logo

trugen jacn

شى جىنپىڭ ئەردوغاننى خىتايغا دەۋەت قىلدى

شى جىنپىڭ پايتەخت بېيجىڭدا 65 دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئۆتكۈزىلىدىغان ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىغا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى ئالاھىدە تەكلىپ قىلدى

 خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ «زامانىۋىي يېيەك يولى لايىھەسى»نى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن 14 – مايدىن 15 – مايغىچە پايتەخت بېيجىڭدا 65 دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرىنى چاقىرىپ يېغىن ئۆتكۈزىدىغان بولدى.

 شى جىنپىڭ بۇ ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىغا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىمۇ تەكلىپ قىلدى. 

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بۇ تەكلىپىنى، تارىخىي يېپەك يولىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئۆتكەللىرىدىن بىرسى بولغان ۋە «ئوتتۇرا كارىدور» دەپمۇ نام بېرىلگەن تۈركىيەدىكى «بىر يول، بىر بەلباغ لايىھەسى» دائىرىسىدە ئەردوغانغا يەتكۈزدى.

تۈركىيە يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان خىتاي بىلەن يېقىن ھەمكارلىق سىياسىتى يولغا قويۇپ كەلمەكتە. بۇ ئارىلىقتا تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى ئۈستىدە ئۆتكۈزگەن مۇزاكىرىلىرى ۋە تۈركىيەنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش مەسىلىسىمۇ كۈتەرتىپكە كەلگەن ئىدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى

Share
1446 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.