logo

trugen jacn

ستالىننىڭ ئەلىخان تۆرىگە ياردەم بەرمەسلىكىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدىكى يالتا كېلىشىمى

1944-يىلى قۇتۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى ئېلىخان تۆرە ئەپەندى. 1099-1946-يىللار.

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

1944-يىلى، 12-نويابىر كۈنى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ 1945-يىلى، 2-ئاينىڭ بىرىنچى ھەپتىسىگىچە ئىلى ۋىلايىتىنى تولۇق ئازاد قىلىش بىلەن پۈتۈن ئىنقىلابنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەممە يېرىگە كېڭەيتىش، يەنى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاننى ئازاد قىلىش شوئارلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىراق، مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابنىڭ قاينام-تاشلىق بۇ يۆنىلىشى فاشىزمغا قارشى 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۇرۇشلىرى ئاخىرقى باسقۇچقا كىرگەن پەيتكە توغرا كەلگەن بولۇپ، ئەنە شۇ ئىلى ۋىلايىتى شەرقىي تۈركىستان پارتىزانلىرى تەرىپىدىن ئازاد قىلىنىپ، بىر ھەپتىدىن كېيىن، يەنى 1945-يىلى، 2-ئاينىڭ 4-11-كۈنلىرى ئامېرىكا پرېزىدېنتى روزېۋېلت، سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبىرى ستالىن، ئەنگلىيە باش مىنىستىرى چېرچىل 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى دۇنيانىڭ يېڭى تەرتىپىنى ئورنىتىشنىڭ پىلانلىرىنى قىرىم يېرىم ئارىلىدىكى يالتادا مۇزاكىرىلىشىپ بېكىتتى.

مانا شۇنداق دۇنيانىڭ ئەڭ قۇدرەتلىك ئۈچ دۆلىتىنىڭ رەھبىرى خىتاينى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، يالتا مەخپىي كېلىشىمى ئىمزالاپ، كېلىشىم بويىچە ئىش باشلىغاندا ئىلى ۋادىسىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قوراللىق پارتىزان ئەترەتلىرى مۇنتىزىملىشىش يولىغا مېڭىش، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دۆلەت ئاپپاراتلىرىنى تەڭشەپ تەرتىپكە سېلىش، ھەربىي تەييارلىقلارنى كۈچەيتىپ، ئىنقىلابنى تارباغاتاي، ئالتاي، ئۈرۈمچى ۋە جەنۇبتىكى ۋىلايەتلەرگە كېڭەيتىشكە تەييارلىق قىلىشقا كىرىشمەكتە ئىدى.

لېكىن، مىللىي ئارمىيەنىڭ يېڭىدىن قۇرۇلغان پولكلىرى، مۇستەقىل باتاليونلىرى قورال-ياراق ۋە ئوق-دورا جەھەتتىن ئاجىز بولۇپ، ئۇلار ئاساسلىقى خىتاي قوشۇنلىرىدىن ئولجا ئېلىنغان قوراللار ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن سېتىۋېلىنغان بىر قىسىم قوراللار بىلەن قوراللانغان ئىدى. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى باش كاتىپى ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئىبراھىمىنىڭ ھايات ۋاقتىدا، يەنى 2003-يىلى ئاشۇ جەريانلارنى ئەسلىشىچە، مىللىي ئارمىيە ۋە خەلقنىڭ ئىنقىلاب قىزغىنلىقى، بولۇپمۇ پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىنى ئازاد قىلىش قىزغىنلىقىمۇ ناھايىتى يۈكسەك پەللىگە چىققان ئىدى. ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ خەلق ئىچىدىكى ئابرۇيىمۇ يۈكسەك بولغان ئىدى.

مانا شۇنداق كۆپ تەرەپلەرنى نەزەرگە ئالغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەئىسى ئەلىخان تۆرە 1945-يىلى، 22-ئاپرېل كۈنى ستالىنغا مەكتۇپ ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ كۆرسەتكەن ياردەملىرىگە رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ «شەرقىي تۈركىستاننىڭ تولۇق ئازاد بولۇشىنى تېخىمۇ قوللىشى» نى تەلەپ قىلدى.

بۇ ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىگە ھەربىي ۋە باشقا جەھەتلەردىن ياردەم بېرىش لايىھەسى يەنە سوۋېت ئىتتىپاقى خەلق ئىچكى ئىشلار كومىسسارى لاۋرېنتى بېرىيا ۋە تاشقى ئىشلار خەلق كومىسسارى ئاندرېي ۋىشىنسكىي تەرىپىدىنمۇ بىرلىكتە تەييارلىنىپ، 1945-يىلى، 4-ئاينىڭ 29-كۈنى ستالىن ۋە مولوتوفقا يوللاپ بېرىلگەن. ۋۇدروۋ ۋىلسون مەركىزى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ئەسلى رۇسىيە فېدېراتسىيەسى دۆلەت ئارخىپىدىكى 9401-فوندتىكى 2-ئالاھىدە پاپكىدا ساقلانغان مەزكۇر بېرىيا ۋە ۋىشىنسكىي تەرىپىدىن ھازىرلانغان مەخپىي دوكلاتتا شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىگە 15 مىڭ كىشىگە يەتكۈدەك ھەر خىل قورال-ياراق ۋە ئوق-دورا بېرىش، ئۇلارنىڭ ئىنقىلابنى تارباغاتاي، ئالتاي ۋە جەنۇبتا قەشقەر، ئاقسۇلارغا كېڭەيتىشىگە ياردەم كۆرسىتىش، قوزغىلاڭچىلارغا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرىدىن كېلىپ چىققان 2000 ئەسكەر ۋە 500 ئوفىتسېرنى ياردەمگە ئەۋەتىش ۋە باشقا ياردەم بېرىش مەسىلىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.

ئەپسۇسكى، ئەلىخان تۆرىنىڭ خېتى ۋە بېرىيا ۋە ۋىشىنسكىينىڭ شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىگە ياردەم بېرىش لايىھەسى ستالىن تەرىپىدىن تېزدىن تەستىقلانمىغان.

سوۋېت مەخپىي ئارخىپلىرىدىن ئايدىڭ بولۇشىچە، 1945-يىلى، 5-ئاينىڭ 28-كۈنى ئەلىخان تۆرە يەنە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجىدا تۇرۇشلۇق ھەربىي ۋەكىللىرىدىن، سوۋېت دۆلەت بىخەتەرلىك پودپولكوۋنىكى نىكولاي پروكوپيۇك بىلەن ئىنقىلابنى جەنۇبقا ۋە شىمالغا، جىڭغا قاراپ كېڭەيتىش مەسىلىسى ھەققىدە مەخسۇس سۆزلىشىپ، ئۇلارنىڭ ھەربىي ھەرىكەت قوللانماسلىقىدىن خاپا بولغان. يەنە بىر مەخپىي ئارخىپ ھۆججىتىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، 1945-يىلى، 6-ئاينىڭ 10-كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى ن ك ۋ د ( دۆلەت ئىچكى ئىشلار خەلق كومىسسارىياتى) رەھبىرى بېرىيا غۇلجىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى ۋەكىلى، گېنېرال ۋلادىمىر يېگناروف، يەنى «2-دوم» دەپ ئاتالغان ئورۇننىڭ باشلىقىغا «قوزغىلاڭچىلارنى ھەرگىز ئاكتىپ ھەرىكەت قىلدۇرماي تۇتۇپ تۇرۇش» بۇيرۇقى بەرگەن. بۇلاردىكى سەۋەب نېمە ؟

بۇلارنىڭ تۈپ خەلقئارالىق ئارقا كۆرۈنۈشى بار بولۇپ، بۇ دەل ئاشۇ 1945-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى ئىمزالانغان يالتا كېلىشىمى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. ئەنە شۇ يالتا كېلىشىمىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشىشى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىراق شەرق، مانجۇرىيە ۋە تاشقى موڭغۇلىيە مەسىلىسىدىكى مەنپەئەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئىدى. ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە رەھبەرلىرى كېلىشىم بويىچە ستالىننىڭ تاشقى موڭغۇلىيەنىڭ مەۋجۇت ھالىتىنى ساقلاپ قېلىش، جەنۇبىي ساخارىن ۋە شىمالدىكى كۇرىل ئاراللىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خەرىتىسىگە كىرىش، سوۋېت ئىتتىپاقى مانجۇرىيە تۆمۈر يولى، پورت-ئارتۇر ۋە دالىيەن پورىتلىرىدىن پايدىلىنىش تەلەپلىرىگە ماقۇل بولدى، ستالىن بولسا گېرمانىيە تەسلىم بولۇپ، 3-ئايدىن كېيىن ياپونغا قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشىش ۋەدىسى بەردى.

قازاقىستاندىكى تۇران ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئابلەت كامالوفنىڭ ئېيتىشىچە، ستالىن بۇ كېلىشىم نەتىجىسىدە كېيىن ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە تەرەپكە خىتاينىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشماسلىق، يەنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى قوزغىلاڭچىلارنى قوللىماسلىق، خىتاي كومپارتىيەسىنىمۇ قوللىماسلىق ئىپادىلىرىنى بىلدۈرگەن. يالتا سۆھبىتىدە سوۋېت ئىتتىپاقى يىراق شەرقتە ئېرىشكەن مەنپەئەتلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن خىتاينىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن شەرتنامە ئىمزالىشى كېرەكلىكى، خىتايغا بۇ مەسىلە بويىچە سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشىنى ئامېرىكا تەرەپ تەشەببۇس قىلىشقا پۈتۈشۈلدى.

ستالىننىڭ بۇ ۋاقىتتىكى مەقسىتى يالتا يىغىنىدا ئېرىشكەن مەنپەئەتلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن خىتاينى سۆھبەت ئۈستىلىگە ئېلىپ كېلىش ئىدى. ئۇ، تاكى 1945-يىلى، 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە خىتاي تەرەپنىڭ ئۆزلىرى بىلەن سۆھبەت ئۈستىلىگە كېلىشىنى ۋە سۆھبەتتە بولسا ئۆزلىرىنىڭ كۆزلىگەن مەقسەتلىرىگە ماقۇل بولۇشىنى كۈتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئەلىخان تۆرىنىڭ ياردەم سوراپ يازغان خېتى ۋە بېرىيا ھەم ۋىشىنسكىينىڭ شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىگە ھەربىي جەھەتتىن ياردەم بېرىش لايىھىسىنى تېزلىكتە قوبۇل قىلمىغان، بەلكى ئارقىغا سوزغان ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجىدىكى ھەربىي ۋەكىللىرى، يەنى 2-دومدىكىلەر شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسىنى كونترول قىلىۋالغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى ھۇجۇمغا ئۆتكۈزمەي تۇتۇپ تۇردى.

شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى باش كاتىپى مەرھۇم ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئىبراھىمى ھايات ۋاقتىدا ئۆزلىرىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ قويۇق بولغانلىقىدىن بارلىق ھەربىي ھوقۇقلارنىڭ ئاشۇ سوۋېت گېنېراللىرىنىڭ قولىغا ئۆتكەنلىكىنى، ھەربىي ئىشلار جەھەتتە پۈتۈنلەي شۇلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئاڭلىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

تارىخىي مەنبەلەرگە قارىغاندا شەرقى تۈركىستان ھۆكۈمىتى 1945-يىلى، 2-ئايدىن تاكى 7-ئايغىچە خىتاي قوشۇنلىرىغا قارشى ئومۇمىي ھۇجۇمغا ئۆتمىگەن بولۇپ، بۇ ۋاقىتقىچە سوۋېت ئىتتىپاقىمۇ ئۇلارغا كۆرۈنەرلىك ياردەم بەرمىگەن، ئاساسىي غەلىبە قوزغىلاڭچىلارنىڭ ئۆز كۈچى ئارقىلىق قولغا كەلگەن ئىدى. بۇ خىل قاراشتىكى مۇتەخەسسىسلەردىن بىرى قازاقىستاندىكى تارىخچى، «ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمدىن ھازىرغىچە ئېتنىك-سىياسىي تارىخى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى قەھرىمان غومجامبەردىنىڭ قارىشىچىمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىگە كەڭ كۆلەمدە ھەربىي ياردەم بەرمەسلىكىدىكى سەۋەبلەردە يالتا كېلىشىمى بار ئىدى.

بىراق، جاڭ كەيشى كېيىن يالتا كېلىشىمىدىن خەۋەر تېپىپ ۋە يالتا كېلىشىمىدە ئۆز مەنپەئەتلىرىنىڭ قۇربان قىلىنغانلىقىدىن نارازى بولۇپ، 1945-يىلى، 6-ئاينىڭ 12-كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ چوڭچىڭدىكى باش ئەلچىسى ئاپوللو پېتروف ئوتتۇرىغا قويغان، يالتا كېلىشىمىدە بەلگىلەنگەن سوۋېت ئىتتىپاقى مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك 5 خىل تەلەپنى رەسمىي ئوتتۇرىغا قويغاندا جاڭ كەيشى بۇلارنى رەت قىلغان. ئۇ، 15-ئىيۇن كۈنى بولسا ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترۇمېننىڭ خىتاينىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ كېلىشىم تۈزۈشى كېرەكلىكىگە ئائىت 7 تۈرلۈك پىكىرلىرىگىمۇ ئاكتىپ پوزىتسىيە تۇتمىدى. بۇنىڭ بىلەن ستالىننىڭ جاڭ كەيشىنى سۆھبەت ئۈستىلىگە ئەكىلىش ۋە ئۇنىڭ بىلەن «سوۋېت-خىتاي دوستلۇق شەرتنامىسى» ئىمزالاپ، ئۆزىنىڭ يالتادا ئېرىشكەن مەنپەئەتلىرىنى قانۇنلاشتۇرۇش ئۈمىدى ئازلىدى.

نەتىجىدە، ئۇ مىللىي ئارمىيەگە ياردەم بېرىشنى قارار قىلدى ۋە ئۈچ فرونت بويىچە جەڭلەر باشلاندى.

https://www.rfa.org/uyghur/tarix-bugun/milliy-inqilab-01312019181327.html

Share
2714 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.