logo

trugen jacn

شاھىن: تۈركىيە ئۈرۈمچىگە كونسۇلخانا ئاچقان تەقدىردە….

4593482497ahininheyetikabul

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مەھمەت ئەلى شاھىن پارتىيەسىنىڭ مەركىزىي بىناسىدا خىتاي كومۇنىستىك پارتىيەسى ھەيئىتىنى قوبۇل قىلدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەھمەت ئەلى شاھىن خىتايدىن كەلگەن ھەيئەتنى تۈركىيەدە كۆرۈش ۋە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىدە كۆتۈۋېلىشتىن ئالاھىدە خۇشاللىق ھېس قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى

شاھىن، تۈركىيە بىلەن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بارلىق ساھەلەردە سۈرئەت بىلەن راۋاجلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. 2012- يىلى ئىمزالانغان <ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ئورنىتىش> كېلىشىمىنىڭ ئەھمىيىتى ئۈستىدە توختالغان شاھىن، خىتاي بىلەن تۈركىيە ئارىسىدىكى 28 مىليارد دوللارلىق سودا ھەجمىنى 2015- يىلىغا بارغاندا 50 مىليارد دوللارغا؛ 2020- يىلىغا بارغاندا بولسا، 100 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈشنى نىشانلاۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر تۈركلىرى ھەققىدىمۇ توختالغان مەھمەت ئەلى شاھىن، «رايوندىن كېلىۋاتقان بىر قاتار خەۋەرلەر تۇغقاندارچىلىق رىشتىسى بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيەدە پەرقلىق قاراشلارنى پەيدا قىلماقتا. شۇڭا ئۈرۈمچىدە بىر كونسۇلخانا ئېچىلغان تەقدىردە، ناتوغرا ئۇچۇرلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى

http://www.trt.net.tr/uyghur/%D8%AA%DB%88%D8%B1%D9%83%D9%89%D9%8A%DB%95-%D8%AE%DB%95%DB%8B%DB%95%D8%B1%D9%84%D9%89%D8%B1%D9%89/2014/09/12/%D8%B4%D8%A7%DA%BE%D9%89%D9%86-%D8%AA%DB%88%D8%B1%D9%83%D9%89%D9%8A%DB%95-%D8%A6%DB%88%D8%B1%DB%88%D9%85%DA%86%D9%89%DA%AF%DB%95-%D9%83%D9%88%D9%86%D8%B3%DB%87%D9%84%D8%AE%D8%A7%D9%86%D8%A7-%D8%A6%D8%A7%DA%86%D9%82%D8%A7%D9%86-%D8%AA%DB%95%D9%82%D8%AF%D9%89%D8%B1%D8%AF%DB%95-77115
Share
2466 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.