logo

trugen jacn

سىز تۇزكورلارغا ياخشىلىق قىلغانمۇ؟

 

مەھمەتىمىن ھەزرەت

سىز تۇزكورلارغا ياخشىلىق قىلغانمۇ؟ مېنىڭ ”رۇبائىيلار“ دېگەن كىتابىمدا مۇنداق ئىككى مىسرالىق بىر رۇبائى بار؛ “ياخشىلىققا يامانلىق مىڭ يەردە بار. ياخشىلىققا ياخشىلىق بىر يەردە بار.“ نىمىشقىدۇر شۇئان مەن ياخشىلىق قىلغان، ياخشىلىق قارشىلىقىدا ماڭا يامانلىقى تەكگەن بىر قانچە تۇزكور بىردىنلا ئېسىمگە كېلىپ قالدى. تۇزكورلار توغرىسىدىكىى ئەقلى خۇلاسەمنى ئۇقۇرمەن قېرىنداشلىرىم بىلەن ئورتاقلاشقۇم كەلدى
تۇزكورلار ھەممەيلەننى پەقەتلا بۇرنىنى ئېيتىدىغان قول ياغلىقتەك ئىشلىتىپ تاشلىۋېتىدۇ. يامانلىقنىڭ مەخپى شاھىتى ۋىجداندۇر. تۇزكورلاردا ۋىجدان بولمىغاچقا باشقىلارغا قىلغان يامانلىقىنى ئۇنتۇپ ماڭىدۇ. باشقىلاردىن ياخشىلىق تەلەپ قىلىش ئىستىكى ھېچبىر زامان پەسلىمەيدۇ. تۇزكورلار ۋاپادار ئىنسانلارنى ئېشەك قىلىپ مېنىپ يولغا چىقىدۇ. مەنزىلگە بارغاندا ئۆزىنى بۇ يەرگە كىمنىڭ ئەكەلگەنلىكىنى ئۇنتۇيدۇ. دۇنيادا ۋاپادار ئىنسانلار ھەمىشە ۋاپاسىزلارنىڭ ئېشىگى بولۇپ ئالەمدىن ئۆتىدۇ. چۈنكى تۇزكورلار، ھەممە نەرسىنىڭ باھاسىنى بىلىدىغان، ئامما ھېچبىر نەرسىنىڭ قەدىرنى بىلمەيدىغان ئىنسانلاردۇر

تۇزكور دېمەك، تۇز بەرگەننى كۆرمەيدىغان كور دېمەكتۇر. تۇزكورلار ئازغا قانائەت قىلمايدۇ. سىز بەرگەنسېرى ئۇ ئىستەۋىرىدۇ. سىز بېرەلمەي قالغاندا ئۇنىڭ سىزگە بولغان دۈشمەنلىكى باشلىنىدۇ. تۇزكورلار تاماخور ۋە تويماس كېلىدۇ. ئەخمەقتىن پايدىلىنىدۇ. ھۇششارنى يامان كۆرىدۇ. ئەخمەق ئويغانغاندا پۈتۈن گۇناھنى ئۇنىڭغا ئارتىپ قويۇپ، ئۇنى تاشلىۋېتىدۇ. تۇزكورلار ئاللاغا شۈكرى قىلىشنى بىلمەيدۇ. تۇزكورلار ئەڭ كۆپ ھوقۇق تۇتقانلار ئارىسىدا كۆپ ئۇچرايدۇ. ھەممەيلەننى ئۆزىگە خىزمەت قىلىش مەجبۇرىيىتى بار كىشىلەر دەپ قارايدۇ. ئامما ئۇ باشقىلارغا خىزمەت قىلىشنى مەجبۇرىيەت ھېس قىلمايدۇ. باشقىلاردىن پىداكارلىق تەلەپ قىلىدۇ. پىداكارلارنى شۇتا قىلىپ ئۆرلەشتىن زوق ئالىدۇ. ھەممەيلەننىڭ خەيرى ساخاۋەتچى بۇلىشىنى خالايدۇ، ئامما خەيرى ساخاۋەتچىلەرنى پۇل ئورنىدا خەجلەشتىن زوق ئالىدۇ. تۇزكورلار ئۆزىنى جەمىيەتنىڭ مەركىزى دەپ ھېساپلايدۇ. ساداقەت كۆرسەتكەنلەرنى داۋاملىق تۆۋەن كۆرىدۇ. ھېچكىمنىڭ ئىشىنى ياراتمايدۇ. خىزمەت قىلغۇچىلارنىڭ ئەيىپىنى، ئۇلارنى كونترول قىلىدىغان سىرتماق قىلىپ ئىشلىتىدۇ. تۇزكورلار شەخسىيەتچىدۇر. باشقىلارنى پايدىلىنىش ۋاستىسى سۈپىتىدە ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن دوستى يوقتۇر. يالغۇزدۇر

تۇزكور بىلەن دوست بولسىڭىز ئۇنىڭ سىزگە قالدۇرىدىغان ھەدىيەسى بىر ئۆمۈر يېتىدىغان پۇشايمان بىلەن ئالدىنىش ئازابىدۇر. دۈشمەن قىلىچى تىلغىغان بەدەن ساقىيىدۇ. ئامما دوست كۆرۈنگەن تۇزكور تىلغىغان يۈرەك يارىسى ھېچقاچان ساقايمايدۇ. سىز، ئەتىراپىڭىزدىكى كىشىلەر ئارىسىدا كىمنىڭ تۇزكور ئىكەنلىكىنى بىلىشنى خالىسىڭىز، ياخشىلىق قىلىۋاتقان كىشىلەرگە بولغان ياخشىلىقىڭىزنى بىر مەزگىل توختىتىڭ، تۇزكورلار دەرھال چۈمپەردىسىنى يىرتىدۇ ۋە ئۇنى دۇشمەنلىرىڭىز ئارىسىدا كۆرىسىز. تۇزكورلۇق، سۆيگۈ مۇھەببەتنىڭ مازارلىقىدۇر. قەلبىڭىزنى ياشناتقان سۆيگۈ مۇھەببەت تۇيغۇسىنىڭ زەھەرلىنىپ قېلىشىنى خالىمىسىڭىز تۇزكورلاردىن ئۇزاق تۇرۇڭ

Share
2266 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.