logo

trugen jacn

ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى مەزگىلىدە ئىلھام توختى ئائىلىسىگە قارىتىلغان نازارەت كۈچەيتىلدى

7869bbda-694f-49a4-9831-eea14f8150e3

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەقلىرىنى ئاشكارا تەلەپ قىلغىنى ئۈچۈن 2014-يىلى 23-سېنتەبىر خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان مەشھۇر ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ئەپەندى 2016-يىللىق «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» ۋە «مارتېن ئەننالىست كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» نىڭ ھەر ئىككىسىگە نامزات قىلىپ كۆرسىتىلگەن ئىدى. بۇ مۇكاپاتلارنىڭ ئاخىرقى ساھىبى 11-ئۆكتەبىر ئېلان قىلىنماقچى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 10-ئۆكتەبىر كۈنى، ياۋروپا پارلامېنتىدا «ئىلھام توختى ۋە ساخاروف مۇكاپاتى» تېمىسىدا مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنىمۇ ئورۇنلاشتۇرۇلغان. رادىيومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر 1-ئۆكتەبىر خىتاي دۆلەت بايرىمىنى باھانە قىلىپ، بېيجىڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگە قاراتقان تەقىبنى كۈچەيتكەن. ئۇلارنىڭ قاتارىدا ئىلھام توختىنىڭ بېيجىڭدىكى ئايالى گۈزەلنۇر خانىمغا قارىتىلغان نازارەتمۇ كۈچەيتىلگەن، دائىرىلەر يەنە گۈزەلنۇر خانىمنى چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇرغان.

10-ئۆكتەبىر كۈنى، ياۋروپا پارلامېنتىدا پارلامېنت ئەزاسى ئىلھان كۈچۈكنىڭ رىياسەتچىلىكىدە «ئىلھام توختى ۋە ساخاروف مۇكاپاتى» تېمىسىدا بىر مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلىدىغان بولۇپ، 11-ئۆكتەبىر ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمى» دىن ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىننى ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى، ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى ۋە خىتايدا ئۆزگىرىش تەشكىلاتى ھەمكارلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان.

مەزكۇر يىغىنغا ئامېرىكىدىن قاتنىشىدىغان خىتايدا ئۆزگىرىش تەشكىلاتى مەسئۇلى ساۋ ياشۆ خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىنغا ئىلھام توختىنىڭ ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان قىزى جەۋھەرمۇ تەكلىپ قىلىنغان. مەزكۇر يىغىن ئىلھام توختىنىڭ تىنچلىقپەرۋەر پائالىيەتلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ مۇكاپاتنى ئېلىشقا تېگىشلىك كىشى ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان.

ھالبۇكى، خەلقئارادا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ھەققىدىكى پائالىيەتلىرى كۈچىيىۋاتقان بىر مەزگىلدە، خىتاي تۈرمىسىدە مۇددەتسىز قاماق جازاسىنى ئۆتەۋاتقان ئىلھام توختىنىڭ بېيجىڭدىكى ئائىلىسىگە قارىتىلغان نازارەت ۋە تەقىب قىلىشلارنىڭ بارغانچە كۈچەيتىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.

بېيجىڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىدىن خۇ جيا قاتارلىقلارنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر يىغىن مەزگىلىدە دائىرىلەرنىڭ ئىلھام توختىنىڭ بېيجىڭدىكى ئائىلىسىگە قاراتقان بېسىمى يەنىمۇ كۈچەيتىلگەن.

ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتىنىڭ 2008-يىللىق ساھىبى، ئىلھام توختىنىڭ يېقىن ئاغىنىلىرىدىن بولغان خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خۇ جيا ئەپەندى 5-ئۆكتەبىر رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ 2 ھەپتە ئىلگىرى يەنى مۇسۇلمانلارنىڭ قۇربان ھېيتى ۋە خىتايلارنىڭ تاۋۇز چاغىنى مەزگىلىدە ئىلھام توختىنىڭ بېيجىڭدىكى ئائىلىسىنى يوقلاپ بارغانلىقىنى، ئەمما 7 كۈنلۈك ئۆكتەبىر بايرىمى مەزگىلىدە بېيجىڭدا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگە قارىتىلغان نازارەت يەنە كۈچەيتىلگەچكە، ئىلھام توختىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر ۋە ئۇنىڭ ئىككى ئوغلىنى يوقلاشقا ئىمكانىيىتى بولمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خۇ جيا ئەپەندى يەنە دائىرىلەرنىڭ ئىلھام توختىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر خانىمنىڭ تېلېفونىنى نازارەت ئاستىغا ئالغانلىقىنى، ئۇنىڭ ھەرقانداق چەتئەل مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشىنى چەكلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

خۇ جيا مۇنداق دېدى: «گۈزەلنۇرنىڭ تېلېفونى نازارەت ئاستىدا بولغىنى ئۈچۈن، مەن ئادەتتە ئىلھام توختىنىڭ ئائىلىسىگە تېلېفون قىلمايمەن. شارائىتىم يار بەرگەندە ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، بالىلارنى يوقلاپ كېلىمەن. گۈزەلنۇر خانىمنىڭ ھەرقانداق پائالىيىتى ئەلۋەتتە نازارەت ئاستىدا. بىلىشىمچە، دائىرىلەر گۈزەلنۇر خانىمنى چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇرغان بولغاچقا، گۈزەلنۇر خانىمغا تېلېفونىڭىز ئۇلانغان ھالەتتىمۇ، ئۇ تېلېفونىڭىزنى ئالالمايدۇ. گۈزەلنۇر خانىم ماڭا ساقچىلارنىڭ ئاۋارە قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، يېقىندىن بۇيان تونۇمىغان نومۇرلارنى ۋە چەتئەلدىن كەلگەن تېلېفونلارنى جاۋابسىز قالدۇرۇشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.»

ئىلھام توختىنىڭ ئامېرىكىدىكى قىزى جەۋھەرمۇ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان بېيجىڭدىكى ئۆگەي ئاپىسى گۈزەلنۇر خانىم ۋە ئىككى ئىنىسىغا تېلېفون قىلىشنىڭ قىيىنلاشقانلىقى، تېلېفونىنىڭ ئاسان ئۇلانمايدىغانلىقى، بەزىدە تېلېفون ئۇلانغان ھالەتتىمۇ تېلېفوندا ئەكس سادا ئاڭلىنىدىغانلىقى، ھەتتا سۆزلىشىپ بولمايلا تېلېفوننىڭ ئۈزۈۋېتىلىدىغانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى بىلدۈرگەن ئىدى.

بۇ يىل سېنتەبىردە ئىلھام توختى ئەپەندى ياۋروپا پارلامېنتى تەرىپىدىن 2016-يىللىق ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتىنىڭ ئاخىرقى 3 نامزاتىنىڭ بىرى بولۇپ تاللانغان بولۇپ، ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتىنىڭ 2016-يىللىق ساھىبى 11-ئۆكتەبىر كۈنى ياۋروپا پارلامېنتىدا ئېلان قىلىنىدۇ. 11-ئۆكتەبىر كۈنى يەنە، شۋېتسارىيىنىڭ جەنۋە شەھىرىدە «مارتېن ئەننالىست كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» نىڭ ئاخىرقى نامزاتى ئېلان قىلىنىدۇ. ئىلھام توختى ئەپەندى بۇ يىل 27-ئاپرېل كۈنى «مارتېن ئەننالىست كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى»غا كۆرسىتىلگەن ئاخىرقى 4 نامزاتنىڭ بىرى بولۇپ تاللانغان ئىدى. 10-ئۆكتەبىر ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان «ئىلھام توختى ۋە ساخاروف مۇكاپاتى» تېمىسىدا بىر مۇھاكىمە يىغىنىدا دوكلات بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەر 11-ئۆكتەبىر كۈنى يەنە شۋېتسارىيىنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان «مارتېن ئەننالىست كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى»نى تارقىتىش مۇراسىمىغىمۇ تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، نۆۋەتتە جەۋھەرنىڭ مەزكۇر مۇراسىمغىمۇ قاتنىشىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ilham-toxti-10062016123332.html

Share
896 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.