logo

trugen jacn

شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى شائىر ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى دەلىللىدى

شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئاتاقلىق شائىر ۋە ئەدىب ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى دۆلەت ئامانلىقى ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئېنىقلاندى. بۇ ئۇچۇر مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئامانلىق باشقارمىسى سىياسىي ئىشلار بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى فېڭ ۋېنچياڭ تەرىپىدىن دەلىللەندى. فېڭ ۋېنچياڭ ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ 29‏-يانۋار كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك دۆلەت ئامانلىقى ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى بايان قىلدى

شائىر ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ تۇتۇلغانلىقى بۇنىڭدىن بىر ئايچە ئىلگىرى ئاڭلىغۇچىلىرىمىز تەرىپىدىن رادىيومىزغا يەتكۈزۈلگەن ئىدى. ئەمما ئۈرۈمچىدىكى ئالاقىدار ئىدارە-ئورگانلار ئابدۇقادىر جالالىدىن ھەققىدە مەلۇمات بېرىشىنى ئىزچىل تۈردە رەت قىلىپ كەلگەن ئىدى. ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرى گېرمانىيەدىكى «شەرقى تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى» قاتارلىق ئىجتىمائىي ئاخبارات ۋاستىلىرىمۇ ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ تۇتۇلغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن ئىدى

ئۇيغۇر دىيارىغا قارىتا ئىزچىل داۋاملاشقان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا كۆپىنچە خادىملار ئەھۋال ھەققىدە مەلۇمات بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى. شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى قوغداش باشقارمىسىنىڭ بىر خادىمى ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ 3 ئايدىن بېرى مەكتەپتە يوقلۇقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ يەنە ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ تۇتۇلۇپ كەتكەنلىكى ھەققىدە جەمئىيەتتە گەپ تارقالغانلىقى، ئەمما مەكتەپنىڭ رەسمىي يوسۇندا بۇ ۋەقەنى ئىشچى-خىزمەتچىلىرىگە تېخى ئۇقتۇرمىغانلىقىنى بايان قىلدى. مەكتەپ قوغداش باشقارمىسى سىياسىي ئىشلار بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى فېڭ ۋېنچياڭ، ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى دەلىللىدى. تېلېفون زىيارىتىمىز داۋامىدا خاتىرىسىدىكى تۇتقۇنلار تىزىملىكىگە ئەستايىدىل قاراپ چىققان فېڭ ۋېنچياڭ، ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك دۆلەت ئامانلىق ساقچى ئەترىتى تەرىپىدىن بۇ يىل 1‏-ئاينىڭ 29‏-كۈنى تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى بايان قىلدى

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، بۇ ئۇچۇر دەلىللىنىشتىن ئاۋۋال، يەنى ئۆتكەن جۈمە كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئابدۇقادىر جالالىدىن ھەققىدە مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ تۇتۇلغانلىق خەۋىرىنى خەلقئارا جامائەتكە كەڭ كۆلەمدە يەتكۈزۈشكە دەۋەت قىلغان ئىدى. بۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئابدۇقادىر جالالىدىننى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/abduqadir-jalalidin-tutuqlandi-04232018222333.html

Share
1797 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.