logo

trugen jacn

شىۋېتسىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا چېتىلغان زور جاسۇسلۇق دېلوسى ۋە ئۇنىڭ باش-ئاخىرى

image

رەسىمدىكى قولىنى كۆتۈرۈپ تۇرغان ئەر بابۇر مەخسۇت، ئوڭ تەرەپتىكى خىتاي ئايال شىۋېتسىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلغان خىتاي ئايال دىپلومات جوۋ لۇلۇ. 2010-يىلى.

قۇتلان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

جاسۇسنىڭ تورغا ئىلىنىشى2-قىسىم

1990-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا تۇنجى تۈركۈمدىكى ئۇيغۇر كۆچمەنلەر ھەر خىل يوللار بىلەن شىۋېتسىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىشقا باشلايدۇ.

شىمالىي ياۋروپادىكى بۇ تىنچ ۋە پاراۋان ئەلدە تۇنجى تۈركۈمدىكى ئۇيغۇر جامائىتى شەكىللەنگەن كۈندىن ئېتىبارەن ئۇلارنىڭ ئۆز ۋەتىنى ئۈچۈن توۋلىغان سادالىرىمۇ ياڭراشقا باشلايدۇ.

شۇ يىللاردا مەرھۇم كۈرەش كۈسەن، فارۇق سادىق قاتارلىق كىشىلەرنىڭ باشچىلىقىدا تۇنجى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇپ، شىۋېتسىيە خەلقىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى ئاڭلىتىلىدۇ.

دەل شۇ مەزگىللەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىۋېتسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ھەرقايسى ئەللەردە يوشۇرۇن ئاخبارات توپلاش، تېخنىكا ئوغرىلاش شۇنداقلا تىبەت ۋە ئۇيغۇر كۆچمەنلىرىنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات يىغىشتەك جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىمۇ كۈچىيىشكە باشلايدۇ.

سەپو، يەنى شىۋېتسىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ جاسۇسلۇققا قارشى ئىستراتېگىيە ئانالىزچىسى ۋىلھېلىم ئۇنگې 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاينىڭ ئامېرىكا قاتارلىق دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەتلەردىلا ئەمەس، بەلكى شىۋېتسىيەدەك بىتەرەپ دۆلەتلەردىمۇ ئۇيغۇر قاتارلىق سىياسىي كۆچمەنلەرگە دائىر ئاخباراتلارنى توپلاشقا باشلىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

شىۋېتسىيە تاراتقۇلىرى ئاشكارىلىغان ئۇچۇرلار ھەمدە سىتوكھولم شەھەرلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ 2010-يىلى 8-مارتتىكى سوت ماتېرىيالىغا قارىغاندا، شىۋېتسىيە خەۋپسىزلىك تارماقلىرى 2007-يىلىنىڭ باشلىرىدىن باشلاپلا سىتوكھولمدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ مەخپىي ھەرىكەتلىرىگە دىققەت قىلىشقا باشلايدۇ.

شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى رەئىسى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت بۇ ھەقتە مەخسۇس توختىلىپ، شىۋېتسىيە خەۋپسىزلىك خادىملىرىنىڭ 2007-يىللاردىلا سىتوكھولمدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتى مەسئۇللىرى بىلەن بۇ ھەقتە سۆھبەتلەشكەنلىكىنى ئەسلەيدۇ.

سىتوكھولمدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى سىياسىي باشقارمىسىنىڭ مۇشاۋۇرى جۇ لۇلۇ ۋە ئۇنىڭ گۇمانلىق ھەرىكىتى ئەڭ دەسلەپ شىۋېتسىيە خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ دىققىتىنى چېكىدۇ. ئايال «دىپلومات» سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان بۇ خىتاي ئەلچىخانا خادىمى دىپلوماتىيە دائىرىسى ۋە ئەلچىخانا خادىملىرىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىدىن ھالقىپ چىقىپ ئاخبارات توپلاشقا باشلايدۇ.

سەپو خادىملىرى ئۇزۇن ئۆتمەيلا خىتاي ئەلچىخانىسىدىكى بۇ «سىرلىق» دىپلوماتنىڭ «مۇخبىر» قىياپىتىدىكى يەنە بىر خىتاي ئەر بىلەن قويۇق مۇناسىۋىتى بارلىقىنى بايقايدۇ.

ئۇلار ئىز بېسىپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە لېي دا ئىسىملىك بۇ ئەرنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسىدىكى ئايال دىپلومات جۇ لۇلۇنىڭ ئېرى ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرىدۇ. سەپو خادىملىرى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ كۆزىتىش جەريانىدا، خىتايدىكى «خەلق گېزىتى» نىڭ سىكاندىناۋىيە ئەللىرىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە مۇخبىرى دېگەن نام بىلەن ئاخبارات توپلاۋاتقان لېي دانىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مەخپىي ئوفىتسېرى ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقىدۇ.

سەپو خادىملىرى خىتاي دىپلومات جۇ لۇلۇ بىلەن «مۇخبىر» قىياپىتىدىكى لېي دانى جىددىي كۆزىتىۋاتقان مەزگىللەردە، يەنى 2008-يىلىنىڭ يانۋار ئېيىدا ئۇلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۈچىنچى بىر گۇماندارنى بايقايدۇ.

60 ياشلار ئەتراپىدىكى خىتايچىنى راۋان سۆزلەيدىغان بۇ ئۇيغۇرنىڭ ھەم خىتاي ئەلچىخانىسىدىكى ئايال «دىپلومات» بىلەن ھەم لېي دا ئىسىملىك خىتاي «مۇخبىر» بىلەن بولغان مەخپىي ئالاقىسى سەپو خادىملىرىنىڭ دىققىتىنى چېكىدۇ.

شۇنىڭدىن ئېتىبارەن سەپو خادىملىرى ئۇلارنىڭ ئۈچ بۇرجەكلىك مەخپىي تېلېفون ئالاقىسى ۋە خۇپىيانە ئۇچرىشىشلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىدۇ. 60 ياشلاردىكى خىتايچىنى راۋان سۆزلەيدىغان بۇ ئۇيغۇرنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسىدىكى ئالاھىدە خادىملارغا ئاخبارات يەتكۈزىدىغانلىقى جەزىملەشتۈرۈلگەن ھامان، سەپو خادىملىرى ئۇلار توغرىلىق دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىدۇ.

سەپو خادىملىرى شىۋېتسىيە ئادالەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاھىدە تەستىقى بىلەن 2008-يىلى 11-ئاپرېل كۈنى خىتاي ئايال «دىپلومات» بىلەن 60 ياشلاردىكى ئۇيغۇر جاسۇسنىڭ ئۇچرىشىشىنى تۇنجى قېتىم نەق مەيداندىن كۆزىتىدۇ. ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى خۇپىيانە تىڭشايدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سەپو خادىملىرى يەنە، «مۇخبىر» قىياپىتىدىكى لېي دا ئىسىملىك خىتاي بىلەن 60 ياشلاردىكى ئۇيغۇر جاسۇسنىڭ تېلېفون ئالاقىسى ۋە بىۋاسىتە ئۇچرىشىشلىرىنىمۇ مەخپىي كۆزىتىدۇ.

خىتاي ئەلچىخانىسىدىكى ئايال «دىپلومات» ۋە ئۇنىڭ «مۇخبىر» قىياپىتىدىكى ئېرى 60 ياشلىق ئۇيغۇر جاسۇس گۇماندارى بىلەن سىتوكھولمدىكى خىتايلار ئاچقان يېڭى بېيجىڭ رېستورانىدا، يوردخاگېن كاۋاپخانىسىدا، يوھانسخوۋدىكى پىزاخانىدا، ئەلخۆدىكى كافېخانىدا، گراند خوتەلدە ۋە سلۇسسېندىكى ماكدونالدستا ئۇچرىشىدۇ.

دەرۋەقە، شۇ مەزگىللەردە 60 ياشلاردىكى بۇ سىرلىق كىشىنىڭ خىتايلار بىلەن خۇپىيانە ئۇچرىشىپ تۇرۇشى ۋە ئۇنىڭ بىر قىسىم گۇمانلىق ھەرىكەتلىرى سىتوكھولمدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ كۆزىگىمۇ چېلىقىدۇ.

ئەينى ۋاقىتتا شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ كاتىپلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ئابدۇشۈكۇر سامساق ئەپەندى ئۆزىنىڭ 2008-يىلى 3-ئاي مەزگىلىدە 62 ياشلىق بۇ كىشىنى سلۇسسېندىكى مەكدونالدستا بىر خىتاي ئايال بىلەن كۆرگەنلىكىنى ئەسلىمە قىلىدۇ.

سەپو خادىملىرى 2008-يىلى 1-ئايدىن تاكى 2009-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى جاسۇس گۇماندارى رەسمىي قولغا ئېلىنغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسىدىكى ئايال «دىپلومات» ۋە ئۇنىڭ «مۇخبىر» قىياپىتىدىكى ئېرى بىلەن ئەڭ ئاز دېگەندە 180 قېتىمدىن كۆپرەك مەخپىي تېلېفون ئالاقىسى قىلغانلىقىنى بايقايدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە 59 قېتىملىق تېلېفون ئالاقىسى كوچىدىكى ئاممىۋى تېلېفوندا، قالغانلىرى جاسۇس گۇماندارىنىڭ قولىدىكى 9 دانە قول تېلېفونىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئىككى دانە قول تېلېفون مەخسۇس قارشى تەرەپكە سىگنال بېرىش ئۈچۈنلا ئىشلىتىلىدۇ.

ئۇندىن باشقا، 60 ياشلاردىكى بۇ جاسۇس گۇماندارى شىۋېتسىيە خەۋپسىزلىك خادىملىرىنىڭ يوشۇرۇن كۆزىتىشى ئاستىدا خىتاي دىپلوماتى جۇ لۇلۇ بىلەن 6 قېتىم، «مۇخبىر» قىياپىتىدىكى لېي دا بىلەن 10 قېتىم ئوخشىمىغان ئورۇنلاردا ئۇچرىشىدۇ. بۇ 16 قېتىملىق ئۇچرىشىش جەريانىدا ئۇلار باشقىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ قويماسلىق ئۈچۈن 29 نۆۋەت ئورۇن يۆتكەيدۇ.

شىۋېتسىيە خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ جاسۇسلۇققا قارشى ئانالىزچىسى ۋىلھېلم ئۇنگې بۇ ھەقتە تەھلىل يۈرگۈزۈپ، «ئۇلارنىڭ بۇ خىل ھەرىكىتى دەل كلاسسىك ئىشپىيونلۇق ماھارەتلىرىنىڭ بىر تۈرىگە كىرىدۇ» دەپ ئېنىقلىما بېرىدۇ.

سەپو خادىملىرى شىۋېتسىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا چېتىلغان بۇ زور جاسۇسلۇق دېلوسىنى بىر يېرىم يىل ئىز بېسىپ تەكشۈرۈش، مەخپىي ئاڭلاش ھەمدە تولۇق دەلىل-ئىسپاتلارنى توپلاش ئارقىلىق 2009-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى 62 ياشلىق جاسۇس گۇماندارىنى تۇتىدۇ.

بۇ ئۈرۈمچىدە «5-ئىيۇل قانلىق ۋەقەسى» يۈز بېرىشتىن بىر ئاي بۇرۇنقى ۋەقە ئىدى!

جاسۇس تۇتۇلدى. ۋەھالەنكى، شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى خىتاي جاسۇسنىڭ قارا كۆلەڭگىسى تاشلىغان ۋەھىمە ۋە ھەيرانلىق ئىچىدە چۆچۈپ ئويغاندى. جاسۇسنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە سالغان ۋەھىمىسى ئۇلارنىڭ يىراقتىكى مۇنقەرز ۋەتىنى ئۈچۈن سوققان يۈرىكى ۋە چوقانلىرىنى توختىتىپ قالالمىدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/shiwetsiye-xitay-jasusluq-05072015155208.html

Share
1878 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.