logo

trugen jacn

سىياسي ساھەدە ئامماپەرەسلىك

ئويچان (مەمەتتوختى ئاتاۋۇللا)

 بىر سىياسەتچى ئۈچۈن مۇستەھكەم ئېتىقاد ۋە ئوتتەك ھېسسىياتنىڭ بولۇشى ئىنتايىن مۇھىم، ئەمما يىتەرلىك ئەمەس. چۈنكى خىلۋەتتە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان بىر زاھىدنىڭ ياكى تەركىدۇنيا بولۇپ كەتكەن بىر راھىبنىڭ ئېتىقادى ۋە ھېسسىياتى ئۇنىڭدىن تېخىمۇ مۇستەھكەم ۋە تېخىمۇ چىن.

بىر سىياسەتچىدىن تەلەپ قىلىنىدىغىنى جەمئىيەتتىكى چېچىلغان كىشىلەرنى ئۆز ئەتراپىغا توپلاپ، شەخسلەر ئۆز ئالدىغا ھەل قىلالمايدىغان ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، خەلقنىڭ ئالدىغا نۇقۇل ئېتىقاد ۋە ھېسسىياتنى كۆتۈرۈپ ئەمەس، بەلكى ئىقتىدار ۋە لايىھەنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئاندىن قوللاشنى تەلەپ قىلغىنى تۈزۈك. چۈنكى ئادەم توپلاش بىر ۋاستە، مەقسەت بولسا مەسىلە ھەل قىلىشتۇر. ئېتىقاد ۋە ھېسسىياتنى بازارغا سېلىپ ئادەم توپلىغىلى بولغان بىلەن، ئىقتىدار ۋە لايىھە بولمىسا مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ.

كۈنىمىزدە پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئامماپەرەسلىك (پوپىيۇلىزم) ئەۋج ئېلىپ كەتتى. ئاممىنىڭ كۆڭلىنى كىم ئۇتسا، شۇ ئۇتۇپ چىقىدىغان بولغاچ، سىياسەتچىلەر ئامما نېمىنى ئاڭلاشنى خالىسا، شۇنىڭ گېپىنى قىلىدىغان بولدى. نەتىجىدە، سىياسەت ئۈچۈن قوللىنىلمىغان ھېچبىر نەرسە قالمىدى. قارايدىغان بولساق، دۇنيانىڭ ھەممە يىرىدە، سايلامغا يېقىن ساختا مۇسۇلمان، ساختا خىرىستىيان ۋە ساختا راھىبلارنى؛ ساختا مىللەتچى، ساختا ۋەتەنپەرۋەر ۋە ساختا ئىنسانپەرۋەرلەرنى كۆرىمىز. ئۆمرىدە قۇرئان ئوقۇمايدىغانلار سايلام مەزگىلىدە قۇرئان ئوقۇماقتا؛ ئۆمرىدە چىركاۋغا بارمايدىغانلار سايلامدىن بۇرۇن ۋاتىكانغا قاترىماقتا؛ ئۆمرىدە بۇتخانا كۆرمىگەنلەر سايلامدىن بۇرۇن راھىبكالانلارنىڭ ئالدىدا كۈجە كۆيدۈرمەكتە.

بۇ مەسىلىنىڭ بىر تەرىپى. تېخىمۇ يامان يەنە بىر تەرىپى بولسا ئاممىنىڭ رايىغا بېقىپ ئوت ئۈستىگە ياغ چېچىشتۇر. قارايدىغان بولساق، بىر قىسىم سىياسەتچىلەرنىڭ ئاممىنىڭ رازىلىقىنى دەپ، دىنىي ۋە ئىرقىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. دۇنيانىڭ كۆپ يەرلىرىدە، ھەر قېتىملىق سايلامنىڭ ئالدىدا، ساختا مىللەتچىلەر ۋە ساختا ۋەتەنپەرۋەرلەر ئوتتۇرىغا چىقىپ شوۋىنىزم ۋە ئىرىقچىلىقنى بازارغا سېلىۋاتىدۇ.

ئۆمرىدە نۇرغۇن كىشىلەرنى ۋەيران قىلىش بەدىلىگە بېيىغان ۋە سېسىق نامى پۇر كەتكەن بىرى ئازراق پۇل ئىئانە قىلىپ قۇيۇپلا، ياخشى ئوبراز تىكلەپ، ساخاۋەتچىگە ئايلىنالايدۇ. دۇنيانى ۋەيران قىلغان ئۇرۇش پىرلىرى ئۇرۇش توختىتىشقا قۇشۇلغىنى ئۈچۈنلا تېنىچلىقپەرۋەر ئاتىلىدۇ. نەچچە ئون يىللاپ زوراۋانلىق قىلغان مۇستەبىتلەر ھاكىمىيەتنى تېنچ ئۆتكۈزۈپ بەرگىنى ئۈچۈنلا ئالىيجاناب بولۇپ قالىدۇ. مانا بۇلار ئىنسانىيەتنىڭ ئاجىزلىقى. ئىنسانلار تەنقىدىي تەپەككۇرغا ئىگە بولمايدىكەن، داۋاملىق ئەسكى تۇماققا سېسىق كاللا خىرىدار بولۇپ قېلىۋېرىدۇ.

بۈگۈن دۇنيا سىياسىي سەھنىسىدە ئامماپەرەسلىكنىڭ بازىرى ئوبدان بولغىنى ئۈچۈن، ئامماپەرەسلەر ئەلرايى ئۈچۈن ئۆز ئېتىقادى ۋە ئىدېئولوگىيەسى تۈگۈل، پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ مۇقەددەس نەرسىلىرىنى خەجلەپ تۈگەتمەكتە. ئاقىۋەت دىن، كىشىلىك ھۇقۇق ۋە ئەركىنلىك… قاتارلىق قىممەتلەر كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىن چۈشمەكتە.

ئىنسانىيەت بۇ قىممەتلەرنى ئامماپەرەسلىكتىن قۇتۇلدۇرۇۋېلىشى كېرەك. چۈنكى ئىنسانىيەتنىڭ دىن، كىشىلىك ھۇقۇق ۋە ئەركىنلىككە ئېھتىياجى بار. بۇنىڭ ئۈچۈن سىياسەتچىلەرگە: «تەقۋالىقىڭنى ئىچىڭدە ساقلا، بىزنىڭ ئالدىمىزغا ئىقتىدار ۋە لايىھەلىرىڭنى كۆتۈرۈپ چىق» دېيىش كېرەك. شۇندىلا سىياسەتچىلەر سايلامدىن بۇرۇن، مەسچىتكە، چىركاۋغا، بۇتخانىغا ياكى مىللەتچى، ئىرقچى يىغىلىشلارغا ئەمەس، كۈتۈپخانىلارغا ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرىغا قاترايدىغان بولىدۇ. شۇندىلا، ئەتراپىغا موللىلارنى، پوپلارنى، راھىبلارنى، مەدداھلارنى، ئارتىسلارنى ئەمەس، ئالىملارنى ۋە تەتقىقاتچىلارنى توپلايدىغان بولىدۇ.

ئامماپەرەسلىك سىياسىي ساھەگە چۈشكەن خەتەرلىك بىر مىتە. نۆۋەتتە بۇ مىتە پۈتۈن ئىنسانىي قىممەتلەرنى يوق قىلماقتا. ئىنسانىيەت بۇ قىممەتلەرنى ئۇنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلدۇرۇۋېلىشى كېرەك. ئاچقۇچ دەل ئاممىنىڭ قولىدا. ئامماپەرەسلىكنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئاممىنىڭ كالتىپەملىكىدىن بولدى. ناۋادا تەنتەكلىككە تەمكىنلىك بىلەن جاۋاب بىرىلسە ئىدى، بۇنىڭ بازىرى ئاللىقاچان ئۆلگەن بولار ئىدى.

2019- يىلى، 06 – ئاپرىل، ئەنقەرە

Share
2749 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.