logo

trugen jacn

سەككىز ياشلىق دىلارە قوشنىسى تەرىپىدىن ئون نەچچە كۈن قىيناپ ئۆلتۈرۈلگەن

bc8d9b6c-88db-41ff-b283-0cf2fc6bacc2

گۈلچېھرە

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

بىر ئاي ئىلگىرى ئاقسۇ شەھەر توپلۇق يېزىسىدا 8 ياشلىق دىلارەنىڭ كۈپ-كۈندۈزدە يوقاپ كېتىشى، ئۇنىڭ ئاتا، ئانىسى ۋە يېقىنلىرىنى زور ئەندىشىگە سالغان بولسا، 19 كۈن بولغاندا بۇ نارىسىدىنىڭ جەسىتىنىڭ ئۆز مەھەللىسىدىن تېپىلىشى پۈتۈن يېزىنى ۋەھىمە ئىچىگە ئالغان. نەتىجىدە ئۇلارنى تېخىمۇ قاتتىق شۈركەندۈرگىنى بولسا بۇ نارىسىدىنى رەھىمسىزلەرچە قىيناپ ئۆلتۈرگەن قاتىلنىڭ دەل دىلارەنىڭ تام قوشنىسى بولۇپ چىقىشىدۇر. كىشىنى ئويغا سالىدىغىنى، ئەجەبا دىلارەنىڭ بۇلاپ قېچىلىپ، تا قىيناپ ئۆلتۈرۈلۈپ جەسىتى تېپىلغىچە بولغان ئون نەچچە كۈن ئىچىدە 10 مىڭدىن ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە بۇ يېزىدا يا ساقچى، ياكى باشقىلارنىڭ بۇ قەبىھ جىنايەتتىن گۇمانلىق بىر شەپە تۇيماسلىقىدۇر.

دىلارە ئابدۇمىجىت توپلۇق يېزا مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپ 2-يىللىقنىڭ ئەلاچى ئوقۇغۇچىسى، ئائىلىدە 3 بالىنىڭ چوڭى ۋە ئەتىۋارلىق بىر تال قىز ئىدى، ئۇ 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى يەكشەنبە چۈشتىن بۇرۇن 9يېرىم ئەتراپىدا يوقاپ كېتىپ 19 كۈندىن كېيىن مەھەللىسىدىن جەسىتى تېپىلغان. دىلارە ئابدۇمىجىتنىڭ يۇرتى ئاقسۇ شەھىرىنىڭ توپلۇق يېزىسى 6 كەنتتىن تەركىب تاپقان، ئاساسلىق ئۇيغۇرلار ئولتۇرۇشلۇق نوپۇسى 10 مىڭدىن ئاشىدىغان بىر كىچىك يېزا. دىلارە بىر تۇغقان قېرىنداشلىرى بىلەن بىرلىكتە يولنىڭ قارشىسىدىكى تاغىسىنىڭ ئۆيىگە تاپشۇرۇق ئىشلەش ئۈچۈن خۇشال چىقىپ كەتكەن پېتى قايتىپ كەلمىدى، ئۆزىنىڭ مەھەللىسىدە يوقاپ كەتتى. ئۇنىڭ ھاممىسىنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، تا ئۇنىڭ جەسىتى تېپىلغۇچە ئارىلىقتا، ساقچىلار جىددىي ھەرىكەت قىلمىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى، ساۋاقداشلىرى، قوشنا ‏-قولۇم ۋە پىدائىيلار بىرلىكتە ئۇنى ئىزدەشنى توختاتمىغان، ئەمما بەختكە قارشى دىلارەنىڭ توڭلاپ قالغان جەسىتى شۇ يېزىنىڭ ئۆزىدىن تېپىلغان.

ساقچىلار ئۇنىڭ جەسىتى ئۈستىدىكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى مۇشۇ دۈشەنبە كۈنى ئائىلىسىگە بەرگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا دىلارەنىڭ باسقۇنچىلىققا ۋە قاتتىق جىسمانىي خورلۇققا ئۇچرىغانلىقى ئېنىقلانغانلىقى يېزىلغان ئىكەن.

دىلارەنىڭ ھاممىسىنىڭ بايان قىلىشىچە، ساقچىلار جەسەت بايقالغان مەيداندىكى ئاياق ئىزلىرى ۋە باشقا گۇمانلىق يىپ ئۇچرىلىرىغا ئاساسەن دەسلەپ مەھەللىدىكى يېشى 13 ياشتىن يۇقىرى ئەرلەرنىڭ ھەممىسىنى تەكشۈرۈپ قان ئەۋرىشكىلىرىنى ئېلىپ تەكشۈرگەن. نەتىجىدە ئىككى كىشىنى جىنايەت گۇماندارى دەپ بېكىتىپ سوراق قىلغان، بۇ ئىككى گۇماندارنىڭ بىرى مەھەللىدىكى داۋاملىق ئىش تېرىپ يۈرىدىغان روھىي كېسىلى بار بىر ياش، يەنە بىرى بولسا داۋاملىق خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە كىرىپ‏-چىقىپ تۇرىدىغان 19 ياشلىق ئىشسىز، ساۋاتسىز بىر ياش بولۇپ، بۇ دەل دىلارەنىڭ تام قوشنىسىنىڭ ئوغلى. بىر قانچە كۈن سوراقتىن كېيىن دەل بۇ دىلارەنىڭ قوشنىسى ئۆزىنىڭ دىلارەنى ئۆيىگە يوشۇرۇپ ئون نەچچە كۈن قىينىغانلىقىنى، ئاخىرى جانسىزلىنىپ قالغاندا سوغۇققا تاشلاپ قويغانلىقىنى ئىقرار قىلغان.

دىلارەنىڭ دېلوسى قاتىللىق دەپ تۇرغۇزۇلغان. دىلارەنىڭ ھاممىسىنىڭ بەرگەن ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇمكى، دىلارە ئۆزىنىڭ مەھەللىسىدە يىتىپ كەتتى، ئۆز قوشنىسى تەرىپىدىن بۇلاپ كېتىلدى، ئون نەچچە كۈنلەپ ئۆز ئۆيىنىڭ بىقىنىدا گۆرۈگە ئېلىنىپ كېچە‏-كۈندۈز قىياس قىلغۇسىز دەرىجىدە خورلۇقلارغا ئۇچرىدى ۋە يەنە شۇ ئۆزى تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان مەھەللىسىدە جان ئۈزدى، مۇزدەك جەسىتى تېپىلدى، بۇ ئارىدا ھېچكىم ھېچنېمە سەزمىگەندىمۇ؟ بۇ مۇمكىنمۇ؟

بۇ بىز تونۇگۇن توپلۇق يېزىلىق ساقچىخانىغا قايتا تېلېفون قىلىپ بۇ دېلونىڭ پاش قىلىنىش ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشقان بولساقمۇ،لېكىن ساقچى تەرەپ جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان ئىدى. بۈگۈنمۇ يەنە تېلېفون قىلساقمۇ لېكىن تېلېفونغا جاۋاب بولمىدى. دىلارە ئوقۇغان توپلۇق مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلا بىلەن ئالاقە باغلىغىنىمىزدا، ئۇلار، دىلارەنىڭ بۇ ئېچىنىشلىق پاجىئەسىدىن ئىنتايىن قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بۇ ھەقتە گەپ قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىدى، ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، ساقچى ئورۇنلىرى دىلارەنىڭ جەسىتى تېپىلغاندىن كېيىن دەرھال مەكتەپتىكى ئىككى يۈز نەچچە ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارغا يىغىن ئېچىپ، ئۇلارنى دىلارەنىڭ دېلوسى ھەققىدە ھېچقانداق ئارتۇق سۆز قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇرغان ئىكەن.

دىلارەنىڭ ھاممىسى، دىلارەنىڭ يوقاپ كېتىپ، قوشنىسىنىڭ ئۆيىدە خورلۇققا ئۇچراپ جان ئۈزگەنگە قەدەر بۇ جەرياندا ھېچبىر گۇمانلىق شەپىنىڭ بىلىنمىگەنلىكىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە، دىلارەنى ئىزدەشتە ئالدى بىلەن «ئادەم بېدىكلىرى قاچۇرغانمىكىن» دېگەن گۇمان بىلەن يېقىن كىشىلەر ۋە يېقىن دائىرىنىڭ كۆزدىن ساقىت قىلىنغانلىقى، يەنە بىرى دائىرىلەرنىڭ يېزىدىكىلەرنى قار تازىلاشقا يىغىۋالغانلىقى ئۈچۈن، يېزىدا قېرىلار ۋە كىچىك بالىلارلا قالغانلىقى، سوغۇق قىشتا كىشىلەر كۆپ تالاغا چىقمىغاچقا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنىمۇ چەكمىگەنلىكى، ساقچىلارنىڭ بولسا مۇقىملىق ۋەزىيىتى ئۈچۈن ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىر مەزگىلگە توغرا كەلكەنلىكىدەك سەۋەبلەرنى كۆرسەتتى.

دىلارەنىڭ ھاممىسىنىڭ ئېيتىشىچە، دىلارەنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرى تۈگىگەن. 8 ياشلىق بۇ نارىسىدىگە زىيانكەشلىك قىلغان قاتىل 19 ياشلىق ۋەلى تۇرسۇن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بۇ ۋەھشىي قاتىللىق دېلوسىغا تېخى سوت ئېچىلمىغان. دىلارەنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ۋە پۈتۈن يېزىدىكىلەر بۇ ۋەھشىي قاتىلنىڭ تېگىشلىك جازاغا تارتىلىشىنى كۈتۈپ تۇرماقتا ئىكەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/bala-yutush-01212016142933.html

Share
1598 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.