logo

trugen jacn

سەپەر

ھەق ئۈچۈن باستۇق قەدەم چىقتۇق سەپەرگە ئاتلىنىپ،
يەتمىدۇق مەنزىلگە ئەمما يوللاردا توختاپ قالمىدۇق.‏
كۆپ تاغۇ-دەشتلەرنى كەزگەچ قالدۇق پىشىپ ھەم تاۋلىنىپ،
چىن ئىمان-ئارمان كۈچىدە چارچىمىدۇق ھەم ھارمىدۇق.‏

قارىساق مەنزىل كۆرۈنمەس بولغاچقا كۆپ دەريا،داۋان،
ئۈزمىدۇق ئۈمىدنى ئەسلا چىققان سەپەردىن يانمىدۇق.‏
بەزىدە چىقتى تۇيۇقسىز ئالدىمىزغا ئىت،قاۋان،
ئاللاھقا قىلدۇق تەۋەككۇل خەتەردىن قورقۇپ قالمىدۇق.‏

يول ئۇزۇن،ئاتلار ئورۇق،مەنزىل تېخى بىزدىن يىراق،
لېكىن بۇ ھېچگەپ ئەمەس نىشاندىن ئېزىپ قالمىدۇق.‏
چۈنكى بىزنىڭ يولىمىزغا قۇرئان-ھەدىستۇر نۇر،چىراق،
ھەق يولدا مەھكەم چىڭ تۇرۇپ شەيتانغا بىز ئالدانمىدۇق.‏

كۆپ كىشى يوللاردا بىزگە ئەگەشتى قىلغاچقا ھەۋەس،
ئاز يۈرۈپ ئارقىغا ياندى كۆرگەچكە مەنزىلنى يىراق.‏
بولمىسا ساپدىل كىشى بۇ يولدا يۈرمەك بەكمۇ تەس،
ماڭالماس بۇ يولدا ئىنسان كەم بولسا ھەققە ئىشتىياق.‏

بەزىلەر كېتىشتى ھەريان ھەشقى پىچەكنى گۈل ساناپ،
ئۇنتۇدى يۇرتنى ۋەتەننى بەرمىدى ئەلگە زەررە نەپ.‏
چاڭقىسا يۈگۈردى چۆلدە ئالۋۇنغىمۇ سۇ دەپ قاراپ،
يول تاپالماي ماڭغۇدەك يۈرمەكتە ھەريان تەمتىرەپ.‏

شۈكرى ئاللاھ مانا بىز ھەق يولدا چىڭ تۇرماقتىمىز،
ئەل-يۇرتۇڭدىن تان دېگەن نائەھلىگە ئەگەشمىدۇق.‏
يۇرتنى ياۋدىن قۇتقۇزۇپ،ئازات قىلشتۇر غايىمىز،
ئەل-ۋەتەن دەپ باغلىغان بەللەرنى ئەسلا يەشمىدۇق.‏

ئىنشائاللاھ ماڭىمىز بۇ يولدا ھەتتا ئۆلگۈچە،
ھەق بىلىپ باسقان بۇ يولنى قەھرىمان ئەجدادىمىز.‏
كۈلمە ياۋ بولساق شەھىد،گەر غايىمىزگە يەتكۈچە،
ئارقىمىزدىن ئىز‎ ‎بېسىپ كىلەر جەسۇر ئەۋلادىمىز.‏

ئەبدۇلھەمىد ئۇيغۇر
‏2018-1-8-ت،ئا.‏

Share
1058 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.