logo

trugen jacn

ئەركىن ئالىپتەكىن: سىدىقھاجى روزىغا ئوچۇق خەت

 

ئەركىن ئالىپتەكىن: سىدىقھاجى روزىغا ئوچۇق خەت

مۆھتىرەم سىدىقھاجى روزى،

يىللاردىن بەرى مەنى، ئاللاھنىڭ رەھمەتىگە ئەرىشكەن دادامنى ۋە ئۇلۇغ لىدەرلەرىمىزدىن بىرى بولغان مۇھەممەت ئەمىن بۇغرا ھازرەتىمنى „گومىنداڭچى“، „خائىن“، „مۇناپىق“ دىگەڭە ئوخشاش سۆزلەر بىلەن تىللاپ، ھاقارەتلەپ، تۆھمەتلەر چاپلاپ كەلدىلە. <<پوققا چالما ئاتساڭ، يۈزۈڭگە چاچرايدۇ>> دىگەندەك، سىلىنىڭ دەرىجىلىرىگە چۈشۈپ ئۆزۈمنى بۇلغاشنى راۋا كۆرمىگەنلىكىم ئۈچۈن ئىنكاس قايتۇرمىدىم. ھەرھالدا مەنىڭ جاۋاپ بەرمىگەنلىكىمدىن جاسارەت ئەلىپ، سۈكۈتلىرىمنى ئاجىزلىق بىلىپ بۇ سۆزلەرنى ئاخىرقى لەكسىيەلىرىدە يەنە بىر قەتىم تەكرارلاپلا. شۇنى ياخشى بىلىپ قەلىشلىرىنى رىجا قىلىمەن؛ جاۋاپ بەرمەسلىكىمنىڭ كۆپلىگەن سەبەپلەرى بولسىمۇ، ئاساسى سەبەپلەردىن بىرى، سىلىنىڭ رابىيە قادىرنىڭ يولدىشى بولغانلىقلەرىدۇر.

سىلىگە دىدىممۇ-يوق، بىلمەيمەن. مەن ئامەرىكان ھەيەتى بىلەن 1992 – يىلى ئورتا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلەرىنى ئايلىنىپ چىققان. بىلگەنلەرىدەك مەن 2 – دۈنيا ئۇرۇشىدىن كەيىن ئامەرىكان بىخەتەرلىك ئورگانلىرى تەرەفىدىن قۇرۇلغان ئازات ئاۋرۇپا /ئازاتلىق راديوسىدا 30 يىلغا يەقىن خىزمەت قىلدىم. مۇشۇ ساياھەت جەريانىدا تاشكەنتدە بىر ئاشخانىدا رابىيە خانىم بىلەن تەسادۇبى رەۋىشتە ئۇچرۇشۇپ قالدۇق. ھەرھالدە ئىككى جىل كەيىن بولسا كەرەك، بىشكەكدە ئىنىم ئىلغارنىڭ ئۆيىدە يورشۇرۇن رەۋىشتە كۆرۈشتۇق. ئۈچ – تۆت سائەت سۆھبەت ئەلىپ باردۇق. بۇ سۆھبەتتىن ناھايىتى ياخشى تەسىرات بىلەن ئايرىلغان ئىدىم. بۇنۇڭ ئۈچۈن مەن رابىيە خانىم خىتاي زىندانىدىن ئازات بولۇپ ئامەرىكاغا كەلىپ بولغىچە „ھەقىقى لىدەر كەلىۋاتىدۇ“ دەپ مەساج نەشىر قىلدىم. ئامەرىكىغا بەرىپ ئۆزىگە „خوش كەپلا“ دەدىم. دۈنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتايىنىڭ (دۇق) رەئىسلىكىگە كاندىدات بولىشلىرىنى تەكلىپ قىلدىم. رەئىس بولۇپ سايلانغاندىن كەيىن، 2016 – يىلىغىچە دۇقنىڭ ھىچ بىر قۇرۇلتايىغا قاتناشمىدىم. پارىجدىكى قۇرۇلتايغا يۈز بەرىش ئىھتىمالى بولغان ئۇرۇش – جىدەللەرنىڭ ئالدىنى ئەلىش ئۈچۈن باردىم. سۆز ئەلىپ، „سەزارنىڭ ھەققىنى سەزارغا بەرىش كەرەك. رابىيە خانىم دادامنىڭ قىلالمىغان ئىشىنى قىلدى، رابىيە خانىمنىڭ چوڭ بەدەللەر تۆلەپ شەرقى تۈركىستان داۋاسى ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلەرىنى ئىنكار قىلغانلار ھارامزادە“ دەدىم. مەندىن خاپا بولغان يۇرتتاشلارمۇ بولدى. مەن بۇ سۆزلەرنى رابىيە خانىم ماڭا ئالتۇن كاكىلاپ بەرگىنى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكىم قىلغان خىزمەتلەرىنى ئىنكار قىلماسلىق ئۈچۈن دىگەن. تۈركىيە جۇمھۇرىيەتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇستافا كەمال ئاتاتۈرك مۇنداق دىگەن ئىدى:

„… ئۆز ۋاقتىدا، چوڭ بەدەللەر تۆلەپ ۋەتىنى ۋە مىللەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان كىشىلەرنى تەقدىر قىلىشنى بىلمىگەن ئىنسانلارنىڭ مۇستەقىل بىر دۆلەت بولۇپ ياشاشقا ھەققى يوقتۇر…“

ئەمما رابىيە خانىم „ھاي“ دىگەڭە ئۇنىماي „مەن قىزغانچۇق“، „مەن ھەسەتخور“، „مەن ئۆزەمدىن باشقا ھىچ كىمگە ئىشەنمەيمەن“ دەپ؛ يىغلىتىپ گەپ قىلغانلارنى دۈشمەن، كۈلدۈرۈپ گەپ قىلغانلارنى دوست دەپ، خاتالىرىنى كۆرەلمىگەنلىكى ئۈچۈن توغرى يولنى تاپالماي، تاتلىق سۆزنىڭ ھەممەسىنى ھەسەل دەپ، ئاچچىق سۆزنىڭ ھەممەسىنى زەھەر دەپ، دوست-دۈشمەنىنى ئاجرىتالماي، دىكتاتورلۇق يوللىرىغا كىرىۋەلىپ، قۇرۇلتايلارنى پەقەت ئۆزىنى سايلاتتۇرۇۋەلىش ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرۇپ؛ دۇق نامىدىن يىغىلغان پۇللارنىڭ ھىسابىنى بەرگىلى ئۇنۇماي، ئۇنىڭ دوپپىسىنى بۇنىنغا، بۇنىڭ دوپپىسىنى ئۇنىنغا كىيگۈزۈپ، ئۆزىدىن باشقا بۈتۈن يۇرتداشلارنى ئامەرىكالىقلارغا چەقىپ، مەن بىشكەكتە كۆرۈشكەن رابىيە خانىملىقتىن بۈتۈنلەي ئۇزاقلىشىپ كەتتى ھەمدە بۈگۈن ئىتىبارىنى، شەرىپىنى، ھەتتا ئانىلىق ئىززىتىنىمۇ يوقاتتى.

شۇنداق بولغان ھالدىمۇ، مەن ھازىرغىچە رابىيە خانىمنى ئاياپ سىلىگە جاۋاپ بەرىشتىن باش تارتىپ كەلگەن ئىدىم. ئەمما سىلەنىڭ بارغانسەرى ھەددىلىرىدىن ئەشىپ بارغانلىقلەرىنى كۆرۈپ بۇ ئوچۇق خەتنى يەزىش مەجبۇرىيەتىدە قالدىم.

سىلە ھازىر „ۋەتەن ئۈچۈن ۋەتەندىن ئايرىلدىم“ دىگەن مەھمەت ئەمىن بۇغرا، ئەيسا ئالپتەكىن ۋە بۇ داۋاغا بىر نەبزە بولسىمۇ ھەسسە قوشقان كىشىلەرنىڭ ھەممەسىنى خائىن، مۇناپىققا چىقىرىپ بولدىلا. „70 يىل چەتەللەردە داۋا قىلدىم دىگەنلەر مىللەتنى گوللاپ ھىچ بىر ئىش قىلمىغان، بۈتۈن ئىشنى مەن ۋە ئايالىم رابىيە قىلغان“ دەپ شەرقى تۈركىستان داۋاسىنى ‘كىم ئۇزاققا سىيەلەيدۇ’ دىگەندەك بىر مۇسابىقىغا ئايلاندۇرۇۋاپلا. بۇ داۋا „كىم ئۇزاققا سىيەلەيدۇ“ دەيدىغان مۇساباقە ئەمەس، بەلكىم بۈتۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ كەيىنكى 260 يىلدىن بەرى داۋاملاشتۇرۇپ كەلىۋاتقان مىللىي مەجبۇرىيىتى ھەم ۋىجدانى قەرزىدۇر.

مەھمەت ئەمىن بۇغرا ۋە ئەيسا يۇسۇپ ئالپتەكىن بىرگە

بۇ داۋا زامان – زامانلاردىن بۇيان ئاللاھنىڭ بەرگەن قابىلىيىتىگە ئاساسلىنىپ، بىلىمى بولغان بىلىمى بىلەن، پىكرى بولغان پىكرى بىلەن، قەلەمى بولغان قەلەمى بىلەن، پۇلى بولغان پۇلى بىلەن، جەنى بولغان جەنى بىلەن چوڭ بەدەللەر تۆلەپ داۋاملاشتۇرۇپ كەلىۋاتقان مۇقەددەس داۋادۇر. مۇھەممەت ئەمىن بۇغرا، ئەيسا ئالپتەكىڭە ئوخشاش لىدەرلەرىمىزمۇ بۇ داۋانى سائۇدى ئارابىستاندىكى ئابدۇلقادىر ھاجىم، تۇرسۇن ھاجىم، ھۈسەيىن قاراجىم، ئابدۇلگافۇر ھاجىم، مۇھاممەد شاھ ھابىبۇللاھقا ئوخشاش يەنە يۈزلەرچە يۇرتتاشىمىزنىڭ دۇئالىرى، ماددى ۋە مانەۋى يار – يۆلەكلەرى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە بولغان ئۆزلىرىنىڭ ۋىجدانى قەرزلەرىنى ئادا قىلىشقا بۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشتى. ھازىر سىلە ئاللاھنىڭ راھمەتىگە ئەرىشكەن بۇ ئىنسانلارنى „مۇناپىق“ دەپ تىللاپ يۈرۈيلا. ئەسلىدە، گۇناھ ۋە ساۋاپلىرى بىلەن ئاللاھنىڭ رەھمەتىگە ئەرىشكەن ئىنسانلارنى „مۇناپىق“ دەپ تىللىغان ئادەمنىڭ ئۆزى چوڭ مۇناپىقتۇر. سىلىدەك توغرا بىلەن خاتانى، ھارام بىلەن ھالالنى پەرقلەندۈرەلمەيدىغان مۇناپىقلارلا ئۆزلىرىنىڭ لىدەرلىرىگە ئاھانەت قىلىدۇ. بۇنى ئەسلا ئۇنۇتمىسىلا.

سىلىنىڭ لەقەملىرى „ھاجى“. مەنىڭ بىلىشىمچە „ھاجى“ دىگەن لەقەم مۇبارەك تۇپراقلارغا بەرىپ كابەنى تاۋاپ قىلىپ كەلگەن ئادەملەرگە بەرىلىدۇ. مۇبارەك تۇپراقلارغا بەرىپ، كابەنى تاۋاپ قىلىپ كەلگەن بىر „ھاجىمنىڭ“ ئۆلگەن ئادەملەرنىڭ ئارقىسىدىن گەپ تەپىپ يۈرۈشى، غەيۋەت-شىكايەتى قىلىشى ۋە ئۇلارنى „مۇناپىق“ دەپ تۆھمەت چاپلاشلىرىنىڭ دىنىمىزدە گۇناھ بولغانلىقىنى بىلىشى كەرەك ئىدى. سىلە قانداق „ھاجى؟“ ياكى سىلە بۇ „ھاجىلىقنى“ ئارتۇشنىڭ بازارىدىن سەتىۋالغانمىتىلە؟ ياكى ھارۇنخان ھاجىنىڭ پۇشتىمىدىلە؟

سىدىق ھاجىم، مەھمەت ئەمىن بۇغرانىڭ ۋاپات بولۇپ كەتكەنلىكىگە 40 يىلدەك بولدى. ئەيسا ئەپەندىنىڭ ۋاپات بولغانلىقىغىمۇ 30 يىل بولغىلى تۇردى. بەلكىم ئاللاھنىڭ ھوزۇرۇدا گۇناھ ۋە ساۋاپلىرىنىڭ ھىسابىنىمۇ بەرىپ بولدى. گۇناھلىرى جىقراق بولغان بولسا بەلكىم تەخىچە دوزاقتا كۆيىۋاتقاندۇ. ساۋابلارى جىقراق بولغان بولسا، بەلكىم جەننەتتە ھۆرلەر بىلەن ئويناپ يۈرگەندۇ. ئەمدى ھەساب بەرىش نۆبەتى سىلى بىلەن بىزگە كېلىپ قالدى. دوزاقنىڭ ھازىرلىقىنى قىلغاندىن، جەننەتنىڭ ھازىرلىقىنى قىلغان ياخشىراق. سىلىنى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ پەخىرلىك لىدەرلىرىگە تۆھمەتلەر ئارتىپ ئەلنىڭ بەت دۇئالىرى بىلەن دۇنيادىن خوشلىشىشقا نىمە مەجبۇرلاۋاتىدىكىن، ھىچ بىلمىدىم. بۇ ياشتا مىللەتكە ياخشىلىق قىلالمىساقمۇ، يامانلىق قىلماسلىقىمىز لازىم. ئۇيغۇر مىللىتىگە، بۇ مىللەتنىڭ دەردى ئۈچۈن بەدەل تۆلەۋاتقان ئەزىمەتلەرگە ھاقارەت، تۆھمەتلەر قىلىش مۇناپىقلىقتىن ھالقىپ، دۈشمەنلىك دەرىجىسىگە ئۆرلەپ قالىدۇ. ئەلنى پارچىلاش ئۈچۈن قىلغان ھەربىر سۆزىمىز تارىخ بەتلىرىگە جىنايەت بولۇپ يېزىلىپ قالىدۇ. بۇنىمۇ ئۇنۇتمىسىلا!

خۇدايىم بۇيرۇسا، بۇ ئىككى لىدەرىمىزنىڭ ئۆزلەرىنىڭ ۋىجدانى قەرزلەرىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن بولۇپمۇ چەتەلەردە ئەلىپ بارغان خىزمەتلەرى توغرۇلۇق ئايرىم بىر يازما نەشىر قىلىمەن. ئەسلىدە تۈركىيەدە، ئارابىستاندا ۋە بولۇپمۇ غەرپ دۆلەتلەرىدە بۇ ئىككى لىدەرىمىزنىڭ قىلغان خىزمەتلەرى توگرۇلۇق كۆپ ماتەرىياللار بار. ئەمما سىلە خىتايچىدىن باشقا تىل بىلمىگەنلىكلەرى ئۈچۈن بەلكىم بۇلارنى تەپىپ ئوقۇشقا مۈيەسسىر بولالمىدىلا. ياش نەسىللەرنىڭ بۇنى بىلىشىدە كۆپ پايدا بار. سىلە بۇ ئىككى لىدەرنىڭ بالا – چاقىلىرىنى ئاچ، يالانغاچ ۋە بىئىلاج قالدۇرۇپ، بىر ئۆمۈر قىلغان خىزمەتلەرىنى ئىنكار قىلىشقا ھەرقانچە تىرىشسىلىمۇ، „ھەقىقەت ئىگىلىدۇ، ئاسلا سۇنمايدۇ“ ۋە شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ ئادىمىيلىك دەرىجىلىرى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. ھېلىمۇ تۆۋەنلىگىدەك دەرىجە قالمىغاندەك.

ئەمما سىلە ھازىرغىچە رابىيە خانىمنىڭ ئەتىكىنىڭ ئاستىغا كىرىۋىلىشتىن باشقا نىمە ئىش قىلدىلا؟ „مەن ئاسماندىن زەمبىل بىلەن چۈشكەن سىياسىيون“ دەيلا ، بىراق سىلىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى، مەدەنىيەتى، ستراتەجىك ۋە گەئوستراتەجىك ئەھەمىيەتى، ئىقتىسادى، خەلقىمىزنىڭ 90 پروسەنتىنى تەشكىل قىلغان دەخقانلارىمىزنىڭ ۋەزىيەتى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ قوشنا دۆلەتلەرنىڭ باي بولىشىدا ئوينىغان رولى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ كەلىچەكى دىگەڭە ئوخشاش مەۋزۇلاردا يازغان بىرمۇ ئەسەرلەرىنى شەخسەن مەن كۆرمۈدۈم. „مەن زىيالى“ دەيلا، لەكىن ھازىرغىچە مىللەتنى تەنقىدلەپ، ھاقارەتلەپ ئازار قىلىشتىن باشقا زىيالى سۈپەت يازغان بىر ماتەرىياللارىنى كۆرگەن ئادەمنىمۇ ئۇچراتمىدىم. يىللار بۇرۇن مۈنخەن شەھرىدە بىر يۇرتداشىمىزنىڭ ئۆيىدە ئامەرىكادىكى يۇرتداشلارنىڭ كىم بولغانلىقلىرىنى ماڭا تونۇشتۇرۇپ، رىشات ئابباسنى „رابىيەنىڭ تۇرمىدىن چىقىشىدا ئەڭ چوڭ رول ئوينىغان ئادەم“ دەپ كۆتەرلە. رۆشان ئابباسنى ئۇچۇرۇپ ماختاپ بەردىلە. ھازىر ئۇلارنى „جاسۇس“ دەپ قارىلاۋاتىلا. تۇغلۇق ئابدۇرەزاكنى „ئۇنىڭ دادىسى باشلىق بۈتۈن تۇققانلارى ‘ئەنچۈئەنتىڭدا’ ئىشلەيدىغان خىتاي جاسۇسلەرى، قولىمىزدا پاكىت بار“ دەپ تۆھمەت چاپلاپ چىقتىلا. ئەمدى ھازىر ئۇنى „قەھرىمان“ دەپ ئىلان قىپلا. ئەنۋەر يۈسۈف بىلەن ماينۇر يۈسۈفنى سەسىتمىغان يەرلىرى قالمىغان ئىدى. ھازىر „ئامەرىكىدا داۋانى بىرگە باشلىغان سەپدىشىم“ دەپلا. سىلىنىڭ قايسى گەپلەرىگە ئىشىنىش كەرەك؟ سىلە ھازىرغىچە „جاسۇس“ دەپ ئەيىپلاپ كەلگەن ئادەملەرنىڭ جاسۇس بولغانلىقىنى قانداق بىلەلەيلا؟ چۈنكى بىر كىشىنىڭ جاسۇس بولۇپ بولمىغانلىقىنى شۇ دۆلەتنىڭ جاسۇسلۇق تەشكىلاتىلا بىلەلەيدۇ. ياكى سىلە خىتاينىڭ بىر „ئاگىتاتورىمۇ“؟ سىلىگە بىر سۇئال: „ ئەگەر سىلىنىڭ ئائىلەلەرىدىن بىرسى ۋاشىڭتوندىكى خىتاي ئەلچىسىگە „مەن سىلەر بىلەن كۆرۈشۈشكە تاييار“ دەپ يوشۇرۇن خەت يازسا، سىلە ئۇ كىشىنى قانداق باھالايلا؟ ئەگەر بىرسى بۇ بىچارە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مىليونلارچە پۇلىنى دەۋاغا ئىشلىتىمەن دەپ ئەلىپ، ئۇنىڭغا شەخسىي ئۆي – جاي سەتىۋالسا، سىلى بۇنى خىيانەت دەپ قاراملا ياكى بۇ ئۆينىڭ غىزاسىنى يەپ قالغان بولسىلىرى، ھالال بولسۇن دەپ كىتىۋىرەملا؟

مەن كىچىك ۋاقتىمدا، تىللىشىپ، مۇشتلۇشۇپ، يامانلىشىپ بىر بىرىگە دۈشمەن بولۇپ قالغان يۇرتداشلارنى چوڭلار ئۆيىگە چاقىرىپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پەيدا بولغان كەلىشىمسىزلىكلەرنى ئاڭلاپ، ئۇلارغا چىرايلىق نەسىھەت قىلىپ، چاي ئىچۈرۈپ كەلىشتۈرۈپ قوياتتى. بىز 1949 – جيلى ھىندىستاننىڭ كەشمىر ۋىلايەتىنىڭ پايىتەختى سرىناگار شەھرىگە كەلىپ سىياسى باشپانا ئىزدىگەندىن كىيىنمۇ يۇرتتاشلار ئارىسىدا مۇشۇنداق كەلىشىمسىزلىكلەر پەيدا بولغان. ئۇ يىللاردا ئارىمىزدا ئاھمەت قۇل ھاجىم دىگەن ئارتۇشلۇق مەلەكدەك بىر ئاقساقالىمىز بارىتى. ئۇ كىشى، بىربىرى بىلەن يامانلىشىپ قالغان ئادەملەرنى بىزنىڭ ئۆيگە چاقىرىپ، ئۇلارنىڭ دەردىنى ئاڭلاپ، نەسىھەت قىلىپ، چاي ئىچىرۈپ، قۇچاقلاشتۇرۇپ يولغا سالاتتى. سىلىمۇ ئارتۇشلۇق بىر بوۋاي. ئەمما سىلە ئامەرىكادا بىربىرى بىلەن يامانلىشىپ قالغان ياشلارنى ياراشتۇرۇپ قويۇش ئورنىغا، ئۇلارنى تەخىمۇ كۈشكۈتۈپ بىر بىرىگە دۈشمەن قىلىۋاتىلا. تەرىكلەرنى جىدەلگە سەلىپ ھارسىلا، ئۆلۈكلەرگە ئەسىلىۋاتىلا. ئاش بەرگەڭە مۇشت بەرىۋاتىلا، تۇزىنى يەپ تۇزلىقىنى چەقىۋاتىلا. بۇ نىمە دىگەن ئىپلاسلىق؟ ئاغىزلەرىدىن „بىرلىك“ سۆزى ھىچ چۈشمەيدۇ. مىللەتنى بىربىرىگە دۈشمەن قىلىپ بۇ „بىرلىكنى“ قانداق قولغا كەلتۈرەلەيلا؟ سىلىنىڭ بۇ قىلمىشلەرىنى ئاڭلىغان ئامەرىكالىقلار „ئالى رەھبەر دەپ سايلانغان بىر كىشىنىڭ يولدىشى بۇقەدەر رەزىل بىر ئادەم بولسا، ئۇنىڭ ئايالى قانداقتۇ؟“ دەپ سورىمامدۇ؟

بىر كۈنى، بەزى بىر يۇرتداشلار مۇھەممەت ئەمىن بۇغرا ھەزرەتىمنىڭ ئۆيىگە بەرىپ: „… ھەزرەتىم، سىلە تەتقىقات قىلىمەن، يازىمەن، سىزىمەن دەپ ئۆيدىن چىقماي دۈنياغا تونۇلمايۋاتىلا. ئەيسا ئەفەندىم بولسا چەپىپ يۈرۈپ، نۇتۇق سۆزلەپ دۈنياغا تونۇلۇپ كەتتى“ دەپ شىكايەت قىلىشىدۇ. ھەزرەتىم ئۇلارغا „… ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى ياراتقان چاغدا تۈرلۈك قابىلىيەتلەر بىلەن ياراتقان. ماڭا تەققىقات، يەزىش، سىزىش قابىلىيەتىنى بەرگەن. ئەيسا ئەفەندىمگە چەپىپ يۈرۈپ نۇتۇق سۆزلەش ۋە تەرغىبات قىلىش قابىلىيەتىنى بەرگەن. ئەمما ئىككىمىزنىڭ قىلغان ئىشى گويا بىر دەريا، ئۆستەڭ ۋە ئەرىق بولۇپ ئاينى بىر كۆلگە ئاقىدۇ. بۇنىڭدىن كەيىن ماڭا بۇنداق ئۇششاق گەپلەرنى كۆتۈرۈپ كەلمەڭلا…“ دەپ ئۆيىدىن قوغلىۋەتكەن.


   مەھمەت ئەمىن بۇغرا ۋە ئەيسا يۇسۇپ ئالپتەكىن بىرگە

مانا سىلە ھازىر „مۇناپىق“ دەپ تىللاپ يۈرگەن مۇھەممەت ئەمىن بۇغرا بىلەن ئەيسا ئەفەندى مۇشۇنداق پەزىلەتلىك لىدەرلەرتى، سىلىگە ئوخشاش ھاياسىز، كۆڭلىقارا، چۈپەي „لىدەر“ ئەمەستى. بۇندىن كەيىن ئۇ مۇبارەك زاتلارنىڭ گەپىنى قىلماقچى بولسىلا كەينى پەشەپنى يۇيۇپ، ئاغزىلىرىنى چايقىۋەتىپ، پاكىز تاھارەت ئەلىپ ئاندىن ئەغىزغا ئالسىلا. بولمىسا، ئۆزلىرىنى رەسۋا قىلىپ قويىلا.

  ئۆز ۋاختىدىكى ئىستانبۇل شەرھەر باشلىغى ۋە بۇگۈنكى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت رەئىسى رەجەپ تايىپ ئەردوغان ئەيسا يۇسۇپ ئالپتېكىننى زىيارەت قىلماقتا. 1994.يىلى. ئىستانبۇل

ئەسلىدە „قان بىلەن كىرگەن خۇي، جان بىلەن چىقىدۇ“. شۇنداق بولسىمۇ، سىلىدىن رىجا: بۇنۇڭدىن كىيىن ئاغزىلەرىنى يىغىپ، كۆتلەرىنى قىسىپ، ئۆلگەن ئادەملەر بىلەن ھەپىلەشمەي، تىرىكلەرنى بىربىرىگە دۈشمەن قىلماي، شەقىي تۈركىستان داۋاسىغا پايدىلىرى بولمىسىمۇ زەرەر بەرمەي، ئۆيلەرىگە كەلگەن مىھمانلارنىڭ ئالدىدا ئۆزلەرىنى „ھىجىقىز“ دەپ تىللاتقۇزماي، ھاياتلەرىنى بالا – چاقالارى بىلەن چىرايلىق ئۆتكۈزۈشكە تىرىشسىلا. ئەكسى تەقدىردە، بۇنىڭ ئاقىبەتى داۋا ئۈچۈن، مىللەت ئۈچۈن ۋە ئۆزىمىز ئۈچۈن ياخشى بولمايدۇ. تۈركىيەدە بىر سۆز بار: ئۇمۇلمادىك تاش باش يارار“. يەنى „كۈتۈلمىگەن تاش باشنى يارىدۇ“ . سىلىنىڭغۇ يەرىشقا ئەرزىگۈدەك باشلىرىمۇ قالمىدى. ھەرھالدە ئۇيغۇرلۇق سۈپەتلىرىگە داغ تەگمىسۇن. مىللىيەتچىلىكنىڭ ئەڭ ئاددى شەرتى؛ مىللىتىنى ياخشى تەرەپلىرى ھەم يامان تەرەپلىرى بىلەن بىرگە سۆيۈشتۇر. سىلى – بىزنىڭ ۋەزىپىمىز؛ يامانلىقلىرىدىن ئۇزاقلىشىپ، ياخشىلىقلىرىنى مۇكەممەلەشتۈرۈش ئۈچۈن نەسىھەت قىلىش، تەربىيىلەشتىن ئىبارەت. بۇنى بىلمىگەن ئادەمنىڭ ئۆزىنى مىللىيەتچى ساناشقا سالاھىيىتى توشمايدۇ.

  تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت رەئىسى تۇرغۇت ئوزال ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرى سۇلايمان دېمىرەل، ئەيسا يۇسۇپ ئالپتېكىننى زىيارەت قىلغان كۆرۈنۈش 1994.يىلى 4.ئاي ئانتالىيا

 

مەن بۇداقى يازمامدا، سىلىگە مۇناپىقلىقنىڭ زادى قانداق بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرىشكە تەرىشىمەن.

Share
2205 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.