logo

trugen jacn

شائىر ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ ئۈرۈمچىدىكى مىدوڭ رايونى «تەربىيىلەش مەركىزى» دە ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئاتاقلىق شائىر ۋە ئەدىب ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى دەلىللەنگەندىن كېيىن، مۇخبىرىمىز ئۇ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئورۇن ۋە ئاتالمىش خاتالىقى ئۈستىدە ئېنىقلاش ئېلىپ باردى. ئۇنىڭ خىزمەت ئورنى بولغان شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالاقىدار خادىملىرى ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىكى مىدوڭ رايونلۇق «تەربىيىلەش مەركىزى» دە بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى خادىمى پروفېسسور ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ تۇتۇلۇش مەسىلىسىنىڭ نازۇك بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى، شۇڭا مەكتەپتىكى كۆپ قىسىم خادىملارنىڭ ئەھۋالدىن، بولۇپمۇ ئۇنىڭ نەدە، نېمە سەۋەبتىن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى. ئەھۋالدىن خەۋەردار خادىملار، ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئورنى ھەققىدە ئۇنىۋېرسىتېت ساقچىخانىسىنىڭ خەۋىرى بارلىقىنى ئېيتتى. ئەمما بۇ ساقچىخانا خادىمىمۇ، ئەھۋالنىڭ ئاددىي ئەمەسلىكىنى، ئالاقىدار رەھبىرى خادىملاردىن ئەھۋال ئىگىلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى.

ئۇنىۋېرسىتېت قوغداش باشقارمىسى ۋە تەڭرىتاغ رايونلۇق ساقچى خادىملىرى، ئابدۇقادىر جالالىدىن ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىش بىلەن بىرلىكتە، ئۈرۈمچىدە ئاتالمىش «تەربىيىلەش» دولقۇنى داۋام قىلىۋاتقانلىقى، ھەتتا «تەربىيىلەش مەركىزى» دەپ بىر ئورۇننىڭ بارلىقىنىمۇ ئىنكار قىلدى. بىز ئۇنىڭغا شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ رادىكاللىقنى تۈگىتىش ۋە تەربىيىلەپ ئۆزگەرتىشكە ئائىت خەۋەرلىرىنى ئەسلەتكىنىمىزدە، ئۆزلىرىنىڭ خەۋەر كۆرمەيدىغانلىقىنى، بۇ تېمىدا ھېچنېمە دەپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى قوغداش بۆلۈمىنىڭ بىر مەسئۇلى، بۇ تېمىدا تەپسىلىي جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرلىكتە، ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئەڭ چوڭ لاگېرلاردىن بىرى بولغان «مىدوڭچۈ تەربىيىلەش مەركىزى» دە بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئالدىنقى كۈنكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئامانلىق باشقارمىسى سىياسىي بۆلۈمىنىڭ باشلىقى فېڭ ۋېيچياڭ، ئابدۇقادىر جالالىدىننى ئۈرۈمچى شەھەرلىك دۆلەت ئامانلىق ساقچىلىرى 29-يانۋار كۈنى تۇتۇپ كەتكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان ئىدى

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/abduqadir-jalalidin-terbiyelesh-lagerida-04272018210011.html

Share
1521 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.