logo

trugen jacn

سابىق دۆلەت مىنىستىرى پروفېسسور ئەخەت ئەندىجان بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەت

ahat-andican

ئەركىن تارىم

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

تۈركىيەدە 25-قېتىملىق پارلامېنت ئەزالىرى سايلىمىنىڭ تەشۋىقات خىزمەتلىرى باشلىنىپ كەتتى. 5 يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان ئومۇمىي سايلامنىڭ بۇ يىلقىسى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

بۇ قېتىمقى پارلامېنت ئەزالىقى سايلىمىغا قاتناشقان كىشىلەرنىڭ ئىچىدە كۆپ ساندا ئۇيغۇر دەۋاسىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغان كىشىلەر مەۋجۇت. بۇلاردىن بىرى تۈركىيە ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، سابىق دۆلەت مىنىستىرى پروفېسسور ئەخەت ئەندىجان ئەپەندى. ئۇ، ئافغانىستاندا تۇغۇلغان بولۇپ ئەسلى ئۆزبېك بولۇپ، ياش ۋاقتىدىن تارتىپلا ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن رەھبەرلىكىدىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا ئاكتىپ ئىشتىراك قىلغان. ئۇ، 1995-يىلى پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان بولۇپ، ئانا ۋەتەن پارتىيەسى ھاكىمىيىتى مەزگىلىدە تۈركىي مىللەتلەرگە مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن. ئۇ، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىم سايلانسا تۈركىيە پارلامېنتىدا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

سىز 10 يىل ئۆتكەندىن كېيىن قايتا سىياسەتكە كىرىش ئۈچۈن پارلامېنت ئەزاسى نامزاتى بوپسىز، نېمە ئۈچۈن قايتا سىياسەتكە كىرىشنى قارار قىلدىڭىز دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ، مۇنداق جاۋاب بەردى:

مەن 2005-يىلى سىياسەتتىن ئايرىلىپ ئۇنىۋېرسىتېتقا قايتقاندىن كېيىنكى 10 يىل ئىچىدە تۈركىيەدە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ سىياسىتى بىلەن تاشقى سىياسەتتە تۈركىيەنىڭ يالغۇز قېلىۋاتقانلىقىنى، ئىچكى سىياسەتتە تۈرك خەلقىنىڭ ھەر خىل گۇرۇھلارغا بۆلۈنۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى، تۈركىيە دۆلىتىنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنىڭ خەتەر ئاستىغا كىرىۋاتقانلىقىنى، ئىقتىسادىي جەھەتتىن بايلار بەك باي، كەمبەغەللەر بارغانسېرى كەمبەغەللىشىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئەڭ مۇھىمى ھازىرقى ھۆكۈمەتنىڭ تاشقى سىياسىتىدە تۈرك دۇنياسى يوق، بۇ ھۆكۈمەت ئوتتۇرا شەرق ئەرەب دۇنياسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلمەيۋاتىدۇ. ئېزىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلمەيۋاتىدۇ. مەن بۇ سەۋەبلەردىن تۈپەيلى قايتا سىياسەتكە كىرىشكە قارار قىلدىم.

پروفېسسور ئەخەت ئەندىجان ئەپەندى سىز ھازىرقى ھۆكۈمەتنىڭ تاشقى سىياسىتىدە تۈرك دۇنياسىنىڭ مۇھىم ئورۇندا ئەمەسلىكىنى دەپ ئۆتتىڭىز؟ بۇنى بىرئاز چۈشەندۈرۈپ ئۆتسىڭىز قانداق؟ دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى:

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ھاكىمىيىتىنىڭ سىياسىتىدە تۈرك دۇنياسى ئالدىنقى قاتاردا تۇرمايدۇ. ئۇلارنىڭ سىياسىتىدە ئىسلام دۇنياسى، يەنى دىن بىرلىكى ئالدىنقى پىلاندا تۇرىدۇ. شۇڭا تۈركىيە تۈرك دۇنياسىدىن بارغانسېرى ئۇزاقلاشماقتا. كېيىنكى يىللاردا ئەرەب دۇنياسى داۋاملىق ھالدا تۈركىيەنىڭ كۈنتەرتىپىدە ئەمما تۈرك دۇنياسى ئەڭ ئاخىرقى قاتارلاردا تۇرماقتا. مەن تۈرك دۇنياسىغا مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ۋاقتىمدا تۈرك دۇنياسى تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىدە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئالغان ئىدى. ئۇ، مەزگىللەردە بىز تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە مۇستەقىل بولالمىغان تۈركىي مىللەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز تىرىشقان ئىدۇق

uO3uLC_d

پروفېسسور ئەخەت ئاندىجان ئەپەندى سىز مىنىستىر بولغان ۋاقتىڭىزدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمە ياردەملەرنى قىلدىڭىز دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى:
مەن دۆلەت مىنىستىرى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ۋاقتىمدا شەرقىي تۈركىستان كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىنى بىر ھەسسە كۆپەيتتۇق، ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تۈركىيەدە ئىقامەت ئېلىشى، گراجدانلىققا ئېلىنىشى توغرىسىدا يېڭى قانۇنلار چىقاردۇق. ئەمما ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ 12 يىللىق سىياسىتىگە قارايدىغان بولساق، پەقەتلا ئاغزىدا ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ. ئەمما ئەمەلىيەتتە ياردەم قىلغىنىنى كۆرمىدىم. مەن 1995-يىلى پارلامېنت ئەزاسى سايلىنىپ پارلامېنتتا تۇنجى قېتىم سۆز قىلغان ۋاقتىمدا، ئىستانبۇلدا سۇلتانەخمەت مەيدانىدا «ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن باغچىسى»نى قۇرۇش ھەققىدە توختالغان ئىدىم. ئەگەر تۈركىيە پارلامېنتىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ياخشى بىلىدىغان كىشىلەر پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانسا شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا پايدىلىق بولالايدۇ

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/xelqara-xewer/turkiye-saylam-04292015152628.html

Share
1947 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.