logo

trugen jacn

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى تاشپولات تېيىپ «سىياسىي مەسىلە» سەۋەبىدىن تەكشۈرۈلمەكتە

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

2017-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى، پروفېسسور تاشپولات تېيىپنىڭ مەكتەپ مۇدىرلىقىدىن قالدۇرۇلغانلىقى ۋە تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى ھەققىدە تۈرلۈك گەپ-سۆزلەر تارقالغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ يېقىندا ئەھۋال ئېنىقلاشلىرى جەريانىدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ خادىملىرى سابىق مەكتەپ مۇدىرى تاشپولات تېيىپنىڭ نۆۋەتتە «تۇتۇپ تۇرۇلۇپ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى» نى دەلىللىدى.

«شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بۇلاق كۆل تورى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 2017-يىلى 31-مارت كۈنى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئەڭ ئالىي بىلىم يۇرتى بولغان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا «كادىرلار يىغىنى» ئېچىلغان ھەمدە ش ئۇ ئا ر پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە قالدۇرۇش قارارى» يەتكۈزۈلگەن. مەزكۇر يىغىنغا ش ئۇ ئا ر پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى لى پېڭشىننىڭ بىۋاسىتە قاتنىشىشىنىڭ ئۆزىلا بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئادەتتىكى بىر يىغىن ئەمەسلىكىدىن بېشارەت بېرەتتى. يىغىندا ش ئۇ ئا ر پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مەخسۇس قارارى ئوقۇپ ئۆتۈلگەن ھەمدە مەكتەپ مۇدىرى تاشپولات تېيىپنىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغانلىقى، ئورنىغا ۋەلى باراتنىڭ مەكتەپ مۇدىرلىقىغا تەيىنلەنگەنلىكى جاكارلانغان.

يىغىندا 2010-يىلىدىن بۇيان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلەۋاتقان تاشپولات تېيىپنىڭ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ كەلگەنلىكى، ئادەم تەربىيەلەشنى ئاساس قىلىشتەك باش نىشاندا چىڭ تۇرۇپ، رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ سىياسىي ئىدىيەۋى قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتقانلىقى قاتارلىق تۆھپىلىرىگە يۇقىرى باھا بېرىلگەن شۇنىڭدەك ئۇنىڭ بۇ تۆھپىلىرىگە پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ يۈكسەك ئېھتىرام ۋە ھۆرمەت بىلدۈرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

ھالبۇكى «پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت يۈكسەك ئېھتىرام بىلدۈرگەن» شەخس تاشپولات تېيىپ دائىملىق قائىدە بويىچە ئۆستۈرۈلۈش ئورنىغا شۇ قېتىملىق يىغىندىن كېيىن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىن بىراقلا غايىب بولغان. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي جەمئىيەتتە تاشپولات تېيىپنىڭ تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى ۋە ئۇنىڭ مەخپىي بىر جايغا سولانغانلىقى ھەققىدە مىش-مىش پاراڭلار تارقىلىشقا باشلىغان. پاراڭلارنىڭ مەزمۇنى ۋە شەكلى ھەر خىل بولۇپ، بىر-بىرىدىن پەرقلىق ئىدى. بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللار توغرىلىق ھۆكۈمەت تەرەپ ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن ھەقىقىي ئەھۋالنىڭ راست-يالغان ئىكەنلىكىنىمۇ دەلىللەش قىيىنغا چۈشكەن ئىدى. ئارىدىن بىر يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەندە رادىيومىز بۇ ھەقتىكى بەزى تەپسىلاتلارنى ئېنىقلاشقا مۇۋەپپەق بولدى.

بىز بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللارنى ئېنىقلاپ كۆرۈش ئۈچۈن ئالدى بىلەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «مەكتەپ مۇدىرى ئىشخانىسى» بىلەن ئالاقىلەشتۇق. بىز تېلېفوننى ئالغان خىزمەتچى خادىمدىن «سابىق مەكتەپ مۇدىرى تاشپولات تېيىپ قولغا ئېلىنغان» دېگەن ئۇچۇر ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىدىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ئىشنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى، بۇ ئىشنىڭ تەپسىلاتىدىنمۇ خەۋىرى يوقلۇقىنى ئېيتتى. بىز ئۇنىڭدىن بۇ ھەقتە يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلاردىن بىرەر ئۇقتۇرۇش چۈشكەن-چۈشمىگەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ تۇرۇۋالدى. بىز تاشپولات تېيىپنىڭ نېمە خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكى ياكى قانداق جىنايەتكە چېتىلىپ قالغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ: «ھازىر تېخى ئۇنىڭ جىنايىتى بېكىتىلمىدى. بىزگىمۇ ھېچقانداق ئەھۋالنى ئۇقتۇرمىدى. شۇڭا مەن بىلمەيمەن،» دېدى. بىز ئۇنىڭدىن تاشپولاتنىڭ ھازىر تۈرمىدە ياكى «يېپىق تەربىيەلەش مەركىزى» دە ئىكەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
ئارقىدىن بىز شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كادىرلار باشقارمىسى بىلەن ئالاقىلەشتۇق. خىزمەتچى خادىم ئۆزىنىڭ بۇ ئىشتىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئىشىدىن قانداقلارچە خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا ئۆزىنىڭ بۇ گەپنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

شۇنىڭدىن كېيىن بىز شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى بىلەن ئالاقىلەشتۇق. . . خىزمەتچى خادىملاردىن بىرى بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ، ئۆزلىرىدەك ئاددىي خىزمەتچىلەرنىڭ بۇ ئىشلاردىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى، بۇ ھەقتىكى سوئاللارنى دۆلەتنىڭ مەخپىيەتلىك ئورگانلىرىدىن ۋە قانۇن ئورگانلىرىدىن سوراش كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

شۇنىڭ بىلەن بىز شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئامانلىق ۋە قوغداش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان ساقچى باشقارمىسىغا تېلېفون قىلدۇق. تېلېفوننى ئالغان ساقچى خادىمىدىن «تاشپولات تېيىپنى قولغا ئېلىشنى سىلەر ئورۇنلىغانمۇ؟» دەپ سورىغىنىمىزدا، ئۇ ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئىشقا ئارىلاشمىغانلىقىنى ئېيتتى ھەمدە بۇ خىلدىكى سوئاللارنى دەپ تېلېفون ئۇرماسلىقنى، ئۆزىنىڭمۇ بۇ ھەقتە ھېچنەرسە دەپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئاخىرىدا بىز شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بىلەن ئالاقىلەشتۇق. بۇ يەردىكى خىزمەتچى خادىملاردىن بىرى بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ، «تاشپولات تېيىپنىڭ نۆۋەتتە تېخىچە تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى، ئەمما ھازىرچە تېخى ئۇنىڭغا بىرەر جىنايەت بېكىتىلىپ قولغا ئېلىنمىغانلىقى» نى ئېيتتى.

ئالاقىدار ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، تاشپولات تېيىپ 1958-يىلى تۇغۇلغان. ئۇيغۇر دىيارىدىكى جۇغراپىيە ساھەسىدە ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بىرى بولغان تاشپولات 1992-يىلى ياپونىيەنىڭ توكيو تەبىئىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىن يىراقتىن سېزىش كەسپى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغاندىن كېيىن ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەن. 1993-يىلى ئۇيغۇرلاردىن چىققان ئەڭ ياش پروفېسسورلارنىڭ بىرى سۈپىتىدە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى جۇغراپىيە فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى، 1996-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، 2010-يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى، قوشۇمچە مەكتەپ پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى بولۇپ ئىشلىگەن. بۇ جەرياندا خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا قاتارلىق جايلاردىكى ئالىي مەكتەپلەردە كۆپ قېتىم خىزمەت زىيارىتىدە بولغان شۇنىڭدەك ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئەڭ كۆپ تەشۋىق قىلىنغان «ئۈلگىلىك شەخس» لەردىن بىرى بولۇپ كەلگەن ئىدى.

نۆۋەتتە ھەممىدىنمۇ بەك كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقان نۇقتىلارنىڭ بىرى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ تورىدىكى «مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ تارىخى» دېگەن سەھىپە بولماقتا. ئۇنىڭدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاساسى ھېسابلىنىۋاتقان، 1924-يىلى قۇرۇلغان «شىنجاڭ رۇسچە سىياسىي قانۇن مەكتىپى» دىن تارتىپ ھازىرقى «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ 2017-يىلىدىكى رەھبەرلىرىگىچە بولغان مەزگىلدىكى ليۇ ۋېنلوڭ، شېڭ شىسەي، بۇرھان شەھىدى، سەيپىدىن ئەزىزى قاتارلىق مۇدىرلارنىڭ تىزىملىكىدىن 2010-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە تاشپولات تېيىپ مەكتەپ مۇدىرى بولغان مەزگىل ۋە ئۇنىڭ ئىسمى چىقىرىۋېتىلگەن. ھالبۇكى، خىتاي كومپارتىيەسى ۋە پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقى «جاللات» دەپ باھا بەرگەن مىلىتارىست شېڭ شىسەي مەكتەپ مۇدىرى بولغان ئىككى يىللىق تارىخنىڭ بۇ ئىسىملىككە كىرگۈزۈلۈشى بۇنىڭ بىلەن روشەن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلغان.

نۆۋەتتە پروفېسسور تاشپولاتنىڭ «سىياسىي» ئەيىبلەش بىلەن تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى ئېنىق بولسىمۇ، ئەممە بۇنىڭ تەپسىلاتى نامەلۇم. ئەمما كۆپ قىسىم كىشىلەر ئۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا ئەۋج ئېلىشقا باشلىغان «ئىككى يۈزلىمىچىلەرنى تارتىپ چىقىرىش» ھەرىكىتىنىڭ قۇربانى بولغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئىجرا قىلغان بىر قاتار پرىنسىپاللىق مەسىلىلىرىدە «ئاكتىپ ماسلاشماسلىق» پوزىتسىيەسىدە بولغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلماقتا

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/tashpolat-teyip-02072018132253.html

Share
4274 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.