logo

trugen jacn

ساخاروف مۇكاپاتى ساھىبى خۇ جىيا: ئىلھام توختىنى قوغداپ قېلىشتا خەلقئارانىڭ بېسىمى مۇھىم

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى، يەنى 11-ئىيۇل زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق خۇ جىيا ئەپەندى ئۇيغۇر رايونىدىكى ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىكى ۋە ئۇزۇن مۇساپىلىك يول قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئىلھام توختىنىڭ بېيجىڭدىكى ئائىلىسىنىڭ بۇ يىل ئۇنى يوقلاشقا يەنە بارالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خۇ جىيا ئەپەندى ليۇ شاۋبونىڭ ئايالى لىيۇ شانىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىشىدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېسىمى زور رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلەپ، نۆۋەتتە مەيلى خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بولسۇن، ياكى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى بولسۇن ئىلھام توختىغا ئوخشاش ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ ئەڭ تېز ئارىدا ئەركىنلىككە ئېرىشىشى، ھېچ بولمىسا ئۇلارنىڭ تۈرمىدىكى ئەھۋالىنى ياخشىلاشقا كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە بۇ جەھەتتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

خۇ جىيا ئەپەندى دائىرىلەرنىڭ ئىلھام توختىنى ئۇنى ئائىلىسى تۇرۇشلۇق بېيجىڭ شەھىرىدە ئەمەس بەلكى ئۇنى ئۈرۈمچىدە سوتلاپ، ئۈرۈمچى 1-تۈرمىسىگە قامىشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلھام توختىغا ئوخشاش سىياسىي مەھبۇسلارنى خىتاي دۆلىتىنىڭ پايتەختى، سىياسىي مەركىزى بولغان بېيجىڭدا تۇرغۇزماسلىقى خەلقئارا مەتبۇئاتلار ۋە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشىدىن ئەنسىرىشىدىن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

خۇ جىيا مۇنداق دېدى: «ئىلھام توختىغا ئوخشاش، مۇھىم سىياسىي مەھبۇسلارغا قارىتا جازا مۇددىتىنى بېيجىڭدىن باشقا جايلاردا ئىجرا قىلىش خېلى ئىلگىرىلا يولغا قويۇلغان تۈزۈم. چۈنكى، بېيجىڭ شەھىرى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي مەركىزى. بۇ جايغا خەلقئارا تاراتقۇلار مەركەزلەشكەن، دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىلىرى جايلاشقان، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ھەرقايسى كومىتېتلىرىنىڭ ئىشخانىلىرىمۇ مۇشۇ جايغا مەركەزلەشكەن. مۇشۇنداق بولغىنى ئۈچۈن بۇ جاي (يەنى بېيجىڭ)ئىنتايىن سەزگۈر ئورۇن. بېيجىڭدا يەنە نۇرغۇنلىغان ئەرزدارلارمۇ توپلىنىدۇ. سىياسىي مەھبۇسلار ئۈستىدىن بېيجىڭدا سوت ئېچىلغان مەزگىللەردە ئەرزدارلارمۇ سوت بىناسىنىڭ سىرتىدا قورشىۋېلىنىش ئەھۋاللىرى دائىم يۈز بېرىدۇ. بېيجىڭ يەنە سىياسىي پائالىيەتلەر كۆپ يۈز بەرگەن جاي بولغىنى ئۈچۈن بۇ جايغا يەنە سىياسىي ۋەزىيەتكە كۆڭۈل بۆلىدىغان پۇقرالارمۇ توپلانغان، ئۆكتىچىلىكى سەۋەبىدىن ئىلگىرى جازالىنىپ ئازار يېگۈچىلەرمۇ توپلانغان جاي دېيىشكە بولىدۇ. شۇڭا ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا بېيجىڭدا مۇقىملىقنى ساقلاش ئېغىر بېسىم ۋە ئەندىشە پەيدا قىلىدۇ».

خۇ جىيا ئەپەندى نوبېل تىنچلىق مۇكاپات ساھىبى ليۇ شاۋبونىڭ نوپۇسى بېيجىڭدا بولسىمۇ، ئۇنىڭ لياۋنىڭ ئۆلكىسىدە سوتلىنىپ، تاكى بۇلتۇر ئۆلۈپ كەتكۈچە جازا مۇددىتىنى لياۋنىڭ جىنجۇ تۈرمىسىدە ئۆتىگەنلىكىنى، ئۆزى 2008-يىلى سىياسىي سەۋەبتىن قولغا ئېلىنىپ، 3 يېرىم يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغاندىمۇ، جازا مۇددىتىنى تيەنجىننىڭ چادىيەن دېگەن جايىدىكى چاۋبەي تۈرمىسىدە ئۆتەشكە ئەۋەتىلگەنلىكىنى، ئادۋوكات گاۋ جىشىڭ، 9-ئىيۇل تۇتقۇنىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرى قاتارلىق باشقا سىياسىي مەھبۇسلارنىڭمۇ ئوخشاش ئەھۋالغا ئۇچرىغانلىقىنى نەقىل ئالدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەقلىرىنى ئاشكارا تەلەپ قىلغان ئىلھام توختى ئەپەندى، 2014-يىلى 15-يانۋار بېيجىڭدىكى ئۆيىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، مەخپىي ھالدا ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېلىنگەندىن كېيىن، دائىرىلەر 2014-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى ئۈرۈمچى ئوتتۇرا سوتىدا 1-قېتىملىق سوت ئېچىپ، ئۇنىڭغا «مىللىي قۇتراتقۇلۇق پەيدا قىلىپ دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش» جىنايىتى ئارتىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. ئىلھام ئەپەندى ئادۋوكاتى ئارقىلىق نارازىلىق ئەرزى سۇنغاندىن كېيىن دائىرىلەر شۇ يىلى 11-ئاينىڭ21-كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوت نامىدا ئۈرۈمچى 1-تۈرمىسىدە 2-قېتىملىق سوت ئېچىلغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭغا بېرىلگەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

خۇ جىيا ئەپەندى دائىرىلەرنىڭ يۇقىرىقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بېيجىڭ نوپۇسىدىكى ئىلھام توختىنى ئۇچۇر قاتتىق قامال قىلىنىدىغان ۋە سىياسىي باستۇرۇش ۋەزىيىتى ئېغىر بولغان ئۈرۈمچىدە سوتلاپ، ئۇنى سىياسىي جىنايەتچىلەر قامىلىدىغان ئۈرۈمچى 1-تۈرمىسىگە قامىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ نۆۋەتتە ئەڭ ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خۇ جىيا مۇنداق دېدى: «ئىلھام ئۇ بېيجىڭ نوپۇسىدا. ئۇ شىنجاڭدا تۇغۇلغان بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ نوپۇسى بېيجىڭدا. مۇشۇ نۇقتىدىن ئالغاندا بېيجىڭ نوپۇسىدىكى پۇقرالارنىڭ جاز مۇددىتىنى بېيجىڭدا ئۆتەشنى تەلەپ قىلىش ھەققى بار. ئەمما دائىرىلەر ئۇنى قامال ئاستىدىكى شىنجاڭغا ئاپىرىۋەتتى. شىنجاڭ ھەربىي باشقۇرۇش تۈزۈمى ئاستىدىكى جاي، ئۇ بېسىۋېلىنغان زېمىن. بۇ جايدا دائىرىلەر ئىلھام توختىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى قامال قىلالايدۇ. ھازىر ئىلھام توختىنىڭ ئۇ جايدىكى قېرىنداشلىرى ۋە ئۇنىڭ ئايالى گۈزەلنۇرنىڭ بارلىق تۇغقانلىرى ھازىر قورقۇنچ ۋە ۋەھىمە ئىچىدە ياشىماقتا. بۇنداق ئەھۋالدا ئۇلار سىرتتىكىلەرگە ئىلھام توختىنىڭ ئەھۋالى توغرۇلۇق مەلۇمات بېرىشتىن باش تارتىدۇ ھەتتا قورقىدۇ. ئىككى يىل ئىلگىرى گۈزەلنۇر ئىلھام توختىنى يوقلاپ ئۈرۈمچىگە بارغىنىدا ئۇنىڭ تۇغقانلىرى گۈزەلنۇرنىڭ تېلېفونىنى ئېلىۋالغان، ئەينى چاغدا گۈزەلنۇر تاكى بېيجىڭدىن قايتىپ كەلگۈچە ئىلھام توختىنىڭ دوستلىرى بولغان مەن، يازغۇچى ۋاڭ لىشۇڭ، ۋوئىسېر قاتارلىقلار بىلەن بولغان تېلېفون ئالاقىسىنى پۈتۈنلەي ئۈزگەن ئىدى. شۇندىن بۇيانقى 2 يىل ئىچىدە گۈزەلنۇر ۋە بالىلار ئىلھام توختىنى يوقلاش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە بارالمىدى. ئەگەر بۇ يىل يازلىق تەتىلدىمۇ گۈزەلنۇر ۋە بالىلار ئۈرۈمچىگە بارالمىسا، ئىلھام توختى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن 3 يىلدىن بۇيان كۆرۈشەلمىگەن بولىدۇ. بۇ بىر ئائىلە ئۈچۈن بەكلا ئېچىنىشلىق ۋە ئادالەتسىز ئەھۋال».

ئەمما خۇ جيا ئەپەندى يەنە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىشى ئارقىلىق، نوپۇسى بېيجىڭدا بولغان ئىلھام توختىنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىمكانىيىتى بولمىغان ھالەتتىمۇ، ئۇنىڭ جازا مۇددىتىنى يېنىكلىتىش ھېچ بولمىغاندا ئۇنى ئائىلىسى تۇرۇشلۇق بېيجىڭ شەھىرىگە يۆتكەپ كېلىش ئىمكانىيىتى بارلىقىنى بىلدۈردى.

خۇ جىيا ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ليۇ شانىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىشىدە، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەت نۇقتىسىدىن گېرمانىيە ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىدىن باشقا خەلقئارا تاراتقۇلار ۋە غەرب دېموكراتىك دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان بېسىمى قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللار مۇھىم رول ئوينىغان. شۇڭا ئىلھام توختى مەسىلىسىدىمۇ غەرب دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان سۆھبىتىدە ئىلھام توختى مەسىلىسىنى داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويۇشى ئىنتايىن مۇھىم ۋە زۆرۈر.

خۇ جيا ئەپەندى يەنە ئۆزىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىشلىرىنى بايان قىلىپ، ئۆزىمۇ ھەر قېتىم غەرب دېموكراتىك دۆلەت ئەلچىخانىلىرى خادىملىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، پروفېسسور ئىلھام توختى قاتارلىق ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ ئەھۋالىنى داۋاملىق ئاڭلىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خۇ جىيا يەنە ئىلھام توختىنى تېخىمۇ كۆپ بولغان خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتلىرىغا كۆرسىتىش ئارقىلىق، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلھام توختىنى خاتا سولىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ۋە بۇ ئارقىلىق ئىلھام توختىنىڭ ئەركىنلىككە چىقىش يولىنى ھازىرلاشنىڭ مۇھىملىقىنى، ھېچ بولمىسا ئىلھام توختىنىڭ تۈرمە شارائىتىنى ياخشىلاش ئىمكانىيىتىنى يارىتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

خۇ جىيا ئەپەندى 2008-يىلى 10-ئايدا ئۆزىنىڭ تيەنجىندە جازا مۇددىتى ئۆتەۋاتقان تۈرمىدىن بېيجىڭدىكى تۈرمىگە يۆتكىلىشىدە ئۆزى ئېرىشكەن خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتلىرى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتايغا بېسىم پەيدا قىلغانلىقىنى نەقىل ئېلىپ مۇنداق دېدى.

«مەن تيەنجىن چادىيەن ناھىيەسىدىكى تۈرمىدە 2008-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن شۇ يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە جاز مۇددىتىنى ئۆتىدىم. 10-ئاينىڭ 10-كۈنى بېيجىڭ داشىن رايونىدىكى بېيجىڭ شەھەرلىك تۈرمىگە يۆتكەلدىم، كېيىنكى جازا مۇددىتىمنى بېيجىڭدا ئۆتىشىم مېنىڭ ئائىلەم، ئايالىم، قىزىم ۋە ئاتا-ئانامنىڭ تۈرمىگە كېلىپ مېنى قەرەللىك يوقلاپ تۇرۇشىغا كۆپ ئاسانلىق تۇغدۇردى. روھىي كەيپىياتىممۇ ئىلگىرىكىدىن كۆپ ياخشىلانغان ئىدى. بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ئائىلەم ۋە خەلقئارا جامائەتنىڭ بېسىمى زور رول ئوينىغان ئىدى. بىرىنچىدىن، ئائىلەمنىڭ، ئانامنىڭ ياشىنىپ قالغانلىقى، قىزىمنىڭ كىچىكلىكىنى سەۋەب قىلىپ، دائىرىلەردىن كۆپ قېتىم تەلەپ قىلىشى رول ئوينىدى. ئىككىنچىدىن، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قىلغان بېسىمى مۇھىم رول ئوينىدى. چۈنكى مېنىڭ ئۇ يىلى 10-ئۆكتەبىر كۈنى، يەنى نوبېل مۇكاپاتى تارقىتىلىش ھارپىسىدا بېيجىڭدىكى تۈرمىگە يۆتكەپ كېلىنىشىمگە مېنىڭ 2008-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلگەنلىكىم مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولغان ئىدى».

خۇ جىيا تۈرمىدىكى ئىلھام توختىنىڭ ۋەزىيىتىنى ياخشىلاشتا نۆۋەتتە ئىلھام توختىغا خەلقئارادا بېرىلگەن مۇكاپاتلارنىڭ ۋە ئىلھام توختىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى بولغان خەلقئارالىق مۇكاپاتلارغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلىشىنىڭ مۇھىم رولى بارلىقىنى بىلدۈردى.

خۇ جىيا ئەپەندى خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋە دېموكراتىك تەرىپىدىن ئىلھام توختىغا بېرىلگەن ھەرقانداق بىر خەلقئارالىق مۇكاپاتنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئىلھام توختىنى ناھەق تۈرمىگە قامىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتە بېسىم پەيدا قىلىپ، ئىلھام توختى ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلىش، ئۇنىڭ تۈرمىدىكى شارائىتىنى ياخشىلاش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ سىياسىي لىدېرىنىڭ تۈرمىدىن ساق-سالامەت چىقىشى ئۈچۈن ئاساس سېلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئىلھام توختى ئەپەندى تۇتقۇن قىلىنغاندىن بۇيان، ئىلھام توختى ئەپەندى خەلقئارا تاراتقۇلاردا جىددىي دىققەت ئوبيېكتىنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ، چەتئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، غەرب دېموكراتىك دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئىلھام توختىغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىش ئىشىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ، ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ساۋ ياشۈئې خانىم قۇرغان «خىتايدىكى ئۆزگىرىش تەشكىلاتى» ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن گېرمانىيەدە قۇرۇلغان «ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى» قاتارلىقلار ئىلھام توختىغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىش خىزمىتىنى ئىشلەش بىلەن بىللە ئىلھام توختى ئەپەندىنى ھەر خىل خەلقئارالىق مۇكاپاتلارغا تەشەببۇس قىلىش خىزمىتىنى داۋاملىق ئىشلەپ كەلمەكتە.

گېرمانىيەدىكى ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ئەنۋەرجان ئەپەندى ئۆزلىرىنىڭ ئىلھام توختىغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىش خىزمىتىدە، ئىلھام توختىنى خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتلىرىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىش خىزمىتىنى مۇھىم خىزمەتلەرنىڭ بىرى قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەنۋەرجان ئەپەندى يەنە خۇ جىيا ئەپەندىنىڭ ئىلھام توختىنى قوغداپ قېلىشتا ۋە ئۇنىڭ تۈرمىدىكى ئەھۋالىنى ياخشىلاشتا خەلقئارانىڭ بېسىمىنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدىكى پىكىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆز خىزمىتىدە ئىلھام توختىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ۋە ياۋروپا بىرلىكى قاتارلىق ھۆكۈمەت ۋە ئورگانلارغا داۋاملىق تەلەپنامە سۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىلھام توختى ئەپەندى تۇتقۇن قىلىنغاندىن بۇيان ئۇنىڭغا خەلقئارالىق مۇكاپاتلاردىن «باربارا گولدىسىمىس ئەركىن يېزىش مۇكاپاتى»، «تۈرك دۇنياسى ئەركىن يېزىش مۇكاپاتى»، «مارتىن-ئەننانىس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى»، «ۋېيمار كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» قاتارلىق كۆپ خىل مۇكاپاتلار بېرىلگەندىن باشقا ئۇ يەنە 2017-يىللىق «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلگەن بولسا، 2018-يىلى «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» غا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلگەن 300 نەچچە كىشىنىڭ بىرى بولغان ئىدى.

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ilham-toxti-07172018151512.html

Share
21389 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.