logo

trugen jacn

شوھرەت ھوشۇر: ئىستانبۇلنى كۆككە بويىغانلار

بۇ كۆرۈنۈش ھەققىدە خېلى گەپلەر بولدى، مېنىڭمۇ ئىككى كەلىمە قاتقۇم بار

بۇ رەسىمدىن مېنى مەپتۇن قىلغىنى ئىستانبۇلنىڭ خۇددى كۆككە بويىلىشى-چوڭ بىر كوچىنىڭ ئاي -يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق بىلەن قاپلىنىشى؛ بۇ رەسىمدىن مېنى ئويلاندۇرغىنى، نامايىشچىلارنىڭ كىيىمىدىكى رەڭ ئەمەس خىتايغا قارشى كۈرەش مەيدانىدىكى بىرلىك- تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار نامايىشى تارىخىدا، ئەڭ ئۇزۇن بىر سەپنىڭ تۈزۈلىشى؛ بۇ كۆرۈنۈشنىڭ مېنى قايىل قىلغىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى كىيىنىش جەھەتتىن خىتايچىلاشتۇرۇش، ياكى مەھرەمسىزلەشتۈرۈش( يېرىم -يالىڭاچلاشتۇرۇش)سۈيقەسىتىگە قارشى، يەر ئاستى دىنىي تەربىيە يوللىرى بىلەن خانىم -قىزلىرىمىزنى مانا مۇشۇنداق شەكىلدە كىيىندۈرۈشنى ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ بەلگىلىك بىر قىسمىدا ئومۇملاشتۇرالىغان؛ مۇشۇ ئەمگىكى ئۈچۈن بۈگۈن مۇددەتسىز ۋە مۇددەتلىك قاماقتا يېتىۋاتقان دىنىي ئۇستازلارنىڭ، پىدائىيلارنىڭ چاقىرىق كۈچى ۋە يېتەكلەش ئىقتىدارى

مەن كىيىملەردىكى قارا رەڭدىن دىنىي رادىكاللىقنىڭ ئەمەس، دىندىكى قەتئىيلىكنىڭ، دىندىكى بۇ قەتئىلىكتىن بولسا خىتايدىن مەدەنىيەت جەھەتتە كەسكىن بىر چىگرا ئايرىشنىڭ ئىپادىسىنى كۆردۈم. بىلىشىمچە بۇلار بۇ خىل كىيىنىشنى، چەتئەلگە چىقىپ تاللىۋالمىدى، بەلكى ۋەتەنەدە‏- خىتاي بېشىدا تاپانچىنى تەڭلەپ تۇرۇپ دىنىدىن ۋاز كېچىشكە، مىللىي كىملىكىنى ئۇنتۇشقا مەجبۇرلاۋاتقان بىر مۇھىتتا تاللىۋالدى. بۇ ۋەزىيەت نەزەردە تۇتۇلسا، ئېنىقكى بۇ كىيىم ، دىنىي ئېتىقادنىڭ ئىپادىسى بولۇشتىن كۆپ خىتايغا قارشى بىر سىياسىي مەيداننىڭ ۋە ئىرادىنىڭ ئىپادىسى. بۇ خىتايغا قارشى بىر تىركىشىش جېڭى، ئىتااەتسىزلىك ئۇرۇشى، يەنى گەندىچە بىر ئۇرۇش فورمىسى

شۇنداق ، بۇ گەندىچە ئۇرۇشنى چەتئەلدىمۇ داۋاملاشتۇرۇشنىڭ زۆرۈىيىتى بارمۇ -يوق ؟ ئەلۋەتتە بۇ ئايرىم توختىتىلىدىغان بىر تىما، ئەمما ھازىرچە دىيەلەيدىغىنىم : مەنچە زىيىنى يوق
مەنچە دۇنيا، جۈملىدىن غەرپ قارا كىيىمگە ياكى ئۇزۇن ساقالغا قارشى ئەمەس، بۇ خىل كىيىم ، بۇ خىل تۇرقنىڭ باشقىلارغا تېڭىلىشىغا قارشى. غەرپ راستچىللىقنىڭ، سەمىي ئېتىقادنىڭ كۈچلۈك قوللىغۇچىسى؛ كۆپ خىل مەدەيەتنىڭ تەشەببۇسچىسى. ئىستانبۇلدىكى بۇ خانىم-قىزلار ئۆزلىرىنىڭ كىيىنىش شەكلىنى باشقىلارغا تاڭغىنى يوق، ئەكسىنچە، بىر ئاۋاز بىر بىر قەدەم نامايىشىنىڭ ئامېرىكىدىكى يېتەكچىلىرى- غەرپ مەدەنىيىتىنى ئۆزىگە سىڭدۈرگەن بىر گۇرۇپ خانىم قىزلارنىڭ ئارقىسىن مېڭڭىۋاتىدۇ؛ ئۇلار بىلەن ئوخشاش شۇئارنى توۋالاۋاتىدۇ؛ خاتا تەسىر پەيدا قىلغۇدەك ۋەزىيەت يوق، خاتا تەىسر ئېلىۋالغۇچىلار بولسا، مەسىلە شۇ تەرەپتە
ساھەنىڭ ئەھلى بولمىغانلىقىم ئۈچۈن قارا كىيىمنىڭ تەشەببۇسچىسىمۇ، تەنقىدچىسىمۇ ئەمەسمەن، ئەمما ئەنە شۇ قارا كىيىم بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىپادە بولغان مىللىي بىرلىكنىڭ، خىتايغا قارشى ئېنىق سىياسىي مەيداننىڭ قىزغىن قوللۇغچىسىمەن. ئەگەر خىتايغا قارشى بۇ بىرلىك، قارا كىيىمسىزمۇ، رەڭلىك كىيىملەر بىلەنمۇ، بەزىلەر ئارزۇ قىلغاندەك رەڭدار مۇسۇلمانلىق بىلەنمۇ شەكىللەندۈرگىنى بولىدىغان ئىش بولسا، ياخشى، مەرھەمەت، يېتەكلىگىچىلەرگە يول ئوچۇق؛ . ئەگەر ئۇنداق قۇدرەت ساھىپلىرى بولمىسا، مەن مۇشۇ قارا كىيىمنىڭ ئالقىشلىغۇچىسى ؛ مۇھىمى كىيىمنى، رەڭنى ، شەكىلنى تۈزەش مەقسىتىدە ھىسسىياتنى زەخمىلەندۈرۈش ۋە روھنى ئاجىزلاشتۇرۇشقا قارشى تۇرغۇچى.
مەنچە تارىخ، بۇ كۆرۈنۈشنى “ قارا كىيىملىك خانىم قىزلىرىمىز“ دەپ ئەمەس، ”ئىستانبۇلنى كۆككە بويىغانلار“ دەپ يازىدۇ

Görüntünün olası içeriği: 3 kişi
Share
1673 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.