logo

trugen jacn

شىۋېتسىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا چېتىلغان زور جاسۇسلۇق دېلوسى ۋە ئۇنىڭ باش-ئاخىرى-10B

00ad11f3-c080-41e0-82cb-96a86da6ebd3

قۇتلان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

قىسىم : 10جاسۇسنىڭ سوتقا تارتىلىشى

بىرقانچە قېتىملىق سوتتىن كېيىن 2010-يىلى 8-مارتتا شىۋېتسىيە سوتى 62 ياشلىق ئۇيغۇر جاسۇسنىڭ دېلوسى ئۈستىدىن ئاخىرقى ھۆكۈمنى ئېلان قىلىدۇ. جاسۇس شىۋېتسىيەدە قانۇنسىز جاسۇسلۇق قىلمىشى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن 1 يىل 4 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ.

سوت قارارى ئېلان قىلىنىپ، ئىككىنچى كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىنكاس قايتۇرىدۇ. خىتاي باياناتچى چىن گاڭ بېيجىڭدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بايانات بېرىپ، «شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگولۇق دىپلومات بىلەن مۇخبىرنى جاسۇسلۇق بىلەن ئەيىبلىشىنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق. ئۇ جاۋاب بېرىشكىمۇ ئەرزىمەيدۇ!» دەيدۇ.

شىۋېتسىيە دۆلەت رادىئوسىنىڭ مۇخبىرى سىتوكھولمدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا تېلېفون قىلىپ، جاسۇسلۇق قىلمىشى بىلەن شۇغۇللانغان خىتاي ئايال دىپلوماتى جۇ لۇلۇ ھەققىدە سوئال سورايدۇ. خىتاي ئەلچىخانىسىدىكى نۆۋەتچى خادىم شىۋېت مۇخبىرى سورىغان سوئاللارنىڭ ھەممىسىگىلا «بىلمەيمەن» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. شىۋېت مۇخبىرى ئاخىرىدا ئۇنىڭدىن، «ئۇنداقتا، ئىسمىڭىز نېمە؟» دەپ سورىغاندا ھودۇقۇپ كەتكەن خىتاي خادىم: «بىلمەيمەن!» دەپ كۈلكىلىك جاۋاب بېرىدۇ.

شىۋېتسىيە سوتى تولۇق دەلىل ئىسپاتلارنىڭ تىركىشى ۋە شىۋېتسىيە قانۇنىدىكى مۇناسىۋەتلىك ماددىلار بويىچە ئۇيغۇر جاسۇسقا بىر يىل 4 ئايلىق قاماق جازاسى بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بۇنىڭغا رازى بولماي ئالىي سوتقا ئەرز سۇنىدۇ. شىۋېتسىيە ئالىي سوتى ئۇنىڭ دېلوسىغا قايتا قاراپ چىقىپ ئۇنىڭغا يەنە 6 ئايلىق قاماق جازاسى قوشىدۇ. بۇنىڭ بىلەن 62 ياشلىق جاسۇس جەمئىي 1 يىل 10 ئايلىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنىدۇ.

شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ سابىق رەئىسى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئەينى چاغدا شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ 62 ياشلىق جاسۇسقا بېرىلگەن جازاغا رازى بولمىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ نۆۋەتتىكى رەئىسى ئەخمەتجان تۇرسۇن جاسۇسقا بېرىلگەن جازا ھەققىدە توختىلىپ مۇنۇلارنى ئىلگىرى سۈرىدۇ: «تارىخنىڭ ئەڭ خەتەرلىك باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر مىللىتى ئارىسىدىن چىقىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەنپەئىتىنى ساتقان ۋە خىتاي ئۈچۈن ئىشلىگەن بۇ جاسۇسقا ئەسلىدە ئۆلۈم ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسىمۇ ئازلىق قىلىدۇ. ھالبۇكى، بۈگۈن ئۇيغۇرلاردا بۇنداق ساتقۇنلارنى جازالايدىغان ھاكىمىيەت ۋە ئۇنىڭ قانۇن ئىجراچىلىرى يوق. شۇڭا بىز شىۋېتسىيە قانۇنىنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن جازاسىغا ۋاقتىنچە رازى بولماقتىن باشقا تاللىشىمىز يوق. شۇنى تەكىتلەش زۆرۈركى، ئۇيغۇر خەلقى بۈگۈنكىدەك ئەڭ قىيىن بىر مەزگىلدە ئۆز مىللىتىگە ئاسىيلىق قىلغان مىللىي ساتقۇننىڭ قىلمىشىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ. ئىنشائاللا، بۇنىڭ سورىقىنى ئالىدىغان بىر كۈننىڭ چوقۇم كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/mulahize/uyghur-radiosi-07012015152043.html

Share
1377 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.