logo

trugen jacn

شىۋېتسىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا چېتىلغان زور جاسۇسلۇق دېلوسى ۋە ئۇنىڭ باش-ئاخىرى-10A

image (1)

قۇتلان

اڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

قىسىم-10(A): جاسۇسنىڭ سوتقا تارتىلىشى

62 ياشلىق ئۇيغۇر جاسۇس گۇماندارى تۇتۇلغاندىن كېيىن شىۋېتسىيە ئادالەت مىنىستىرلىقى بۇ دېلوغا ئىنتايىن ئىنچىكىلىك ۋە ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ.

سىتوكھولم شەھىرىنىڭ پۇلخېمسگاتان كوچىسىدىكى 30 -نومۇرلۇق قورۇدا مەزكۇر دېلونىڭ 2000 بەتكە يېقىن ماتېرىيالى مەخسۇس گۇرۇپپىدىكى خادىملارنىڭ بىرقانچە ئايلىق ئەمگىكى جەريانىدا ھازىرلىنىدۇ.

بۇ ھەقتە شىۋېتسىيە دۆلەت رادىئوسى مەخسۇس خەۋەر بېرىپ مۇنۇلارنى بىلدۈرىدۇ: «سەپو، يەنى شىۋېتسىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ مەخسۇس خادىملىرى سىتوكھولم شەھىرىنىڭ پۇلخېمسگاتان كوچىسى 30-نومۇرلۇق قورۇغا جايلاشقان ئاخبارات مەركىزىدە مەزكۇر جاسۇسلۇق دېلوسىغا دائىر ماتېرىياللارنى 4 ئاي ئانالىز قىلىدۇ ھەمدە 2000 بەتكە يېقىن دوكلات تەييارلايدۇ. ھالبۇكى، 62 ياشلىق جاسۇس قولغا ئېلىنغان دەسلەپكى كۈنلەردە ئۆز جىنايىتىگە ئىقرار قىلماي تۇرۇۋالىدۇ.»

يېرىم يىلدىن كۆپرەك تەييارلىقتىن كېيىن، 2009-يىلى 12-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا 62 ياشلىق جاسۇس تۇنجى قېتىم رەسمىي سوراق قىلىنىدۇ. 2010-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۇ سىتوكھولم شەھەرلىك سوت مەھكىمىسىدە بىرىنچى قېتىم سوتلىنىدۇ.

مەزكۇر سوتتا گۋەنتانامو تۈرمىسىدىن «گۇناھسىز» دەپ قويۇپ بېرىلىپ، ئاۋۋال ئالبانىيەگە، ئاندىن شىۋېتسىيەگە يەرلەشكەن ئادىل ھېكىمجان تەكلىپ بويىچە گۇۋاھلىق بېرىدۇ.

شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ سابىق رەئىسى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندىمۇ ئەينى چاغدا ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ماھىنۇر ھەسەنوۋا خانىم بىلەن بىللە سوتقا قاتناشقانلىقىنى ئەسلىمە قىلىدۇ.

مەزكۇر دېلونى پاش قىلىش گۇرۇپپىسىدىكى سەپو خادىملىرىدىن توماس لىندسترۆم بىلەن جاسۇسلۇققا قارشى ئانالىزچى ۋىلھېلم ئۇنگې قاتارلىق كىشىلەر جاسۇس گۇماندارىنىڭ شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىنىڭ ئۇچۇرىنى خىتاي ئەلچىخانىسىغا يەتكۈزگەنلىكى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىدۇ.

ئادىل ھېكىمجان، ئەينى چاغدىكى سوت ھەققىدە ئەسلىمە قىلىپ، ئۇيغۇر جاۋابكارنىڭ سوتتا ھېچقانداق ئىش بولمىغاندەك بېزىرىپ ئولتۇرغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندىمۇ جاۋابكارنىڭ سوت مەيدانىدا سىرتتىن قاتناشقان ئۇيغۇرلارنى قەستەن كۆرمەسكە سالغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

Share
1382 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.