logo

trugen jacn

شاڭخەيدە سەككىز ئۇيغۇر ساختا پاسپورت بىلەن تۇتۇلغان

7985137inuygur

خىتاينىڭ يەر شارى ۋاقتى گېزىتى ئادەم ئەتكەسچىلىكى بىلەن ئەيىبلەنگەن 10 ئادەمنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

قولغا ئېلىنغان كىشىلەرنىڭ سەككىزى ئۇيغۇر، قالغان ئىككىسىنىڭ تۈركىيە پۇقراسى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن خەۋەردە، 2014 – يىلى 11 – ئايدا سەككىز ئۇيغۇرنىڭ شاڭخەي پۇدوڭ ئايرودۇرۇمىدا ساختا تۈركىيە پاسپورتى بىلەن چېگرادىن ئۆتمەكچى بولغاندا سىزىلىپ قالغانلىقى، ئىككى تۈركىيە پۇقراسىنىڭ ئۇلارغا ماسلىشىش بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.
خىتاي دائىرىلىرى سەككىز ئۇيغۇرنىڭ ئىچىدىكى بىرىنىڭ توردا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان كىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئەمما، قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلار ۋە ئىككى نەپەر تۈركىيە پۇقراسى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلان قىلمىدى.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ۋەقە يۈز بېرىپ ئارىدىن بىر ئاي ئۆتكەندە بۇ ھەقتە خەۋەر ئېلان قىلىشى دىققەت قوزغىماقتا
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى
Share
1535 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.