logo

trugen jacn

سى ئەن ئەن :خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى سىز ئاڭلاپ باقمىغان جىنايەتلىرى

مايكېل كاستېر، 2018- يىل 26 – ئىيۇل

ئۇيغۇر ئاگېىنتلىقى ئۈچۈن تەرجىمە قىلغۇچى:تارىم قىزى

(ئۇيغۇر ئاگېىنتلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزى ھەققىدىكى دىپلوماتيە ھۈججەتلىرى،سياسى باياناتلار،مۇھىم خەۋەرلەرنى ئەينەن ئوقۇپ،دۇنيانىڭ ئۆزىنى قايسى دەرىجىدە بىلىدىغانلىقى،قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقى ۋە بۇنىڭغا قانداق تەدبىر ئىلىشى كىرەكلىكى ھەققىدە ئويلىنىشى ئۇچۇن ھىچقانداق كۆز-قاراش قوشماستىن سزگە سۇنىدۇ،تەرجىمە سپىمىزگە بىزنى يالغۇز قويماي قوشۇلغان دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ۋەتەنپەرۋەر زىيالى دوسلىرىمىزغا رەھمەت ئىيتىمىز ،ئۇيغۇر-ختتاي ئاخبارات ئ‍ۇرۇشى-مۇخبىرلارغا سۆزلەش ھەرىكىتى،تەشۋىقات خىزمىتىگە بارلىق ئۇيغۇر قىرىنداشلىرىمىزنىڭ ئاكتىپ قاتنىششنى ئۈمىد قىلىمەن)

سۈرەت 1:(نەشر ھوقۇقى سەۋەبىدىن سۈرەت قوشۇلمىدى )

2017- يىلى مارت شىنجاڭ ( ش ت -ت )دا ئېلىپ بېرىلغان تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش، تىنچىلىقنى قوغداش مانىۋېرىدىكى ئەسكەرلەر، ساقچىلار ۋە چارلىغۇچىلار

س ن ن تەھرىرىنىڭ ئىلاۋىسى: مايكېل كاستېر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، تەتقىقاتچى، ئىجتىمائىي مەسلىھەتچى، «يوقاپ كەتكۈچىلەر جۇمھۇرىيىتى: خىتاينىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى مەجبۇرى يوقىتىلىش سېستىمىسىغا ئالاقىدار ھېكايىلەر» دېگەن ماقالىنىڭ تەھرىرى. مەزكۇر ماقالىدىكى كۆز قاراشلار ئۇنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولغان بايانلاردۇر.

مەن شىنجاڭ (ش ت -ت )نى تۇنجى قېتىم 2009 – يىلى ئىيۇلدا زىيارەت قىلغان ۋە مەركىزى شەھەر ئۈرۈمچىدىكى توقۇنۇشتىن بىر كۈن ئىلگىرى بېيجىڭغا قايتىپ كەتكەن ئىدىم.

ساقچىلار ئىيۇلدىكى شۇ ۋەقەنى قانلىق باستۇرۇپ، مىڭلىغان كىشىلەرنى قولغا ئالدى ۋە كۆزدىن يوق قىلدى. ئۇچۇرنىڭ تارقىلىپ كېتىشنى كونترول قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ (ش ت -ت ) دائىرىسىدىكى تور ئالاقە ئون ئايچە ۋاقت پۈتۈنلەي ئۈزۈۋېتىلگەن ئىدى.

شۇندىن بېرى خىتاينىڭ تۈرك تىلىدا سۆزلەيدىغان مۇسۇلمان خەلق- شىنجاڭ(ش ت -ت )نىڭ ئاساسلىق ئاھالىسى بولغان ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى كۈچەيدى، بولۇپمۇ 2016- يىلى شىنجاڭ(ش ت -ت )دىكى كومپارتىيە رەھبىرىنىڭ ئالمىشىشى بىلەن بۇ ئەھۋال تېخىمۇ يامانلاشتى.

خىتاي ھاكىمىيىتى ئۈزلۈكسىز يۈز بېرىۋاتقان جېدەل- ماجرالارنىلا ئەمەس، ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ تىنىچ ھالدا ئۆز ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىشلىرىنىمۇ قاتتىق جازالىدى، 2014- يىلى قولغا ئېلىنغان ۋە بۆلگۈنچىلىك جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئۆمۈرلۈك قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى بۇنىڭ ۋەكىللىك مىسالىدۇر.

شىنجاڭ(ش ت -ت )دا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ دەپسەندە بولۇشىنىڭ بارغانسىرى ئېشىپ بېرىشىغا قارىماستىن، دۇنيادا تېخى ھېچقانچە كىشى بۇ ۋەقەنى بىلگىنى يوق، بۇ ھەقتە ئېغىز ئاچقۇچىلار تېخىمۇ ئاز. ئەمدىلىكتە بولسا ئەھۋال شۇ دەرىجىگە باردىكى، سۆزلەپلا قويۇش ھېچنىمىگە دال بولالمايدۇ.

بۇ قىرغىنچىلىق چوقۇم ئۆزىنىڭ ھەقىقىي نامى بىلەن ئاتىلىشى، شۇنداقلا شۇ نامغا ماس ھالدىكى ئ‍ۆلچەملەر بويىچە مۇئامىلە قىلىنىشى كېرەك.

خىتاي رەھبەرلىرى ئىلگىرى شىنجاڭ(ش ت -ت )دىكى بارلىق قەۋملەرنىڭ قانۇنى ھوقۇق- مەنپەئەتىنى قوغدايدىغانلىقىنى، ھەر قانداق شەكىلدىكى مىللى كەمسىتىش ۋە چەكلەشلەرگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. مەركەز بېيجىڭمۇ ئىزچىل ھالدا پۇقرالارنى ئۇلارنىڭ مىللەت ئايرىمىسى ۋە دىنىي ئېتىقادى ئۈچۈن خالىغانچە قولغا ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ ۋە «بىز پەقەت تېرورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇققا قارشى ھەرىكەت قىلدۇق» دەيدۇ.

ئىنسانىيەتكە قارىتا جىنايەتلەر

قۇللۇق ۋە مۇستەملىكىچىلىكنى ئەيىبلەيدىغان «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ئۇقۇمى 18- ئەسىردە بارلىققا كەلگەن ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن خەلقئارالىق قانۇنغا كىرگۈزۈلگەن. خەلقئارا جىنايى ئىشلار كوللېگىيەسى 1998- يىلى ماقۇللىغان رىم قانۇنى بۇ ئۇقۇمنى تېخىمۇ ئېنىق چۈشەندۈرەلەيدۇ.

بۇ قانۇن «نوپۇس قۇرۇلمىسىنى مەجبۇرى ئۆزگەرتىش، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، قىيناش، مىللىي، مەدەنىي ۋە دىنىي توپلارنى باستۇرۇش، كىشىلەرنى زورلۇق بىلەن كۆزدىن يوقىتىش، ئايرىۋېتىش، تۈزۈملۈك ۋە سېستىمىلىق ھالدا قىرغىنچىلىق قىلىش، بىر مىللەت يەنە بىر مىللەت ئۈستىدىن زومىگەرلىك قىلىش» قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇققا سېستىمىلىق ۋە كەڭ- كۆلەمدە دەخلى- تەرۇز قىلىش جىنايىتىگە تەدبىقلانغان11 ماددىدىن تەركىب تاپقان.

باشقا ئۇرۇش جىنايەتلىرىدىن پەرقلىق ھالدا، ئىنسانىيەتكە قارشى بۇ جىنايەتلەر تىنىچ دەۋرلەردىمۇ يۈز بېرىشى مۇمكىن. ئەمما زىيانكەشلىكگە ئۇچرىغۇچىلار ئوخشاشلا مۇدھىش ۋەھىمە ئىچىدە ياشايدۇ.

شىنجاڭ(ش ت -ت )دا قانات يېيىۋاتقان ھازىرقى ھالەتنى مەن «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنىڭ ئېنىقلىمىسىغا دەلمۇ- دەل ماس كېلىدۇ» دەپ قارايمەن.

سۈرەت 2:(نەشر ھوقۇقى سەۋەبىدىن سۈرەت قوشۇلمىدى )

شىنجاڭ(ش ت -ت )ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى قەشقەر ھېيتگاھ مەسچىتىگە يېقىن كەچلىك بازاردا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ساقچىلار

بېيجىڭنىڭ شىنجاڭ (ش ت -ت ) مەسىلىسىگە قوللانغان ئاخىرقى تەدبىرى

ئۇيغۇرلار شىنجاڭ(ش ت -ت )دا ۋە خىتاينىڭ باشقا رايونلىرىدا ئوخشاشلا سېستىمىلىق قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتىدۇ.

ئىسلام دىنىي ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى كىملىكىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسىمى، ئەمما ئاتالمىش تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكەتلىرى ئۇيغۇرلارنى دىنىي پائالىيەتلىرى ئۈچۈن جازالىماقتا ۋە مۇسۇلمانلىقنى ئۇيغۇرلۇققا ئوخشاشلا جىنايەت دەپ قارىماقتا، ھەتتا بۇلار نەچچە ئونلىغان ئۇيغۇر ئىسىملىرىنىڭ چەكلىنىشى ۋە بۇ ئىسىملار قويۇلغان بالىلارنىڭ نوپۇسقا ئېلىنماسلىقى، ئۇيغۇرلارنى دىنىدىن تېنىشقا مەجبۇرلاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالماقتا. بالىلىرىغا دىن ھەققىدە تەربىيە بېرىش ئاتا- ئانىلارنى قولغا ئېلىنىش ياكى ھۆكۈمەتنىڭ بالا- چاقىلىرىنى ئايرىپ ئېلىپ كېتىشى خەۋپىگە دۇچار قىلماقتا.

نيۇ- يوركتىكى كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىنىڭ يېقىنقى تەتقىقاتلىرىغا ئاساسلانغاندا، گەرچە شىنجاڭ (ش ت -ت ) نوپۇسى پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ پەقەت 1.5% نى تەشكىل قىلسىمۇ، 2017- يىلى شىنجاڭ(ش ت -ت )دا قولغا ئېلىنغۇچىلار سانىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى قولغا ئېلىنغۇچىلار سانىنىڭ 21% نى ئىگىلىگەن بولۇشى كىشىنى چۆچۈتىدۇ. خىتاي دۆلەتلىك ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، تۈرمىدە ئاتالمىش «دىنىي ئاشقۇنلار» غا ئىدىيىۋى تەربىيە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

جەنۇبى ئافرىقىدىكى ئىرقى ئايرىمچىلىق مەسىلىسىگە ئوخشاشلا، تەكشۈرۈش نۇقتىلىرى ۋە يۈرۈش- تۇرۇشتىكى چەكلىمە قاتارلىقلار ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشدىكى رېئاللىقلاردۇر.

قوراللىق ساقچىلار كىملىك، بىئولوگىيەلىك ئۇچۇرلار ۋە شەخسىي ئۇچۇرلارنى خالىغانچە تەكشۈرمەكتە. دىنىي ئېتىقاد، چەتئ‍ەللەردە تۇققانلىرى بولۇش، يانفون ياكى كومپيۇتېرلىرىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ مەزمۇنى ۋە ياكى پەقەتلا ئۇيغۇر بولۇش ھەر ۋاقت قولغا ئېلىنىش خەۋپىنى ئاشۇرماقتا.

لوندوندىكى ئاز سانلىقلار ھەق- ھوقۇقلىرى گۇرۇپپىسىغا مەلۇم قىلغىنىمدەك، 2015- يىلدىن بۇيان، ئۇيغۇرلار باشقا شەھەردىكى ئۇرۇق- تۇققانلىرىنى يوقلاش ياكى دوختۇرغا كۆرۈنۈش ئۈچۈنمۇ ساقچى دائىرىلىرىدىن رۇخسەت ئېلىشى كېرەك، ئۇلارنىڭ پاسپورتلىرىمۇ يىغىۋېلىنغان. قولغا ئېلىنىش ئەندىشىسى ۋە ھەر ۋاقت نازارەت ئاستىدا ياشاش سەۋەبلىك يىراقتىكى ئائىلە ئەزالىرى بىلەن ئالاقىلىشىشمۇ مۇمكىن ئەمەس.

سۈرەت 3:(نەشر ھوقۇقى سەۋەبىدىن سۈرەت قوشۇلمىدى )

شىنجاڭ(ش ت -ت )ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ قەدىمى شەھىرى قەشقەردە 2017- يىللىق روزا ھېيت نامىزىدىن كېيىن ساقچىلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا ھېيتگاھ جامەسىدىن ئايرىلىۋاتقان كىشىلەر

كۆزەتكۈچىلەر ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭ كۈچلۈك سىگىنالىنى چېلىۋاتقان ئىدىيە ئۆزگەرتىش لاگېرلىرىنىڭ شىنجاڭ(ش ت -ت )دائىرىسىدە تېخىمۇ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى بايان قىلماقتا.

ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇ لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن تېنىۋېلىۋاتقان شارائىتتا، مەركەز تاراتقۇسى ئىيۇلدا يۇقىرىنىڭ «جەمئىيەت ئامانلىقىنى ياخشىلاش، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا ياردەم بېرىش» پىلانىنىڭ تەركىبى قىسىمى سۈپىتىدە 460 مىڭ ئۇيغۇرنى «كەسپى تەربىيىلەش» ئۈچۈن يىغىۋالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ھالبۇكى، دەلىللەر مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەت مۇسۇلمانلىرىنىڭ لاگېرلارغا سولانغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ سانىنىڭ ئومۇمى نوپۇسنىڭ تەخمىنەن 10% نى ئىگىلەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

لاگېر ئىچىدىكى جىسمانىي ۋە پىسىخىكىلىق قىيناقلارنىڭ، ئىدىيە ئۆزگەرتىشلەرنىڭ قايسى دەرىجىدە ئىكەنلىكى ھەققىدە كۆپچىلىككە ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلارمۇ ئىنتايىن ئاز بولۇپ، لاگېردىن قۇتۇلۇپ چىققان بىر ئايال لاگېردا ئىچ كىيىم كىيىشكە يول قويۇلمىغانلىقىنى، چېچىنىڭ تاقىرباش قىلىپ چۈشۈرىۋېتىلگەنلىكىنى، يەنە بىر ئەر بولسا تامغا ئۈسۈپ ئۆلۈۋالماقچى بولغانلىقىنى ئېيتقان. لاگېرغا كىرىپ كەتكەنلەرنىڭ ئۈن- تىنسىز غايىپ بولۇپ كېتىشىمۇ كۆپ ئۇچرايدىغان ھادىسە.

دەل يەنە مۇشۇ ۋاقتتا، ئاتالمىش «تۇققانلىشش» ۋە «يېتىپ -قوپۇشتا بىرگە بولۇش» سىياسەتلىرى ئۇيغۇر ئائىلىرىنى كوممۇنىستىك پارتىيە كادىرلىرىنىڭ ئائىلىسىگە كىرىپ نازارەت قىلىشى ۋە ئىش- پائالىيەتلىرىنى يۇقىرىغا دوكىلات قىلىشىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلىماقتا. ئائىلىڭىزدىكى بىرەيلەن تۇتقۇن قىلىنغان، سىز بولسىڭىز شۇ تۇتقۇن قىلىۋالغۇچى جىنايەتچىنى ئۆيىڭىزدە كۈتۈشكە مەجبۇرلانغان، يەنە كېلىپ ئۇ سىزنىڭ ئائىلىڭىزدىن تۇتۇپ كېتىلگەن شۇ كىشىنىڭ ئورنىدا يېتىۋاتقان شۇ ھادىسىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ…

ئاتا- ئانىلىرى تۇتۇپ كېتىلگەن بالىلار ھۆكۈمەتنىڭ ھامىيلىقىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلمەكتە، مۇناسىۋەتلىك بەزى كىشىلەرنىڭ ئ‍اشكارىلىشىچە، بۇ بالىلار قوتاندىن قېلىشمىغۇسىز ئاتالمىش دارىلتاملارغا سولاپ قويۇلغان.

مۇۋاپىق جاۋاب

ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان جىنايەتلەر تېخى ئەمدىلەتىن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا، ئۇنىڭ جىددىيلىكىنى ھېس قىلدۇرۇشقا باشلىدى.

مۇخبىرلار، دىپلوماتلار ۋە شىنجاڭ (ش ت -ت ) ھەققىدە سۆز قىلىدىغان باشقا كىشىلەر ھېچ بولمىغاندا بۇ رايوندىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئېتىراپ قىلشىى؛ خەلقئارا جەمئىيەتلەر چوقۇم مۇستەقىل ۋە ئۈنۈملۈك بىر ئورگاننىڭ شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان جىنايەتلەرگە قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلشى لازىم.

بۇ ھەپتە ئامېرىكا قانۇنچىلىرى «خالىغانچە قولغا ئېلىش، قىيناش، دىنىي پائالىيەت ۋە ئ‍ۆرپ- ئادەتلەرنى چەكتىن ئاشتۇرۇپ تەقىبلەش قىلمىشى» غا قاراپ چىقىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

«كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش» ئورگىنىنىڭ بايان قىلىشىچە، «يەر شارى ماگنېتىسكىي كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى» غا ئاساسەن، ۋاشىڭتون دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدە كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى- تەرۇز يەتكۈزۈش جىنايىتى سادىر قىلغان ۋە مەزكۇر قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا قارىتا ۋىزا چەكلەش ۋە قاراتمىلىق جازا يۈرگۈزۈشنى يولغا قويسا بولىدىكەن.

شىنجاڭدىكى(ش ت -ت )مۇدھىش ۋەزىيەتكە سەۋەب بولغان كىشىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى چوقۇم سۈرۈشتە قىلىنىشى لازىم.

Share
1394 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.