logo

trugen jacn

شى جىنپىڭنىڭ پاكىستانغا قىلىدىغان زىيارىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم تېمىسى يەنىلا ئۇيغۇر ئېلى

si-cinping-navaz-serif

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كېلەر ھەپتە قەدىناس دوستى ۋە شېرىكى بولغان پاكىستاندا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ.

رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ زىيارەتنىڭ ئەڭ ئاساسلىق مەقسەتلىرىنىڭ بىرى پاكىستاننىڭ گۋادار پورتى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنى تۇتاشتۇرىدىغان «جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى» غا سېلىنىدىغان مەبلەغ تۈرلىرى ئۈستىدە سۆھبەتلىشىش بولسا، يەنە بىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقى.

خىتاي «جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى» غا جەمئىي 46 مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدىغان بولۇپ، ئۇ قاتناش-تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى، ئېنىرگىيىگە مۇناسىۋەتلىك ئىش پىلانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلى ئارقىلىق پاكىستاننىڭ ئەرەب دېڭىزىدىكى گۋادار پورتىغا ئۇلاشتۇرىدىغان بۇ ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشى خىتاينىڭ ئېنېرگىيە ئىمپورت قىلىش يولىنى قىسقارتىدىكەن.

رويتېرسنىڭ ئېيتىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ پاكىستان زىيارىتىدىكى يەنە بىر مۇھىم تېما بولسا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىق مەسىلىسى. شۇڭا شى جىنپىڭ بۇ قېتىم زىيارىتىدە پاكىستان دائىرىلىرى بىلەن ئۇيغۇر بۆلگۈنچىلەرنىڭ پاكىستاندىكى قوراللىق كۈچلەر بىلەن ئالاقە قۇرۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە شۇنداقلا ئافغانىستاننىڭ تىنچلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش مەسىلىلىرىدە سۆزلىشىدىكەن. ئىسمىنى ئاشكارىلىمىغان بىر غەربلىك دىپلومات رويتېرس مۇخبىرىغا «خىتاينىڭ بۇ زىيارەتتىكى ئەڭ مۇھىم تېمىسى شۈبھىسىزكى ئۇيغۇر ئېلى، چۈنكى خىتاي ئۇ يەردىكى ۋەزىيەتتىن بەكمۇ ئەندىشە قىلماقتا» دېگەن

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/shi-jinping-04162015161349.html

Share
1420 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.