logo

trugen jacn

شىنجاڭدىكى «تەربىيەلەش مەركىزى»گە قانۇنسىز سولاپ قويۇلغان ئىككى يىللىق كەچۈرمىشلىرىم

 

شىنجاڭدىكى «تەربىيەلەش مەركىزى»گە قانۇنسىز سولاپ قويۇلغان ئىككى يىللىق كەچۈرمىشلىرىم

شىنجاڭلىق فالۈنگوڭ مۇرىتى (ئايال)

تەرجىمە قىلغۇچى: تاھىر ھامۇت ئىزگىل

شائىر تاھىر ھامۇت ئىزگىل شىۋېتسىيەنىڭ 2024-يىللىق «سكادا مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن

(بۇ يازما ئامېرىكىدىكى فالۈنگوڭ مېدىياسى بولغان مىڭخۇي تورىدا 2024-يىل 16-دېكابىر ئېلان قىلىنغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەتىنىمىزدە تەسىس قىلغان يىغىۋېلىش لاگىرلىرىغا ئائىت بىرىنجى قول يازما ئىكەن. پايدىلىش قىممىتىنى كۆزدە تۇتۇپ تەرجىمە قىلدىم. ئوبىيېكتىپ بولسۇن ئۈچۈن بۇ يازما ئۆز پېتىچە تەرجىمە قىلىندى ھەمدە ئەسلى مەنبەنىڭ ئۇلىنىشى قوشۇپ قويۇلدى.)

نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا مەھەللە ساقچىسى ئۆيىمىزگە كېلىپ، بىزگە ئوخشاش فالۈنگوڭ مۇرىتلىرىنىڭ 2017-يىلى ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان مۇقىملىقنى ساقلاشنىڭ كاساپىتىگە ئۇچرىغانلىقىمىزنى ئېيتىپ، بىزنى ھەرقايسى رايونلاردىكى ئۆگىنىش سىنىپلىرىغا (سىرىتقا «تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ تەشۋىق قىلىنغان) ئەۋەتتى ھەمدە بىزنى ئاتالمىش «نۇقتىلىق ئاھالە» دەپ بېكىتىپ باشقۇردى. بۇ ئىش ماڭا ئۆزۈمنىڭ 2017-يىلىدىن بۇيان ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركىزى»دە باشتىن كەچۈرگەن كەچۈرمىشلىرىنى ئەسلەتتى.
2017-يىلى مارتنىڭ ئاخىرى، شىنجاڭ ئاپتونۇم رايونى «ئاشقۇنلۇقنى تۈگىتىش نىزامى»نى يولغا قويدى، ئاپرېلدىن باشلاپ كەڭ كۆلەمدە ئادەم تۇتۇش باشلاندى. بۇ تۇتقۇننىڭ ئاساسىي ئەندىزىسى ئاھالىلەر ھەر خىل باھانىلار بىلەن مەھەللە كومىتېتىغا چاقىرتىلىپ، قاماقخانىلارغا يوللىنىدۇ؛ قاماقخانىلاردا ئۇلارنىڭ قوللىرىغا كويزا، پۇتلىرىغا ئىشكەل سېلىنىپ، تەربىيەلەش مەركەزلىرىگە ئەۋەتىلىدۇ. تەربىيەلەش مەركەزلىرى تەخمىنەن ئىيۇلدا تەسىس قىلىنىشقا باشلىغان بولۇپ، قاماقخانىلاردىكى ئادەملەر تەربىيەلەش مەركەزلىرىگە تەقسىم قىلىنغان. مەن 2017-يىلى رەزىل پارتىيەنىڭ 19-قۇرۇلتىيى ئېچىلىشتىن بىر نەچچە كۈن بۇرۇن ئۆيۈمدىن ئېلىپ كېتىلگەن. 2018-يىلىدىن كېيىن، كىشىلەر ئاساسىي جەھەتتىن ئۆيىدىن بىۋاسىتىلا «تەربىيەلەش مەركەزلىرى»گە ئېلىپ بېرىلىدىغان بولغان. ئۈرۈمچىدە مۇشۇنداق قىلاتتى، پۈتكۈل شىنجاڭ مىقياسىدىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتەتتى؛ جەنۇبىي شىنجاڭدا تېخىمۇ قاتتىق ئىجرا قىلىنغان. كۆلىمىگە كەلسەك، مېنىڭ تۆۋەندە بايان قىلغانلىرىم پەقەت ئۈرۈمچى شەھىرىگە قاراشلىق بىر ناھىيە، يەتتە رايون ئىچىدىكى بىرلا رايوندىكى ئادەم ۋە ئىشلار بولۇپ، پۈتكۈل ئۈرۈمچى شەھىرى، ھەتتا پۈتكۈل شىنجاڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تۇتۇلغان ئادەمنىڭ كۆلىمى بىر نەچچە مىليوندىن كەم ئەمەس.
تۆۋەندىكى مەزمۇنلار مېنىڭ تەربىيەلەش مەركىزىدە كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىم بولۇپ، ئۇ يەردە بىز ناھايىتى بېكىنمە ھالەتتە تۇتۇلغاچقا، بەزى مەزمۇنلارنى ئۆزۈمنىڭ كۆزىتىشىمگە ئاساسەن بايان قىلدىم.

1. تەربىيەلەش مەركەزلىرىدىكى «خىزمەتچى» خادىملارنىڭ تەركىبى

كۆزىتىشىمچە، تەربىيەلەش مەركەزلىرى ئاپتونۇم رايونلۇق سىياسىي قانۇن كومىتېتى باشلامچىلىق قىلغان، جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورۇنلىرى، مائارىپ سىستېمىسى، مەھەللە كومىتېتى قاتارلىقلار ھەمكارلاشقان شەكىلدە تەسىس قىلىنغان. شۇڭا خىزمەتچى خادىملارمۇ ئاشۇ تارماقلاردىن تاللىنىپ تەشكىللەنگەن بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئامانلىق ساقلاش، دەرس ئۆتۈش ۋە كۈندىلىك تەشكىللەش-باشقۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلرىنى ئۈستىگە ئالغان، يەنە ئارقا سەپ خادىملىرىمۇ سەپلەنگەن. بۇ خادىملارنىڭ ھەممسى ساقچى فورمىسى كىيىدۇ. ئامانلىق ساقلاشقا ئاساسلىقى يۆتكەپ كېلىنگەن ساقچىلار مەسئۇل، دەرسلەرنى ھەرقايسى مەكتەپلەردىن تاللاپ كېلىنگەن ئوقۇتقۇچىلار ئۆتىدۇ، كۈندىلىك باشقۇرۇرۇشقا مەھەللە كومىتېتلىرىدىن يۆتكەپ كېلىنگەن خادىملار ئىگە. يەنە «چارلاش-كونترول قىلىش گورۇپپا باشلىقى» دەپ ئاتىلىدىغان خىزمەتچىلەر بار بولۇپ، ئۇلار ھەر كۈنى 24 سائەت كارىدوردا چارلاش بىلەن مەشغۇل بولىدۇ ھەمدە ئىشىكلەرنى ئېچىش، تاماق بېرىش، تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى تارقىتىش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىدۇ. ئۇلار مەھەللە كومىتېتلىرىدىن تاللاپ كېلىنگەن ۋاقىتلىق خادىملار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ساپاسى ئېگىز-پەس؛ بەزىلىرى ھاراق ئىچىپ ئۇرۇشقانلار، بەزىلىرى ھەمجىنىسلار. بىر مۇنچە چارلاش-كونترول قىلىش گورۇپپا باشلىقىلىرى تازا ئىشلەۋاتقاندا، مەھەللە كومىتېتىدىن ئۇلارنىڭ تىزىملىكى چۈشۈپ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىمۇ سولاپ قويۇلدى. كېيىن ۋەزىيەت سەل ياخشىلانغاندا، ئۇلار بىزگە ئاستىرىتىن ئۆزلىرىنىڭ مۇئاشىنىڭ تۆۋەنلىكىنى، مەھەللە كومىتېتى بىلەن توختام تۈزگەن بولسىمۇ، توختامنى ئۆزلىرىگە كۆرسەتمىگەنلىكىنى دەپ بەردى.

2. «تەربىيەلەنگۈچىلەر» (سولاپ قويۇلۇپ مېڭىسى مەجبۇرى يۇيۇلىدىغانلار)نىڭ تەركىبى

بۇلار ئاساسلىقى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئاشقۇن ئىدىيەلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى دەپ قارالغانلار بولۇپ، ئاساسەن دېگۈدەك ئازسانلىق مىللەتلەردىن بولغانلار؛ مەسىلەن، بۇرۇن ھىجابلانغانلىقى ئۈچۈن بىر تەرەپ قىلىنغانلار، «سەزگۈر دۆلەتلەر»گە ئۆگىنىش ۋە ساياھەت ئۈچۈن بارغانلار (پۈتۈن دۇنيادىكى دۆلەتلەرنىڭ ھەممسى دېگۈدەك سەزگۈر دۆلەت)، ئائىلىسىدە ئاشقۇن ئىدىيىگە ئىگە ئەزالار بولغان كىشىلەر، ئائىلىسىدە جازا ئۆتەۋاتقانلار بار كىشىلەر، تام ئاتلاپ تورغا چىققانلار، ساياھەت يىتەكچىلىرى، زەھەر چەككەنلەر، جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەنلەر (جازا مۇددىتى توشقان ھامان تۈرمىدىن بىۋاسىتە ئۆگىنىش سىنىپلىرىغا يوللانغان)، نوپۇسىدا مەسىلە بارلار، يەنە 4-دېكابىر دىلوسى (2017-يىلى 4-دىكابىر كۈنى پۈتۈن شەھەر بويىچە بىر تۇتاش ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بۇ ھەرىكەتتە بىر قىسىم مۇسۇلمان يۇقۇرى قاتلام كىشىلەر ھەمدە باشقا مۇناسىۋەتلىك خادىملار نىشان قىلىنغان) غا تەۋە كىشىلەر، زەھەرلىك دەرسلىك كىتاب تۈزۈشكە قاتناشقانلار، ۋەھاكازا. يەنە بەزىلەر ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن كىرگەنلىكىنى بىلمەيتتى. بىر ئايالنىڭ دېيىشىچە، مەھەللەر كومىتېتى ئۇنىڭ يولدىشىنى كېلىپ كېتىشكە چاقىرغان، ئۇ ئايال يولدىشىغا ھەمراھ بولۇپ بارغان، نەتىجىدە ھەر ئىككىسى ئايرىم تەربىيەلەش مەركەزلىرىگە ئەۋەتىلگەن. يەنە ئاز ساندا خەنزۇلار بار بولۇپ، بۇلار ئاساسلىقى ئەرزدارلار، ئېنىق دىنىي ئېتىقادى بارلار، زەھەر چەككەنلەر، جىدەل قىلىپ ئۇرۇشقانلار ئىدى.
بارلىق خادىملارنىڭ ياش دائىرىسى 16 ياشلىق قورامىغا يەتمىگەنلەردىن تارتىپ 80 نەچچە ياشلىق قېرىلارغىچە بولۇپ، ھەتتا مېيىپلار، ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن چىقالمايدىغانلارمۇ بار ئىدى؛ قېرىنداشلار بىللە سولانغانلارمۇ ئاز ئەمەس ئىدى، ئائىلە بويىچە بىللە تۇتۇلغانلارمۇ خېلى بار ئىدى. كەسىپ جەھەتتە، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ياكى ئوقۇش پۈتتۈرگىنىگە تېخى ئىككى يىل بولمىغان ئوقۇغۇچىلار، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىشىقا تەييارلىق قىلىۋاتقان ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى (قورامىغا يەتمىگەن)، ئوقۇتقۇچىلار، دوختۇرلار، ئادۋۇكاتلار، ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ خادىملىرى، تىجارەتچىلەر، ئائىلە ئاياللىرى قاتارلىقلار بولۇپ، ھەممە ساھەدىن دېگۈدەك بار ئىدى. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، مەيلى قايسى كەسپتىن بولسۇن، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىچىدىكى ئانچە-مۇنچە نام – ئابرويى بار ئادەملەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئېلىپ كىرىلىپتۇ. ئادەم سانى كىرىپ-چىقىپ ئۆزگىرىپ تۇراتتى، لېكىن بىرەر مىڭ ئەتراپىدا بولسا كېرەك (پەقەت ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونىدىن ئېلىپ كېلىنگەن ئايال تەربىيەلەنگۈچىلەر).

3. كۈندىلىك تۇرمۇش مەشغۇلاتى

كۈندىلىك مەشغۇلات 365 كۈن ئوخشاش بولۇپ، ئاتالمىش «ھەربىيچە باشقۇرۇش» يولغا قويۇلغان. ئەتىگەن سائەت يەتتە يېرىمدا (شىنجاڭ ۋاقتى بېيجىڭ ۋاقتىدىن ئىككى سائەت كېيىن) ئ‍ورنىدىن تۇرۇپ يۈز-كۆزنى يۇيۇش، ئەتىگەنلىك ئوقۇش (ئاساسلىقى ئاشقۇنلۇقنى تۈگىتىش نىزامى، قانۇن كىتابى، دۆلەت تىلى دەرسلىكى قاتارلىقلارنى ئوقۇش)، گىمناستىكا ئويناش (ئۆي ئىچىدە)، قىزىل ناخشىلارنى ئېيتىش، ناشتا قىلىش. تاماقتىن كېيىن، 20-30 مىنۇت ھەربىيچە تىك تۇرۇش، ئاندىن دەرسكە تەييارلىق قىلىش. ئاتالمىش «دەرس» ئاساسەن دېگۈدەك ھەممە ئادەم قولىغا كىتابتىن بىردىن ئېلىۋېلىپ ئۆزئارا پاراڭلىشىشتىن ئىبارەت. بەزىدە سىنىپقا چىقىپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرسىنى ئاڭلاشقا تەشكىللىنىمىز، لېكىن ئۇنداق دەرس ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈندە بىر سائەتتىنمۇ توغرا كەلمەيدۇ. دەسلەپتە ھەرقايسى مەكتەپلەردىن ئاجرىتىپ كېلىنگەن ئوقۇتقۇچىلار دەرس ئۆتكەنىدى؛ بەزى ئوقۇتقۇچىلار ئۆزى يازغان خەتلەرنىمۇ تولۇق بىلمەيتتى؛ كېيىن، تەربىيەلەنگۈچىلەر ئىچىدىكى دۆلەت تىلى سەۋىيەسى ياخشىراقلار كۆپچىلىككە دەرس ئ‍ۆتىدىغان بولدى. چۈشتىن كېيىن سائەت يەتتىدە قىزىل ناخىشىلارنى ئېيتىمىز، تاماق يەيمىز. سەككىز يېرىمدا دېكلاماتسىيە قىلىمىز، ئ‍وت ئۆچۈرۈش مانىۋىرىغا قاتنىشىمىز. توققۇز يېرىمدا يۈز-كۆزلەرنى يۇيغاچ تېلېۋىزور كۆرىمىز، ئاساسلىقى مەملىكەت خەۋەرلىرى – خەلقارا خەۋەرلەر، شىنجاڭ خەۋەرلىرى، بەزى قىزىل كىنولار ۋە بەزى تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى كۆرىمىز. 11 يېرىمدا ئۇخلايمىز. كېچىدە خۇددى قاماقخانىدىكىگە ئوخشاش دىجۈرنىلىك بار.

4. تۇرمۇش شارائىتى

1) تۇرالغۇ
بىز ئىلگىرى – كېيىن بىرنەچچە يەردە تۇردۇق. بىرىنجى قېتىم ئۇلانبايدىكى تۈزەشتۈرۈلگەن تۆت قەۋەتلىك بىر كونا بىنادا تۇردۇق. بىرىنجى قەۋەت ئىشخانا رايونى، ئىككىنجى قەۋەتتىن تۆتىجى قەۋەتكىچە تەربىيەلەنگۈچىلەر رايونى ئىدى. تەربىيەلەنگۈچىلەر رايونىدىكى ئىشىكلەر قوش قەۋەت بولۇپ، مۇداپىئە زەنجىرى ئورنىتىلغانىدى؛ ئىشىك- دېرىزىلەر تۆمۈر ئىدى، بولۇپمۇ دەرىزىلەرگە ئادەتتىكى داتلاشماس پولاتتىن ياسالغان سالاسۇن ئۆرنىتىلغاندىن سىرت، ئىچ تەرەپ پۈتۈن تامغا قىرلىق پولات (تەرەپ ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن تۆت سانتېمىتر) سالاسۇن بېكىتىلگەنىدى؛ كېيىن سىياسىي قانۇن كومىتېتىدىن تەكشۈرگىنى كېلىدىغان چاغدا، قىرلىق سالاسۇن ئۈستىگە تۆشۈكلىرى ئىككى سانتىمېترمۇ كەلمەيدىغان تۆمۈر تور ئورنىتىلدى. ھېسابلاپ باقسام، ياتاقتىن ئەڭ تېشىدىكى دەرۋازا ئالدىغىچە جەمئىي يەتتە تۆمۈر ئىشىكتىن ئۆتۈپ چىققىلى بولىدىكەن. ياتاقلاردا ئاستى-ئۈستى سۇ يوق بولۇپ، پەقەر چوڭ بىر سۇپا بىلەن بىر پىلاستىك تويلېتلا بار ئىدى. يۈز-كۆز يۇيىدىغان، ھاجەت قىلىدىغان، يۇيۇنىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىىسى كارىدورنىڭ ئەڭ چېتىدىكى ئاممىۋىي رايوندا بولاتتى. مەن بۇ يەردە تەخمىنەن بىر يىل تۇردۇم. تازىلىق شارائىتى بەكلا ناچار ئىدى (ھاجەتخانىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرىدىغان قاتار تۆشۈكلەر بولغاچقا، بىر نەچچە ئادەم ئىلگىرى كېيىن بولۇپ تەڭلا ھاجەت قىلاتتۇق)، ھەر قېتىمدا باشقۇرغۇچىلار ئالدىرىتاتتى؛ شۇ سەۋەپتىن بىر ئۇيغۇر قىز 15-20 كۈن چوڭ تەرەت قىلماي قورسىقى كۆپۈپ كېتىپ، توختىماي يىغلىغانىدى.
مەن ئىككىنجى قېتىم يۆتكەلگەن يەر تىپىك قاماقخانا ئىدى. مەن ئۇ يەرگە تەخمىنەن 2018-يىلى نويابىردا يۆتكىلىپ بارغان. ھەممە كامىردا بىر چوڭ سۇپا بىلەن بىر ئوچۇق ھاجەتخانا بار ئىدى، يەنە بىر مۇنچا جۈمىكى بار بولۇپ، ھەپتىدە بىر قېتىم يۇيىنالايتتۇق. بۇ يەردە تەخمىنەن يېرىم يىل تۇردۇم. مەن يۆتكىلىپ كەتكەندىن كېيىن، بۇ يەر كېيىم زاۋۇتى ئۈچۈن كەسپىي ماھارەت ئۆگىنىدىغان تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ياتىقىغا ئۆزگەرتىلىپتۇ. ئاڭلىشىمچە، كامىردىكى ھاجەتخانا توسۇلۇپ، سۇپا چېقىلىپ، ئىككى قەۋەتلىك تۆمۈر كارۋاتلار قويۇلۇپتۇ.
مەن ئۈچىنجى قېتىم تۇرغان يەر باشقا بىر قاماقخانىغا تەۋە سېخ ۋە كۇلۇبقا ئوخشاپ كېتىدىغان جاي ئىدى. تەخمىنەن 2019-يىلى مايدا يۆتكىلىپ باردىم. كۇلۇبتا تەخمىنەن بىرەر يۈزدەك ئادەم بار بولۇپ، ھەممەيلەن بىللە تۇراتتۇق؛ بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەيدىز، ئۆپكە تېبىركىليوزى دېگەندەك يۇقۇملۇق كېسەل بىمارلىرىمۇ بار ئىدى. ھەر كۈنى ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت ئۆچرەتتە تۇرۇپ يۈز-كۆزىمىزنى يۇياتتۇق ۋە ھاجەت قىلاتتۇق. سېخقا ئوخشاش يەردە تۇرىدىغانلارنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ ناچار ئىدى؛ ياتاقلارنىڭ ئۈستى تەرەپتە بىرلا دېرىزە بار بولۇپ، ئىشىك ئېچىلمىسا ھاۋا ئالماشمايتتى؛ يازدا ياتاق ئىچىدىكى دىمىقتىن كىشىلەر چىپىلداپ تەرلەپ تۇراتتى. بۇ يەردە مەن تەخمىنەن ئىككى ئايچە تۇردۇم.
ئىككىنجى ۋە ئۈچىنجى قېتىم تۇرغان يەرلەرنىڭ ئارىلىقى ناھايىتى يېقىن بولۇپ، گۈلساي تەرەپتە ئىدى.
تۆتىنجى قېتىم، تەخمىنەن 2019-يىلى ئىيۇلدا، ئاتالمىش «مېھىر-شەپقەت دوختۇرخانىسى»غا يۆتكەلدىم. بۇ يەر بەكلا چەت بىر جاي بولۇپ، كونكرېت ئورنىنى بىلەلمىدىم، ئۈرۈمچىنىڭ جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنىلا بىلىمەن. ئۇ چاغدا ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولغانىدى؛ ئاز سانلىق مىللەت ھۆكۈمەت خادىملىرى ئۆيلىرىگە قايتقانىدى، ياشلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك زاۋۇتلارغا (تەربىيەلەش مەركەزلىرىنىڭ زاۋۇتلىرىغا) ئېلىپ كېتىلگەنىدى. ئېشىپ قالغان يەنە بىرمۇنچە خادىملار ئۆيلىرىمىزگە قايتالمايتتۇق. بۇلار ماڭا ئوخشاش قالپىقى يوق كىرگەنلەر (چۈنكى بىزنىڭ ئاشقۇنلۇقنى تۈگىتىش بىلەن ھېچقانداق ئالاقىمىز يوق ئىدى)، قوبۇل قىلىدىغان مەھەللە كومىتېتى يوقلار، كېسىلى بارلار قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى؛ بىر قاماقخانا ئاتالمىش «مېھىر-شەپقەت دوختۇرخانىسى»غا ئۆزگەرتىلگەنىكەن، بىزنىڭ «تەربىيەلەنگۈچى» دېگەن سالاھىيىتىمىز بىر كېچىدىلا «بىمار»غا ئۆزگەردى، «ئۆگىنىش» دېگەن گەپ ئاللىقاچان قالمىغانىدى. چوڭ سۇپا يالغۇز كىشىلىك كارۋاتقا ئۆزگەرتىلگەنىدى، ئوچۇق ھاجەتخانىمۇ توسۇلغانىدى، خالىغان چاغدا يۇيىنالايتتۇق.
بىرىنجى قېتىم تۇرغان جايدا پەقەت ئايال تەربىيەلەنگۈچىلەرلار بار ئىدى، ئۇنىڭدىن كېيىن تۇرغان جايلاردا ئەر تەربىيەلەنگۈچىلەر بىلەن ئايال تەربىيەلەنگۈچىلەر بىللە تۇردۇق. بىرىنجى ۋە ئىككىنجى قېتىم تۇرغان جايلار بەكلا قىستاڭ بولغاچقا، كېچىدە ئۇخلىغاندا ئورۇن يىتىشمەي، دىجۇرنىلىقتا تۇرىدىغانلارنىڭ سانىنى ئاۋۇتۇشقا توغرا كەلدى. شۇنداقتىمۇ، يېتىپ ئۇخلىغان ھەر بىر ئادەم بېشىغا 40 سانتىمېترلىق ياستۇقنىمۇ قويالمايتتى. ھەممە يەر، بولۇپمۇ تەربىيەلەنگۈچىلەر بارىدىغان ھەرقانداق جاي كامېرا بىلەن 24 سائەت كۆزىتىلەتتى، چىراقلارمۇ 24 سائەت يېنىقلىق تۇراتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە تەربىيەلەنگۈچىلەر كېچىدە ئۇخلىغاندا بېشىنى پۈركىۋېلىشقا بولمايتتى، ھەتتا بېلىكىنى كۆزىگە قويۇپ چىراق نۇرىنى توسسىمۇ بولمايتتى.
2) كېيىم
تەربىيەلەنگۈچىلەر تەربىيەلەش مەركىزىگە كىرىشى بىلەنلا چېچى كېسىپ قىسقارتىلاتتى ھەمدە ساقچىلارنىڭ كۆز ئالدىدىلا بارلىق كېيىملىرىنى تولۇق سېلىپ تاشلاپ، تارقىتىپ بېرىلگەن كىيىملەرنى كىيەتتى. ھەر بىر ئادەمگە ئىككى كۇسار، ئىككى جۈپ پايپاق، بىر يۈرۈش كۈزلۈك ئىچ كېيىم، بىر يۈرۈش كۈل رەڭ تەنتەربىيەلىك ئىشتان-چاپان تارقىتىلاتتى. كېيىن يەنە ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن ئانچە-مۇنچە تولۇقلاندى، يازدا قىسقا يەڭ مايكا تارقىتىپ بېرىلدى. قىشتا بىر يۈرۈش قىشلىق ئىشتان-چاپان تارقىتىلدى، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، تۈرمىنىڭكى بىلەن تامامەن ئوخشاش ئىكەن. يازدا قارا لاتا خەي، قىشتا تەنتەربىيەلىك پاختىلىق ئاياق تارقىتىپ بېرىلدى.
3) تاماق
كۈندە بېرىلىدىغان ئۈچ ۋاق تاماق قاماقخانىنىڭكى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش بولسىمۇ، قاماقخانىدىكىدەك ئۆز پۇلىغا ئارتۇق تاماق سېتىۋالغىلى بولمايتتى. ئەتىگەندە شوۋىگۈرۈچ ياكى ئوماچ + موما + چىلىغان كۆكتات بېرىلەتتى، تۇخۇم بەزىدە بار، بەزىدە يوق ئىدى. چۈشتە كۆكتات شورپىسى + موما ياكى گۈرۈچ بېرىلەتتى، بەزىدە پولو بىلەن ياخشلىناتتى. كەچتە كۆكتات شورپىسى ياكى سۇيۇق ئاش + موما بېرلەتتى. تاماققا تويمايدىغان چاغلار بولاتتى، ئەمما تەربىيەلەنگۈچىلەر تاماق مىقدارىنى كۆپەيتىشنى تەلەپ قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايتتى، چۈنكى ئۇلار (تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ خادىملىرى): سەن تەربىيىلەنگىلى كەلگەنمۇ ياكى تاماق يىگىلى كەلگەنمۇ؟ دەپ جاۋاب بېرەتتى. تاماقنىڭ سۈپىتى ئادەمنى ئەنسىرىتەتتى. كۆكتات شورپىسىدىن كۆكتات شۆپۈكلىرى ۋە قۇرتلار چىقىدىغان ئىشلار دائىم يۈز بېرىپ تۇراتتى. بىر مەزگىل بىخلىنىپ كەتكەن بەرەڭگىلەرنى يەپ تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ پۈتۈن بەدىنىگە رىئاكسىيە قىلغان ئەھۋاللار يۈر بەردى. يەنە بىر مەزگىل كۆكتات شورپىسى شۇ قەدەر تۇزلۇق بولۇپ كەتتىكى، ئاۋال شورپىنى تۆكىۋېتىپ، كۆكتاتنى سۇدا بىر-ئىككى قېتىم چايقىۋەتكەندىن كېيىن يىگىلى بولاتتى. مىۋە ياكى قېتىق بەزىدە بېرلەتتى. چاغان ۋە بايراملاردا تاماق ئانچە-مۇنچە ياخشىلىناتتى، مەسىلەن، چاغاننىڭ بىرىنجى كۈنىدىن ئۈچىنجى كۈنىگىچە ھەر كۈنى مىۋە ياكى قېتىق بېرىلەتتى، ھەر بىر ئادەمگە بىر نەچچە تالدىن كەمپىت تارقىتىلاتتى.
4) كىر يۇيۇش
بىرىنجى قېتىم تۇرغان يەردە ئاستى-ئۈستى سۇ بولمىغاچقا، كىر يۇيۇش بەكلا قولايسىز ئىدى. قىشتا ھەپتىدە بىر قېتىم، يازدا ھەر ئۈچ كۈندە بىر قېتىم يۇيۇناتتۇق. ئادەم بەك كۆپ بولغاچقا، ئادەتتە ئۈچ-تۆت ئادەمگە بىر مۇنچا جۈمىكى تېگەتتى؛ يۇيۇنۇش ۋاقتى 15 مىنۇت دېيىلسىمۇ، بۇ ۋاقىتنى ئەزەلدىن تولۇق بەرمەيتتى؛ بىرنىجىدىن، قىزىق سۇ يېتەرلىك ئەمەس ئىدى؛ ئىككىنجىدىن، چارلاش – كونترول قىلىش گورۇپپا باشلىقلىرى ئىشتىن چۈشۈشكە ئالدىرايتتى. مەن بىرىنجى قېتىم يۇيۇنغاندا، چېچىمنى ئەمدىلا يۇيۇپ بولۇشۇمغا، بىزنىڭ گورۇپپىدىكىلەرنىڭ ۋاقتى توشۇپتۇ، ياتاققا قايتىشىمىز كېرەك بولدى. كېيىملەرنى ھەر ياتاققا بىردىن تارقىتىپ بېرىلگەن چوڭ داستا يۇياتتۇق؛ مەيلى تاش كېيىم بولسۇن ياكى ئىچ كېيىم بولسۇن، مۇشۇ بىر داستىلا سوپۇندايتتۇق، ئاندىن بىر ئادەم بۇ كېيىملەرنى سۇخانىغا ئېلىپ چىقىپ چايقاپ كىرەتتى. يۇيۇپ بولغان كېيىملەرنى يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان دېرىزىدىكى سالاسۇنغىلا يېيىشقا توغرا كېلەتتى؛ سۇنىڭ ھەممىسى سۇپىغا تامچىيدىغان بولغاچقا، كېيىن ئۇلار سۇخانىغا كېيىم ئاسقۇچلارنى سۇۋاركا بىلەن بېكىتىپ بەردى. يازدا گەرچە ھەر ئۈچ كۈندە بىر قېتىم يۇيۇنساقمۇ، كېيىملەرنى ھەپتىدە بىر قېتىملا يۇيۇدىغان بولغاچقا، قىسقا يەڭ مايكىلارمۇ قاسماق بولۇپ كېتەتتى. ئىككىنجى قېتىم تۇرغان يېرىمىز باياۋاندا ئىدى، سۇ ماشىنىدا ئېلىپ كېلىنەتتى. مەن ئۇ يەردە دەل قىش مەزگىلىدە تۇردۇم، كىر يۇيغاندا سۇ بەكلا سوغۇق ئىدى؛ دەسلەپتە قول توڭاتتى، سۆڭەكتىن ئۆتكۈدەك توڭلايتتى؛ ئاندىن پۈتۈنلەي قىزىرىپ، سەزمەس بولۇپ كېتەتتى.
5) داۋالىنىش
«تەربىيىلەش مەركىزى»دىكى دوختۇرلار ھەرقايسى دوختۇرخانىلاردىن ئاجرىتىپ ئېلىپ كېلىنگەنىدى. ئۇلار بىرىنجىدىن يېڭى كىرگەن تەربىيىلەنگۈچىلەرنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈشكە، ئاندىن كۈندىلىك داۋالاشقا مەسئۇل بولاتتى. ئۇلار دائىم كۆرىلىدىغان باش ئاغرىقى، زۇكام دېگەندەك كېسەللەردىن باشقا، ئاساسلىقى يۈرەك قان-تومۇر دېگەندەك ئاسان جاننى ئالىدىغان كېسەللەرنى دائىمىي داۋالاش ھەمدە دىيابىت بىمارلىرىغا دورا بېرىش ياكى ئىنسۇلىن ئۇرۇش دېگەندەك ئىشلارنى قىلاتتى. چۈشكۈنلۈككە ئوخشاش روھىي كېسەللەر ياكى ئۆپكە تىبىركىليوزى دېگەندەك يۇقۇملۇق كېسەللەر ياكى دائىمىي ئۇسۇل بىلەن داۋالىغىلى بولمايدىغان كېسەللەر بەلگىلەنگەن دوختۇرخانىلارغا ئېلىپ بېرىلاتتى. ئۇ دوختۇرخانىلاردا تەربىيىلەنگۈچىلەر رايونى ئايرىلغان بولۇپ، ھەممە يەر قامال قىلىنغانىدى. مېھىر-شەپقەت دوختۇرخانىسىدىكى چاغدا دوختۇرلار ھەر كۈنى ئەتىگەن-كەچتە دائىملىق كېلەتتى، باشقا جايلاردا ھەر كۈنى كەچتە بىر قېتىملا كېلەتتى.
6) «ئۆگىنىش»
ئاتالمىش تەربىيىلەش مەركىزىدە تەكىتىلىگەن «ئۈچنى ئۆگىنىش»، «بىرنى تۈگىتىش»: تىل ئۆگىنىش، قانۇن ئۆگىنىش، ھۈنەر ئۆگىنىش ۋە ئاشقۇنلۇقنى تۈگىتىشتىن ئىبارەت ئىدى. مەكتەپ دېيىلگەن بىلەن ئەمەلىيەتتە نورمال ئۆتىلىدىغان دەرسلەر كۆپ ئەمەس ئىدى؛ بىرىنجى قېتىم تۇرغان يەرنى مىسالغا ئالسام، دەسلەپكى 400 ئادەمدىن كېيىنكى 800 نەچچە ئادەمگىچە، رەڭلىك پولاتتىن سېلىنغان بىر-ئىككىلا سىنىپ بار ئىدى. سىنىپلاردا مۇقىملاشتۇرۇلغان شىرە-ئورۇندۇقلار بولۇپ، بۇلار بىلەن مۇنبەر ئارىسىدىكى داتلاشماس پولاتتىن ياسالغان تورۇسقا تاقاشقان سالاسۇن ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى ئايرىپ تۇراتتى. ھەرىكەت قىلىش ئۈچۈن ئىككى پارچە تەنھەرىكەت مەيدانى بار ئىدى. لېكىن قىش پەسلىدە ئۇزۇن بولغاندا ئۈچ-تۆت ئاي بىركۈنمۇ تالاغا ئېلىپ چىقىلماي ياتاقلارغا سولىنىپ ئولتۇردۇق. ھۈنەر ئۆگىنىدىغان ھېچقانداق شارائىت بولمىغاچقا، دۆلەت تىلى سىۋىيىسى ياخشى بولغان بىر قىسىم ياشلار تاللىنىپ، گىرىم قىلىشنى بىلىدىغانلار باشقىلارغا گىرىم قىلىشنى، دوخوپكا ئىشلىتىشنى بىلىدىغانلار باشقىلارغا پىچىنە-پىرەنىك پىشۇرۇشنى ئۆگەتتى.
«دەرسلىك ماتېرىياللار» تەبىيىلەش مەركەزلىرى ئۈچۈن مەخسۇس تۈزۈلگەن دۆلەت تىلى دەرسلىكلىرى بىلەن قانۇن دەرسلىكلىرى بولۇپ، خەنزۇچە خەتلەرگە پىنيىن قوشۇلغانىدى. دۆلەت دەرسلىكىلىرىنىڭ مەزمۇنى ئەلۋەتتە رەزىل پارتىيەنى كۈيلەيدىغان، رەزىل پارتىيەگە ئەگەشكەنلەرنى مەدھىيىلەيدىغان مەزمۇنلار ئىدى؛ قانۇن دەرسلىكلىرىنىڭ مەزمۇنى ئاساسلىقى دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى، نىكاھ قانۇنى، دىننى باشقۇرۇش نىزامى قاتارلىقلارغا چېتىلاتتى.
7) جازالار
بىر مەزگىل ھەپتىلىك تازىلىقتا ياخشى، ئۆگىنىشتە ياخشى ياتاقلار مۇكاپاتلاندى، مۇكاپات بۇيۇمى ھەر ئادەمگە بىر تالدىن مىۋە ياكى بىر قۇتىدىن قېتىق ئىدى. بۇنداق چاغلار ناھايىتى ئاز بولدى؛ ئەمما جازالار تولىمۇ قورقۇنچلۇق ئىدى.
ئەڭ قەبىھ جازا – باسۇرۇققا سولاش بىلەن يولۋاس ئورۇندۇقتا ئولتۇرغۇزۇش ئىدى. ئاتالمىش ئىش تېرىغان ئادەم باسۇرۇق ئۆيگە سولىنىپ يولۋاس ئورۇندۇقتا ئۇدا يەتتە كۈن ئولتۇراتتى، ئۇنىڭ پۇتلىرى تىزىغىچە ئىششىپ كېتەتتى. ئۈچ ۋاق تاماققا بىر موما بىلەن بىر ئىستاكاندىن سۇ بېرىلەتتى. ئاتالمىش ئىش تېرىش ئەمەلىيەتتە ئادالەتسىز مۇئامىلە تۈپەيلىدىن باشقۇرغۇچىلار بىلەن بىر نەچچە ئېغىز تاكاللىشىش، ئۇيغۇرچە «ئەكسىيەتچى شېئىر» يېزىش، روھىي بەرباتلىق سەۋەبىدىن يېرىم كېچىدە ۋارقىراپ-جارقىراش دېگەندەك ئىشلار ئىدى. مەن تۇرغان ھەر بىر يەردە باسۇرۇق ئۆي بار ئىدى، ئەڭ قاملاشمىغىنى شۇكى، بىز تۇرغان دوختۇرخانىدا ئەرلەر بىلەن ئاياللار بىر باسۇرۇق ئۆيگە قامىلاتتى، ئۇلار تەرەت قىلغاندىمۇ ئارىنى توسۇپ تۇرىدىغان نەرسە يوق ئىدى.
ئادەمنىڭ روھىي ۋە جىسمىنى خېلىلا بەربات قىلىدىغان يەنە بىر جازا بار ئىدى. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، مەن كېلىشتىن بۇرۇن ئۇلار نازارەت كامېراسىدىن بىر تەربىيىلەنگۈچىنىڭ ياتاقتا «ناماز» (ئىسلام دىنىدىكى بىر تۈرلۈك مۇراسىم) ئۇقۇغانلىقىنى بايقاپ قېلىپ، ياتاقتىكى ھەممە ئادەمنى جازالىغان. ئۆزۈمنىڭ بېشىدىن ئۆتكىنىنى دېسەم، قوشنا ياتاقتىكى بىرى ئۇزۇن مەزگىل تىرناق ئالغۇچ بېرىلمەي تىرنىقى بەكلا ئۆسۈپ كەتكەچكە، يۈز-كۆزىنى يۇيغاندا، ئىشكاپتىن تىرناق ئالغۇچ ئوغرىلاپ بايقىلىپ قالغان ھەمدە شۇنىڭغا چېتىشلىق ھەممە ئادەم جازالانغان. بۇ ئىككى قېتىملىق جازالاشتا ئۇلارنىڭ پۇت-قوللىرىغا 工 شەكىللىك تۆمۈر تاقاق (يەنى، پۇت بىلەن قول تۆمۈر تاقاق ئارقىلى تۇتاشتۇرۇلغان بولۇپ، جازالانغۇچى پەقەت ئېڭىشىپلا تۇرالايتتى.) سېلىنىپ، باشقىلارغا ئىبرەت قىلىش ئۈچۈن، كارىدوردا ئۇزۇن ۋاقىت ئۇياقتىن بۇياققا ماڭدۇرۇلغان. ئۇلاردىن بىرى بىر نەچچە قېتىم مېڭىپلا، ھۇشىدىن كېتىپ كارىدوردىلا يىقىلىپ قالغان.
تېخىمۇ قورقۇنچلۇق بولغان يەنە بىر خىل جازالاش ئۇسۇلى بولسا ياتاق بويىچە ئۇنىۋېرىسال نومۇر قويۇپ، ئەڭ ئاخىردا قالغان ياتاقتىكىلەرنى بىر ھەپتە كوللېكتىپ جازالاش ئىدى. ئۇلارغا كۈندە ئۈچ ۋاق موما بىلەن يېسىۋىلەك شورپىسى بېرىلەتتى. موما ھەر ئادەمگە بىردىن بولۇپ، ئارتۇق بېرىلمەيتتى؛ يېسىۋىلەك شورپىسىدا يېسىۋىلەك بىلەن سۇلا بولۇپ، تۇز يوق ئىدى، مايدىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. بۇنداق تاماقنى ئادەم بىر – ئىككى ۋاق يېسىغۇ مەيلى، بىر ھەپتە چىداش بەكلا تەس ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە تاماقتىن كېيىن، باشقىلار ئۆگىنىش قىلىۋاتقاندا، بۇ جازالىنىۋاتقانلار ناھايىتى قاتتىق مەشىققە قاتنىشىشى كېرەك ئىدى. ياتاق باشلىقى يارا بولغان يەرنى يۇيۇپ دېزىنفىكسىيە قىلىش باھانىسىدا دوختۇردىن ئازراق تۇز سوراپ ئېلىپ، تاماق ۋاقتىدا ھەر بىر ئادەمنىڭ كۆكتات شورپىسىغا ئازراقتىن سېلىپ بەرگەن. بەزىلەر زۇكام بولۇپ قالغاننى باھانە قىلىپ، دوختۇردىن ئازراق زۇكام تالقىنى ئېلىپ، ئۇنىڭدا شىكەر مىقدارى بولغاچقا، مومىنىڭ ئىچىگە سېپىپ شىكەر تولۇقلىغان. بىزنىڭ ياتاقتا تېخى قورامىغا يەتمىگەن بىر كىچىك قىز بار ئىدى، ئۇنىڭ شېكىرى تۆۋەن بولغاچقا، ناشتىدىن كېيىنكى ھەربىيچە تىك تۇرۇشتا ھۇشىدىن كەتكەنىدى.
8)قىسىنچىلىقلار
تازىلىق قەغىزى قىسىنچىلىقى. دەسلەپتە ھەر بىر ئادەمگە تارقىتىپ بېرىلگەن تازىلىق قەغىزى ناھايىتى ئاز بولدى، بىر ياكى ئىككى كۈن ئارىلاپ ھەر بىر ياتاققا بىر-ئىككى بولاق قەغەز تاقىتىلىپ، ھەممىمىز تەڭ ئۈلىشەتتۇق، ھەر بىر ئادەمگە بىر-ئىككى پارچىدىنلا تېگەتتى؛ تاماق يېگەندە، ھاجەت قىلغاندا ياكى ئاغزىمىزنى سۈرتكەندە ئاشۇ قەغەزنى ئىشلىتەتتۇق. بەزىلەر تاماق يىگەندە ئاغزىنى ئېيتقان قەغەزنى ھاجەت قىلغاندىمۇ ئىشلىتەتتى. ناۋادا زۇكام تېگىپ بۇرۇن ئېقىپ قالسا، لۆڭگىگە ئېيتىپ، كەچتە يۈز-كۆزىمىزنى يۇيغاندا قوشۇپ يۇيىۋېتەتتۇق. كېيىن تازىلىق قەغىزىنى خېلى بېرىدىغان بولدى، ئەمما تۇرۇپلا ئۇزۇن مەزگىل تارقاتماي قەھەتچىلىك بولۇپ كېتەتتى.
چىش پاستىسى قىسىنچىلىقى. ئادەتتە ھەر بىر ياتاققا بىر-ئىككى تالدىن چىش پاستىى قەرەرلىك تارقىتىلاتتى، لېكىن نېمە ئۈچۈنكى بىر نەچچە قېتىم ئۇزۇن ۋاقىت تارقىتىلمىدى. كۆپچىلىك دەسلەپتە قوشنا ياتاقتىن ئارىيەت ئېلىپ تۇردۇق، لېكىن ناھايىتى تېزلا ئۇ ياتاقتىمۇ تۈگىدى؛ ئارقىدىنلا پۈتۈن قەۋەتتە چىش پاستىسى قالمىدى. شۇنىڭ بىلەن چىشىمىزنى بىر نەچچە كۈن قۇرۇق سۇدىلا چوتكىلاشقا مەجبۇر بولدۇق. چىش چوتكىسى قاماقخانىلاردا ئىشلىتىدىغان قىسقا ساپلىق چىش چوتكىسى ئىدى.
سۇ قىسىنچىلىقى. بىر مەزگىل سۇ بىلەن تەمىنلەس سىستېمىسىدىن چاتاق چىقىپ، يۈز-كۆزىمىزنى يۇيغاندا، جۈمەكتىن تامچىلاپ چۈشكەن سۇنى ئىشلەتتۇق. ئۇلار ئالدىن سۇ ئېلىپ قويۇپ، يۈز-كۆزنى يۇيۇش ۋە چىش چوتكىلاش ئۈچۈن ھەر بىر ئادەمگە بىر ئىستاكاندىن (ئىككى-ئۈچ يۈز مىللىلېتر) سۇ بەردى.
ياتاقلاردا ئادەم قىستاڭ بولغاچقا، كىر يۇيۇش، يۇيۇنۇش، يۈز-كۆزنى يۇيۇش دېگەندەكلەر كاپالەتكە ئىگە ئەمەس ئىدى؛ تۇنجى قېتىم يوتقان – كۆرپە كىرلىكىنى ئالماشتۇرغاندا، ئۇلارنى ئىشلەتكىلى سەككىز ئاي بولغانىدى؛ بىر قانچە ياتاقتىكى تەربىيىلەنگۈچىلەرنىڭ بېشىدا پىت پەيدا بولۇپ قاپتۇ. بۇ دېگەن 21-ئەسىردىكى ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى «مەكتەپ» قۇ! شۇنىڭ بىلەن ھەممە ئادەمنىڭ كېيىملىرى يىغىلىپ، دېزىفىكسىيە سۇيۇقلىقىغا چىلاندى، يەنە تېخى مۇناسىۋەتلىك ياتاقلاردىكى تەربىيىلەنگۈچىلەر ئۇدا ئۈچ كۈن گۈڭگۈرتلىك سوپۇندا يۇيۇندى. بۇ ئىشنىڭ ئۇلارغا ئېلىپ كەلگەن زەربىسى پىتنىڭ زىيىنىغا قارىغاندا بەكلا كۈچلۈك بولدى. چۈنكى بۇ مىللەت ئۆزىنىڭ پاكىزلىقىدىن پەخىرلىنەتتى، شۇڭا ئۇلار ئۈچۈن بەدىنىدە پىت پەيدا بولۇپ قېلىشتىن ئارتۇق نومۇسلۇق ئىش يوق ئىدى.
ئائىلىدىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشىش قىسىنچىلىقى. 2017-يىلى ئاساسەن دېگۈدەك ئايدا بىر قېتىم ئۆيدىكىلەرگە تېلېفون ئۇرغىلى بولاتتى. تېلېفوننىڭ ئىككى تۇرۇپكىسى بار ئىدى. سىنىپ مۇدىرى تەربىيىلەنگۈچىلەرگە ئۇرۇپ بېرەتتى. تېلېفون ئۇلانغاندىن كېيىن، سىنىپ مۇدىرى بىلەن تەربىيىلەنگۈچى بىردىن تۇرۇپكىنى ئالاتتى. سىنىپ مۇدىرى پاراڭ مەزمۇنىنى نەق مەيداندا ئاڭلاپ نازارەت قىلاتتى ۋە خاتىرىلەيتتى. ئەمما بۇنداق ئەھۋال ئۇزۇن داۋام قىلمىدى، تەخمىنەن 2018-يىلى مارتتىن كېيىن، ئائىلىمىز بىلەن تېلېفونلىشالمىدۇق، كۆرۈشۈش تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى. بۇ تۈرمىدىنمۇ رەھىمسىز بىر يەر ئىدى.

5. ئۇنتۇلماس بىر نەچچە كارتىنا

1) بىرىنجى قېتىم تۇرغان يەردە، ئاستى-ئۈستى سۇ يوق ئىدى، ياتاقتا زاپاس سۇ ساقلاشقىمۇ رۇخسەت قىلىنمايتتى، شۇڭا تاماقتىن ئىلگىرى ۋە كېيىن قول يۇيالمايتتۇق.
2) ئۇلار بىزگە ھەر كۈنى بەش قېتىم قايناقسۇ تارقىتىمىز دېگەن بولسىمۇ، ناھايىتى ئاز ئەمەلىيلىشەتتى. ئەڭ قاملاشمىغان بىر قېتىمدا، چۈشتىن بۇرۇن 11 دە يېرىم ئىستاكاندىن قايناقسۇ تارقاتتى؛ شۇنىڭدىن كېيىن، تاكى كەچ سائەت توققۇز يېرىمدا دوختۇر كېسەل كۆرىدىغان پەيت يىتىپ كەلگەندە ئاندىن سۇ تارقاتتى. ئاشۇ ئارىلىقتا ئىچكىدەك سوغۇق سۇمۇ يوق ئىدى. كېيىن، ئادەم كۆپەيگەن چاغدا، قايناقسۇ يىتىشمەي، ھەر قېتىمدا ئادەم بېشىغا يېرىم ئىستاكاندىنمۇ تەگمەيدىغان بولدى.
3) 2018-يىلى ئىيۇننىڭ ئاخىرقى بىر كۈنى، ھاۋا بەكلا ئىسسىق ئىدى. چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتە چۈشلىك ئۇيقۇدىن تۇردۇق. ئەسلىدە بېرىلىشى كېرەك بولغان قايناقسۇ بېرىلمىدى، ئارقىدىنلا تەنتەربىيە مەيدانىغا ئېلىپ چىقىلىپ، كۈچلۈك ئاپتاپتا مەشىق قىلدۇق؛ مەشىقنى ئاران تۈگىتىپ، ياتاق بىناسىغا كىرىش ئۈچۈن ساناق سانىغاندا، بىر ئۇيغۇر موماي توغرا سانىيالمىدى. ئۇ سانىيالمىغانسېرى جىددىيلىشىپ، تېخىمۇ خاتا سانايتتى. باشقۇرغۇچى ئۇنى قەستەن شۇنداق قىلدى دەپ خاپا بولۇپ، بىر ئەر چارلاش-كونترول قىلىش گورۇپپا باشلىقىغا ئۇ ئايالنى «مەشىق قىلدۇرۇش»قا بۇيرىدى: ئۇ موماي مەيداندا ئۆردەكچىلاپ مېڭىپ، توشقانچىلاپ سەكرەپ دېگەندەك، كەچ سائەت ئالتە بولغاندا ياتاققا قايتىپ كىردى. ئۇ تازا ئىسسىپ، ئۇسساپ ۋە ھېرىپ كەتكەنىدى، پۈتۈن بەدىنىدىن تەر ئېقىپ تۇراتتى. شۇنداقتىمۇ، ياتاققا كىرگۈچە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئۇنى يەنە بىرمۇنچە قىيناشتى. ئاشۇ چاغدا ئادەم ھەقىقەتەنمۇ دوزاق ئازابىنى ھېس قىلاتتى.
4) بىر قېتىم ئۇلار كامېرادا بىرسىنىڭ ئۇيغۇرچە «ئەكسىيەتچى شېئىر» يازغىنىنى كۆرۈپ قېلىپ، ساراسىمە قوزغىۋەتتى؛ ھەممە ئادەمنىڭ بارلىق كىتابلىرىنى يىغىپ، پارچە قەغەزمۇ قويمىدى؛ ئاندىن ياتاقنى بىرلىك قىلىپ، ھەممە ئادەم نۆۋەت بويىچە ساقچىنىڭ ئالدىدا قىپيالىڭاچ قىلىنىپ، تىقىۋالغان قەغەز بارمۇ-يوق تەكشۈرۈلدى. مەن بەزىلەرنىڭ رەتكە تىزىلىپ تەكشۈرىلىۋاتقاندا توختىماي قەغەز يەۋاتقانلىقىنى كۆردىم، زور ئېھتىمالدا ئۇلار زادى نېمىلەرنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى بىلمەيتتى، شۇنداقلا يېنىدا بار قەغەزلەرنى يەنە قانداق بىر تەرەپ قىلىشنىمۇ بىلمەيتتى، شۇڭا يەپلاۋەتكەنىدى. شۇ قېتىم ئادەتتە ئىپادىسى ياخشى بىر ياتاقتىكى ھەممە تەربىيىلەنگۈچى ئېلىپ چىقىلىپ باسۇرۇق ئۆيگە قامالدى. ئۇ ھاۋا ئەڭ ئىسسق مەزگىل ئىدى، ئۇلار ئۇدا يەتتە كۈن يۈز-كۆزلىرىنىمۇ يۇيالمايتتى، ئاشۇ كۈنلەردە تارتقان ئازابنى پەقەت ئۆزلىرىلا بىلىدۇ.
5) شارائىتى نىسبەتەن ئەڭ ياخشى بولغان دوختۇرخانىدا تۇرغان چاغدا، تەربىيىلەنگۈچىلەر دوختۇرخانا بىلەن زاۋۇت ئارىسىدا بېرىپ-كېلىپ تەڭشەپ تۇرۇلغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە زاۋۇتتىكى باشقۇرۇش بىر قەدەر بوش بولغاچقا، دوختۇرخانىغا كىرگەن چاغدىكى بىخەتەرلىك تەكشۈرىشىدە، ئەر تەربىيىلەنگۈچىلەر ئارىسىدىكى بەزىلەرنىڭ تاماكا ئېلىپ كىرگەنلىكى بايقىلىپ قاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن تاماكا بايقالغان بارلىق بالنىستلاردىكى ئادەملەرنىڭ ھەممسىنىڭ قولىغا كويزا، پۇتىغا ئىشكەل سېلىنىپ، بىر بوش يىغىن زالىغا سولاپ قويۇلدى. ھەر ئادەمگە بىردىن كۆرپە بېرىلدى، ئۇلار پولدىلا يېتىپ ئۇخلىدى، بۇ ھال كەم دېگەندە ئۈچ كۈن داۋاملاشتى. بۇ ئىشقا بىز ئاياللارمۇ چېتىلدۇق؛ بىز تۇرغان بالنىستلار تەكشۈرىلىپلا قالماي، ھەممە ئادەم ساقچىلارنىڭ ئالدىدا كېيىملىرىنى سېلىپ قىپيالىڭاچ بولدى، يەنە تېخى زوڭزىيىپ باققاندىن كېيىنلا تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن بولدۇق. ھەر قېتىم مۇشۇنداق چاغدا، بەزىلەر ساقچىلارغا: «نازارەت كامېراسىنىڭ كەينىدە ئەرلەر بار، سىلەر ئۇلارنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرىمەمسىلەر؟» دەپ سورايتتى.
6) بۇ يەردىكى ئەڭ چوڭ ئازاب سەن ئۆزۈڭنىڭ قاچان ئۆيگە قايتىدىغانلىقىڭنى بىلمەيتتىڭ، چۈنكى ئۆيگە قايتىشنىڭ ھېچقانداق ئۆلچىمى يوق ئىدى. بۇ جەھەتتە تۈرمىگە ئوخشىمايتتى، تۈرمىدە سېنىڭ مۇددىتىڭ توشسا قويۇپ بېرىلىسەن. توختىماي تەكرارلىنىدىغان كۈندىلىك ھايات ھېيت-بايراملاردىمۇ ئوخشاش ئىدى. بىر ئۇيغۇر موماي يىغلاپ تۇرۇپ ئۆزىنى تۇغۇلۇشىدىلا مۇشۇ يەردىكىدەك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتقانىدى.
7) چۈشكۈنلۈك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىر بىمار ساقچى بىلەن بىر نەچچە ئېغىز گەپ تالىشىۋىدى، تۆمۈر سالاسۇنغا كىرىست شەكلىدە نەچچە كېچە-كۈندۈز باغلاپ قويۇلدى. دەسلەپتە، ئۇ بىر ئەر ساقچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشىغا تاپشۇرۇلغانىدى، ئۇ ئەر ساقچى ئۆزىنىڭ ئەڭ زور ئالاھىدىلىكىنىڭ ئەر-ئايال دەپ ئايرىماي، ئوخشاش ئەدىپىنى بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. دېگەندەكلا، ئۇ توك كالتەك بىلەن ھېلىقى ئايال تەربىيىلەنگۈچىگە توك ياقتى، توكنى ئاساسلىقى ئۇنىڭ يوتىسىنىڭ تۈۋىگە ياقتى. يېرىم يىلدىن كېيىنمۇ، ئۇ ئايالنىڭ يوتىسىدىكى ئىز يوقالمىدى.
بىر ئاز سانلىق مىللەت تەربىيىلەنگۈچى بۇرۇن مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى ئىكەن، ئۇ يېڭى كىرگەندە گاراڭ ھالەتتە ئىدى. كېيين ئۇنىڭ دەپ بېرىشىچە، بۇ ئىش بەك تۇيۇقسىز يۈز بېرىپتۇ، ئۇنى يېرىم كېچىدە ساقچىخانىغا ئېلىپ بېرىپ سوراق قىپتۇ، ئاندىن تەربىيىلەش مەركىزىگە ئېلىپ كەپتۇ. ئۇ كېيىم ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، نەچچە ئۆيدىن ئۆتۈپ بۇ ياتاققا كىرىپتۇ؛ ئۇ ئۆزىنى ئۆلگەن بولسام كېرەك، بۇ ئۆيلەر ئۇ دۇنيادىكى كاتەكچىلەر بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ قاپتۇ.
9) بىر مەزگىل ئۇلار ئۆلۈك كەيپىياتنى تەڭشەش ئۈچۈن، ئەتىگەنلىك تاماقتىن كېيىن قىزىل ناخشىلارنى قويۇپ بەردى. ئۇ ناخشىلاردىكى كۆتىرەڭگۈ روھلۇق جەڭگىۋار كەيپىيات بۇرۇن روھىي كېسەل بولغان بىر تەربىيىلەنگۈچىنىڭ كېسىلىنى قوزغىۋەتتى، ئۇ قىزىل ناخشىلارغا ئەگىشىپ چىر-چىر چىرقىرايتتى، بۇ ھال ئادەمنى كۈچلۈك ۋەھىمىگە سالاتتى.
10) بىزنىڭ بىر ئورۇندىن يەنە بىر ئورۇنغا يۆتكىلىشىمىز مەھبۇسلارنىڭ تۈرمىدىن تۈرمىگە يۆتكىلىشىدىنمۇ قورقۇنچلۇق ئىدى. ھەممە ئادەمنىڭ قولى كەينىگە قايرىلىپ كويزا سېلىنىپ ئاپتوبۇسقا چىقىرىلاتتۇق، ئاپتوبۇس ئورۇندۇقىدا پۇتىمىزغا ئىشكەل سېلىناتتى، بېشىمىزغا قارا خالتا كىيگۈزىلەتتى. مەنزىلگە بارغاندىلا بۇلارنى ئېلىۋىتەتتى.
11) ئەڭ ئاخىرقى قېتىم دوختۇرخانىغا يۆتكەلگەندە، ئەرلەر بىلەن ئاياللار بىر بىنادا تۇردۇق، ئەمما پەرقلىق ۋاقىتتا تەنتەبىيە مەيدانىغا چىقىپ ھەرىكەت قىلاتتۇق. بىر كۈنى بىز ئەمدىلا بىنادىن چۈشۈپ مەيدانغا چىقىشىمىزغا، بىنادىن بىر ئەرنىڭ جان-جەھلى بىلەن «ئاپا!» (ئۇيغۇرچە ئانا دېگەن مەنىدە) دەپ توۋلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. ئەسلىدە ئۇ ئەر دېرىزىدىن بۇ يەرگە يۆتكىلىپ كەلگەن ئانىسىنى كۆرگەنىكەن. ئۇنىڭ ئانىسى بىنا ئاستىدا ئۆز ئوغلىنىڭ توۋلىغىنىنى ئاڭقىرغاندىن كېيىن، ۋارقىراپ يىغلاپ، ھۇشىدىن كەتكىلى تاس قالدى. يەنە بىر قېتىم يېرىم كېچىدە، بىرسىنىڭ يغلىغان ھالدا ۋارقىراپ-جارىقىراپ دەرۋازىنى ئۇرىۋاتقانلىقى ئاڭلىدۇق، بەلكىم سىرىتتىكى ئانا ئىچىدىكى بالىسىنى كۆرمەكچى بولۇپ شۇنداق قىلغان بولسا كېرەك. لېكىن ئۇ مۇمكىن ئەمەس-تە.
12) ئائ‍ىلەمدىكىلەر تەرەپ-تەرەپتىن مۇناسىۋەت ئىزدەپ مېنى كۆرگىلى كەلدى. ئۇلار يېقىن ئەتراپتىكى ئائىلىلىكلەر قورۇسىدا تەييارلىغان ئۇرۇق-تۇغقانلار كۆرۈشۈش ئۆيىدە بىزنى كۆرۈشتۈردى. ئۆينىڭ ئىچى يېڭى بىزەلگەن بولۇپ، شىرەگە ھەر خىل ھۆل-قۇرۇق مىۋىلەر تىزىپ قويۇلۇپتۇ، يەنە چايمۇ بار ئىكەن. بۇ بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش شارائىتىمىز بىلەن ئاسمان-زېمىن پەرقلىنەتتى.
13) بىر مەزگىل ئۇلار «قىياسىي ھۆكۈم» دېگەن ئىشنى قىلىپ يۈردى. يەنى، ئۇلار : «ئەگەر سېنىڭ بۇ ئىشىڭ سوتقا يوللانسا، سوت ساڭا مۇنداق جىنايەت بېكىتىپ، مانچە يىللىق جازا مۇددىتى ھۆكۈم قىلاتتى، ئەمما ھۆكۈمەت يەنىلا ساڭا كەڭچىلىك قىلىپ، سېنى ئۆگىنىشكە ئېلىپ كەلدى.» دەيتتى. ئۇلار قىياس قىلغان «جىنايەت»لەرنى تىلغا ئېلىشقىمۇ ئەرزىمەيتتى، شۇنداقلا ناھايىتى كۈلكىلىك ئىدى. مەسىلەن، بىر ئايالنىڭ يولدىشى ئۇلار توي قىلىشتىن بۇرۇن ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن كېسىلگەنىكەن، تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن، ئۇلار توي قىپتۇ. بىر قېتىم ئۇلار بىر ئائىلە تۈرمىدە يېتىپ چىققان يەنە بىر دوستىنىڭ ئائىلىسى بىلەن بىللە سەپەرگە چىقىپ، مېھمانخانىدا يېتىش ئۈچۈن ياتاققا تىزىملاتقاندا، ئۇ ئايال ئۇلارنىڭ ئاۋۇ ئەر دوستى بىلەن بىر ياتاققا تىزىملىنىپ قاپتۇ (ئەمەلىيەتتە، ئۇ چوقۇم ئۆز ئېرى بىلەن بىر ياتاققا تىزىملاتقان بولىشى كېرەك). بۇ ئايال شۇ سەۋەپتىن بۇ يەرگە ئېلىپ كىرىلگەنىكەن. ئۇنىڭغا بىرنەچچە جىنايەت قىياس قىلىندى، ھەر قېتىمقىسى بۇرۇنقىسىغا ئوخشىمايتتى. بىر قېتىم ئۇ «جىنايەتچىنى قانات ئاستىغا ئالغان» دېگەن جىنايەتكە ھۆكۈم قىلىندى، دېمەكچى بولغىنى، ئۇنىڭ ئېرى جىنايەت ئۆتكۈزگەندە ئۇ قانات ئاستىغا ئالغانمىش، ئەمەلىيەتتە ئۇ چاغدا ئۇلار تېخى توي قىلمىغانىكەن. ھېچقانداق جىنايەت تاپالمىغانلارنىڭ كۆپىگە «مەھەللە كومىتېتىنىڭ خىزمىتىگە ماسلاشمىغان» دېگەن گۇناھ ئارتىلدى. يەنە بىرەيلەن كومپىيۇتېرىغا تام ئاتلاش يۇمتالى قاچىلىغانىكەن، ئۇ ئۆزىنى ئاقلاپ: «مەن بۇنىڭ تام ئاتلاش يۇمتالى ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتىم، ئۇنى ھەم ئىشلىتىپمۇ باقمىغان.» دەپ ئۆزىنى ئاقلىدى. ئۇنىڭغا قىياسىي ھۆكۈم چىقارغان ساقچى: «بۇ گېپىڭ ئاقمايدۇ. سېنىڭ قىلمىشىڭ خۇددى رېئاللىقتا تامدىن ئارتىلغانغا ئوخشايدۇ، سەن شوتىنى تامغا قويۇپ بوپسەن.» دېدى.
14) ئارخىپ ئىشلەش، ئىزنا يوقىتىش. 2019-يىلى ئىيۇننىڭ ئالدى – كەينىدە، كۆپ ساندىكى ياشلار تەربىيىلەش مەركىزىدىن ئۆزگەرتىلگەن زاۋۇتلار (ئاساسلىقى كېيىم زاۋۇتلىرى) دا ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. شۇ چاغدا تەبىيىلەش مەركىزىدە قالغانلار ھەممە ئادەم ئۈچۈن ئارخىپ تۇرغۇزۇشقا قاتناشتۇق. تەربىيىلەش سىنىپىلىرىغا كېلىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشقا مەھەللە كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى، مەھەللە ساقچىسى، ھەرقايسى رايونلۇق سىياسىي قانۇن كومىتېتى ئىمزا قويغان بولۇپ، مۇشۇ رەسمىي ھۆججەتتىن باشقا كۆپلىگەن ماتېرىياللار پۈتۈنلەي توقۇپ چىقىلدى. تەربىيىلەنگۈچىلەرنىڭ ئۇچۇرلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەبىئاتلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرى جەۋەللەرگە خالىغانچە تولدۇرۇپ قويۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئىزنالار يوقىتىلدى. يەنى، زاۋۇتلارغا ئېلىپ كېتىلگەنلەرنىڭ تەربىيىلەش مەركىزىدە قېلىپ قالغان ئىزنالىرى پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈلدى، زور مىقداردىكى قەغەز ماتېرىياللار بىلەن ئىشلىتىلگەن كېيىم-كېچەكلەر ۋە يوتقان – كۆرپىلەر كۆيدۈرۈپ تاشلاندى. بۇ قىلىمش ئىزچىل داۋاملاشتى. مەن بۇ ئىشنى 2019-يىلى ئاتالمىش مېھىر-شەپقەت دوختۇرخانىىسىد تۇرغان چېغىمدا ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردىم. ئاۋال يەر كولاش ماشىنىسى بىلەن چوڭ بىر ئازگال كولاندى، ئاندىن بازارلاردا دائىم ئۇچرايدىغان يۈك-تاق قاچىلايدىغان پىلاستىك تاغارلاردىن كۆپ مىقداردا توشۇپ كېلىندى، ئۇلارنىڭ ئىچىگە لىققىدە بىر نەرسىلەر قاچىلانغانىدى. ئۇلار ئاشۇ ئازگالغا تاشلاپ كۆيدۈرۈلدى. ئۇ نەرسىلەر ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت كۆيدى. شۇ جەرياندا ساقچى ماشىنىسى نازارەتتە تۇردى. بۇنداق ئىشلار ھەممە مەركەزلەردە بولدى. مۇناسىۋەتلىك باشقۇرغۇچى خادىملارنىڭ كومپىيۇتېرلىرىمۇ تازىلىنىپ، ئىزنالار يوقىتىلغان بولۇشى كېرەك.
15) «ئوغرىنىڭ يۈرىكى پوك-پوك.» بىرىنجى قېتىم تۇرغان يەردىكى تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ چېتىدە ئەسلىدە ئاشقۇنلۇقنى تۈگىتىشكە دائىر بەزى چوڭ تەشۋىقات سۈرەتلىرى بار ئىدى، تەخمىنەن 2017-يىلىنىڭ ئاخىرى 2018-يىلىنىڭ بېشى تۇيۇقسىز بىر كېچىدىلا ھەممسى ئېلىپ تاشلاندى، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا چەتئەللەرنىڭ ئۇلارنى سۇنئىي ھەمراھ ئارقىلىق كۆرۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەنمىش. 2018-يىلىنىڭ ئاخىرى ئىككىنجى يەردە تۇرغان چاغدا، ئۆي ئىچىدىكى نەرسىلەر بىر تەرەپ قىلىنىشقا باشلىدى. بىر كۈنى كېچىدە تۇيۇقسىزلا ھەر بىر ئۆيدە چوقۇم بار بولۇشقا تېگىشلىك ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە ئىككى خىل يېزىقتىكى ئاشقۇنلۇقنى تۈگىتىش نىزامى بار چاپلانمىلارنىڭ ھەممىسى يىرتىپ تاشلاندى، بەلكىم شۇ چاغدا ئۇلارنىڭ بۇ تەربىيىلەش مەركىزى ئۇچرىغان تاشقى بېسىم بارغانسېرى كۈچەيگەن بولسا كېرەك. ئۇلار سىرىتقا تەبىيىلەش مەركەزلىرىدە شارائىت بەك ياخشى، تېلېۋىزور، ھاۋا تەڭشىگۈچ، مۇنچا قاتارلىق ئەسلىھەلەرنىڭ ھەممىسى تولۇق بار دەپ تەشۋىق قىلغانىدى، ئەمما ياتاقلاردا ھېچنېمە يوق ئىدى. بىز سېختا تۇرغان مەزگىلدە، چەتئەل مۇخبىرلىرى زىيارەت قىلغىلى كېلىدىغان بولسا كېرەك، ئۇلار كارىۋاتلارنىڭ بېشىغا تېلېۋىزورلارنى ۋاقىتلىق ئورنىتىپ قويدى، لېكىن پۈتكۈل ياتاقتا ئۇلارنى چاتىدىغان توك مەنبەسىدىن بىرىمۇ يوق ئىدى. مېھىر-شەپقەت دوختۇرخانىسىدىكى چاغدا، بىر كۈنى كەچتە تۇيۇقسىز بىر توپ «تەربىيىلەنگۈچىلەر» كەلدى، ئۇلارغا نەق مەيداندىلا يېڭى يوتقان-كۆرپىلەر بىلەن تۇرمۇش بۇيۇملىرى تارقىتىلىپ، بۇ نەرسىلەر بوش كارىۋاتلارغا قويۇپ قويۇلدى. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ئۇلار زاۋۇتتىن كەلگەنىكەن، ئەمما ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىنگەنلىكىنى بىلمەيتتى. نەتىجىدە، ئەتىسى چۈشتە ئۇلار يەنە ئېلىپ كېتىلدى، ئۇلار مېھىر-شەپقەت دوختۇرخانىسىدا 24 سائەتمۇ تۇرمىدى. ئۇلار «ئوغرىنىڭ يۈرىكى پوك-پوك» دېگەندەك مۇشۇنداق غەلىتە ئىشلارنى دائىم قىلاتتى. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ئاشۇ كېيىم زاۋۇتىغا چەتئەل مۇخبىرلىرى زىيارەت قىلغىلى كەلسىلا، ئۇلار چوقۇم دىنىي ئاشقۇنلۇنلۇقتىن باشقا سەۋەبلەر (زەھەر چېكىش، جىدەل چىقىرىش) بىلەن كىرگەن كىشىلەرنى بىر يىغىن زالىغا ۋاقىتلىق قاماپ قويىدىكەن، سەۋەبى ئۇلارنىڭ مۇخبىرلارغا قالايمىقان گەپ قىلىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن.
16) ئاپتاپقا قاقلىنىش. 2017-يىلى دېكابىردىن 2018-يىلى مارتقىچە ھەمدە 2018-يىلى بويابىردىن 2019-يىلى مارتقىچە، بارلىق تەربىيىلەنگۈچىلەر سىرىتقا بىر قېتىممۇ چىقرىلماي، ياتاقتىلا تۇردۇق. ئارىدا مەن ئائىلەمدىكىلەر بىلەن بىر قېتىم كۆرۈشتۈم (بۇنداق كۆرۈشۈشنى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىز سوۋغا بېرىپ يول مېڭىش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەنىدى)، ئىشىكتىن چىقىشىمغىلا قۇياش نۇرىدا كۆزۈم قامىشىپ، يىقىلىپ چۈشكىلى تاس قالدىم. زەھەر چەككەن بىرەيلەننىڭ ماڭا دېيىشىچە، ئۇ قاماقخانا، ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەش ئورنى، زەھەر تاشلىتىش ئورنى دېگەندەك يەرلەردە يېتىپ بېقىپتىكەن، تەربىيىلەش مەركىزى ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن قەبىھ ئىكەن.
17) ۋەدىنامە. 2019-يىلى مايدا بىر تۈركۈم ئادەم ئۆيلىرىگە قايتىدىغان بولۇپ، ئۇلارغا ۋەدىنامە يازدۇردى. ۋەدە قىلىدىغان ئاساسلىق مەزمۇنلار بەكلا جىق بولۇپ، دىنىي ئاشقۇنلۇققا يېقىن يولىماسلىق، قانۇنغا ۋە مەھەللە كومىتېتىنىڭ قائىدىلىرىگە بويسۇنۇش قاتارلىقلار بار ئىدى؛ لېكىن «ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن ماتورلۇق قانتاش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدىمەسلىك، ئېلىكترونلۇق بۇيۇملارنى ئىشلەتمەسلىك، مەھەللە كومىتېتىنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىدىن چىقىپ كەتمەسلىك» دېگەندەك بىمەنە مەزمۇنلار ماڭا بەكلا تەسىر قىلدى.
18) چاچ كېسىش. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىسىدە ئاياللار ئۇزۇن چاچ قويىدىغان بولغاچ، مەيلى يېشى قانچىلىك چوڭ بولسۇن، مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئاياللارنىڭ ئۇزۇن چېچى بار ئىدى. ئۇلار (تەربىيىلەش مەركىزى) ئۇزۇن چاچنى يۇيۇشقا چاچ سوپۇنى ئىسراپ بولىدۇ، يۇيۇنۇشقا ۋاقىت كېتىدۇ، ئىسسىق سۇنى جىق ئىشلىتىۋېتىدۇ (ئىسسىق سۇ قىس ئىدى) دەپ قارىغان بولسا كېرەك، بارلىق تەربىيىلەنگۈچىلەرنىڭ چېچىنى بىر قېتىم مەجبۇرى كەستى. ئۇ كۈنى كارىدورنىڭ ئىككى تەرىپىدە قورال تۇتقان قوراللىق ساقچىلار تەربىيىلەنگۈچىلەرنىڭ ئ‍ۆچرەت بىلەن چاچ كەستۈرىشىگە قاراپ تۇردى، ناۋادا بىرەر كىم يىغلاپ جىدەل قىلسا، ئۇنىڭغا توك كالتەك تەييار ئىدى. قوراللىق ساقچىلارغا كەلسەك، تەربىيىلەش مەركىزىدىكى چاغلاردا، ئېگىز سالاسۇنلار بىلەن قورشالغان مەيدانلاردا ھەرىكەت قىلساق، سالاسۇن سىرتىدا چوقۇم قوراللىق ساقچىلار قوللىرىغا قوراللارنى ئېلىپ ئايلىنىپ تۇراتتى. ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن، ئۇ يەردىكى قوراللىق ساقچىلارنىڭ ئەمەلىيەتتە ھەربىي قىسىملاردىن ئېلىپ كېلىنىپ، كېيىملىرى ئالماشتۇرۇلغان قئەسكەرلەر ئىكەنلىكىنى نەچچە قېتىم ئاڭلىدىم.
19) بەزىلەر تەربىيىلەش مەركىزىدە ئۆلۈپ كەتتى. لىياۋ فامىلىلىك بىر تەربىيىلەنگۈچى بار ئىدى، ئېسىمدە قېلىشىچە ئۇنىڭ ئىسمى لىياۋ شۈييىڭ ئىدى. ئۇنىڭ بىلەن بىر ياتاقتا ياتقان بىرەيلەننىڭ دېيىشىچە، ئۇ قارىماققا يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىپتۇ. لو فامىلىلىك يەنە بىر تەربىيىلەنگۈچى (لو بىنبىن) نىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئاران 30 نەچچە كىلو كېلەتتى. تۇيۇقسىز مېڭە تىقىلمىسى بولۇپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېتىلدى. ئەتىسى ئۇنىڭ بارلىق خۇسۇسىي نەرسىلىرى بىر تەرەپ قىلىندى. بىز ئۇنى ئۆلۈپ كەتتى دەپ يۈرگەنىدۇق. كېيىن ئاڭلىساق، ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلەر نەچچە يۈزمىڭ يۈەن پۇل خەجلەپتىكەن، ئۇ مۆجىزە كەبى تىرىلىپتۇ.
20) بەزى گۈزەل ئادەم ۋە ئىشلار. بىر ئۇيغۇر قىز چارلاش-كونترول قىلىش گورۇپپا باشلىقى بولۇپ كەلگەنىدى، بىر-ئىككى ئاي ئىشلەپلا، بىزنىڭ تولىمۇ بىچارە ھالىمىزنى كۆرۈپ، داۋاملىق ئىشلەشكە چىدىماي خىزمىتىدىن ئىستىپا بەردى؛ يەنە باشقا ئىككى گورۇپپا باشلىقىمۇ بىزدىكى ئۇزۇن مەزگىل ئوزۇقلۇق يىتىشمەسلىكنى بىلىپ، نازارەت كامېرالىرى كۆرەلمەيدىغان يەردە بىزگە ئوغرىلىقچە كەمپىت بەردى؛ يەنە بىر خەنزۇ ساقچىمۇ ئاقكۆڭۈل ئايال ئىدى، ئۇ تەربىيىلەنگۈچىلەرنى ئۆزىنىڭ چېچىنى تۈزەپ قويۇشقا ياكى ئىشخانىنىڭ پولىنى سۈرتۈشكە بۇيرۇپ، ئاشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنىڭ قولىغا كاللەتك ناۋاتلارنى ئوغرىلىقچە تۇتقۇزۇپ قوياتتى؛ كۆپچىلىك ئۇلارنى ئۈلۈشۈپ يەپ، شېكەر تولۇقلايتتۇق. ئىنسانىيلىققا تولغان بۇنداق پارلاق ئىشلارنى بۇ يەردە پەقەت ئوغرىلىقچىلا قىلغىلى بولاتتى.

6. ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن
ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن، ھەممە ئادەم نۇقتىلىق ئاھالە سۈپىتىدە نازارەت ۋە كونترول قىلىناتتى؛ دەسلەپكى بىر ئايدا ھەر كۈنى مەھەللە كومىتېتىغا بېرىپ كۆرۈشەتتۇق؛ بىر ئايدىن كېيىن، ھەپتىدە بىر قېتىم كۆرىشىدىغانغا ئۆزگەردى؛ ئالتە ئايدىن كېيىن، ئايدا بىر قېتىم كۆرۈشىدىغان بولدۇق؛ بۇ ھال بەش يىل داۋاملاشتى. باشقا يەرلەرگە بارماقچى بولساق، بۇ ياقتىن بىلەتنى ئېلىپ بولغۇچە ياكى مەنزىلگە بېرىپ بولغۇچە، ئۇ ياقتىن تېلېفون كېلىپ، يازما رۇخسەت سوراش تەلەپ قىلىناتتى. پويىزلاردا تەكشۈرۈشمۇ دائىملىق ئىش ئىدى.
ئەمەلىيەتتە، نۇقتىلىق ئاھالىلەرنى بۇنداق باشقۇرۇشنى شۇ ئادەم بىلەن ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن باشقىلار بىلمەيتتى. شۇنداقتىمۇ، «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»نى باشتىن كەچۈرگەنلەر بۇنداق مۇقىملىقنى ساقلاش پەيدا قىلغان ۋەھىمىلىك كەيپىياتنى «مەدەنىيەت ئىنقىلابى»دىكىدىنمۇ قورقۇنچلۇق بولدى دېيىشەتتى.
يۇقۇرىدىكىلەر مېنىڭ تەربىيىلەش مەركەزلىرىدە كۆرگەنلىرىمدۇر. مەن كېلىشتىن بۇرۇن تەربىيىلەش سىنىپلىرى ئاللىقاچان يۈرگۈزىلىۋاتقان ئىكەن، مەن ئۆيگە قايتقاندىن كېيىنمۇ، ئۇ تەربىيىلەش مەركەزلىرى يەنىلا مەۋجۇت پېتى قالدى. شۇنچىۋالا ئادەمگە چېتىلغان، شۇنچە ئۇزۇن داۋاملاشقان ئىشنى قانداقمۇ ئىنكار قىلالايمىز؟!

ئەسلى يازما مەنبەسى:

被非法关押在新疆“教培中心”两年的经历

https://www.minghui.org/mh/articles/2024/12/16/%E8%A2%AB%E9%9D%9E%E6%B3%95%E5%85%B3%E6%8A%BC%E5%9C%A8%E6%96%B0%E7%96%86%E2%80%9C%E6%95%99%E5%9F%B9%E4%B8%AD%E5%BF%83%E2%80%9D%E4%B8%A4%E5%B9%B4%E7%9A%84%E7%BB%8F%E5%8E%86-486162.html?fbclid=IwZXh0bgNhZW0CMTEAAR4yfZgPcUXRxSRtFC4s5QpjqVxUxEEUWzKpSRKFuGSfDeDa4VxTp2gzS6BPcQ_aem_u_fJAFGlkVRPtyhyiqb4gw

Share
103 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.