logo

trugen jacn

سۈرىيەدىكى ئۇيغۇر پىدايى ئىبىراھىم مەڭسۇر، تۈرك مۇخبىرىنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاپ بەردى

dogu-turkistan-suriye-den-kotu

تۈركىيەنىڭ دۆلەت خەۋەر ئاگىنىتلىغى بولغان ئانادولۇ خەۋەر ئاگىنىتلىغىدىن 2014.يىلى 12.ئاينىڭ 1.كۈنى تارقاتقان بۇ خەۋەر ۋە سۆھبەتنىڭ تولۇق تىكىستى تۈۋەندىكىچە

سۈرىيەدە ئەسادنىڭ تۈزۈمى بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدىكى تۇرمۇش شەرت-شارايىتىنىڭ سۈرىيەدىنمۇ بەك قىيىن ۋە نەپەس ئالغۇسىز دەرىجىدە ئىكەنلىگىنى ئەيتتى

خىتاينىڭ غەربى-شىمالىدىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدىكى بىسىملارغا چىدىماي سۈرىيەگە كۆچۈپ كەلگەن بىر گۇرۇپ ئۇيغۇر،سۈرىيەدىكى مۇخالىپ (ئۆكتىچى)لەر بىلەن بىرلىكتە ئەساد ھاكىمىيىتىگە قارشى ئۇرۇشقا قاتناشماقتا

ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدا،خىتاينىڭ ئىجتىمائى ۋە سىياسى بىسىملىرىغا قارشى كۈرەش قىلىپ كەلگەن تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىگە مەنسۇپ گۇرۇپلارنىڭ سۈرىيەدىكى مەسئۇلى ئىبىراھىم مەڭسۇر،سۈرىيەدە قاتتىق جەڭ داۋام قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئۆز ئەھۋاللىرىنىڭ خىتاينىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى ۋەتىنىدىكى ئەھۋالىدىن يەنىلا ياخشى ئىكەنلىگىنى ئەيتتى

مۇخالىپلار بىلەن ھەمكارلىشىۋاتىمىز

خىتايلار تەرىپىدىن شىھىت قىلىنغان زەيدىن يۈسۈپ تەرىپىدىن 1988.يىلى قۇرۇلغان شەرقى تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ 1997.يىلى ئاپغانىستانغا ئىلتىجا قىلغانلىقىنى ئاڭلاتقان ئىبىراھىم مەڭسۇر،ئەل-قايىدە بىلەن (ھىچقانداق) ئالاقىسىنىڭ يوقلىغىنى تەكىتلىدى.2012.يىلىدىن باشلاپ قۇراللىق ئەزالىرىنى سۈرىيەگە ئىۋەتىشكە باشلىغانلىقىنى،ئەساد ھاكىمىيىتىگە قارشى،مۇخالىپ گۇرۇپلار بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە ھەركەت قىلىۋاتقانلىغىنى،ئى.ش.د گە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقانلىغىنى ئىپادىلىدى

سۈرىيەدە ئۇرۇش قىلىۋاتقان باشقا مۇخالىپەت گۇرۇپلار بىلەن ھەر قاندان بىر زىددىيىتى يوقلىغىنى ئەيتقان ئىبىراھىم مەڭسۇر مۇنۇلارنى دىدى؛ “

تۈرك خەلقى 600 يىل مۇسۇلمانلارغا يىتەكچىلىك قىلدى.ئىگە چىقتى.تۈركىيەدىكى قىرىنداشلىرىمىزدىن سۈرىيەدىكى ياكى شەرقى تۈركىستاندىكى قىرىنداشلىرىغا ياردەم قىلىشلىرىنى ئۈمىت قىلىمىز.بىزنىڭ تۈركىيەدىكى مۇسۇلمان قىرىنداشلىرىمىز بىلەن دىنىمىز،تىلىمىز،قىنىمىز بىر.شۇڭا تۈرك خەلقىنىڭ شەرقى تۈركىستانلىق قىرىنداشلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشىنى ئارزۇ قىلىمىز”

نەچچە ئونلىغان ئائىلە بىلەن سۈرىيەگە كۆچۈپ كەلگەنلىكىنى ئەيتقان ت.ئى.پ.سۈرىيە مەسئۇلى ئىبىراھىم مەڭسۇر،مۇخالىپلارنىڭ كونتىرولى ئاستىدىكى رايونلاردا ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى ۋە ئىسلامى جەپھە (پرونت) بىلەن ماسلىشىش ئىچىدە، ئامما،مۇستەقىل ھەركەت قىلىۋاتقانلىغىنى ئەيتتى

،شەرقى تۈركىستاندىكى شەرت-شارايىتنىڭ بۇ يەردىكىدىن تىخىمۇ ناچار ئىكەنلىگىنى ئەيتقان  ئىبىراھىم مەڭسۇر يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى؛ “ ھىچكىم تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان يۇرتىنى تاشلاپ ئۇرۇش ئىچىدىكى بىر يەرگە كۆچۈپ كىلىشنى خالىمايدۇ.ئامما،شەرقى تۈركىستاندىكى تۇرمۇش شەرت-شارايىتى ئۇرۇش قىزىپ كىتىۋاتقان بۇ يەرلەردىن تىخىمۇ قىيىن ۋە ۋەھىمىلىك. ئۆز ۋەتىنىمىزدە ئۆز ئانا تىلىمىز بىلەن سۆزلىشىش (قايەردە شۆزلىشىش،قايەردە سۆزلەشمەسلىك) پىرىنسىپلار بىلەن بەلگۈلەنگەن،مەسچىتلەرگە كىتەلمەيمىز،قىزلىرىمىزنى مىڭلارچە كىلومىتىر ئۇزاققا ئاپىرىپ ئىشلەشكە مەجبۇرلايدۇ.كۆزقاراشلىرىنى ئىپادىلىگەن زىيالىلىرىمىز. سىياسى ئەربابلىرىمىز تۇرمىلارغا سۇلىنىدۇ…. مۇشۇنداق ئەھۋالدا بىز بۇ يەردىكى قىرىنداشلىرىمىزغا ھەمدەم بولۇش ۋە ئەركىن ياشاش ئۈچۈن سۈرىيەگە كۆچۈپ كەلدۇق. بىز ئەساد ھاكىمىيىتى بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتىمىز.بۇ ئەينى زاماندا ئەسادنىڭ قوللىغۇچىسى خىتاي بىلەن ئۇرۇش قىلغانلىق بولىدۇ

مەنبە :ئانادولو ئاجانسى

http://www.aljazeera.com.tr/haber/dogu-turkistan-suriyeden-kotu

http://www.uyghurnet.org/uygur-savasci-dogu-turkistandaki-durumsuriyeden-daha-kotu/

Share
2167 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.