logo

trugen jacn

شىۋېتسىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا چېتىلغان زور جاسۇسلۇق دېلوسى ۋە ئۇنىڭ باش – ئاخىرى-11

00ad11f3-c080-41e0-82cb-96a86da6ebd3

قۇتلان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

 

قىسىم-11: جاسۇس قالدۇرغان ۋەھىمە ۋە جاراھەتلەر

جاسۇس تۇتۇلۇپ قانۇن بويىچە سوتقا تارتىلىشنىڭ ئالدى – كەينىدە شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى قانداق ئىنكاسلاردا بولدى؟ ستوكھولمدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا چېتىلغان مەزكۇر جاسۇسلۇق دېلوسى مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي كۈرەشلىرى ۋە كۈندىلىك ھاياتىغا قانداق تەسىرلەرنى كۆرسەتتى؟

شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ سابىق رەئىسى ئابدۇللا كۆكيار ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇنۇلارنى ئىلگىرى سۈرىدۇ: «خىتاي ھۆكۈمىتى 1990 – يىللارنىڭ ئاخىرىلىرىدىلا ئۆز جاسۇسلىرىنى ھەر خىل يوللار بىلەن چەتئەللەرگە ئەۋەتىپ ئۇ يەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئارىسىغا كىرگۈزگەن. بۇنى كېيىنكى رېئاللىق ئىسپاتلىدى. شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتى تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىغا يوشۇرۇنغان خىتاي جاسۇسىنى تۇتۇپ سوتلىدى، ئاندىن گېرمانىيە ۋە باشقا بىر قىسىم ئەللەرمۇ جاسۇسلارنىڭ ھەرىكىتىگە چەك قويدى. ھالبۇكى، بۇنىڭلىق بىلەن جاسۇسلارنىڭ ھەرىكىتى ۋە پائالىيەتلىرى توختاپ قالمايدۇ. شۇڭا مەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە ھەر ۋاقىت سەگەك بولۇشنى، ھەتتا قېتىقنىمۇ بىر قېتىم پۈۋدىۋەتىپ ئىچىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن…»

شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ سابىق رەئىسى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندىمۇ 2009 – يىلى ئۇيغۇر جاسۇس تۇتۇلغاندىن كېيىن شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتلىرىنىڭ بىر مەھەل پەسكۇيغا چۈشكەنلىكىنى، بىر قىسىم ئىرادىسى ئاجىز ئۇيغۇرلارنىڭ تەشۋىش ۋە پىسىخىكىلىق بېسىم ئىچىدە قالغانلىقىنى ئەسلىمە قىلىدۇ.

ستوكھولم شەھەرلىك سوت مەھكىمىسىدە 62 ياشلىق ئۇيغۇر جاسۇسنىڭ جاسۇسلۇق قىلمىشى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن سەپو خادىمى توماس لىندسترۆم مۇنۇلارنى تەكىتلەيدۇ: «ئىنسانلار ھۆر ۋە ئەركىن ھاياتقا ئېرىشىش ئۈچۈن بىر ئەلدىن يەنە بىر ئەلگە كۆچىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار ئەركىن دۇنياغا قەدەم باسقاندىن كېيىنمۇ ئەركىن بولالمىسا ياكى باشقىلار تەرىپىدىن كونترول قىلىنسا، بۇنىڭ ئۆزى زور تراگېدىيەدۇر.»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا شىۋېتسىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا چېتىلغان جاسۇسلۇق دېلوسىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرىنىڭ ئىنتايىن زور بولغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇ مەزكۇر دېلو مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا سەلبىي تەسىر ئېلىپ كېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، بىزگە ئاچچىق تەجرىبە – ساۋاقمۇ ئاتا قىلدى، دەيدۇ.

شىۋېتسىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ جاسۇسلۇققا قارشى دېلو ئانالىزچىسى ۋىلھېلم ئۇنگې مەزكۇر جاسۇسلۇق دېلوسىنىڭ شىۋېتسىيە دېموكراتىيەسىگە تەھدىت ئېلىپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ: «مەزكۇر جاسۇسلۇق دېلوسىدىكى جاسۇس گۇماندارى شۇنداقلا پەردە ئارقىسىدىكى يوشۇرۇن تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ بىر قاتار قىلمىشلىرى ئاساسىي قانۇن ئارقىلىق پۇقرالارنىڭ سۆز ۋە پىكىر ئەركىنلىكى، سىياسىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ھوقۇقى ھەمدە ئەركىن ياشاش ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان شىۋېتسىيە دېموكراتىيەسىگە ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كەلدى.»

دولقۇن ئەيسا ئاخىرىدا پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە خىتاي جاسۇسلىرىدىن ھەرۋاقىت ھۇشيار بولۇشنى، ئىلگىرىكى تەجرىبە – ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى بولغان زىيانلاردىن ساقلىنىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/jasusluq-07102015183426.html

Share
1711 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.