logo

trugen jacn

شىنجاڭ ئاق تاشلىق كىتابى دىكى ئۇيغۇر ئاتالغۇسىدىن چەتنەش ۋە ئاتالمىش «پاكىتلار» دىققەت قوزغىدى

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

خىتاي دۆلەت كابېنتى 1-ئىيۇن كۈنى «شىنجاڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتى» نامىدا ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلدى. خىتاي مەركىزى  ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلىشىدىكى مەقسىتى ۋە  كىتابتا « شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» نىڭ ئورنىغا ئاپتونوم رايون ياكى ھەر مىللەت خەلقى دېگەندەك ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشى ھەمدە رايوندىكى سىياسىتىنى ئاقلاپ ئوتتۇرىغا قويغان ئاتالمىش « كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات  پىلانى ۋە پاكىتلار»، خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ جىددىي  ئىنكاسىنى قوزغىدى.

1-ئىيۇن كۈنى خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن، مەركىزىي تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى، شىنجاڭ تېلىۋىزىيىسى، شىنخۇئا ئاگېنتلىقى قاتارلىق ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا، خىتاي  دۆلەت كابېنتىنىڭ «شىنجاڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتى» نامىدا  ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىنغانلىقى بىرلا ۋاقىتتا خەۋەر قىلىندى.

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە مەزكۇر  ئاق تاشلىق كىتابتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا كىشىلىك ھوقۇققا  كاپالەتلىك قىلىنغانلىقى، سىياسىي ھوقۇق، پۇقرالار ھوقۇقى، ئىقتىسادىي ھوقۇق، جەمئىيەت ھوقۇقى، مەدەنىيەت ھوقۇقى، مۇھىت ھوقۇقى، دىنىي ئېتىقاد ھوقۇقى، ئاياللار-بالىلار، مەجرۇھلار ھوقۇقى قاتارلىق 8 نۇقتىغا يىغىچاقلىنىپ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى خەۋەر قىلىنىپ،  خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈرگۈزگەن سىياسىتى مەدھىيەلەندى.

چەتئەللەردىكى  ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى ۋە پائالىيەتچىلەردىن ئامېرىكا نيۇيورك شەھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي پەنلەر پروفىسسورى دوكتۇر شىيا مىڭ ئەپەندى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ رەئىسى، سىياسىي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىلەر رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلىشىدىكى مەقسەت ۋە ئاق تاشلىق كىتابتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدىكى كونكرېت مەزمۇنلار ھەققىدە توختالدى.

نيۇيورك شەھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي پەنلەر پروفىسسورى شىيا مىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي دۆلەت كابېنتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ئاتالمىش كىشىلىك ھوقۇق  ئاق تاشلىق كىتابىنىڭ ،  ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بىر قىسىم رادىكال سىياسەتلەر  دىققەت نۇقتىسى بولۇۋاتقان  ۋە  كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ  خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا قارىتا دىنىي ۋە مىللىي باستۇرۇش يۈرگۈزۈۋاتىدۇ دەپ  تەنقىد قىلىۋاتقان مەزگىلدە ئېلان قىلىشى دىققەت قوزغايدۇ.

شىيا  مىڭ ئەپەندى  مۇنداق دېدى:« خىتاي ھۆكۈمىتى  يىللاردىن بۇيان ئۆزىنىڭ سىياسىتىنى ئاقلايدىغان، ھەتتا  ھۆكۈمەت خىزمىتىدە نەتىجە قازانغانلىقىنى  مەدھىيەلەيدىغان  ئاتالمىش «ئاق تاشلىق كىتاب»لارنى يىللاردىن بۇيان ئېلان قىلىپ كەلمەكتە . بۇ  قېتىم ”شىنجاڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتى“ نامىدىكى ئاتالمىش ئاق تاشلىق كىتابىنىڭ ئېلان قىلىنىشى ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ  ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق خىتاي بولمىغان خەلقلەرگە قاراتقان سىياسىتىنى ئاقلاش ئېھتىياجىدىن بولۇۋاتىدۇ. نۆۋەتتە  خەلقئارادا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللىي سىياسىتى“رادىكال قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى“ دەپ تەرىپلىنىپ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن تەنقىد ۋە ئەيىبلەشلەرگە ئۇچراۋاتىدۇ. نوپۇزلۇق خەلقئارا تاراتقۇلاردا  ئۇيغۇر دىيارى تەسۋىرلىنىپ  ”خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىنى ساقچىلار دۆلىتىگە ئايلاندۇرۇۋەتتى“ دېگەندەك خەۋەرلەرمۇ بېرىلىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ خىل ئەھۋالدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتالمىش ”كىشىلىك ھوقۇق ئاق تاشلىق كىتابى“ قاتارلىقلارنى ئېلان قىلىپ ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى ئاقلاشقا، ھەتتا مەدھىيەلەپ كۆككە كۆتۈرۈشكە ئۇرۇنىدۇ.»

شىيا مىڭ ئەپەندى يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل ئاق تاشلىق كىتابلارنى ئېلان قىلىشتىكى مەقسىتىنىڭ  خەلقئارانىڭ تەنقىدىگە تاقابىل تۇرۇشلا بولۇپ قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى ئۆز ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى خىتاي خەلقىنى  قايىل قىلىش،  ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە ئۆزى يۈرگۈزۈۋاتقان ئاتالمىش مىللىي ئاپتونومىيىلىك سىياسىتىنى مەجبۇرىي قوبۇل قىلدۇرۇش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

شىيا مىڭ ئەپەندى مۇنداق دېدى:« خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ  ئاتالمىش ئاق تاشلىق كىتابلىرىنىڭ ئېلان قىلىنىشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ يەنە بىرى ، خىتاي  كوممۇنىست ھۆكۈمىتى بۇ يىللاردا  دۆلەت ئىچىدە  ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەشكە ئۇرۇنۇپ كەلدى. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىكى ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاشتا بۇ رايونلاردىكى يەرلىك خەلقنىڭ نارازىلىقى سەۋەبىدىن قوزغىلىش ئېھتىماللىقى بولغان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ،خىتاي پۇقرالىرىغا  قارىتا “ شىنجاڭ  ۋە شىزاڭ جۇڭگونىڭ قەدىمدىن بۇيانقى ئايرىلماس بىر قىسمى“، “ شىزاڭ ۋە شىنجاڭغا ياردەم بەردۇق“ دېگەندەك تەشۋىقاتلارنى كۈچەيتىپ،  خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي سىياسىتىدىن نارازى بولغان ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇشتا، خىتاي مىللىتىدىن بولغان پۇقرالارنىڭ مايىللىقى ۋە قوللىشىنى  قولغا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ كەلدى. ئۇيغۇر ، تىبەت قاتارلىق  يەرلىك خەلقلەرنى بولسا، ئۆزىنىڭ ئاتالمىش مىللىي ئاپتونومىيەلىك ھوقۇق  تەشۋىقاتلىرى ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە كومپارتىيىنى ئېتىراپ قىلىشقا، ھەتتا مىننەتدار بولۇشقا مەجبۇرلاپ كەلدى.  بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان ئاتالمىش “ شىنجاڭ كىشىلىك ھوقۇق  تەرەققىياتى“ نامىدىكى ئاق تاشلىق كىتاب مانا مۇشۇ خىل  مەقسەتلەردە ئېلان قىلىندى دېيىشكە بولىدۇ.»

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ رەئىسى، ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ  ئاتالمىش ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلىشى،  ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى قانۇنلاشتۇرۇش ۋە ئاقلاش ئۈچۈن، يىللاردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئالدامچىلىق تەشۋىقاتىنىڭ يەنە بىر ئىپادىسى .

ئېلشات ھەسەن ئەپەندى، خىتاي دۆلەت كابېنتى نامىدا ئېلان قىلىنغان « شىنجاڭ كىشىلىك ھوقۇق  تەرەققىياتى» نامىدىكى ئاق تاشلىق كىتابتا « شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» نىڭ ئورنىغا ئاپتونوم رايون ياكى ھەر مىللەت خەلقى دېگەندەك ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم نۇقتىلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، دائىرىلەرنىڭ بۇ خىل ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشتىكى غەرىزى،  بۇ رايوندىكى ئاساسىي ئاھالە بولغان  ئۇيغۇرلارنىڭ  ئىلگىرى قەغەز يۈزىدە بولسىمۇ بېرىلگەنلىكى ئېتىراپ قىلىنغان  مىللىي ئاپتونومىيىلىك ھوقۇقلىرىنى  ئاشكارا ئىنكار قىلىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئېلشات ھەسەن ئەپەندى يەنە « شىنجاڭ كىشىلىك ھوقۇق  تەرەققىياتى“ نامىدىكى ئاق تاشلىق كىتابتا رايوندا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنغانلىقىنىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان 8 ماددىلىق پاكىتلار ھەققىدىمۇ توختىلىپ، خەلقئارادا خىتاينىڭ  ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللىي باستۇرۇش سىياسىتى پاكىتلار بىلەن تەنقىدلىنىۋاتقان شارائىتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل ئويدۇرما پاكىتلار ئارقىلىق  ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان رادىكال باستۇرۇش سىياسىتىنى ئاقلاش  ۋە قانۇنلاشتۇرۇش مەقسىتىگە يېتەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/aq-tashliq-kitab-06012017164401.html

Share
1511 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.