logo

trugen jacn

شىنجاڭ گېزىتى ئىدارىسىنىڭ ئىشخانا مۇدىرى: گېزىتخانىمىزدىن 4 ئۇيغۇر خادىمنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى راست

 

 

 

«شىنجاڭ گېزىتى» ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ باش مۇھەررىرى ئىلھام ۋەلى ئەپەندى.«شىنجاڭ گېزىتى» ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ باش مۇھەررىرى ئىلھام ۋەلى ئەپەندى.

00:00

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

«شىنجاڭ گېزىتى» ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ باش مۇھەررىرى ئىلھام ۋەلى قاتارلىق 4 ئۇيغۇر خادىمنىڭ «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئاشكارىلاندى.

ئاشكارىلىنىشىچە باش مۇھەررىر ئىلھام ۋەلى 7-ئاينىڭ ئاخىرقى ھەپتىسى تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ ھەرقايسى تارماق بۆلۈم مۇدىرلىرىدىن مىركامىل ئابلىمىت، مەمتىمىن ئوبۇل ۋە جۈرئەت ھاجىلار 8-ئاينىڭ 6-كۈنى تۇتقۇن قىلىنغان. بايان قىلىنىشىچە، ئۇلار تۇتۇلغاندا گېزىتخانىدا چوڭ يىغىن ئېچىلىپ، پۈتۈن ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئالدىدا قوللىرىغا «كويزا سېلىنىپ» مېڭىلغان.

ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرى ئۆتكەن ھەپتە رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللاپ «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى ئىلھام ۋەلى ۋە ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ تارماق بۆلۈم مۇدىرلىرىدىن مىركامىل ئابلىمىت، مەمتىمىن ئوبۇل ۋە جۈرئەت ھاجى قاتارلىق 4 ئاخبارات خادىمىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى مەلۇم قىلدى. «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىنىڭ ئىشخانا مۇدىرى ليۇ جيەنروڭ يۇقىرىقى 4 خادىمنىڭ تۇتۇلغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرنىڭ راستلىقىنى ئىنكار قىلمىدى. ئۇ ئىلھام ۋەلى بىلەن مىركامىل ئابلىمىتنىڭ قايسى كۈنى تۇتۇلغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى، ئارقىدىن مۇناسىپ سوئاللىرىمىزغا جاۋابەن بۇ ئەھۋالنىڭ بىر دۆلەت مەخپىيەتلىكى ئەمەسلىكىنى، ئۆزىنىڭ ئەھۋالدىن خەۋەردارلىقى، ئەمما دېلونىڭ تەپسىلاتىدىن مەلۇماتى يوقلۇقىنى بايان قىلدى. ئۇ بۇ دېلونى گېزىتخانىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش بۆلۈمىنىڭ ياخشى بىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

گېزىتخانا ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىمۇ ئىلھام ۋەلى، مىركامىل ئابلىمىت قاتارلىق 4 نەپەر ئۇيغۇر ئاممىۋى ئاخبارات خادىمىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىق ئۇچۇرىنى رەت قىلمىدى. ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ باشلىقى شۆ باۋيىڭ ئۆزلىرىنىڭ بۇ دېلونى تەكشۈرۈشكە ئارىلاشقانلىقى، ئەمما ئاساسلىق رول ئوينىمىغانلىقى، دېلونى تەكشۈرگەن ۋە بىر تەرەپ قىلغۇچى ئورۇننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلار ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. شۆ باۋيىڭ ئىلھام ۋەلىلەرنىڭ قايسى ج خ تارمىقى تەرىپىدىن تۇتۇلغانلىقى ۋە نەدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا، بۇ ئەھۋالغا تەپسىلىي جاۋاب بېرىش ئىمكانى بولغان ئورۇننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاستا گېزىتخانىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى ئىلھام ۋەلىنىڭ، مۇدىر مىركامىل ئابلىمىت قاتارلىق قالغان 3 مۇدىردىن ئاۋۋال تۇتۇلغانلىقى، قالغان ئۈچ مۇدىرنىڭ چوڭ بىر يىغىن زالىدىن كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى بايان قىلىنغان.

«شىنجاڭ گېزىتى» خىتاي بۆلۈمىنىڭ بىر خادىمى مەزكۇر 3 خادىمنىڭ يىغىن زالىدىن ئەكېتىلگەنلىكىنى دەلىللىدى. ئەمما ئۇ شۇ كۈنىدىكى يىغىنغا «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ پۈتۈن خادىملىرى ئەمەس، پەقەت باشقارما دەرىجىلىك كادىرلىرى قاتناشقانلىقى ۋە دېلونىڭ تەپسىلاتىنىڭ ئادەتتىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن يوشۇرۇن تۇتۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ خادىم بۇ 4 ئۇيغۇرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش سەۋەبى ۋە جەريانى ھەققىدە گۈلى ئىسىملىك بىر باشقارما باشلىقىنىڭ خەۋەردار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئەمما مەزكۇر باشقارما باشلىقى بۇ 4 ئۇيغۇرنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى.

ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى خادىمى 4 كىشىنىڭ بىر ئاي ئاۋۋال تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى، ئەمما ئېنىق كۈنىنى دەپ بېرەلمىدى. رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاستا مىركامىل ئابلىمىت قاتارلىقلارنىڭ يىغىن زالىدىن ئېلىپ مېڭىلغاندا «قولىغا كويزا سېلىنىپ ئېلىپ مېڭىلغانلىقى» ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

بىز ئىشخانا مۇدىرى ليۇ جيەنروڭنىڭ تەۋسىيەسى ۋە ئۇ تەمىنلىگەن تېلېفون نومۇرىغا ئاساسەن گېزىتخانىنىڭ مۇپەتتىش بۆلۈمىگە تېلېفون قىلدۇق. مەلۇم بولۇشىچە، باش مۇھەررىر ئىلھام ۋەلى 7-ئاينىڭ ئاخىرقى ھەپتىسى تۇتقۇن قىلىنغان، ئۇنىڭدىن بىر ھەپتە كېيىن قالغان ئۈچ مۇدىر تۇتقۇن قىلىنغان. بۇلار ھەممىسىلا «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلەنگەن.

رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاستىن مەلۇم بولۇشىچە تۇتقۇنلاردىن ئىلھام ۋەلى 55 ياش، مىركامىل ئابلىمىت 50 ياش، مەمتىمىن ئوبۇل 52 ياش ۋە جۈرئەت ھاجى 53 ياشتۇر.

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/gezitxana-xadimi-09042018141443.html

Share
2796 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.