logo

trugen jacn

شىۋېتسىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا چېتىلغان زور جاسۇسلۇق دېلوسى ۋە ئۇنىڭ باش – ئاخىرى

image

قۇتلان

2015-u0506-pmq.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

2009 – يىلى 6 – ئاينىڭ 4 – كۈنى، سەھەر ۋاقتى. سائەت ئىستېرىلكىسى 8:30 نى كۆرسىتىپ تۇراتتى.

پۇقراچە كىيىنگەن 16 نەپەر سەپو خادىمى، يەنى شىۋېتسىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ ساقچىلىرى ستوكھولم شەھىرىنىڭ جەنۇبىي رايونىدىكى روكسفېلد مەھەللىسىگە جايلاشقان ئۈچ قەۋەتلىك بىر ئاھالىلەر بىناسىنى كۈزىتىپ تۇراتتى.

سائەت 10:00 دىن سەل ئۆتكەندە شىۋېتسىيە ئادالەت مىنىستېرلىكىدىن «جاسۇس گۇماندارى» نىڭ ئۆيىگە بېسىپ كىرىپ، نەق مەيداندا قولغا ئېلىش بۇيرۇقى كەلدى. يازما بۇيرۇق يېتىپ كېلىشى بىلەنلا پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلار نىشانغا ئېلىنغان ئۆيگە بېسىپ كىردى.

جاسۇس گۇماندارى نەق مەيداندا قولغا ئېلىندى. يازما بۇيرۇقتا بېرىلگەن ھوقۇق بويىچە شىۋېتسىيە خەۋپسىزلىك خادىملىرى گۇماندارنىڭ ئۆيىنى ئاختۇردى.

ساقچىلار گۇماندارنىڭ ئۆيىدىكى كىيىم ئىشكاپىغا ئېسىلغان بىر كاستىيۇمنىڭ يانچۇقىدىن 100 مىڭ شىۋېت كىرونى، يەنە بىر چاپاننىڭ يانچۇقىدىن 10 مىڭ شىۋېت كىرونى بولۇپ، جەمئىي 110 مىڭ كىرون نەق پۇلنى تاپتى. ھەر خىل ماركىلىق 9 دانە يان تېلېفون بايقالدى. ئۇندىن باشقا، بۇ ئۆيدىن يەنە شىۋېتسىيەدە ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تىزىملىكى، تېلېفون نومۇرى، ئۆي ئادرېسى ھەمدە ئۇلارنىڭ ۋەتەندىكى بىۋاسىتە ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرى يېزىلغان ماتېرىياللار قولغا چۈشتى.

شۇ كۈنى كەچلىكى بۇ خەۋەر شىۋېتسىيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسىدە بېرىلدى:

«شىۋېتسىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك ساقچىلىرى بۈگۈن ئەتىگەن ستوكھولمنىڭ مەلۇم رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق شىۋېتسىيە ۋەتەنداشلىقىدىكى بىر نەپەر ”جاسۇس گۇماندارى“ نى قولغا ئالدى. ئىگىلىگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ”جاسۇس گۇماندارى“ شىۋېتسىيەدىكى سىياسىي كۆچمەنلەرنىڭ ئۇچۇرىنى قانۇنسىز توپلىغان ھەمدە ستوكھولمدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ مەخپىي ئاخبارات توپلاش پىلانىغا ماسلىشىپ ئىشپىيونلۇق قىلغان…»

سكاندىناۋىيە يېرىم ئارلىدىكى بۇ تىنچ ئەل لەرزىگە كەلدى. ئەينى ۋاقىتتا سانى ئاران 500 گە يېتىدىغان شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ھەيرانلىق ۋە ئالاقىزادىلىككە چۆمدى.

شىۋېتسىيەدىكى بىر مىليۇنغا يېقىن كۆچمەن ئىچىدە سانى ئەڭ ئاز توپلۇقلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن جاسۇسلۇق قىلمىشى بىلەن تۇتۇلغان بىر گۇماندارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيادىكى مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىمۇ ھەيرەتتە قالدۇردى…

ئەتىسىدىن باشلاپ بۇ خەۋەر شىۋېتسىيەدىكى چوڭ – كىچىك گېزىتلەرنىڭ باش بېتىدە ئۇلاپ بېسىلدى. ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن تاراتقۇلار بۇ خەۋەرنى ئارقا – ئارقىدىن ئاڭلاتتى.

شىۋېتسىيەنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى باش مىنىستېرى فرېدرىك رايىنفېلت 2009 – يىلى 6 – ئاينىڭ 5 – كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا بۇ ھەقتە مەخسۇس بايانات بەردى:

«دۆلىتىمىزدە بايقالغان ”جاسۇس گۇماندارى“ نى قولغا ئېلىش ھەمدە بۇ ھەقتە كەسكىن قارار بېرىش مەسىلىسىدە شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتى قىيىن تاللاشقا دۇچ كەلدى. 2009 – يىلى 6 – ئاينىڭ 1 – كۈنى شىۋېتسىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەئىس دۆلىتى ۋەزىپىسىنى تاپشۇرىۋالىدىغان بىر كۈن. ھالبۇكى، مۇشۇنداق بىر مۇھىم پەيتتە، يەنى 6 – ئاينىڭ 4 – كۈنى شىۋېتسىيە ساقچى تەرەپ ستوكھولمدىكى جۇڭگو ئەلچىخانىسىغا چېتىلغان 62 ياشلىق ”جاسۇس گۇماندارى“ نى قولغا ئالدى. بىز جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىلەن بىر تەرەپتىن سىياسىي ۋە دىپلوماتىيە جەھەتتە كۆرۈلگەن بۇ سۈركۈلۈشنى قانداق ھەل قىلىش، يەنە بىر تەرەپتىن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەئىس دۆلىتىلىك ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزىۋېلىش ئىشىغا تەڭلا دۇچ كەلدۇق.»

شىۋېتسىيەدىكى كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار بۇ خەۋەرنى 6 – ئاينىڭ 5 – كۈنى سەھەردە شىۋېتسىيەدە ئەڭ كۆپ تارقىتىلىدىغان «مېترو» ناملىق گېزىتتىن كۆرىدۇ ھەمدە بىر – بىرىگە تېلېفون قىلىپ ئەھۋالنى سۈرۈشتە قىلىدۇ.

شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى رەئىسى ئابدۇللا كۆكيار ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇنداق ئەسلىمە قىلىدۇ:

«مەن بۇ خەۋەرنى ئەڭ دەسلەپ پاناھلىق تەلەپ قىلغان بىر قېرىندىشىمىزدىن ئاڭلىدىم. ئۇنىڭ ئادۋوكاتى شۇ كۈنى سەھەردە ”مېترو“ ناملىق گېزىتتىن بۇ خەۋەرنى كۆرگەن ئىكەن. مەن ھەيران قېلىپ، ”بۇ زادى كىم؟“ دەپ سۈرۈشتە قىلىشقا باشلىدىم. شۇ ۋاقىتتا يېشى 60 ئاشقان ئۇيغۇرلار شىۋېتسىيەدە بارماق بىلەن سانىۋالغۇدەكلا ئاز ئىدى. ھالبۇكى، بىرقانچە كۈن ئۆتمەيلا مەن ۋە بىزنىڭ مائارىپ تەشكىلاتىدىكى بىرقانچىمىز جاسۇس گۇماندارىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلدۇق. شىۋېتسىيەدىكى جامائاتچىلىك جاسۇسنىڭ كىملىكى ھەققىدە جىددىي سوئال – سوراقلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى. بىز بىر تەشكىلاتقا ۋەكىللىك قىلىۋاتقىنىمىز ئۈچۈن جاسۇسنىڭ كىملىكىنى تەخمىن قىلغان بولساقمۇ، لېكىن جامائەتچىلىككە ئېنىق دېيىشكە پېتىنالمىدۇق. چۈنكى شىۋېتسىيە سوتى ئاخىرىقى ھۆكۈمنى چىقارمىغان، تاراتقۇلار جاسۇس گۇماندارىنىڭ يېشىنى ئاشكارىلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئىسمىنى تىلغا ئالمىغان شارائىتتا بىز بىرنەرسە دېيىشكە ئاجىزلىق قىلدۇق. شۇ سەۋەبتىن بەزى قېرىنداشلىرىمىز بىزدىن رەنجىگەنمۇ بولدى.»

گۋەنتانامو تۈرمىسىدىن «گۇناھسىز» دەپ قويۇپ بېرىلىپ دەسلەپ ئالبانىيەگە، ئاندىن شىۋېتسىيەگە يەرلەشكەن ئادىل ھېكىمجان بۇ خەۋەردنى ئاڭلىغىنىدا ئۆز قۇلىقىغا ئىشەنمەي قالغانلىقىنى ئەسلىمە قىلىدۇ. چۈنكى 62 ياشلىق بۇ «جاسۇس گۇماندارى» ئادىل ھېكىمجان شىۋېتسىيەگە كەلگەن كۈندىن ئېتىبارەن ئۇنىڭغا يېقىنلىشىپ، شەخسىي ئۇچۇرىنى ئېلىشقا ئۇرۇنغان ئىدى. ئادىل ھېكىمجان ئۆزىنىڭ بۇ خەۋەرنى تۇنجى ئاڭلىغان ۋاقتىدىكى ھېسسىياتىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ:

«مەن بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ جاھاندا ئىشەنگۈدەك ئادەم قالمىدىمۇ – نېمە دېگەن سوئالنى ئۆز – ئۆزۈمدىن سورىدىم. مەن ئىلگىرى بۇ كىشىدىن پەقەتلا گۇمان قىلمىغان ئىكەنمەن. چۈنكى مەن شىۋېتسىيەگە كەلگەن ۋاقتىمدا بۇ كىشى ياشقا ھەممىدىن چوڭ، ھەممىسى ”ئاكا“ دەپ ھۆرمەت قىلىدىغان ۋە جامائەت بىلەن بىللە 5 ۋاق ناماز ئوقۇپ يۈرگەن بىر كىشى ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە مېنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىزدەپ ئۆزىنىڭ ياردەم قىلىدىغانلىقىنى دېگەن ئىدى. مەن بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپلا قاتتىق چۆچۈپ كەتتىم ۋە غەبلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغانغاندەك بولدۇم.»

ئەينى ۋاقىتتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان دولقۇن ئەيسامۇ شىۋېتسىيەدە تۇتۇلغان «جاسۇس گۇماندارى» نىڭ خەۋىرىدىن قاتتىق ھەيرەتتە قالغانلىقىنى ئەسلەيدۇ:

«بۇ خەۋەر مېنى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيدىكى باشقا مەسئۇل كىشىلەرنى ھاڭ – تاڭ قالدۇردى. چۈنكى ”جاسۇسلۇق“ جىنايىتى بىلەن شىۋېتسىيەدە تۇتقۇن قىلىنغان بۇ كىشى بېرلىندا ئېچىلغان ئۇيغۇر دېموكراتچىلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسىغا كەلگەن. ھەتتا 2009 – يىلى ۋاشىڭتوندا چاقىرىلغان ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغىمۇ كەلگەن كىشى ئىدى. ئادەتتە ئۇ يىغىنلاردا بىر بۇلۇڭدا گەپ قىلماي ئولتۇراتتى، ئاكتىپ ھەرىكەت قىلمايتتى، ھەتتا بىزنى گۇمانغا سالغۇدەك بىرەر سۆز – ھەرىكەتتە بولغانلىقىنىمۇ ئەسلىيەلمەيمىز. ئۇنىڭ تۇتۇلۇشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى ۋە سىياسىي ئاكتىپلارنى سەگىتتى، بىزنىڭ جاسۇسلار ھەققىدىكى بىلىمىمىزنىڭ كەمچىللىكىنى كۆرسەتتى. بىزنىڭ تېخىمۇ سەزگۈر ۋە ئېھتىياتچان بولۇشىمىزنىڭ لازىملىقىنى ئەسكەرتتى. كېيىنچە گېرمانىيەدە تەكشۈرۈلگەن بىرقانچە جاسۇس گۇماندارلىرىمۇ ئەمەلىيەتتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ياكى مۇھاجىرەتتىكى باشقا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدا ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بارغان كىشىلەردىن ئەمەس. بۇ ھال بىزگە خىتاي ئۈچۈن ئىشلەيدىغان جاسۇسلارنىڭ كۆپ قىرلىق ھەم بىز ئويلاپ باقمىغان كىشىلەردىن بولۇپ قېلىش مۇمكىنچىلىكىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرسەتتى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بۇ بىزگە بىر ئاچچىق دەرس ھەم چوڭقۇر تەجرىبە – ساۋاق بولدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/shiwetsiye-xitay-jasusluq-05062015212201.html

Share
2691 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.