logo

trugen jacn

سەمەت ئابلا; ئۆزگەرگەن دۇنيا ۋە ئۆزگەرمىگەن قىسمەتلىرىمىز

ئۆزگەرگەن دۇنيا ۋە ئۆزگەرمىگەن قىسمەتلىرىمىز
سەمەت ئابلا
يېقىندىن بۇيان، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىخەتەرلىگىگە مۇناسىۋەتلىك ئەنسىز خەۋەرلەرنىڭ كەينى-كەينىدىن ئوترىغا چىقىشى،يالغۇز تۈركىيەدىكىلا ئەمەس،چەتئەلدىكى بارچە ئۇيغۇرنى قاتتىق تەشۋىشكە سېلىپ قويدى. ئىجتىمائى تاراتقۇلاردا بۇ مەسىلە ئۈستىدىكى غۇلغۇلا، بەس- مۇنازىرىلەر قايناپ كەتتى.
مەن بۇ كۈنلەردە، ئالدىنقى ھەپتىلەردە ئېلان قىلىشنى باشلىغان ”ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىكى ۋە بۈگۈنكى نۇپۇسى ئۈستىدە ئىزدىنىش“ ناملىق ماقالامنىڭ داۋامىغا مۇناسىۋەتلىك يېقىنقى زامان تارىخىمىزنى قايتا ئوقۇۋاتقان بولغاچقا، نۆۋەتتە يۈز بېرىۋاتقان بۇ ۋەقەلەرنىڭ بۇندىن 200 يىل بۇرۇنقى بەزى ۋەقەلەرگە ھەيران قالغۇدەك ئوخشاپ كېتىدىغانلىغىنى بايقىدىم.
بۇنى ياخشىراق چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ئەينى زاماندىكى تارىخنى بىرئاز ئەسلەپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ.
1759- يىلى مانجۇ (چىڭ سۇلالىسى) لار، ۋەتىنىمىزنى بېسىۋالدى. مانجۇ باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش قىلغان ئاكا- ئۇكا بورھانىدىن غوجا بىلەن خان غوجا يېڭىلگەندىن كېيىن بەدەخشان(ھازىرقى ئابغانىستاننىڭ شەرقى- شىمالى ۋە تاجىكىستاننىڭ شەرقى جەنۇبى) غا قاچتى. بەدەخشان ھاكىمى ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ كاللىسىنى مانجۇلارغا ئېۋەتىپ بەردى. شۇ قېتىمقى قىرغىندىن ئامان قالغان بورھانىدىن غوجىنىڭ كىچىك ئوغلى سامساق غوجا پەرغانىدىكى قوقان خانلىغىغا قېچىپ كېلىپ پاناھلاندى. مانجۇلار قوقان خانلىغىدىن سامساق غوجىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى قايتا – قايتا تەلەپ قىلغان بولسىمۇ قوقان خانلىغى رەت قىلدى. بۇنىڭ بۇنداق بىرقانچە تۈرلۈك سەۋەبى بار ئىدى، بىرسى،قوقان خانلىغى ئەينى زاماندا كۈچ سېلىشتۇرمىسىدىن قارىغاندا چىڭ سۇلالىسىدىن كۆپ ئاجىز بولسىمۇ، نىمىلا بولمىسۇن،ئۆزىنىڭ خېلە كۈچەيگەن بىر دەۋرىدە تۇراتتى ۋە چىڭ سۇلالىسىنىڭ سامساق غوجا تۈپەيلى ئۆزلىرىگە قوراللىق مۇداخىلە يۈرگۈزەلمەيدىغانلىغىغا كۆزى يەتكەن ئىدى، بۇنداق شارائىتتا، قۇقەن خانلىغىدا پاناھلانغان غوجا ئەۋلاتلىرىنى كۇزۇر قىلىپ تۇرۇپ، چىڭ سۇلاسى تەرەپتىن ئىختىسادى مەنپەئەتكە ئېرىشمەكچى ئىدى. ئىككىنچىدىن، شەرقى تۈركىستاندىن قوقەن خانلىغى تەۋەسىگە قېچىپ بارغان غوجا ئەۋلاتلىرىنىڭ ئەجدادى مەختۇم ئەزەم(ئاپپاق غوجىنىڭ چوڭ بوۋىسى) ئەسلى پەرغانە ۋدىسىدىكى كاسان دىگەن يەردىن بولۇپ،غوجا-ئىشانلارنىڭ تەسىرى قوقەن خانلىغىدىمۇ كۈچلۈك ئىدى، شۇڭلاشقا، غوجا ئەۋلاتلىرىنى مانجۇلارغا ئۆتكۈزۈپ بەرسە ئۆز پۇقرالىرىنىڭ نارازلىغىنى قوزغاپ قويۇشتىن ئەنسىرەيتتى. نەتىجىدە، چىڭ سۇلالىسى بىلەن قوقەن خانلىغى كېلىشىم تۈزۈپ قوقەن تەرەپ ئۆز تەۋەسىگە قېچىپ كەلگەن غوجا ئەۋلاتلىرىنى نازارەت ئاستىدا تىزگىنلەپ تۇرىدىغان، ئۇلارنىڭ قەشقەر تەۋەسىگە بېرىپ ئىش تېرىماسلىغىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان، بۇنىڭ بەدىلىگە قوقەنلىك سودىگەرلەر شەرقى تۈركىستان شەھەرلىرىدە ئالاھىدە سودا ئىمتىيازىغا ئىگە بولۇدىغان بولۇپ كېلىشتى. راست دىگەندەك، قوقەن خانلىغى ئۆز ۋەدىسىنى ئورۇندىدى. 1765-يىلى يۈز بەرگەن ئۈچتۈرپان قوزغىلىڭىدىن تارتىپ تاكى 1820-يىلغىچە بولغان 50 يىلچە ۋاقىت ئىچىدە شەرقى تۈركىستاندا غوجا ئەۋلاتلىرى باش بولغان مانجۇلارغا قارشى چوڭراق بىرەر قارشىلىق ھەركىتى بولمىدى. 1820-يىلى، غوجا ئەۋلادى جاھانگىر غوجا قوقان خانلىغىنىڭ نەزەربەنتلىگىن قېچىپ چىقىپ قەشقەردە خەلقنى قوزغاپ مانجۇ تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن،قوقەن خانلىغى بىلەن چىڭ سۇلالىسىنىڭ مۇناسىۋىتى بەزىدە يىرىكلىشىپ بەزىدە نورمال داۋام قىلدى. مۇناسىۋەت يىرىكلىشىپ مانجۇلار قوقەن خانلىغىنىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى ئىختىسادى ئىمتىيازلىرىنى بىكار قىلسا ياكى ئازايتسا، قوقەن خانلىغى بۇنىڭغا جاۋابەن، شەرقى تۈركىستاننىڭ قوقەن خانلىغى بىلەن چېگرىلىرىدىغان جايلاردىكى چىڭ سۇلالىسى قاراۋۇلخانىلىرغا پات-پات ھۇجۇم قىلىپ، ئۇ يەردىكى مانجۇ-خىتاي چىرىكلىرىنى ئۆلتۈرەتتى، ياكى، قۇقەندىكى خوجا ئەۋلاتلىرىغا ئاز-تولا ئەسكەر قوشۇپ قەشقەرگە يولغا سالاتتى،چۈنكى بۇ مەزگىلدە، چىڭ سۇلالىسىمۇ ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتىن ھەر خىل كىرزىسقا دۇچ كەلگەن بولۇپ، بۇرۇنقىدەك ھەيۋىسى قالمىغان ئىدى، قوقەنلىكلەر بۇنى ياخشى بىلەتتى. شۇنداق قىلىپ، 1759-يىلى مانجۇلار شەرقى تۈركىستاننى بېسىۋالغاندىن تارتىپ تاكى 1865-يىلى چار روسىيە قوقەن خانلىغىنى يوقاتقانغا قەدەر بولغان تەخمىنەن 100 يىل داۋامىدا، قوقەن خانلىغى ئۆز تەۋەسىگە شەرقى تۈركىستاندىن قېچىپ كەلگەن غوجا ئەۋلاتلىرى ۋە ئولارغا ئەگشىپ كەلگەن ئۇيغۇر كۆچمەنلەرنى كۇزۇر قىلىپ تۇرۇپ، چىڭ سۇلالىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە، ناھايتى زور سىياسى ۋە ئىختىسادى مەنپەئەتلەرگە ئېرىشكەن ئىدى.
ئارىدىن 200 يىل ئۆتتى. دۇنيادا نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى. ئەينى زاماندىكى مانجۇ ئىمپىرىيىسىنىڭ ئورنىنى خىتاي كومۇنىست ھاكىميىتى ئىگەللىدى،200 يىل بۇرۇن، كىچىككىنە قوقەن خانلىغىدىن ئۇيغۇر پاناھلانغۇچىلارنى قايتۇرۇپ ئېلىپ كېتىشكە قادىر بولالمىغان خىتايلار بۈگۈنكى كۈنلۈكتە قولىنى شۇنچە يىراقتىكى مىسىر ۋە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا سوزالايدىغان ھالغا يەتتى. ئەينى زاماندىكى قوقەن خانلىغى، بۇخارا خانلىغى ۋە خىۋە خانلىغىنىڭ زىمىنىدا بۈگۈنكى مۇستەقىل ئۆزبىكىستان دۆلىتى مەيدانغا كەلدى. ئەمما، ئۆبىكىستان دۆلىتى ھازىر،200 يىل بۇرۇنقى قوقەن خانلىغىدەك ئۇيغۇرلارغا پاناھلىق بېرىپ ۋە كۇزۇر قىلىپ خىتايلارغا بېسىم قىلىش تۈگۈل بۇنداق بىر ئىشنى ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايدۇ، دەل ئەكسچە ئۇيغۇرلارنى تۇتۇپ بېرىپ خىتايدىن مۇكاپات ئېىلىشقا ئالدىرايدۇ.
200 يىل بۇرۇنقى ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ ئورنىنى تۈركىيە جۇمھۇريىتى ئالدى . چەتئەلدىكى ئۇيغۇر كۆچمەنلىرىنىڭ ئەڭ كۆپى تۈركىيەگە توپلاندى. تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر كۆچمەنلىرىگە ۋە بۇنىڭغا ئالاقىدار خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدىكى تۇتقان يولى مەلۇم دەرىجىدە 200 يىل بۇرۇنقى قوقەن خانلىغىنىڭ قىلغانلىرىغا ئوخشاپ قالدى.
بۇ 200 يىلدا مۇنداق ئىككى نەرسە ئۆزگەرمىدى، ئۇنىڭ بىرى بىز – شور پىشانە ئۇيغۇرنىڭ بەخىتسىز تەغدىرى، يەنە بىرسى، دۆلەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ سىياسى ۋە ئىختىسادى مەنپەئەتلەر ئۈستىگە قۇرۇلىدىغانلىغى.
دەل مۇشۇ سەۋەپلىك،تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلارغا قانداق ۋە قانچىلىك غەمخورلۇق قىلىشى كۆپرەك خىتاي بىلەن بولغان سىياسى ۋە ئىختىسادى مەنپەئەتلىرىنىڭ ئېھتىياجى ۋە ئۆزگىرىشىگە بېقىپ ئۆزگىرىپ تۇردى. 2009- يىلى“ 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىغى“ يۈز بەرگەندە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ئىرقى قىرغىنچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىپلىگەن رەجەپ تايىپ ئەردۇغاننىڭ، 2009- يىلدىكىدىن 10 ھەسسە، بەلكىم 100 ھەسسە ئارتۇق،تېخىمۇ توغرىسى، شەرقى تۈركىستاندا ھەقىقى مەنىدىكى قىرغىنچىلىق يۈز بەرگەن بۇ تۆت يىلدا سۈكۈتتە تۇرىۋېلىشى مەسىلىنى چۈشىنىشكە يېتىپ ئاشىدۇ!
ئەلۋەتتە، تۈركىيە ئۇيغۇرلا ئۈچۈن مۇھىم دۆلەت. ئۇيغۇر كۆچمەنلەرنىڭ بېشىنى سىلىغان دۆلەت، بۇنىڭغا كۆز يۇمساق بولمايدۇ. ئەمما، بۇ ھەمىشە شۇنداق بولۇدۇ ۋە شۇنداق بولۇشى كېرەك دەپ بىخۇت، بىپەرۋا يۈرۈشكە ھەم بولمايدۇ.
2021-يىلى، 23- يانۋار، نورۋېگىيە
Share
6870 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.