logo

trugen jacn

شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇر رايونىنى زىيارەت قىلغان تۇنجى كۈنى قاغىلىقتا خىتايغا قارشى چوڭ بىر قانلىق ۋەقە يۈز بەرگەن

 

 شۆھرەت ھوشۇر

مەلۇم بولۇشىچە خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئۇيغۇر رايونىنى زىيارەت قىلغان مەزگىلدە ئۇيغۇر رايونىنىڭ بىرقانچە جايىدا خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى قوراللىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرى يۈز بەرگەن؛ خىتاي مەتبۇئاتلىرى بۇلاردىن پەقەت ئۈرۈمچى ۋوگزالىدىكى ئادەم بومبا ھۇجۇمىنىلا يوشۇرۇپ بولالمىغان ئەھۋالدا خەۋەر قىلغان. تۈنۈگۈن ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرى رادىئومىزغا ئىنكاس يوللاپ، 4-ئاينىڭ 27-كۈنى يەنى شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇر رايونىنى زىيارىتىنىڭ تۇنجى كۈنى قاغىلىقنىڭ جاڭگىلىئەسكى يېزىسىدا 3 نەپەر خىتاي ئەمەلدارنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى پاش قىلدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن ئۇچۇر ئىگىلەشلىرى داۋامىدا، ۋەقەنىڭ مەزكۇر يېزىنىڭ كوككوليار دېگەن كۆل بويىدا يۈز بەرگەنلىكى، ۋەقەدە پوسكام ناھىيىسىدىن بېلىق تۇتقىلى كەلگەن 4 نەپەر خىتاي ئەمەلداردىن 3 نەپىرىنىڭ پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرۈلۈپ، جەسىتىنىڭ كۆلگە تاشلىۋېتىلگەنلىكى ئايدىڭلاشتى.

تۆۋەندە مۇخبىرىمىزنىڭ ۋەقە ھەققىدە قاغىلىق ناھىيىلىك سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋە جاگىلىئەسكى ساقچىخانىسىنىڭ خادىملىرىدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

1
مۇخبىر: بۇ جاڭگىلىئەسكى يېزىلىق ساقچىخانىمۇ، قاغىلىقنىڭ؟
خادىم: ھە شۇنداق.
مۇخبىر: ۋەزىيەت قانداق ھازىر سىلەرنىڭ يېزىدا؟
خادىم: ۋەزىيەتنى ئىدارىدىكىلەردىن سوراڭ، مەن ياردەمچى ساقچى، ئەھۋالنى تولۇق بىلمەيمەن.
مۇخبىر: سىلەرنىڭ سوجاڭ(ساقچىخانا باشلىقى) كىم؟
خادىم: كۈرەش ھەسەن.
2
مۇخبىر: بۇ كۈرەش ھەسەنمۇ، ساقچىخانا باشلىقى؟
خادىم: شۇ، شۇنداق.
مۇخبىر: بۇ قېتىمقى ۋەقەدە ئۆلتۈرۈلگەن ئۇچ كىشىنىڭ ئىسىملىرىنى دەپ بېرەلەمسىز؟
خادىم: ياق، دەپ بېرەلمەيمەن. ماتېرىيال ئىشخانىدا قالغان، ئىشخانىدىكىلەر دەپ بېرەلەيدۇ. ئىشخانىدا ئەنۋەر جياۋداۋيۈەن بىلەن ئەركىن جېڭۋېي(سىياسىي قانۇن مۇدىرى) بار.
مۇخبىر: دېلوغا سىز ئارىلاشمىغانمۇ؟
خادىم: ئارىلاشقان. مەن پەقەت ھايات قالغان ياۋگاڭ بىلەن سۆزلەشكەن. ئۆلگۈچىلەرنىڭ رەسىملىرى تېخى چىقمىدى، ئەمما ئىسىملىرى ئىشخانىدىكى ماتىريالدا بار.
3
مۇخبىر: بۇ كۈرەش جېڭۋېيمۇ؟
خادىم: شۇنداق مەن.
مۇخبىر: ۋەزىيەت قانداقراق؟ نېمە ئىشلارنى قىلىۋاتىسىلەر ھازىر؟
خادىم: شۇ 27-ئاپرېل دېلوسىنى تەكشۈرۈۋاتىمىز.
مۇخبىر: قاچاندىن باشلاپ تەكشۈرىۋاتىسىلەر؟
خادىم: 27‏-چىسلادىن باشلاپ، 15 كۈن بولۇپ قالدى.
مۇخبىر: تەكشۈرۈشتىن ھازىرغىچە ئېرىشىلگەن نەتىجە نېمە؟
خادىم: گۇماندارلار تېخىچە تۇتۇلمىدى. باشتىكى گۇمانىمىز 9-كەنتتە ئىدى، بىرەر قۇر تەكشۈرۈپ نەتىجە ئالالمىدۇق، ئەمدى تەكشۈرۈشنى 7‏-ۋە 8‏-كەنتكە كېڭەيتمەكچىمىز.
مۇخبىر: ۋەقەدە ئۆلگەنلەر قانچە كىشى؟
خادىم: ئۈچ كىشى.
مۇخبىر: خەنزۇمۇ؟
خادىم: شۇنداق خەنزۇ. ئەسلىدە بۇلار 4 كىشى، پوسكام ناھىيىلىك بانكا، كۆچمە خەۋەرلىشىش ۋە بىرلەشمە خەۋەرلىشىش ئىدارىسىنىڭ خادىملىرى. ئادىتى بويىچە بېلىق تۇتقۇنى كەلگەن.
مۇخبىر: دېلو قانداق بايقالدى؟
خادىم: ئامان قالغان بىرى ساقچىخانىغا كېلىپ ئەھۋال مەلۇم قىلدى، ۋەقە چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدە يۈز بەرگەن، بىزگە مەلۇم قىلغۇچە 1 سائەت ۋاقىت ئۆتكەن، بىز كۈچ تەشكىللەپ ئەتراپنى قورشاپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ۋاقتىمىز سائەت بەشلەردە باشلاندى.
مۇخبىر: مەلۇم قىلغۇچىنىڭ بايان قىلىشىچە ۋەقە قانداق يۈز بەرگەن؟
خادىم: تۆتى كۆلبويىدا 4-5 مېتىرىدىن ئارىلىق قالدۇرۇپ ئولتۇرغان، بىرى سەل يىراقراقتا. يىراقتىكىسى بىر چەتكە ئۆتۈپ كىچىك تەرەت قىلىپ كەلسە قالغان ئۈچى يوق، شۇنىڭ بىلەن ساقچىغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلغان. بىز بېرىپ تەكشۈرۈپ قاتىللىق قورالىنى تاپالمىدۇق. چۈنكى كۆلنىڭ ئىچ-تېشى قومۇشلۇق، جىنايەت ئىزلىرى ئېنىق ئەمەس.
مۇخبىر: جەسەت تېپىلدىمۇ؟
خادىم: تېپىلدى، پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن كۆلگە تاشلىۋېتىلگەن ئىكەن.
مۇخبىر: جەسەتتە قانداق ئىزلارنى بايقىدىڭلار؟
خادىم: ئىككىسىنىڭ بوينىغا پىچاق سۈرۈلگەن، ئۈچىنچىسىنىڭ 31 يېرىدە پىچاق ئىزى بار. قارىغاندا ئىككىسى بوغۇزلانغاندىن كېيىنلا سۇغا ئىتتىرىۋېتىلگەن، ئۈچىنچىسى گۇماندارلار بىلەن تىركەشكەندەك ئالامەت بار.
مۇخبىر: گۇماندارلارنى قانچە دەپ تەخمىن قىلىۋاتىسىلەر؟
خادىم 3:بىلەن 5 نەپەر ئارىسىدا 30 ياشنىڭ تۆۋىنىدە دەپ تەخمىن قىلىۋاتىمىز.
مۇخبىر: گۇماندارلار ھەققىدە يىپ ئۇچى بارمۇ؟
خادىم: يوق، داۋاملىق ئېنىقلاۋاتىمىز، ئاپتونوم رايون ۋە ۋىلايەتلىك ساقچى ئورۇنلىرىنىڭ باشلىقلىرىمۇ 15 كۈندىن بېرى بىز بىلەن بىللە مۇشۇ يەردە.
مۇخبىر: ۋەقە يۈز بەرگەن ئورۇننىڭ ئاتىلىشى نېمە؟
خادىم: جاڭگىلىئەسكى يېزىسىنىڭ لەڭگەر كەنت (9‏-دادۈي) 3‏-مەھەللىسى، رەھمەت ئاكىنىڭ جاڭزىسىمۇ دېيىلىدۇ.
مۇخبىر: شۇ كۆلنىڭ ئىسمى نېمە؟
خادىم: كۆككۆليار.

بىز يۇقىرىقى ئۇچۇرلارنى ئىگىلىگەندىن كېيىن رادىيومىزنىڭ خىتايچە بېسىمىمۇ مەزكۇر يېزىدىن بۇ ۋەقەگە ئالاقىدار ئېنىقلاش ئېلىپ بارغان ۋە ئۇلار بۇ جەرياندا مەزكۇر يېزىدا ئوخشاش كۈندە يۇقارقىدىن باشقا يەنە 4 نەپەر خىتاينىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، ئۆلتۈرۈلگەنلەردىن بىرىنىڭ 13 ياشلىق ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇماتقا ئېرىشكەن؛ ئەمما ئۇ مەلۇماتلار رەسمىي دائىرىلەر ياكى ساقچىلار تەرىپىدىن دەلىللەنمىگەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/uyghurda-qarshiliq-05142014153821.html

Share
1816 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.