logo

trugen jacn

سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى خىتايدا مۇھىم كېلىشىملەرنى ئىمزالىدى

 

خىتاي مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جاڭ مىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى كونكېرت ھەمكارلىقلاردىن مۇھىم نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

 سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز خىتايدىكى رەسمىي زىيارىتى جەريانىدا شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشتى.

پادىشاھ سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەرىپىدىن بېيجىڭدىكى تىيەنئەنمىن مەيدانىغا جايلاشقان خەلق سارىيىدا ئالاھىدە مۇراسىم بىلەن قارشى ئېلىندى.

قارشى ئېلىش مۇراسىمىدىن كېيىنكى ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشتا تېررورلۇققا قارشى كۈرەش، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ 2030 – يىللىق نىشانى ۋە تارىخىي يېپەك يولىنى قايتىدىن جانلاندۇرۇش نىشان قىلىنغان خىتاينىڭ «بىر يول بىر بەلۋاغ« لايىھەسى قاتارلىق تېمىلار مۇزاكىرە قىلىندى. ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەر ۋە ئورتاق مەنپەئەتلەرگە دائىر پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.

مۇزاكىرىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئالاھىدە مۇراسىمدا سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا 65 مىليارد دوللارلىق 35 لايىھەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 14  كېلىشىم ئىمزالاندى.

ئىمزالىشىش مۇراسىمىدىن كېيىن خىتاي مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جاڭ مىڭ بايانات ئېلان قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ پادىشاھ سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز كونا دوستلاردىن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

جاڭ مىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى كونكېرت ھەمكارلىقلاردىن مۇھىم نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى بىراق تۈزۈلگەن كېلىشىملەرنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.

خىتاي زىيارىتى جەريانىدا سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىزغا 25 شاھزادە ۋە 10 مىنىستىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 500 كىشىلىك ھەيئەت ھەمراھ بولدى.

پادىشاھ سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز بىر ئايلىق ئاسىيا – تىنچ ئوكيان زىيارىتى دائىرىسىدە خىتايدىن ئىلگىرى ھىندونېزىيە، مالايشىيە ۋە ياپونىيەدە زىيارەتتە بولغان ئىدى.

پادىشاھ سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز خىتاي زىيارىتىنى 18 – مارتتا ئاخىرلاشتۇرۇپ، مالدىۋېيەگە بارىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى

Share
1262 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.