logo

trugen jacn

سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇلىتىپ داموللام ئۈچ يىللىق قاماققا مەھكۈم قىلىندى

 

 

ئاتالمىش ئاپتونۇم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، خىتاي ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاپتونۇم رايونلۇق ئىسلام جەمئىيىتنىڭ مۇئاۋىن باشلىق خىزمىتىدە بولغان ئۆزى خوتەن شەھىرنىڭ مەركىزى جامەسىنىڭ خاتىپى، ناۋاغ مەسچىتنىڭ ئىمامى ئابدۇلىتىپ ئابدۇرھىم داموللام  خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرپىدىن بۇ قېتىملىق سىياسىي كېڭەش يىغىنى ئېچىلىشدىن بۇرۇن ئۈچ يىللىق تۈرمە جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغان.

ئىگەللەش داۋامىدا، ئابدۇلىتىپ داموللامنىڭ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى 1-ئاپرىل ئىجرا قىلماقچى بولغان «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامنامىسى»دىكى «ئىسلام دىننىڭ نىكاھ ئىشلىرىغا ئارلىشىشقا يول قۇيۇلمايدۇ »دىگەن ماددىسىغا ئۆز پىكرىنى بەرگەنلىكى ئىسلام دىنىدا نىكاھنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەنلىكى ئۈچۈن خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرپىدىن «ئىدىيىسىدە ئەسبىيلىك بار» دەپ قاراپ بۇ يىل 71ياشقا كىرگەن ئەتىۋارلاپ ئىشلەتكەن ئوردا موللىسىنى قاماققا مەھكۈم قىلغان.

 

Share
1507 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.