logo

trugen jacn

شوتلاندىيەلىك مۇزىكانت جوئې خامىلتون 24 سائەت پىيادە مېڭىپ بارىن ئىنقىلابىنى خاتىرىلىدى

b7d45b28-d547-4113-a7dd-38dc8c1ff2c9

مېھرىبان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

شوتلاندىيەلىك مۇزىكانت جوئې خامىلتون، 2014-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان مەشھۇر ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ۋە 2009-يىلدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە غايىب بولغان ئوغلى ئۈچۈن ھەقنى سۆزلىگەن ئۇيغۇر ئانا پاتىگۈل غۇلامغا ئاتاپ ئىجات قىلغان ناخشىلىرى بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تونۇلغان ئىدى. ئۇ 4-مارت سەھەر سائەت 1 دىن 5-مارت سەھەر سائەت 1 گىچە 24 سائەت پىيادە مېڭىپ، بارىن ئىنقىلابىنىڭ 25 يىللىقىنى خاتىرىلىدى ۋە گېرمانىيە قاتارلىق ئەركىن دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان كىشىلەرنى ھەقنى سۆزلىگىنى ئۈچۈن خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن تۈرمىدە يېتىۋاتقان بارلىق ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرىغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىشقا چاقىردى.

ھەر يىلى 5-ئاپرېل كۈنىدىكى بارىن ئىنقىلابى خاتىرە كۈنىدە، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇرلار نامايىش قىلىش، خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش قاتارلىق ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن 1990-يىلى ئاقتۇنىڭ بارىن يېزىسىدىكى قوزغىلاڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن قۇربان بولغان زەيدىن يۈسۈپ قاتارلىق قەھرىمانلارنى خاتىرىلەپ كەلمەكتە. بۇ يىل شوتلاندىيەلىك مۇزىكانت تونۇلغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى جوئې خامىلتون ئەپەندىمۇ ئۆزىگە خاس ئۇسۇل بىلەن بارىن ئىنقىلابىنىڭ 25 يىللىقىنى خاتىرىلەپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىكتاتورىلىق باستۇرۇشىغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەققانىيەت ۋە باراۋەرلىك تەلەپ قىلىپ خىتاي تۈرمىسىگە قامالغان ئىلھام توختىغا ئوخشاش ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە ئۈچۈن بەدەل تۆلەۋاتقان ئۇيغۇر مەھبۇسلىرىغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىشقا چاقىردى.

6-ئاپرېل دۈشەنبە كۈنى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان جوئې خامىلتون ئەپەندى، ئۆزىنىڭ 4-مارت سەھەر سائەت 1 دە باشلاپ 5-مارت سەھەر سائەت 1 دە ئاياغلاشتۇرغان 24 سائەتلىك پىيادە يۈرۈشىنىڭ مەقسىتى ۋە بۇ قېتىمقى يۈرۈش جەريانىدىكى ھېس-تۇيغۇلىرىنى بايان قىلدى.

جوئې خامىلتون ئەپەندى ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن 24 سائەت پىيادە يۈرۈشنى پىلانلىغانلىقىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تور بېكىتىدىن بۇ يىل 5-ئاپرېل كۈنى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇش سىياسىتىگە قارشى قوزغالغان بارىن ئىنقىلابىنىڭ 25 يىللىق خاتىرە كۈنى ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇم. بۇ سەۋەبتىن بۇ قېتىمقى بارىن ئىنقىلابىدىكى قۇربانلارنى خاتىرىلەش؛ ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەقلىرى ۋە باراۋەرلىكىنى تەلەپ قىلغىنى ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ۋىجدان مەھبۇسى ئىلھام توختىغا ئوخشاش قاراڭغۇ تۈرمىلەرگە مەھكۇم بولغان ئۇيغۇر مەھبۇسلىرىنىڭ تۈرمىدىكى ئاۋابىنى ھېس قىلىش، ئەركىن دۇنيادا ياشاۋاتقان ھۆر كىشىلەرنى كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ رېجىمى ئاستىدا ئېزىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىش؛ خىتاي بىلەن سودا قىلىۋاتقان غەرب دۆلەتلىرى ھۆكۈمەتلىرىنى ۋە غەربتىكى شىركەتلەرنى پەقەت ئىقتىسادىي مەنپەئەتنىلا كۆزدە تۇتۇپ خىتاي بىلەن ھەمكارلاشقىنىدا، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە قاراتقان سىياسىي ۋە دىنىي جەھەتتىكى باستۇرۇش ۋەزىيىتىگىمۇ دىققەت قىلىشقا چاقىرىق قىلىش ئۈچۈن، مەن 4-ئاپرېل سەھەر سائەت 1 دىن 5-ئاپرېل سەھەر سائەت 1 گىچە داۋاملاشقان 24 سائەتلىك پىيادە يۈرۈش ھەرىكىتى ئېلىپ باردىم.»

جوئې خامىلتون ئەپەندى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «مەن يەنە بىر ئاتا بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئىلھام توختىدەك خىتاي تۈرمىلىرىدە يېتىۋاتقان سانسىزلىغان ئۇيغۇر ئاتىلار ۋە ئەرلەرنىڭ يېتىم قالغان بالىلىرى، تۇل قالغان ئاياللىرىنىڭ نەقەدەر ئېغىر كۈنلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالايمەن ۋە بۇ يۇرۈشۈم ئارقىلىق ئۇلارغا روھى جەھەتتىن بولسىمۇ مەدەت بەرمەكچىمەن» دېدى.

جوئې خامىلتون ئەپەندى يەنە، نۆۋەتتە غەرب دۇنياسىدا ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى بىلىدىغانلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشىلەرنىڭ يەنىلا ئازلىقىنى بىلدۈرۈپ، «يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان غەرب مەتبۇئاتلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەر، ماقالە-ئەسەرلەر بارغانچە كۆپەيدى. ئەمما ئاۋام پۇقرالار ئارىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي ۋە دىنىي باستۇرۇشىغا ئۇچراۋاتقان رېئال ۋەزىيىتىنى ھەقىقىي بىلىدىغان ۋە بۇ ئەھۋاللارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشىلەر يەنىلا ئاز بولماقتا. مەن بۇ قېتىمقى پىيادە يۈرۈشۈمنى ۋە يۈرۈش جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈش ھەققىدىكى چاقىرىقلىرىمنى فېيسبوك، تىۋىتېر قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىغا يوللىدىم. بۇ ئارقىلىق گېرمانىيەدەك ئەركىن دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلار باستۇرۇلۇۋاتقان ۋەزىيەتكە كۆڭۈل بۆلسىكەن دېگەن ئۈمىدتىمەن» دېدى.

مۇزىكانت جوئې خامىلتون ئەپەندى ئۇزۇندىن بۇيان تىبەت ھەرىكىتىنى قوللاپ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىدىن بولۇپ، ئۇ يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى ئارقىلىق چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تونۇلۇشقا باشلىغان ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىجرائىيە ھەيئىتى مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى جوئې خامىلتون ئەپەندىنىڭ يېقىنقى ئىككى يىل ئىچىدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇنىڭ بۇلتۇر 5-ئىيۇل غايىبلىرىدىن ئىمام مەمەت ئېلىنىڭ ئانىسى پاتىگۈل غۇلام، ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى قاتارلىقلارغا ئاتاپ ئىجات قىلغان ناخشىلىرى، تىبەت ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتىنى قوللاپ ئېلىپ بارغان بىر ھەپتىلىك پىيادە يۈرۈشى قاتارلىقلارنى نەقىل ئالدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/barin-inqilabi-04062015154225.html

Share
1732 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.