logo

trugen jacn

شاڭ جۈن شۇ: خەلقنى كونتۇرۇل قىلىشنىڭ 5 خىل ئۇسۇلى

 

 خەلقنى كونتۇرۇل  قىلىشنىڭ 5 خىل ئۇسۇلى
Xelqni konturul qilishning 5 xil usuli 

https://uyghur-jemiyiti.blogspot.com/2019/01/shang-jun-shu-xelqni-konturul.html

كىرىش سۆز

شاڭ جۈن شۇ، يەنى شاڭنىڭ پادىشاھ قوللانمىسى دىگەن كىتاپ مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 3- ئەسىردە يىزىلغان كىتاپ بولۇپ، بۇنىڭدىن 2300 يىل ئىلگىرى يىزىلغان بۇ كىتاپ ئۇزۇن زامان پۇخرالاردىن چەكلىنىپ كەلگەن. بۇ كىتاپتا ئوتۇرغا قويۇلغان خەلقنى كونتۇرۇل قىلىشنىڭ 5 خىل ئۇسۇلى، تارىختىن بۇيان خىتتايدىكى پادىشاھلارغا ۋە ياكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەنلەرگە ئالاھىدە يىتەكچىلىك رول ئويناپ كەلگەن.

بۇ كىتاپ ھازىرغا قەدەر ئۈچ خىل تىلغا، يەنى 1928-يىلى ئىنگىلىز تىلىغا، 1970-يىلى ياپۇنچىغا، 1981-يىلى فىرانسۇزچىغا تەرجىمە قىلىنغان. ناھايتى ئەپسۇس، مىنىڭ بىلىشىمچە بۇ كىتاپ ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنمىغان.

مىنىڭ قارىشىمچە بىزنىڭ بۇ كىتاپتا ئوتۇرغا قويۇلغان مەزمۇنلار بىلەن تونۇشۇپ چىقىشىمىز، خىتتاي ھاكىمىتىنىڭ خارەكتىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ سىياسەت تۈزەش مىتوتىنى توغۇرا بىلىشتە ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىكە. شۇ سەۋەپتىن، مەن بۇ كىتاپتا ئوتۇرغا قويغان ”خەلقنى كونتۇرۇل قىلىشنىڭ 5 خىل ئۇسۇلى“ نىڭ ئاساسى مەزمۇنى قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىپ، ئوقۇرمەنلەرگە سۇندۇم.

ئەسلى كىتاپ قەدىمقى خىتتاي تىلى بىلەن يىزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ تولۇق تېكىستى ۋە ھازىرقى زامان خىتتاي تىلىدىكى چۈشەندۈرىشىنى تۆۋەندىكى ئۇلانمىدىن كۆرەلەيسىز.

/http://book.sbkk8.com/gudai/shangjunshu

خەلقنى كونتۇرۇل قىلىشنىڭ بىرىنجى ئۇسۇلى: ئاجىز ئارقىلىق كۈچلىكنى يوق قىلىش، ئەسكى ئارقىلىق ياخشىنى يوق قىلىش

制民“之手段一: 以弱去强,以奸驭良“

بىر دۆۋلەت كۈچلۈك بىلەن كۈچلۈكنى يوقاتقاندا ئاجىزلايدۇ، ئاجىز بىلەن كۈچلۈكنى يوقاتقۇچى كۈچلىنىدۇ.

ھۆكۈمەت ئەگەر كۈچلۈك خەلق بىلەن كۈچلۈك كۈچنى يوقاتقاندا، قىپ قالغىنى يەنىلا كۈچلۈك خەلق بولۇپ، ئۇلارنى باشقۇرۇش قىيىن بولىدۇ، نەتىجىدە ھاكىمىيەت ئاجىزلىشىپ كىتىدۇ. ھۆكۈمەت ئەگەر ئاجىز خەلق بىلەن كۈچلۈك كۈچلەرنى يوقاتقاندا، قىپ قالغىنى ئاجىز خەلق بولۇپ، ئۇلارنى باشقۇرۇش كۆپ ئاسان بولىدۇ، نەتىجىدە ھاكىمىيەت كۈچلىنىدۇ. يەنى خەلق كۈچلەنگەندە ھاكىمىيەت ئاجىزلىشىدۇ، خەلق ئاجىزلاشقاندا ھاكىمىيەت كۈچلىنىدۇ.

يەرلىك ئەمەلدارلار پادىشاھنىڭ ئەمىرىنى بىجا كەلتۈرمەي ياكى مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ بۇيرىقىغا بوي سۇنماي، قانۇنغا خىلاپ ئىش قىلغاندا، ئۇلارنى چىقىشتۇرغان ئورتاقلىرىنى مۇكاپاتلاپ، ئۇلارنىڭ ئورنىنىڭ يۇقىرى تۆۋەن بولىشى، مال مۈلىكىنىڭ ئاز كۆپ بولىشىدىن قەتتى نەزەر، چىقىشتۇرغانلارغا قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ئەمەلدارلارنىڭ ئەمىلىنى بىرىش. شۇنداق بولغاندا پادىشاھقا سادىق ئەمەلدار يىتىشتۈرگىلى ۋە ھاكىمىيەتنى مۇستەككەملىگىلى بولىدۇ.

ياخشى (ئەخلاقلىق، ئادالەتلىك) كىشىلەر بىلەن خەلقنى كونتۇرۇل قىلغاندا، ھاكىمىيەت ۋەيران بولىدۇ. ئەسكى (لۈكچەك، زالىم، پەس، چاكىنا) كىشىلەر بىلەن خەلقنى كونتۇرۇل قىلغاندا، ھاكىمىيەت كۈچلىنىدۇ.

ئەگەر ياخشى (ئەخلاقلىق، ئادالەتلىك) كىشىلەر بىلەن خەلقنى كونتۇرۇل قىلغاندا، ئەسكى، لۈكچەك ۋە زالىملار يوقايدۇ؛ خەلق، ياخشى، ئەخلاقلىق، ئادالەتلىك كىشىلەرگە يىقىنلىشىپ، پادىشاھتىن يىراقلىشىدۇ؛ ئەمەلدارلارغا بوي سۇنمايدۇ، ھاكىمىيەت ئۈستىدىن شىكايەت قىلىدۇ؛ نەتىجىدە ھاكىمىيەت ئاجىزلىشىدۇ ۋە ۋەيران بولىدۇ.

ئەگەر ئەسكى (لۈكچەك، زالىم، پەس، چاكىنا) كىشىلەرنى بەرپا قىلىپ، ئۇلارنىڭ قولى بىلەن خەلقنى كونتۇرۇل قىلغاندا، خەلق پادىشاغا يىقىنلىشىدۇ، پادىشاھنىڭ ئادالىتىگە تەشنا بولىدۇ؛ پادىشاھقا دەردىنى ئاڭلىتىپ، پادىشاھنىڭ ئۆزلىرىگە ئىگە چىقىشىنى ئۈمۈت قىلىدۇ؛ تىچلىق پەرپا قىلغۇچى پادىشاھنى ھىمايە قىلىدۇ، نەتىجىدە ھاكىمىيەت كۈچلىنىدۇ.

خەلقنى كونتۇرۇل قىلىشنىڭ ئىككىنجى ئۇسۇلى: بىرلا دىن ياكى بىرلىككە كەلگەن ئىتىقاد بەرپا قىلىش كىرەك

”制民“之手段二:“壹教“

بىرلا دىن ياكى بىرلىككە كەلگەن ئىتىقاد بەرپا قىلىش يەنى خەلقنى بىر تۇتۇتاش تەربىيەلەش ياكى خەلقنى ئىدىيە جەھەتتە ئەڭ يۇقۇرى دەرىجىدە بىرلىككە كەلتۇرۈش كىرەك.

ھۆكۈمەت، خەلقنىڭ بىلىملىك بولۇشى، مۇنازىرە قىلىشنى بىلىشى، ئەقىللىق بولۇشى، سەمىمى بولۇشى، پاك بولۇشى، كۆڭەل ئىچىشنى بىلىشى، ئەخلاقلىق بولۇشى، ئۆز ئارا ئىتىپاقلىشىشى، ئادالەتلىك ۋە ھەققانى بولۇشى، ئىناۋەتلىك بولۇشى، ھۆرمەتلىك بولۇشى قاتارلىقلارغا ئاساسەن ئۇلارنى مۇكاپاتلاشنى ياكى ئۇلارغا يۇقۇرى مەنسەپ بىرىشنى قاتتىق چەكلەش.

پادىشاھ (ھۆكۈمەت) نىڭ ئەمىرىنى ۋە ياكى بۇيرىقىنى تەنقىت قىلىشقا ۋە ياكى پادىشاھقا (ھۆكۈمەتكە) ئۆزىنىڭ مۇستەققىل كۆز قارىشىنى ئوتۇرغا قويۇشقا يول قويماسلىق كىرەك.

كۈچلۈك ئادەملەرنى ۋەيران قىلىش، ئەقىللىق ئادەمنى مەغلۇپ قىلىش كىرەك. تەقدىرلىنىش ۋە ياكى ئەمەلگە ئىرىشىش ئۈچۈن، پەقەت ۋە پەقەتلا پادىشاھ ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىش كىرەك. پادىشاھ ئۈچۈن يەر تىرىش، پادىشاھ ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىشتىن باشقا بارلىق ئەخلاق پەزىلەتنى تەقدىرلەش ۋە ياكى ئەمەل بىرىشنىڭ ئۆلچىمى قىلماسلىق كىرەك.

ئەگەر خەلق مۇنازىرە قىلىشنى، بىلىم ئىگەللەشنى، سودا قىلىشنى، قول ھۈنەرۋەنلىكنى ياخشى كۆرسە، يەر تىرىمايدۇ، ئۇرۇش قىلمايدۇ، نەتىجىدە بۇنداق دۆۋلەت ئۇزۇنغان بارماي ۋەيران بولىدۇ.

ئەگەر دۆۋلەتتە بىرەر مەسىلە كۆرۈلسە، بىلىم ئىگىسى قانۇن تۈزۈمنى ئەيىپلەيدۇ، تىجارەتچى پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىدۇ، قول ھۈنەرۋەن ھاكىمىيەتكە بوي سۇنمايدۇ، نەتىجىدە دۆۋلەت مەغلۇپ بولىدۇ.

ئەگەر ھەممە خەلق مۇنازىرە قىلىدىغان، بىلىم ئىگەلەشنى ياخشى كورىدىغان بولسا، يەر تىرىدىغانغا ئادەم قالمايدۇ، دۆۋلەت ئۇزۇنغا بارماي ۋەيران بولىدۇ، شۇڭا ئۇنداق ئىنسانلار جىنايەتچىلەردۇر.

ئەگەر مىڭ ئادەم ئىچىدە بىر ئادەم مۇنازىرە قىلىشقا ئامراق، بىلىم ئىگەللەشنى ياخشى كۆرىدىغان، سودا سىتىقتا ئۇستا بولسا، قالغان ئىنسانلار دىخانچىلىق قىلىشتىن، ئۇرۇش قىلىشتىن قىچىپ، ھەممە ئادەم بىلىم ئىگەللەشكە، سودا قىلىشقا ئىنتىلىدۇ.

ئەگەر دۆۋلەتتە سەنەتچىلەر، ئارتىسلار بولسا، ئۇلار ئويۇن قويسا، دىخانلار يەر تىرىغاندا، ئەسكەرلەر ئۇرۇش قىلغاندا دىقىتىنى ئۆزى قىلىۋاتقان ئىشلارغا يىغالمايدۇ.

شۇڭا مۇنازىرە قىلىشنى، بىلىم ئىلىشنى، ئويۇن سەنەت قويۇشنى چەكلەپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش كىرەك.

خەلقنى كونتۇرۇل قىلىشنىڭ ئۈچىنجى ئۇسۇلى: شەخسىنىڭ مال مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش، شەخسى مال مۈلىك ۋە ئەقلى بايلىق بولمىغان جەمىيەت يارىتىش

制民之手段三:剥夺个人资本,造成一个无恒产、无恒心的社会

دۆۋلەت باشقۇرغاندا، ئەگەر باينى كەمبىغەل قىلىپ، كەمبىغەلنى باي قىلسا، ھاكىمىيەت مۇستەككەم بولىدۇ. شۇڭا خەلقنىڭ مال مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش كىرەك.

يالغۇز خەلقنىڭ مال مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىپ قالماستىن، بەلكى ئۇلارنىڭ دەسمايىسىنى ۋە قايتىدىن باي بولۇش ئىقتىدارىنىمۇ يوق قىلىش كىرەك. پەقەت شۇنداق قىلغاندا، مەسىلە ئاندىن تولۇق ھەل بولىدۇ.

نۇتۇق سۆزلىگۈچىنىڭ دەسمايىسى ئۇنىڭ سۆزلەش قابىلىيىتى، پەيلەسوپنىڭ دەسامايىسى ئۇنىڭ ئىدىيەسى، باتۇرنىڭ دەسمايىسىنى ئۇنىڭ جاسارەتى، قول ھۈنەرۋەننىڭ دەسمايىسى ئۇنىڭ ئىككى قولى، سودىگەرنىڭ دەسمايىسى ئۇنىڭ ئەقلى.

قۇشنى كۆندۈرىمەن دىسەڭ، ئۇنىڭ قانىتىنى كىسىۋىتىشىڭ كىرەك.

خەلق پەقەت دۆۋلەتكە تايىنىپ ياشىيالايدىغان بولغاندا، ئاندىن گەپ ئاڭلايدىغان بولىدۇ.

خەلقنى كونتۇرۇل قىلىشنىڭ تۆتىنجى ئۇسۇلى: خەلقنى پەس، كەمبىغەل ۋە ئاجىز تۇتۇش

制民“之手段四:辱民、贫民、弱民“

ئىنسانلار پەس بولغاندا ھوقۇقنى چوڭ بىلىدىغان بولىدۇ؛ ئىنسان ئاجىز بولغاندا ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىدىغان بولىدۇ. ھۆكۈمىران سىنىپنىڭ سالايەتى، ھوقۇقى ۋە ئۇلارنىڭ مۇكاپاتىنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن، خەلقنى چوقۇم پەس، تۆۋەن، ئاجىز ۋە كەمبىغەل تۇتۇش كىرەك. خەلق كەمبىغەل بولغاندا، ئىگە بولغانغا شۈكىرى قىلىدىغان بولىدۇ. دۆۋلەت جازالاش ئارقىلىق خەلقنى باشقۇرغاندا، خەلق ساداقەتمەنلىك بىلەن ئىشلەيدۇ. دۆۋلەت مۇكاپاتلاش ئارقىلىق خەلقنى ئۇرۇشقا چاقىرغاندا، خەلق ئۆلۈشتىن كورۇقمايدىغان بولىدۇ.

ئىنساننىڭ شەخسى ھۆرمىتى ۋە ئابرويى بولغاندا، ھوقۇقنى چوڭ بىلمەيدۇ، ئەمەلدارلارنى كۆزگە ئىلمايدىغان بولىدۇ.

ئىنسان باي بولغاندا، مۇكاپاتنى چوڭ بىلمەيدۇ، مۇكاپات بىرىش ئارقىلىق ئۇلارنى جەلىپ قىلغىلى بولمايدۇ.

دۆۋلەت خەلقنى باشقۇرغاندا، جازالاش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئورنىنى تۆۋەنلىتىش كىرەك، شۇنداق بولغاندا ئۇلار ئۇرۇش بولغاندا جىنىنى پىدا قىلىشقا رازى بولىدۇ.

دىخاندا ئىشىنچە ئاشلىق بولسا، يەر تىرىشقا خوش ياقمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. سودىگەر باي بولسا، تۇرمۇشى باياشات بولىدۇ، ئويۇن تاماششاغا بىرىلىدۇ. شۇڭا دىخاننىڭ ئىشىنچە ئاشلىقىنى تارتىۋىلىپ، ئۇلارنى يىل بويى قوساق تويغۇشنىڭ غىمىغا چۈشۈرۈش كىرەك. سودىگەرنىڭ قولىدىكى ئارتۇق بايلىقىنى تارتىۋىلىپ، ئۇلارنى سودىدا پايدا ئالالمايدىغا ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇش كىرەك.

جازانى ئىغىرلاشتۇرۇپ، مۇكاپاتنى تۆۋەنلىئەتكەندە، پادىشاھ خەلقنى ياخشى كۆرگەنلىك بولىدۇ، ئاندىن خەلق پادىشاھ ئۈچۈن جىنىنى پىدا قىلىدۇ. ئەگەر مۇكاپاتنى ئاشۇرۇپ، جازانى يەڭگىللەتكەندە، پادىشاھ خەلقنى سۆيمىگەنلىك بولىدۇ، خەلق پادىشاھ ئۈچۈن جىنىنى پىدا قىلىشنى خالىمايدۇ.

جازالاش، كۈچ پەيدا قىلىدۇ؛ كۈچ، كۈچلىنىشنى پەيدا قىلىدۇ؛ كۈچلىنىش، ھوقۇقنى پەيدا قىلىدۇ؛ ھوقۇق، شۇكۇر قىلىشنى (قانائەتنى) پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا شۈكۈر قىلىش (قانائەت) جازالاشتىن كىلىپ چىقىدۇ.

خەلق ياخشى كۆرمەيدىغان سىياسەتنى تۈزەپ چىققاندا، خەلق ئاجىزلايدۇ؛ خەلق ياخشى كۆرىدىغا سىياسەتنى تۈزۈپ چىققاندا، خەلق كۈچلىنىدۇ. خەلق ئاجىزلاشقاندا، ھاكىمىيەت كۈچلىنىدۇ، خەلق كۈچلەنگەندە، ھاكىمىيەت ئاجىزلىشىدۇ.

خەلقنى كونتۇرۇل قىلىشنىڭ بەشىنجى ئۇسۇلى: ئۇرۇش قىلىش، ئۆلتۈرۈش

制民“之手段五:杀力“

يۇقارقى 4 خىل ئۇسۇل ئۈنۈملۈك بولمىغاندا، ئۇرۇش قىلىش، ئۆلتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كىرەك.

”كۈچلۇك خەلق“ جەمىيەتنىڭ ئۆسمىسى، پارازىت كۇرتى بولۇپ، ئۇلار پەيدا بولغان ھامان، ئۇلارنى يوق قىلىش كىرەك.

دۆۋلەت كەمبىغەل  بولغاندا، ئۇرۇش قىلىش كىرەك، شۇنىڭ بىلەن دۆۋلەت ئىچىدىكى زەھەر (تەھدىت) دۈشمەن تەرەپكە ئاقىدۇ، دۆۋلەت ئىچىدە پارازىت كۇرت بولمىسا، ھاكىمىيەت كۈچلىنىدۇ.

دۆۋلەت كۈچلىنىپ، ئۇرۇش قىلمىغاندا، زەھەر (تەھدىت) دۆۋلەت ئىچىدە قالىدۇ، پارازىت قۇرتلار پەيدا بولىدۇ، نەتىجىدە ھاكىمىيەت ۋەيران بولىدۇ.

دۆۋلەت كۈچلەنگەندە چوقۇم ئۇرۇش قىلىش كىرەك، شۇنىڭ بىلەن زەھەر (تەھدىت) دۈشمەن دۆۋلەتكە ئاقىدۇ، نەتىجىدە دۆۋلەت ئىچىدە پارازىت قۇرت پەيدا بولمايدۇ، ھاكىمىيەت كۈچلىنىدۇ. يەنى ئۇرۇش بولغاندا، كۈچلەنگەن خەلقنى دۈشمەن بىلەن ئۇرۇشقا سىلىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرغىلى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھاكىمىيەت كۈچلۈك خەلقتىن ئىبارەت ئۇ ”پارازىت قۇرتلار“ دىن قۇتۇلۇپ، ئۆزىنى ساقلاپ قالايلايدۇ.

كۈچ يىتىلدۈرۈپ، كۈچنى يوقاتمىغان ھاكىمىيەت، ئۆزىنى ۋەيران قىلىدىغان ھاكىمىيەت ھىساپلىنىدۇ. بۇنداق ھاكىمىيەت چوقۇم مەغلۇپ بولىدۇ.

كۈچ يىتىلدۈرۈپ، كۈچنى يوقىتالايدىغان ھاكىمىيەت، دۈشمەننى ۋەيران قىلىدىغان ھاكىمىيەت ھىساپلىنىدۇ. بۇنداق ھاكىمىيەت چوقۇم كۈچلىنىدۇ.

ئۇرۇش قىلىش، ئۆلتۈرۈش دىگەنلىك، ئۇرۇش قىلىش ئارقىلىق ئىچكى زىدىيەتنى ھەل قىلىش، دۆۋلەت ئىچىدىكى كۈچلىك خەلقنى يوقۇتۇش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە زەھەر (تەھدىت) نى سىرىتىقا چىقىرىپ، ئىچكى كۈچنى سىرىتقا كەڭەيتىش، ئىچكى زىدىيەتنى تاشقى زىدىيەتكە ئايلاندۇرۇش، باشقا زىمىننى ئۆزىگە قوشىۋىلىشنى كۆزدە تۇتىدۇ.

خىتتايچىدىن قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىپ يىزىپ چىققۇچى: مەمەت ئمىن

Share
1884 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.