logo

trugen jacn

ساقچى باشلىقى: ئۈچ خىل تونۇشتۇرۇشى بولمىغان جەنۇبلۇق ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى يۇرتىغا قايتۇرۇلدى

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئالدىنقى ئايلاردا خىتاي ساقچى دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئولتۇراق ئاھالىلەرگە، بولۇپمۇ يەرلىك ئۇيغۇرلارغا مەخسۇس جەدۋەل تارقىتىپ، ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرى بىلەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ئېنىقلاش ۋە تىزىملاش ئىشىنى ئېلىپ بارغان ئىدى.

بىز بۇ ھەقتە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساقچىخانىلارغا تېلېفون قىلدۇق.

توقسۇن ناھىيەسىگە قاراشلىق ئىلانلىق يېزىلىق ساقچىخانىنىڭ باشلىقى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىملىق «نوپۇس ئېنىقلاش» جەريانىدا توقسۇن تەۋەسىدە تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان جەنۇبتىن كەلگەن ئۇيغۇر ھۈنەرۋەن-كاسىپلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆز يۇرتلىرىغا قايتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، «ئۈچ خىل تونۇشتۇرۇشى»، يەنى «ئۆز يۇرتىدىكى كەنت ئىشخانىسى، يېزىلىق ساقچىخانا ۋە ناھىيەلىك دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش باش ئەترىتىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بولمىغان جەنۇبلۇق ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى يۇرتلىرىغا قايتۇرۇلدى»، دېدى.

گۇما ناھىيەسىنىڭ موكۇيلا يېزىلىق ساقچىخانىسىدىن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر نەپەر نۆۋەتچى ساقچى يەرلىك دائىرىلەرنىڭ بۇ يىل يازلىق تەتىل مەزگىلىدە ئوقۇتقۇچىلارنى سەپەرۋەر قىلىپ يېزا-كەنتلەردە «نوپۇس ئېنىقلاش» ئېلىپ بارغانلىقىنى، ئولتۇراق ئاھالىلەرنىڭ ئائىلە ئەھۋالى بىلەن شەخسىي ئۇچۇرلىرىنىڭ كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى ئاشكارا قىلدى.

ئۇ، «ساقچىلارنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ھازىر مۇقىملىقنى ساقلاش بولغاچقا، بىزنىڭ ئادەم كۈچىمىز نوپۇس ئېنىقلاش قاتارلىق ئىشلارغا يېتىشمەيدۇ. يېزىلىق پارتكوم بۇ ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئۇلارنىڭ يازلىق تەتىل ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ بۇ ۋەزىپىنى تاماملىدى»، دېدى.

بىز بۇ ھەقتە خوتەندىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردىن يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ ئەھۋال ئىگىلەشكە تىرىشتۇق. گۇما ناھىيەسىنىڭ مەلۇم يېزىسىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغان بىر خانىم مۇنۇلارنى بايان قىلدى:

«بۇ يىل يازلىق تەتىل مەزگىلىدە دەم ئالالمىدۇق. چۈنكى يېزىلىق پارتكوم ياش ئوقۇتقۇچىلارنى ئۆيمۇ-ئۆي بېرىپ نوپۇس ئېنىقلاش ئىشىغا ئورۇنلاشتۇردى. بۇ ئەسلىدە ساقچىخانىنىڭ ئىشى بولسىمۇ، ئەمما تەتىلدە ئوقۇتقۇچىلار بىكار قالمىسۇن دېگەندەك بىزگە يۈكلىدى. بىز ئۆيمۇ-ئۆي يۈرۈپ، ھەر بىر ئائىلىدە قانچە جان بار، كىم ئۆلۈپ كەتتى، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق بارمۇ-يوق، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى كىملەر دېگەندەك ئۇچۇرلارنى توپلاپ، ساقچىخانىنىڭ ئەسلىدىكى نوپۇس رويخېتى بىلەن سېلىشتۇرۇپ چىقتۇق. بۇ ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسى ھازىر كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈلۈۋاتىدۇ. مەن ئۆزۈم بۇ تەتىلدە مەلۇم كەنتتىكى يۈزدىن ئارتۇق ئائىلىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى توپلاپ چىقتىم. بۇ ئۇچۇرلار ساقچىخانىنىڭ كومپيۇتېر سىستېمىسىغا يوللىنىپ، توردىن ئۆتكەندە ئاندىن ۋەزىپىمىز ئاخىرلاشقان بولىدۇ.»

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئولتۇراق ئاھالىلەرنىڭ ئائىلە ۋە شەخسىي ئۇچۇرىنى توپلىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، مېدىتسىنا پەنلىرى دوختۇرى جۈرئەت ئوبۇل ئەپەندى بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، «ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان بۇ ئېغىر تەقىب تارىختىكى ھەرقانداق بىر دەۋردىكىدىن ئېشىپ كەتتى»، دېدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/milliy-perq-09062017133329.html

Share
1646 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.