logo

trugen jacn

شاڭگاڭدا 16 ئاممىۋى تەشكىلات بىرلىشىپ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نامايىش قىلدى


ئۇيغۇر خەۋەر ۋە تەتقىقات مەركىزى خەۋىرى؛

9.ئاينىڭ 2. كۈنى (يەكشەنبە) شياڭگاڭدىكى 16 ئاممىۋى تەشكىلات بىرلىشىپ، خىتاينىڭ شياڭگاڭنى باشقۇرۇش مەركىزى ئالدىدا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مىللى مەۋجۇدىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغان قىلمىشلىرىغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ باردى. نامايىشچىلار لاگىرلارغا قامالغان بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى دەرھال قويۇۋېتىشكە ۋە ئۇيغۇر مىللىتىگە قىلىنىۋاتقان زىيانكەشلىكنى دەرھال توختۇتۇشقا چاقىردى.

نامايىشچىلار يەنە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دەرھال ئۇيغۇر رايونىغا ۋەكىل ئەۋەتىپ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنى نەخ مەيداندا كۆرۈپ تەكشۇرۇشكە چاقىردى.

پۈتۈن دۇنيادا ئۇيغۇرلارغا قېرىنداش بولغان تۈركى ۋە مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ خىتاي تەرەپتە تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارغا قارشى ئەلىپ بېرىلغان مىللى قىرغىنچىلىققا سۈكۈت قىلىۋاتقان بىر شارائىتتا، خىتاي مىللىتىگە مەنسۇپ بولغان شياڭگاڭ خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاپ مەيدانلارغا چىقىپ خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى نامايىش قىلغانلىقى دۇنيا  مەدياسىنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلدى.

مەنبە:

香港16个团体抗议中国政府在新疆严酷打压维族

香港16个团体抗议中国政府在新疆严酷打压维族

Share
2619 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.