logo

trugen jacn

ساخاروف مۇكاپات ساھىبى خۇ جيا ئىلھام توختى سەۋەبلىك خىتاينى رەنجىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

dsdg-91

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ېيجىڭدىكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائاليەتچىسى، 2008 – يىللىق ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپات ساھىبى خۇ جيا ئۈزلۈكسىز ھالدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تەقىبى ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقى مەلۇم. خۇ جيا ئەپەندى يەنە مەشھۇر ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختىنى يېقىندىن قوللاپ كېلىۋاتقان خىتاي زىيالىيلىرىدىن بىرى. ئۇنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، 2014 – يىلى ئىلھام توختى تۇتقۇن قىلىنغاندىن بۇيان، ئۇنىڭ بېيجىڭدىكى ۋاڭ لىشيۇڭ، ۋوېئىسېر قاتارلىق خىتاي زىيالىيلىرى بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بارغان ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش پائالىيەتلىرى ۋە ئىلھام توختىنى ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتىغا كۆرسىتىش تەشەببۇسى سەۋەبلىك، يېقىندىن بۇيان بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ ئۇنىڭغا قاراتقان نازارەت ۋە تەقىپ قىلىشى بارغانچە كۈچەيگەن.

11 – ئۆكتەبىر كۈنى 2016 – يىللىق مارتىن ئەننالىس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەقلىرىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر ئۆكتىچىسى ئىلھام توختىغا بېرىلگەنلىك خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن، ئىلھام توختىنىڭ بېيجىڭدىكى ئائىلىسى قاتتىق تەقىپ ئاستىغا ئېلىنغان.

ئۇچۇرلاردىن بۇ ئائىلىنىڭ تېلېفونى نازارەت قىلىنغانلىقى ئۈچۈن، ئىلھام توختىغا مارتىن ئەننالىست كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى بېرىلگەن مەزگىلدە، چەتئەل ئاگېنتلىقلىرى ۋە مۇخبىرلارنىڭ ئىلھام توختىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇرنى زىيارەت قىلىشىغا ئىمكان بولمىغانلىقى، ئىلھام توختىنىڭ ئائىلىسى بىلەن يېقىن دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان تىبەت ئايال يازغۇچىسى ۋوئېسېر، خىتاي يازغۇچىسى ۋاڭ لىشيۇڭ، خۇ جيا قاتارلىق بېيجىڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگە قارىتىلغان نازارەتمۇ قايتىدىن كۈچەيتىلگەنلىكى مەلۇم بولدى.

تۈنۈگۈن يەنى 13 – ئۆكتەبىر كۈنى بېيجىڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتىنىڭ خىتايدىكى بىردىن – بىر ساھىبى خۇ جيا ئەپەندى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئىلھام توختىنىڭ مارتىن ئەننالىس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىك خوش خەۋىرىنى ئىلھام توختىنىڭ بېيجىڭدىكى ئائىلىسىگە يەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

plain-blue-background-wallpaper-3

خۇ جيا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 11 – ئۆكتەبىر ئىلھام توختىغا مارتىن ئەننالىس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى بېرىلگەنلىكى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۆيى ئەتراپىدا ئۇنى كۆزىتىدىغان ساقچىلار كۆپەيتىلىپ، ئۇنىڭ سىرتقا چىقىشى چەكلەنگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇ دائىرىلەرنىڭ تېلېفوننى ئاڭلايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، ئىلھام توختىنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئىلھام توختىنىڭ ئايالى ۋە ئىككى ئوغلىغا يەتكۈزگەن.

خۇ جيا ئەپەندى يەنە، يېقىندىن بۇيان ئۆزىگە قارىتىلغان نازارەت ۋە تەقىپنىڭ كۈچەيتىلىشىگە، ئۇنىڭ ئىلھام توختى ئۈچۈن ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: « ئۇلار يېقىندىن بۇيان ماڭا قاراتقان نازارەتنى كۈچەيتىۋاتىدۇ. گەرچە بېيجىڭدىكى چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ ئۆيۈمگە كېلىپ مېنى زىيارەت قىلىشىغا ئىمكان يوق بولسىمۇ، ئەمما مەن يېقىندىن بۇيان تۋىتېر تورىدا ئىلھام توختى ھەققىدە خەۋەرلەرنى نىسپەتەن كۆپ يوللىدىم، ئىلھام توختىنىڭ بېيجىڭدىكى ئائىلىسىنى زىيارەت قىلىش ئىمكانىيىتى بولمىغان چەتئەل ئاگېنتلىرىنىڭ ماڭا قىلغان تېلېفونلىرىنى ئالدىم ۋە مۇخبىرلارغا ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى ھەققىدە بىلىدىغان ئەھۋاللارنى بايان قىلدىم. تېخىمۇ مۇھىمى ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتىنىڭ 2008 – يىللىق ساھىبى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئىلھام توختىنى 2016 – يىللىق ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىش تەشەببۇسى ۋە پائالالىيەتلىرىدە بولدۇم. مۇشۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك ئۇلارنىڭ يېقىندىن بۇيان ماڭا قاراتقان نازارىتى يەنىمۇ كۈچەيدى، ئۆيۈمنىڭ ئەتراپىدا ساقچىلار كۆپەيتىلدى.»

خۇ جيا ئەپەندى يەنە، دائىرىلەرنىڭ ھازىرچە ئۇنىڭ ئىنتېرنېت ئالاقىسى ۋە چەتئەل مۇخبىرلىرى ۋە تەشكىلاتلىرى بىلەن بولغان تېلېفون ئالاقىلىرىنى ئۈزۈپ تاشلىمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئىنتېرنېت ۋە تېلېفون ئۇچۇرلىرىنى خاتىرىلەپ مېڭىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ ئاتالمىش «جىنايى پاكىتلىرى»نى توپلاۋاتقانلىقىنى ۋە ئۆزىنىڭ يەنە بىر قېتىم تۈرمىگە تاشلىنىش خەۋپىدە ئىكەنلىكىنىمۇ ئەسكەرتتى.

خۇ جيا مۇنداق دېدى: «مەن ھازىرچە پات – پات ساقچىلار تەرىپىدىن “ چاي ئىچىش“ باھانىسىدە چاقىرتىلىپ سوراق قىلىنىپ تۇرغاندىن باشقا، يەنىلا نامدىكى ”ئەركىنلىك“تىن بەھرىمان بولۇۋاتىمەن، ئىنتېرنېتتا تۋىتېر، ۋاتساپ قاتارلىق خەلقئارالىق ئۇچۇر تورلىرىغا كىرەلەيمەن. چەتئەل مۇخبىرلىرى ئۆيۈمگە كېلىپ مېنى زىيارەت قىلالمىسىمۇ، ئەمما تېلېفوندا زىيارەت قىلالايدۇ. ئەمما تېلېفونىم ۋە ئىنتېرنېت ئالاقەمنىڭ نازارەتتە ئىكەنلىكى، ساقچىلارنىڭ مېنىڭ جىنايى پاكىتلىرىمنى توپلاۋاتقانلىقى ماڭا ئايان. مېنىڭچە، ئۇلار ئەلۋەتتە مەندىن ھېساب ئالىدۇ. ئۇلار مېنى يەنە بىر قېتىم تۇتقۇن قىلىشى، ھەتتا قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە ئەگەر يەنە بىر قېتىم تۇتقۇن قىلىنسام، بەلكىم ماڭا بېرىلىدىغان جازا 2008 – يىلدىكىدەك 3 يېرىم يىللىق ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭدىن ئېغىر بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى مەن ئىككى يىلدىن بۇيان تۈرمىدىكى ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىش ھەققىدىكى پائالىيەتلەر ۋە ئۇنى ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىش تەشەببۇسلىرىم سەۋەبلىك بۇ ھۆكۈمەتنى رەنجىتتىم، ساقچىلار مېنى ئىلھام توختى توغرىلىق سۆزلىمەسلىككە كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇردى. ھەتتا تاياق يىگەن، ئۆلۈم تەھدىتىگە ئۇچرىغان چاغلىرىممۇ بولدى.»

خۇ جيا ئەپەندى يەنە ئۆزىنىڭ بىر ۋىجدان ئىگىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەقىقەتنى سۆزلەش بۇرچى بارلىقىنى شۇڭا ئىلھام توختىغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى تەكىتلىدى.

«ئۇلار مېنى توختاپ قال دەپ ئاگاھلاندۇرۇۋاتىدۇ. ئەمما مەن توختاپ قالالمايمەندە. ئىلھام توختى قەلىمى ۋە تىلىغا تايىنىپ ئۆز خەلقىنىڭ قانۇنىي ھەقلىرىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەشۇنداق ئېغىر جازاغا ھۆكۈم قىلىندى. بىزدە ھازىر ئەركىن سۆزلەش، ھۆكۈمەتكە پىكىر بېرىش پۇرسىتى بارغانچە ئازىيىۋاتىدۇ. ئەمما، مەن ئەھۋال بۇنداق كېتىۋەرسە بولمايدۇ، ئىلھام توختى ئۇچرىغان ھەقسىزلىق ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىش مەجبۇرىيىتىمىز بار دەپ قارايمەن. شۇڭا 2016 – يىللىق ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتىنىڭ ئاخىرقى 3 نامزاتى ئىچىدە ئىلھام توختىنىڭ ئىسمى يوقلۇقىنى بىلگەن ھامان، مەن چەتئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلەر بىلەن بىرلىكتە ئىلھام توختىنى 2017 – يىللىق ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىش خىزمىتىگە كىرىشىپ كەتتىم. ئىلھام توختى ساخاروف مۇكاپاتىغىلا ئەمەس، بەلكى نوبىل تېنچلىق مۇكاپاتى قاتارلىق تېخىمۇ كۆپ خەلقئارالىق مۇكاپاتلارغا كۆرسىتىلىشى كېرەك. ئۇيغۇرلاردىنمۇ تىبەتلەرنىڭ روھانىي داھىسى دالاي لاما جاناپلىرىغا ئوخشاش نوبىل مۇكاپاتى ئالغان كىشىلەر چىقىشى كېرەك، ئەنە شۇندىلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ھەق – ھوقۇقلىرى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرى ۋە كۈرەشلىرى تېخىمۇ كۆپ ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشىدۇ

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/hujia-10142016223233.html

Share
1102 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.