logo

trugen jacn

شائىر ئەخمەتجان ئوسماننىڭ «ئاھ، ئۇيغۇر تۇپرىقى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى ياپونىيەدە نەشر قىلىندى

image

ھاجى قۇتلۇق قادىرى

اڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

28-ئاپرېل ياپونىيەدە ئۇيغۇر شائىرى ئەخمەتجان ئوسماننىڭ «ئاھ، ئۇيغۇر تۇپرىقى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى سايۇشا نەشرىياتى تەرىپىدىن ياپون تىلىدا نەشر قىلىنىپ،رەسمىي تارقىتىلىشقا باشلىدى.

شائىر ئەخمەتجان ئوسماننىڭ ياپون تىلىدا نەشر قىلىنغان شېئىرلار توپلىمىنى ياپونىيە خوسو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور مۇقەددەس، دوكتور كائا ماكوتو قاتارلىقلار بىرلىكتە تەرجىمە قىلىپ نەشرگە تەييارلىغان.

1980-يىللاردىن كېيىن ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە بارلىققا كەلگەن گۇڭگا شېئىرلارنىڭ تىپىك ۋەكىللىرىدىن بىرى بولغان شائىر ئەخمەتجان ئوسماننىڭ ياپون تىلىدىكى بۇ شېئىرلار توپلىمىغا ئۇنىڭ يەتمىش پارچە شېئىرى كىرگۈزۈلگەن.

شائىر ئەخمەتجان ئوسمان 1964-يىلى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. ئۇ، سۈرىيە دەمەشق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەرەب ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىنى تاماملاپ، ئۈرۈمچىدە ۋە سۈرىيەدە بىر مەزگىل ياشىغاندىن كېيىن ئائىلىسى بىلەن كاناداغا كۆچۈپ كەلگەن.

شائىر ئەخمەتجان ئوسماننىڭ شېئىرلىرى ھازىرغىچە ئۇيغۇر، ئەرەب، ئىنگلىز تىللىرىدا توپلام قىلىپ نەشر قىلىنغان بولۇپ،بۇ قېتىمقى ياپون تىلىدىكى شېئىرلار توپلىمى ئۇنىڭ ياپونىيەدە نەشر قىلىنغان تۇنجى توپلىمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

نۆۋەتتە دىققىتىڭلار، ياپون تىلىدا نەشر قىلىنغان شېئىرلار توپلىمى ھەققىدە شائىر ئەخمەتجان ئوسمان بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزدە بولغاي

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/medeniyet-tarix/exmetjan-osman-04292015151543.html

Share
4056 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.