logo

trugen jacn

شاھىتلار بۇلتۇر 11 – ئايدا يەكەندە يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەنىڭ بىر قىسىم تەپسىلاتلىرىنى ئاشكارىلىدى

 

قۇتلان

2015-u0519-pmq.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

2014 – يىلى 7 – ئاينىڭ 28 – كۈنى يەكەننىڭ ئېلىشقۇ قاتارلىق يېزىلىرىدا قانلىق ۋەقە يۈز بېرىپ مىڭلىغان پۇقرالارنىڭ ئۆلگەنلىكى ۋە تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

ئارىدىن توپ – توغرا 3 ئاي ئۆتكەندە، يەنى شۇ يىلى 11 – ئاينىڭ 28 – كۈنى يەكەندىكى كەچلىك بازاردا يەنە بىر مەيدان قانلىق ۋەقە يۈز بەرگەنلىكى مەلۇم.

ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇر بەرمىدى، پەقەتلا ھۇجۇمچىلارنىڭ 4 نەپەر خىتاينى چاناپ ئۆلتۈرگەنلىكى، ئون نەچچە كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى شۇنداقلا ساقچىلارنىڭ نەق مەيداندا ئوق چىقىرىپ 11 نەپەر ھۇجۇمچىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكى خەۋەر قىلىندى.

ئارىدىن يېرىم يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەندە ئىسىم – شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان شاھىتلاردىن بىرى مەزكۇر ۋەقەنىڭ بىر قىسىم تەپسىلاتلىرى ھەققىدە بىلىدىغانلىرىنى ئاشكارا قىلدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شۇ كۈنلەردە يەكەن ئالتۇنلۇقتىكى چوڭ جامەنىڭ ئالدىغا جايلاشقان بازاردا ئۇيغۇر ياشلىرى بىلەن خىتايلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىدۇ. بىرقانچە مىنۇت ئۆتمەيلا ساقچى ئاپتوموبىللىرى سىگنال چېلىپ نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىدۇ. بازاردىكى بىر ئاۋات سامسىخانىدا قىڭراق بىلەن پىياز توغراۋاتقان بىر ئۇيغۇر سامسىپەز نېمە ۋەقە بولغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن قولىدىكى قىڭراقنى قويۇشنى ئۇنتۇپ سىرتقا پەشتاما بىلەنلا يۈگرۈپ چىقىدۇ. نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن قوراللىق ساقچى ۋە ئالاھىدە قىسىم ئەسكەرلىرى قولىدا قىڭراق كۆتۈرگەن ئۇيغۇر سامسىپەزنى سۈرۈشتە قىلمايلا ئېتىپ تاشلايدۇ. بازاردىكى كىشىلەر تەرەپ – تەرەپكە قېچىشقا باشلايدۇ…

ئىسىم – شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان مەزكۇر شاھىت يەنە ئۆزىنىڭ 2014 – يىلىنىڭ 10 – ۋە 11 – ئايلىرىدا يەكەندە تىجارەت قىلىش جەريانىدا كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلارغا تەقدىم قىلدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/yeken-weqesi-05192015232050.html

Share
1025 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.