logo

trugen jacn

شى جىنپىڭنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان زىيارىتىدە 14 كېلىشىم ئىمزالاندى

160120185321_xi_saudi_624x351_afpphotospaho

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 19-20-يانۋار كۈنلىرى سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئىككى كۈنلۈك دۆلەت زىيارىتىدە بولدى. ئۇ سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى ئابدۇل ئەزىز ئەل سەئۇدى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، زىيارەت جەريانىدا ئىككى دۆلەت ئارىسىدا 14 كېلىشىم ئىمزالاندى. خەۋەر قىلىنىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى بۇ كېلىشىملەر سانائەت، بىخەتەرلىك، تەتقىقات ۋە تەرەققىيات، پەن-تېخنىكا، سۈنئىي ھەمراھ سىستېمىسى ۋە باشقىلارغا ئائىت ئىكەن. سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت شىركىتى بىلەن خىتاي دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان.

شىنخۇانىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شى جىنپىڭ ئۆزىنىڭ مەزكۇر تۇنجى سەئۇدى ئەرەبىستان زىيارىتى جەريانىدا رىيادتا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئىياد بىلەن كۆرۈشۈپ پىكىر ئالماشتۇرغاندا«خىتاي بىلەن ئىسلام دۆلەتلىرى تەبىئىي، ئەنئەنىۋى دوستلۇق مۇناسىۋىتىگە ئىگە، جۇڭگو مەڭگۈ ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ياخشى دوستى، ياخشى شېرىكى، ياخشى قېرىندىشى بولىدۇ» دېگەن ھەم خىتاينىڭ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئۈمىدىنى بىلدۈرگەن.

شى جىنپىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىدە يەنە، سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرى ئۈزۈلگەن ئىراننىمۇ زىيارەت قىلىپ، ئىران پرېزىدېنتى ھەسەن روھانىي بىلەن كۆرۈشىدىكەن.

شى جىنپىڭنىڭ رىياد ۋە تېھراننى زىيارەت قىلىشى ئانالىزچىلارنىڭ ئىنكاسلىرىنى قوزغىماقتا

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/seudi-xitay-01202016161439.html

Share
1313 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.