logo

trugen jacn

شاۋگۇەن قانلىق ۋەقەسىدە ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ئۇيغۇر ئىشچىلار بىلەن تۇنجى سۆھبەت

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

شاۋگۇەن قانلىق ۋەقەسىدە ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ئۇيغۇر ئىشچىلار ھېلىھەم مەزكۇر ۋەقەنىڭ ۋەھىمىسىدە، كۆزلىرى ياش، باغرى يارا، يۈرىكى ئېزىلگەن ھالدا بىر مېھمانخانىدا ”قوغداش“ ئاستىدا ياتماقتا. مەلۇم بولۇشىچە، نەچچە مىڭلىغان خىتاي ئىشچىلار تۇيۇقسىز ئۇيغۇر بالىلارنىڭ ياتاقلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ كىرگەن ۋە قارا قويۇق ئۇرۇشقا باشلىغان

ۋەقەدە بەزىلەر قېچىپ قۇتۇلۇشقا ئۈلگۈرگەن بولسىمۇ، يەنە نۇرغۇن ئۇيغۇر بالىلار ھۇجۇمدا زەخمەتلەرگە دۇچ كەلگەن، ھەتتا بەزىلەر ھاياتىدىنمۇ ئايرىلغان.

ھازىرچە ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ ھەققىي سانىنى خىتاي ھۆكۈمەت تارماقلىرى بار كۈچى بىلەن توسۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بولسىمۇ، ۋەقەگە گۇۋاھ بولغۇچىلار ئۆلگۈچىلەرنىڭ 2 دىن نەچچە ھەسسە كۆپ بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

Share
820 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.