logo

trugen jacn

سىياسىي پائالىيەتچى ۋە نامايىش

ئېرشاد مىرزامان

 

سىياسىي گۇرۇھ ياكى تەشكىلاتلارنىڭ سىياسىي پىروگراممىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ھەر خىل ۋاسىتىلىرى بولىدۇ. بۇ ئىچىدە زوراۋانلىق ۋە زوراۋانسىز يوللىرى بىلەن سىياسىي پىروگراممىلاردا نىشانلانغان مەقسەتلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش بۇ ۋاسىتىلار ئىچىدىكى ئاساسلىق تۈرلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. رۇسىيە ۋە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەلىرىنىڭ زوراۋانلىق ۋاسىتىلىرىنىڭ بىرى تۈرى بولغان قوراللىق كۈرەش يولى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ نىشانلانغان سىياسىي مەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىنىڭ تىپىك مىساللىرى، ھىندىستاندا موھەندەس گەندى، ئامېرىكىدا مارتېن لۇتىر ڭىڭ ۋە جەنۇبىي ئافرىقىدا نېلسون ماندېلالار ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي گۇرۇھلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىپ زوراۋانسىز ۋاسىتە-تىنچلىق  يولى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، كۆزلىگەن سىياسىي نىشانلىرىغا يەتكەنلىكى زوراۋانسىز ۋاسىتىنىڭ تىپىك مىساللىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھازىرقى زاماندا سىياسىي جەھەتتىن غەلىبە قازىنىشىنىڭ ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك يوللىرىنىڭ بىرى زوراۋانىسىز يولى بىلەن سىياسىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىشتىن ئىبارەت. بۇ زوراۋانسىز ۋاسىتىلىرىنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈكلىرىدىن بىرى بولسا زوراۋانسىز نامايىش ئۆتكۈزۈش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

زوراۋانسىز نامايىش ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق سىياسىي گۇرۇھ ياكى تەشكىلاتلارنىڭ يەتمەكچى بولغان سىياسىي مۇددىئالىرىنى خەلقئارالىق تەشكىلاتلار، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تېز، ئۈنۈملۈك، ئىخچام، تېجەشلىك ۋە تەسىرلىك رەۋىشىدە يەتكۈزۈش ئىمكانىيىتى بولىدۇ. سىياسىي گۇرۇھ ياكى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرىدىن تارتىپ تا ئادەتتىكى ئەزالىرىنىڭ ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى سىياسىي پائالىيەتچى (ئەكتىفىست) بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. سىياسىي گۇرۇھ ياكى تەشكىلاتلارنىڭ رەئىس ۋە باش كاتىپ قاتارلىق ۋەزىپە ئورۇنلىرىنى تەسىس قىلىشى پەقەت بۇ ئىجتىمائىي تەشكىللەرنىڭ خىزمەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىش ۋە كۈندىلىك خىزمەتلىرىنى ئورۇنلاش ۋە داۋاملاشتۇرۇش ھەمدە ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن بولۇپ، بۇ مەنسەپلەر ئۇلارنىڭ سىياسىي گۇرۇھ ياكى تەشكىلاتلىرى ئۇيۇشتۇرغان نامايىش قاتارلىق سىياسىي پائالىيەتلىرىدە سىياسىي پائالىيەتچى بولۇش سالاھىيىتىدىن خالى قىلالمايدۇ.

سالاھىيەت ئۇقۇمى نىسپىي بىر ئۇقۇم بولۇپ، مۇئەييەن بىر شەرت-شارائىتنىڭ چەكلىمىسى ۋە تەسىرىگە ئۇچرايدۇ . مەسىلەن، بىرەر سىياسىي گۇرۇھ ياكى تەشكىلاتنىڭ مەسئۇل خادىمى مەزكۇر سىياسىي گۇرۇھ ياكى تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىك خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ۋاقىتلىرىدا ئۇنىڭ سالاھىيىتى رەئىس ياكى باش كاتىپ بولغان بولسا، ئەگەر بۇ مەسئۇل خادىم نامايىشقا ئىشتىراك قىلغان بولسا، ئۇنىڭ سالاھىيىتى نامايىشچى، ئەگەر بۇ مەسئۇل خادىم تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا قاتناشقان بولسا، ئۇنىڭ سالاھىيىتى تەنھەرىكەتچى بولىدۇ.

گەپنىڭ خۇلاسىسى شۇكى، كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا ئادەتتە بارلىق سىياسىي ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغان سىياسىيونلارنىڭ ھەممىسى سىياسىي پائالىيەتچىلەر دەپ قارىلىدۇ.

2020- يىلى دېكابىر

 

Share
1402 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.