logo

trugen jacn

ساقچى خادىمى: يوپۇرغىدا 10 مىڭ بىلەن 20 مىڭ ئارىسىدا كىشى «تەربىيىلەش» مەركىزىدە

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرى رادىئومىزغا مەكتۇپ يوللاپ، يوپۇرغىنىڭ سىيەك يېزىسىدا 1500 چە كىشىنىڭ تەربىيىلەش مەركىزىگە سولۇۋېلىنغانلىقى ۋە تۇتقۇنلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قاچان قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا مەزكۇر ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقى دەلىللىنىش بىلەن بىرلىكتە يەنە يوپۇرغا ناھىيىسى بويىچە 10 مىڭ بىلەن 20 مىڭ ئارىسىدا كىشىنىڭ نۆۋەتتە تەربىيىلەش مەركەزلىرىدە ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، مەزكۇر مەكتۇپتا، يوپۇرغىنىڭ سىيەك يېزىسىدا تەربىيەلەشكە ئەۋەتىلگەنلەرنىڭ ھىچبىرسىنىڭ تېخىچە قويۇپ بېرىلمىگەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئۆزى ياكى ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ئۇلارنىڭ قاچان قويۇپ بېرىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرمۇ بېرىلمىگەنلىكى يېزىلغان. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان سىيەك يېزىلىق بىر ساقچى خادىمى، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، يوپۇرغا ناھىيىسى 7 يېزا، 4 بازار، 4 دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق مەيدانىدىن تەشكىللەنگەن، ئومۇمى نوپۇسى 170 مىڭ.

(مەنبە: https://baike.baidu.com/item/%E8%89%B2%E4%B9%9F%E5%85%8B%E4%B9%A1)

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان يەكشەنبەبازار، ئايئاۋات، يوپۇرغا ۋە تېرىم ساقچىخانا خادىملىرىمۇ بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى. رادىئومىزغا كەلگەن مەكتۇپتا، يوپۇرغىدىكى تەربىيىلەش مەركىزىنىڭ نامىنىڭ 2 قېتىم ئۆزگەرتىلگەنلىكى، ئەڭ يېقىندا قويۇلغان نامنىڭ «پۇقرالار مەكتىپى» ئىكەنلىكى يېزىلغان. سىيەك يېزىلىق ساقچىخانىنىڭ يەنە بىر خادىمى، مەكتۇپتا دېيىلگەن يۇقىرىقى ئۇچۇرلارنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللىدى. بۇ ساقچى خادىمىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يوپۇرغىدا تەربىيىلەش مەركىزى 4 ئورۇندا تەسىس قىلىنغان. يەنە ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، يوپۇرغىنىڭ سىيەك يېزىسى، 14 كەنتتىن تەشكىللەنگەن، نوپۇسى 18060.

(مەنبە: https://zh.wikipedia.org/wiki/%E8%89%B2%E4%B9%9F%E5%85%8B%E4%B9%A1)

رادىئومىزغا كەلگەن مەكتۇپتا، 18 مىڭ نوپۇسلۇق سىيەك يېزىسىدىن 1500 چە كىشىنىڭ پۇقرالار مەكتىپى نامىدىكى سولاقتا ئىكەنلىكى يېزىلغان. مەزكۇر ساقچى خادىمى بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللەش بىلەن بىرلىكتە، ئۆز پەرىزىگە ئاساسەن، يوپۇرغىدا 10 مىڭ بىلەن 20 مىڭ ئارىسىدا كىشىنىڭ نۆۋەتتە تەربىيىلەش مەركىزىدە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا، يېڭىسار ناھىيىسىنىڭ 13 مىڭ نوپۇسلۇق توپلۇق يېزىسىدىن 2مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ سولاقتا ئىكەنلىكى، توققۇزاقنىڭ 36 مىڭ نوپۇسلۇق بۇلاقسۇ يېزىسىدا 3314 كىشىنىڭ قاماق ۋە تۈرمىدە ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/yopurghida-terbiyelesh-merkizi-11212017203709.html

Share
1362 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.