logo

trugen jacn
17 ئىيۇل 2014

ساقچىلار ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا سەرەڭگە يىغىۋېلىش دولقۇنى قوزغىغان

kibriti-kim-icat-etti,2,con

 قۇتلان

ئەنگىلىيەدە چىقىدىغان «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى ساقچىلارنى ئىشقا سېلىپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدا سەرەڭگە يىغىۋېلىش دولقۇنى قوزغىماقتا ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى دائىرىلەر يەركەن ناھىيەسىنىڭ ھەرقايسى بازارلىرى، كۈندىلىك بۇيۇملار دۇكانلىرى ۋە مېھمانسارايلاردىن يىغىۋالغان 100 مىڭ قاپ سەرەڭگىنى كۆيدۈرگەن. قاغىلىق ناھىيەلىك دائىرىلەرمۇ ئاھالىلاردىن 6 مىڭ قاپ سەرەڭگىنى مۇسادىرە قىلغان.

سانجى شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئۆز تورىدا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، «تېررورلۇق گۇرۇپپىلىرى ۋە رادىكال شەخسلەرنىڭ جىنايەت سادىر قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن» مۇسادىرە قىلىنغان 20 مىڭ قاپ سەرەڭگىنىڭ كۆيدۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

ئۇيغۇر ئېلىدە سەرەڭگە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەڭ دەسلەپكى ۋەقە بۇ يىل 5 – ئاينىڭ 29 – كۈنى توقسۇ ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن. ئەينى ۋاقىتتا توقسۇ ناھىيەسىنىڭ گۈلباغ كەنتىدە سۇغا تاشلىۋېتىلگەن ئىككى تاغار سەرەڭگە تېلى خىتاي ساقچى ئورۇنلىرىنىڭ دىققىتىنى چەككەن. نەتجىدە بۇ ئىككى تاغار سەرەڭگىدىن پارتلاتقۇچ دورا ياسالغانلىقى، بۇنى بايقىغان بىر نەپەر خىتاي ساقچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى مەلۇم بولغان.

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/serengge-07162014174143.html

Share
1681 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.