتىش. بۇ ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىنتايىن قىيىن بولۇپ، ئۇنىڭ ناھايىتى چوڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي خەتىرى بار. جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن كېيىن كارخانىلارنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋېلىشنى تەدرىجىي ئازايتىپ، ھازىرغىچە سېلىپ بولۇنغان كاپىتال مەبلىغىنىڭ ئۈنۈمىنى يۇقىرىلىتىش ئۈچۈن تىرىشمىسا بولمايدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، يۇقىرىقىدەك ئۆزگىرىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ناھايىتى زور ساندىكى كىشىلەرنى ئىشتىن بوشىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭلاشقا جۇڭگودىكى كارخانا ئىگىلىرى ھازىرقى ئەھۋالنى ئۆزگەرتىشنى ئازراقمۇ خالىمايدۇ.

شىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغىنىغا ھازىر 5 يىل بولۇشقا قاراپ ماڭدى. ئەمما ئۇنىڭ يۇقىرىقىدەك ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ بارىدىغانغا تەييارلىقى باردەك كۆرۈنمەيدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە، ھازىر ئۇ ئىقتىسادىي ساھەدە قوللىنىۋاتقان چارە قەرز مىقدارىنى كۆپەيتىپ، شۇ ئارقىلىق كاپىتال مەبلەغ مىقدارىنىمۇ ئۆستۈرۈش بولۇۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا جۇڭگونىڭ سابىق ئىقتىسادىي مىنىستىرى، جۇڭگودىكى داڭلىق ئىقتىسادشۇناس لوۋ جىۋېي ئۆتكەن يىل مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ ئوتتۇراھال كىرىم سەۋىيىسىدە تۇرۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى 50 پىرسەنت كېلىدۇ. ئەگەر جۇڭگو ئىقتىسادىي ساھەدە ئىسلاھات ئېلىپ بارمايدىكەن، يۇقىرى كىرىم بالدىقىغا مەڭگۈ چىقالماسلىقى مۇمكىن. لوۋ جىۋېي ئۆتكەن ھەپتە ئىقتىسادىي مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىپ قالدى. ئۇ ياش چەكلىسىدىن شۇنداق بولدىمۇ، ياكى باشقا سەۋەب بارمۇ، ئېنىق ئەمەس.

ئۆتكەن يىل (2015-يىلى) 675 مىليارد دوللار پۇل جۇڭگودىن سىرتقا ئاقتى. بۇ جۇڭگوغا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ئىستىقبالىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

جۇڭگونىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتا، شىنى ئامالسىز قالدۇرىدىغان ئەھۋاللارمۇ بار. ئۇنىڭ بىرى جۇڭگو نوپۇسىنىڭ قېرىپ كېتىشى. يەنى، جۇڭگو باي بولۇشتىن بۇرۇن قېرىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ يەنە بىرى چىرىكلىك. گەرچە شى بۇ ساھەدە خېلى كۆپ ئىشلارنى قىلغان بولسىمۇ، جۇڭگودىكى چىرىكلىك ھازىرمۇ بىر ئىنتايىن ئېغىر مەسىلە بولۇپ ساقلىنىپ تۇرۇۋاتىدۇ. شىنىڭ ئۆزى بۇ يىل 1-ئىيۇلدىكى پارتىيە قۇرۇلغان كۈننى خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، «چىرىكلىكنى تازىلاش پارتىيىنىڭ ھايات-ماماتلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئىش» دېگەنگە يېقىن گەپلەرنى قىلدى.

جۇڭگودىكى بايلار بىلەن كەمبەغەللەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرقمۇ كۈندىن-كۈنگە چوڭىيىپ مېڭىۋاتىدۇ. باي-كەمبەغەل نىسبىتى كۆرسەتكۈچى بويىچە جۇڭگو ھازىر دۇنيادا 29-ئورۇندا تۇرىدۇ. كۈنلۈك كىرىمى 2 دوللاردىن تۆۋەن بولغان كەمبەغەللەردىن جۇڭگودا ھازىرمۇ 200 مىليوندىن كۆپرەك نوپۇس بار.

جۇڭگونىڭ مۇھىت بۇلغىنىشى ناھايىتى ئېغىر، ناھايىتى چوڭ، ۋە ناھايىتى مۇرەككەپ. ھاۋا بۇلغىنىشىدا بېيجىڭ تېخى ئەڭ ناچار شەھەرمۇ ئەمەس بولۇپ، جۇڭگودا ئۇنىڭدىنمۇ ناچار يەرلەردىن خېلى بار. جۇڭگودا يەر ئۈستى ۋە يەر ئاستىدىكى سۇلار ناھايىتى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغاندى. بەزى جايلاردىكى سۇلارنى زىرائەتلەر ۋە سانائەت ئۈچۈن ئىشلىتىشكىمۇ بولمايدۇ. شەھەرلىشىش قاتارلىق بىر قاتار ئىشلار ھازىر جۇڭگو ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ قىيىن ئۆتكەللەرنى پەيدا قىلدى. بۇلغىنىش ۋە زەھەرلىنىش كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى خېيىمخەتەرگە ئۇچرىتىدىغان بولغاچقا، بۇلار يالغۇز ئىقتىسادىي مەسىلىلەر بولۇپلا قالماي، ئۇلار يەنە سىياسىي مەسىلىلەرگىمۇ تەۋە. جۇڭگودىكى مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى ئۇنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ئېغىر دەرىجىدە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ھازىرقى ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قوللىنىلغان تەدبىرلەرنىڭ بىرى تەرەققىيات سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بولۇپ، بۇ چارە ھازىر جۇڭگودا بىر قىسىم يېڭى مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ مەسىلىلەر پىرامىداسىنىڭ ئەڭ چوققىسىدا شى جىنپىڭ بار بولۇپ، ئۇ ھازىر ئۆزىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى ئورنىنى ساقلاپ قېلىش مەسىلىسىگە دۇچ كەلدى. بۇ جەھەتتىكى بىر قىسىم ئەھۋاللارنى يېقىندا (2016-يىلى ئۆكتەبىردە) ئېچىلغان پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى 6-ئومۇمىي يىغىنىدىن كۆرۈۋېلىش مۇمكىن. شىنىڭ مەزكۇر يىغىندا دېيىشىچە، بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار يالغۇز چىرىكلىك بىلەن شۇغۇللىنىپلا قالماي، پارتىيىنى پارچىلاش سىياسىي سۇيىقەستى بىلەنمۇ شۇغۇللانغان. بۇ ئىشنىڭ ئىقرار قىلىنىشى بىزگە ناھايىتى كۆپ نەرسىلەرنى دەپ بېرىدۇ. شى ئېلىپ بارغان چىرىكلىكنى يوقىتىش ھەرىكىتى ھازىر ئۇنىڭ ئۈچۈن ناھايىتى كۆپلىگەن دۈشمەنلەرنى تىكلەپ بەرگەن بولۇپ، ھازىر شى تۇتقان يولدىن نارازى بولۇۋاتقان كىشىلەرنىڭ سانى ئىنتايىن تېز سۈرئەتتە كۆپىيىۋاتىدۇ.

جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى 2012-يىلى ئېلان قىلغان بىر دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، جۇڭگودا ھەر يىلى 100,000 قېتىمدىن كۆپرەك چوڭ كۆلەملىك ۋەقەلەر يۈز بەرگەن. ئىشسىز قالغان ئەمگەكچىلەر جۇڭگو ئۈچۈن داۋاملىق تۈردە مۇقىمسىزلىق خەتىرىنى پەيدا قىلىپ تۇرۇۋاتىدۇ. جۇڭگونىڭ چېگرا رايونلىرىدىكى، بولۇپمۇ جۇڭگونىڭ غەربىي رايونلىرىدىكى ئېتنىك قوزغىلاڭلار جۇڭگو ئۈچۈن داۋاملىق تۈردە بىر خىل ئېغىر مەسىلە بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. شىنجاڭدا يۈز بەرگەن مۇشۇ خىلدىكى ۋەقەلەر كۆپىنچە ۋاقىتتا قان تۆكۈش ۋەقەسى تۈسىنى ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. جۇڭگو زېمىنىنىڭ 49 پىرسەنتىنى پەقەت 4 ئۆلكىلا ئىگىلەيدۇ: تىبەت، شىنجاڭ، ئىچكى موڭغۇل ۋە چىڭخەي. بۇ ئۆلكىلەردە تارىختىن بۇيان خەنزۇ ئەمەس مىللەتلەر ياشاپ كەلگەن.

جۇڭگودا 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىدا بىر قېتىم تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا قاتناشقان مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەر (1) چىرىكلەشكەن رەھبەرلەر، (2) مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى ۋە (3) كىرىمدىكى تەڭسىزلىكنى ھازىر جۇڭگو دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ مەسىلىلەر، دەپ ھېسابلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ تەكشۈرۈشنى بىر نوپۇزلۇق تەشكىلات ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۇنىڭغا تولۇق ئىشىنىشكە بولىدۇ.

ئىلاۋە: پروفېسسور بېيتىس گىل ئوتتۇرىغا قويغان جۇڭگونىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي ساھەلەردىكى ئەھۋاللىرى مەن ئۆزۈمنىڭ بۇرۇنقى «جۇڭگو ئاسىيادىكى ھۆكۈمران كۈچ بولالمايدۇ» دېگەن يازمىسىدا ئوتتۇرىغا قويغان مەزمۇنلاردىن بەك كۆپ پەرقلىنىپ كەتمەيدىكەن. شۇڭلاشقا بېيتىس گىلنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادى ھەققىدە دېگەن بىر قىسىم مەزمۇنلارنى بۇ يازمىغا كىرگۈزمىدىم. قىزىقىدىغان ئوقۇرمەنلەر ئەسلىدىكى مەنبەنى ئاڭلاپ باقسا بولىدۇ.

4. جۇڭگونىڭ ھازىرقى ھەربىي ساھەدىكى مەسىلىلىرى

جۇڭگونىڭ قۇرۇقلۇقتىكى باشقا ئەللەر بىلەن بولغان چېگرىسى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن بولۇپ، 22000 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇ 14 دۆلەت بىلەن بىۋاسىتە چېگرىداش. بۇ جەھەتتە ئۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ دۆلەتلەر بىلەن چېگرىداش بولغان رۇسىيە بىلەن ئوخشاش. دېڭىزدىكى چېگرىداش دۆلەتلەر تېخىمۇ كۆپ بولۇپ، جۇڭگونىڭ قوشنىلىرىدىن 4 دۆلەتنىڭ يادرو بومبىسى بار. ئۇلار ھىندىستان، پاكىستان، رۇسىيە ۋە شىمالىي كورېيە. ئاسانلا يادرو بومبىسى ئىشلەپ چىقىرالايدىغان ياپوننىمۇ قوشساق بۇ دۆلەتلەرنىڭ سانى 5 بولىدۇ. جۇڭگو ئىقتىسادى ئېكسپورت-ئىمپورت جەھەتتە ھازىر پۈتۈنلەي دېڭىز يوللىرىغا تايىنىدۇ. ئۇنىڭ ئىقتىسادىي مەركىزى جۇڭگونىڭ شەرقىي دېڭىز قىرغىقىدىكى ئۆلكىلەردە بولۇپ، بۇمۇ جۇڭگونىڭ ئىستراتېگىيە نۇقتىسىدىن قارىغاندا ناھايىتى ئاجىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

ئون يىلنىڭ ئالدىدىكى ئەھۋال بىلەن سېلىشتۇرغاندا، جۇڭگونىڭ تاشقى مۇھىتى شى تەختكە چىققاندىن بۇيان ناھايىتى كۆپ ناچارلاشتى. مەسىلەن، كورېيە ئارىلىدا جۇڭگونىڭ شىمالىي كورېيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى نەچچە 10 يىلنىڭ مابەينىدىكى ئەڭ ناچار بىر ھالەتكە كىردى. يەنى، جۇڭگو شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو بومبىسى ياساش ئىشىنى توسۇپ قالالمىدى. بۇ ئەھۋال جۇڭگونىڭ جەنۇبىي كورېيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىمۇ ناچارلاشتۇردى. بۇنىڭ بىر نەتىجىسى جەنۇبىي كورېيەنىڭ يېقىنقى يىللاردا ئامېرىكا بىلەن بولغان ھەربىي ھەمكارلىقنى زور دەرىجىدە كۈچەيتىشىدۇر.

جۇڭگونىڭ ياپون بىلەن بولغان سىياسىي ۋە بىخەتەرلىك ساھەلىرىدىكى مۇناسىۋىتىمۇ ھازىر ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈپ قالدى. بۇ خىل ئەھۋالنى سېنكاكۇ ئارىلىنى تالىشىش ئىشلىرى، شۇنداقلا شىنزو ئابې بىلەن جۇڭگو رەھبەرلىرى ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ھەر خىل سۈركىلىشلەر كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ يىل 6-ئايدا ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتە، 87 پىرسەنت ياپونلار جۇڭگوغا نىسبەتەن سەلبىي كۆز-قاراشتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

جۇڭگونىڭ جەنۇبىي ئاسىيا رايونلىرىدىكى ئەللەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمۇ ئىنتايىن ناچار بىر ھالەتتە تۇرۇۋاتىدۇ. بۇنى جۇڭگونىڭ ئاشۇ رايونلاردا ئېلىپ بارغان بىر قىسىم بىنورمال ھەرىكەتلىرى، بولۇپمۇ 2012-يىلىدىن كېيىن تۇتقان يوللىرى كەلتۈرۈپ چىقاردى. يېقىنقى ئۆزگىرىشلەرگە ئاساسلانغاندا، جۇڭگو-فىلىپپىن ئوتتۇرىسىدا بەزى كېلىشىملەر تۇرغۇزۇلىدىغان ئوخشايدۇ. ئەمما، ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزىدا يېقىنقى يىللاردا ئېلىپ بارغان بىر قاتار ناچار ئىش-ھەرىكەتلىرى تۈپەيلىدىن، جۇڭگونىڭ نامى جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزى رايونلىرىدىكى ئەللەر ئارىسىدا ۋە پۈتۈن دۇنيادا ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلدى.

جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىمۇ ئالدىنقى 3 يىل ئىچىدە ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكى، سودا، ئامېرىكىنىڭ شەرقىي ۋە جەنۇبىي دېڭىز رايونلىرىدىكى بىخەتەرلىكى قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن ئېغىر دەرىجىدە ناچارلاشتى. ئامېرىكىغا كېلەر قېتىم كىمنىڭ پرېزىدېنت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، دەسلەپكى بىر قانچە يىل ئىچىدە بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى ئانچە ياخشى بولۇپ كەتمەيدۇ.

جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي جەھەتتە كۈچىيىشى دۇنيانىڭ، بولۇپمۇ جۇڭگو بىلەن زېمىن ماجىراسى بار ئەللەرنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىدى. ئۇلارنىڭ جۇڭگوغا تاقابىل تۇرۇش يولىدا بىر قىسىم يېڭى تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. باشقىچە قىلىپ ئېيتساق، شى جىنپىڭ ھازىر قانداق قىلغاندا جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى ئۆزى ئۈچۈن بىر پايدىلىق شارائىتقا ئايلاندۇرغىلى بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بىر قىيىن ئۆتكەلگە دۇچ كەلدى.

5. شى جىنپىڭ جۇڭگونى بۇنىڭدىن كېيىن قايسى تەرەپكە يېتەكلەيدۇ؟

يۇقىرىدا بىز شىنىڭ لىدېرلىق ئۇسۇللىرى بىلەن بىر ئاز تونۇشۇپ چىقتۇق. ئەمدى بىز سورايدىغان يەنە بىر سوئال شى بۇنىڭدىن كېيىنكى لىدېرلىق رولىنى قانداقراق ئېلىپ ماڭىدۇ، ۋە بىز بىللە ياشايدىغان جۇڭگو بىر قانداقراق دۆلەت بولىدۇ، دېگەندىن ئىبارەت. بىز جۇڭگو رەھبەرلىرى ھەققىدە بىلمەيدىغان ئىشلار يەنىلا ناھايىتى كۆپ. شۇنداق بولسىمۇ، مەن ئاشۇنداق ئاگاھلاندۇرۇشنى كۆڭلۈمدە ساقلىغان ھالدا شىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن جۇڭگونى قايسى تەرەپكە يېتەكلەيدىغانلىقى ھەققىدە مۇنداق 4 پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويىمەن.

(1) پارتىيىنى 1-ئورۇنغا قويۇش. ماڭا شى ج ك پ غا چىن كۆڭلىدىن ئىشىنىدىغاندەك كۆرۈنىدۇ. بۇ جەھەتتە ئۇ بۇرۇنقى رەھبەرلەرنى بېسىپ چۈشىدۇ. شى، جۇڭگو ئۇزۇندىن بۇيان دۇچ كەلگەن باشقىلارغا بوزەك بولۇشتەك ئەھۋالنى يوق قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئۇلۇغلۇقىنى قايتىدىن تىكلەشتە، ياكى جۇڭگو غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا پارتىيە ۋە ئۇنىڭ ئىدېئولوگىيە، تەشۋىقات ۋە كونترول ۋاسىتىلىرى ساھەسىدىكى كەڭ-كۆلەملىك ئاپپاراتلىرىدىن، ھەمدە پارتىيىنىڭ ھالقىلىق رولىدىن مەركەزلىك ھالدا پايدىلىنىدۇ. شىنىڭ ھاياتىدىن قارىغاندا، بۇ خىل پەرەز ئەقىلگە ناھايىتىمۇ مۇۋاپىق كېلىدۇ. پارتىيىنىڭ بۇرۇنقى ئاساسلىق رەھبەرلىرىنىڭ بىرىنىڭ ئوغلى بولۇش، پارتىيە ئىچىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ قويۇق بولۇش، كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا جۇڭگونىڭ ئىشلىرىنى، بولۇپمۇ جۇڭگونىڭ يېقىنقى ۋاقىتلاردىكى تەرەققىيات يولىنى ناھايىتى پۇختا بىلىپ مېڭىش قاتارلىق ئىشلار شىدا ج ك پ گە بىر ناھايىتى مۇكەممەل رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارلىرى ۋە تەجرىبىلىرىنى يېتىلدۈردى. شى ئۈچۈن ج ك پ نى ساقلاپ قېلىش ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە بولۇپ قالغان بولۇپ، جۇڭگونىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا قاراتقان سىياسەتلىرىنىڭ ھەممىسى مۇشۇ ۋەزىپىنى ئوڭۇشلۇق ئورۇنلاشقا توغرىلىنىشى مۇمكىن.

(2) شى «تىنچلىق بىلەن تەرەققىي قىلىش» ياكى «和平崛起» دېگەن ئۇقۇمنى قايتىدىن فورمۇلالاشتۇرۇپ، ئۇنىڭدىكى كېڭەيمىچىلىك ۋە مىللەتچىلىك تەركىبلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغاندەك قىلىدۇ. جياڭ زېمىن ۋە خۇ جىنتاۋ دەۋرلىرىدە، بولۇپمۇ خۇ جىنتاۋ دەۋرىدە جۇڭگو بىر تىنچلىق ھالەتتىكى تاشقى مۇھىتنىڭ مۇھىملىقىنى، پەقەت شۇنداق بىر شارائىت ئاستىدىلا ئىمپورت-ئېكسپورت پۇرسەتلىرى، بازار، كاپىتال، خام ئەشيالار، تېخنولوگىيە، ئىچكى مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتلارغا ئاسان ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن. بۇ خىل تىنچلىق بىلەن تەرەققىي قىلىش يولى دېڭ شياۋپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «جۇڭگو سەۋرچان بولۇشى، ھەمدە بېلىنى قويۇۋەتمەسلىكى كېرەك» دېگەن چۈشەنچە بىلەنمۇ بىردەك بولۇپ، ئۇ جۇڭگولۇقلارنىڭ «ئۆز قابىلىيەتلىرىڭنى يوشۇرۇپ، ۋاقىتنى قولغا كەلتۈر» دېگەن ئەنئەنىۋى ئىدىيىسىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ. شىنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدا ئىچكى مۇقىملىق بىلەن تەرەققىيات بۇرۇنقىدەكلا مۇھىم ۋەزىپە بولۇپ تۇرىدۇ، ئەمما، شى مۇقىم تاشقى مۇناسىۋەتلەرگە ئۇنچىۋالا ئەھمىيەت بېرىپ كەتمەيدىغاندەك قىلىدۇ. نېمىشقا؟ مېنىڭ ئىككى پەرىزىم بار. ئۇنىڭ بىرى، جۇڭگونىڭ ئىچكى قىسمىدىكى سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەر ھازىر تېخىمۇ جىددىي ھالەتكە كىردى. ئۇنىڭ يەنە بىرى بولسا، شى ھازىر دۆلەت ئىچىدىكى ئېغىر مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىشنىڭ بىر ئامالى بىر قىسىم تاشقى مۇناسىۋەتتىكى مەنپەئەتلەرنى قۇربان قىلىپ، بىر قىسىم قوشنىلارنىڭ ئاچچىقى كەلگىنىگە قارىماي، تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ ئاكتىپ ۋە تېخىمۇ مىللەتچىلىك تۈسىنى ئالغان كېڭەيمىچىلىك ئۇسۇلىنى قوللىنىش ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەندەك قىلىدۇ. بۇنداق قىلىش «ئۆز ئىقتىدارىنى يوشۇرۇپ، ۋاقىتنى قولغا كەلتۈرۈش» ۋە «تىنچلىق ئىچىدە تەرەققىي قىلىش» پرىنسىپلىرىغا ئۇنچىۋالا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.

(3) شى بۇرۇنقى جۇڭگو رەھبەرلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ناھايىتى كۈچلۈك تەۋەككۈلچىلىك روھىغا ئىگە كىشىدەك قىلىدۇ. شى جۇڭگونىڭ مىللىي مەنپەئىتى ئۈچۈن دۆلەت ئىچىدىكى پارتىيىنىڭ كونتروللاش قابىلىيىتى بىلەن دۆلەت سىرتىدىكى ھەربىي كۈچىنى تولۇق ئىشقا سالماقچى بولۇۋاتىدۇ. بۇ يولنىڭ خەتىرى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، ئۇ جۇڭگوغا ياكى ناھايىتى چوڭ پايدا ياكى ناھايىتى چوڭ مەغلۇبىيەت ئېلىپ كېلىدۇ.

(4) شى دۇچ كېلىدىغان چەكلىمىلەر، ھەمدە ئىچكى ۋە تاشقى سىياسەتلىرىدىكى ئاجىزلىقلارمۇ ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئۇلار شىنى خېلى ئاۋارە قىلىشى مۇمكىن. شى دۇچ كېلىدىغان ئەڭ چوڭ چەكلىمىدىن بىرى بار. ئۇ چەكلىمە جۇڭگونىڭ دېڭ شياۋپىڭدىن كېيىنكى رەھبەرلىرى دۇچ كېلىپ باققان ئەڭ چوڭ قىيىن ئۆتكەل بىلەن ئوخشاش. ئۇ بولسىمۇ زۆرۈر بولغان ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ئىسلاھاتنى ئېلىپ بېرىپ، جۇڭگونىڭ بىر بىخەتەر، گۈللەنگەن ۋە خەلقى رازى بولغان دۆلەت بولۇپ قەد كۆتۈرۈشىگە كاپالەت قىلىش يولىدا كۆرسىتىدىغان ھەر قانداق تىرىشچانلىقى ج ك پ نىڭ بىرلا پارتىيىگە مەركەزلەشكەن ھوقۇقىنى مۇقەررەر ھالدا ئاجىزلاشتۇرىدۇ. شى ھازىر تاللىغان يول ھېلىقىدەك ئىسلاھاتلاردىن ۋاز كېچىپ، پارتىيىنىڭ كونتروللۇقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشتەك قىلىدۇ. ئەمما بۇنداق قىلىش جۇڭگونىڭ مۇقىملىقى ۋە ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتىنى ئېغىر دەرىجىدىكى خەتەر ئىچىگە تىقىپ قويىدۇ. ھازىرقى ئەڭ چوڭ مەسىلە، شى بۇنىڭدىن كېيىن بىر خىل ئوتتۇرا يول تۇتامدۇ-يوق، دېگەندىن ئىبارەت. مېنىڭ پەرىزىمچە، 2017-يىلى ئېچىلىدىغان پارتىيە قۇرۇلتىيىغىچە شى بۇرۇنقىدەك قاتتىق قوللۇق سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. شۇ ئارقىلىق ئۆز ئورنىنى تېخىمۇ قاتتىق تىكلەپ، جۇڭگونىڭ بارغانسېرى كۈچىيىپ مېڭىۋاتقان دۆلەت كۈچىدىن يەنىمۇ تولۇق پايدىلىنىدۇ. 2022-يىللىرى شىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت رەھبىرى بولۇش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، ج ك پ ئۆزىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى كونتروللۇقىنى سەل بوشىتىپ، چەت ئەللەرگە قاراتقان كېڭەيمىچىلىكىنىمۇ سەل ئازلىتىشى مۇمكىن. ھازىرچە بۇ ئىش ئۈستىدە ھەرگىزمۇ كەسكىن بىر نەرسە دېگىلى بولمايدىغان بولۇپ، بۇ ئىشلار ئەڭ بالدۇر بولغاندىمۇ 2018-يىلى ياكى 2019-يىلى ئايدىڭلىشىشى مۇمكىن.

ئىلاۋە: يۇقىرىدىكى مەزمۇننى، يەنى شى جىنپىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تۇتىدىغان يوللارنى مەن تۆۋەندىكىگە خۇلاسىلىدىم:
1) پارتىيىنى 1-ئورۇنغا قويۇپ، ئۇنى بارلىق ئىمكانىيەت بىلەن ساقلاپ قېلىش

2) كېڭەيمىچىلىك ۋە مىللەتچىلىكنى كۈچەيتىش، ھەمدە سىرتقا قارىتا «ئۆز قابىلىيەتلىرىڭنى يوشۇرۇپ، ۋاقىتنى قولغا كەلتۈر» چارىسىنى قوللىنىش

3) تەۋەككۈلچىلىك قىلىپ، دۆلەت ئىچىدە پارتىيىنىڭ كونتروللاش قابىلىيىتىنى، ۋە دۆلەت سىرتىدا جۇڭگونىڭ ھەربىي كۈچىنى تولۇق ئىشقا سېلىش

4) ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ئىسلاھاتلاردىن ۋاز كېچىپ، پارتىيە كونتروللۇقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش

Share
1269 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.