logo

trugen jacn

مۇھەممەد يۈسۈپ: زۇلۇم ۋە ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتتىكى تەسىرى

مۇھەممەد يۈسۈپ

«زۇلۇم» سۆزىنىڭ لۇغەتتىكى مەنىسى: ناھەق ئىش قىلىش، ئۇۋال قىلىش ۋە ھەددىدىن ئېشىش دېگەنلىك بولۇپ، بىر نەرسىنى ئۆز ئورنىدا قويماسلىقنى كۆرسىتىدۇ. «زۇلۇم» سۆزى ئىستىلاھتا كۆپلىگەن مەنىلەردە كېلىدۇ، ئەمما ھەممىسى ھەقىقەتتىن بۇرىلىپ ناھەق ئىش قىلىش دېگەن مەنىدىن چىقىپ كەتمەيدۇ. قىسقىسى، قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى جايىدا قىلماسلىق ۋە ئۇنى باشقىچە قىلىش زۇلۇمدۇر. ئەمما «زۇلۇم» سۆزىدىن مەسئۇللارنىڭ قول ئاستىدىكىلىرىگە ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ خەلققە قىلىدىغان زۇلۇملىرىنىلا چۈشىنىۋېلىش چوڭ خاتالىقتۇر. چۈنكى زۇلۇمنىڭ تۈرلىرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ھاياتلىقنىڭ ھەممە ساھەلىرىدە ۋە ئىنسانلارنىڭ كۆپىنچىسىدە دېگۈدەك كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ.

زۇلۇم قىلىش قەتئىي ھارامدۇر. ئاللاھ تائالا زۇلۇمنىڭ ھەممە تۈرىنى چەكلىگەن بولۇپ، زۇلۇم قىلغۇچىلار چوقۇم جازاسىنى تاپىدۇ. ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە پۈتۈن ئىنسانىيەتكە قارىتىپ: « سىلەردىن كىمكى زۇلۇم قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا بىز چوڭ ئازابىمىزنى تېتىتىمىز» دېگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە: «زۇلۇم قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، چۈنكى زۇلۇم قىيامەت كۈنىدە زۇلمەتلەرگە ئايلىنىدۇ» دېگەن. ئۆلىمالار بۇ يەردىكى «زۇلمەتلەر»نى زۇلۇم قىلغۇچىنىڭ يولىنى توسىدىغان قاراڭغۇلۇقلار ياكى ئۇنىڭ بېشىغا كېلىدىغان زور قىيىنچىلىقلار دەپ شەرھلىگەن.
ئۆلىمالار زۇلۇمنى مۇنداق ئۈچكە بۆلۈپ چۈشەندۈرگەن:

بىرىنچىسى، ئىنسان بىلەن ئاللاھ ئوتتۇرىسىدىكى زۇلۇمدۇر. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىگە قارىتا گۇناھ سادىر قىلىش بىلەن بولىدۇ. بۇ خىل زۇلۇمنىڭ ئەڭ چوڭى ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈشتۇر. « ئوغلۇم! ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمىگىن. چۈنكى شېرىك كەلتۈرۈش ھەقىقەتەن چوڭ گۇناھتۇر »( ) دېگەن ئايەت بۇ خىل زۇلۇمنى ئىپادىلەيدۇ.
ئىككىنچىسى، ئىنسانلارنىڭ بىر _ بىرىگە زۇلۇم قىلىشى بولۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزىدە ئىپادىسىنى تاپىدۇ: «ئەيىبلىنىدىغانلار پەقەت كىشىلەرگە زۇلۇم قىلىدىغان، يەر يۈزىدە ناھەق زورلۇق _ زومبۇلۇق قىلىدىغانلاردۇر. ئەنە شۇلارغا ئەلەملىك ئازاب بار »( ).

ئۈچىنچىسى، ئىنساننىڭ ئۆزىگە زۇلۇم قىلىشى بولۇپ، بۇ ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزىدە ئىپادىسىنى تاپقان: «ئاندىن بىز ئۇ كىتابنى بەندىلىرىمىزدىن بىز تاللىغان كىشىلەرگە مىراس قىلىپ بەردۇق. ئۇلارنىڭ بەزىسى (ئۇنىڭغا ئەمەل قىلماي) ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىدۇر، بەزىسى ئوتتۇراھالدۇر ۋە بەزىسى ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرىغۇچىدۇر. مانا بۇ كاتتا ئىنئامدۇر».
زۇلۇمنىڭ تۈرلىرى

1. ئىنساننىڭ ئۆزىگە ئۆزى ئۇۋال قىلىشى. بۇ دىننىڭ ۋە ئەقىلنىڭ چەك_چېگرىسىدىن چەتنەپ كېتىش ۋە ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلىش بىلەن بولىدۇ. شەكسىزكى، ئىنساننىڭ ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلىشى ۋە گۇناھ _مەئسىيەتلەرنى سادىر قىلىشى ئۇنىڭ ئۆز_ ئۆزىگە زۇلۇم قىلغانلىقدۇر. «كىمكى ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىدىن چىقىپ كېتىدىكەن، ئۇ ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان بولىدۇ»

2. ئاتا_ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى تەربىيەلەش ئىشلىرىدا ئۆزلىرىنىڭ مەجبۇرىيەتلىرىنى تولۇق ئادا قىلماسلىق ئارقىلىق ئۇلارغا ئۇۋال قىلىشى. «ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئۆزۈڭلارنى ۋە بالا_چاقاڭلارنى يېقىلغۇسى ئىنسان ۋە تاش بولىدىغان، قاتتىق قول پەرىشتىلەر مەسئۇل بولغان دوزاختىن ساقلاڭلار» شەكسىزكى، ئىنسانلارنىڭ ئۆزىنى ۋە بالا_چاقىلىرىنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلاپ قېلىشىنىڭ بىردىنبىر چارىسى ئۇلارنى ئاللاھ تائالا كۆرسەتكەن بويىچە تەربىيەلەپ چىقىپ ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلىشتۇر. بالىلارنى ئىمان ۋە ئىسلام بىلەن تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش ۋە ئۇلارنى ئوقۇتۇش، شۇنداقلا قىلىشقا تېگىشلەرنىڭ ھەممىسىنى جايىدا قىلىش ئاتا–ئانىلارنىڭ بۇرچىدۇر. شۇڭا ئاتا–ئانىلارنىڭ ئۆز ئۈستىدىكى پەرزەنت ھەقلىرىنى جايىدا ئادا قىلماسلىقى ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە زۇلۇم قىلغانلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

3. بالىلارنىڭ ئاتا_ ئانىسىنى قاقشىتىشى ۋە ئۇلارغا قېتىرقىنىپ خىزمەت قىلماسلىقى. بالىلارنىڭ ئاتا_ئانىسىغا قېتىرقىنىپ خىزمەت قىلماسلىقى، ئۇلارنى رەنجىتىپ قويۇشى، ھەتتا ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە تېگىدىغان ئاددىي ئىشنىمۇ سادىر قىلىشى ئۇلارغا زۇلۇم قىلغانلىقىدۇر. « رەببىڭ پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشىڭلارنى ۋە ئاتا_ ئاناڭلارغا قېتىرقىنىپ خىزمەت قىلىشىڭلارنى پەرز قىلدى» . دېمەك، ئاتا_ ئانىغا قېتىرقىنىپ خىزمەت قىلىش پەرزدۇر. شۇڭا بۇ پەرزنى ئادا قىلماسلىق ياكى ئادا قىلىشتا كەمچىلىك سادىر قىلىش ئاتا–ئانىغا زۇلۇم قىلغانلىقتۇر. ئاللاھ تائالا بۇ پەرزنى تەكىتلەپ يەمە مۇنداق دېگەن:« (ئى ئىنسان!) ماڭا ۋە ئاتا_ ئاناڭغا شۈكۈر قىلغىن، ئاخىرى قايتىدىغان جاي مېنىڭ دەرگاھىمدۇر» .

4. قوشنىلارغا ئازار بېرىش ۋە ئۇلارنىڭ ھەققىنى ئادا قىلماسلىق. شەكسىزكى، قوشنىلارنى بىئارام قىلىش، ئۇلارغا ئەزىيەت بېرىش ۋە قوشنىدارلىق ھەققىنى ئادا قىلماسلىق ئۇلارغا زۇلۇم قىلغانلىقتۇر. بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا: « يا رەسۇلۇللاھ! بىر ئايال بار، ئۇ ناماز ئوقۇيدۇ، روزا تۇتىدۇ ۋە سەدىقىنى كۆپ قىلىدۇ. لېكىن قوشنىسىغا تىلى بىلەن ئەزىيەت بېرىدۇ» دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇ دوزاخقا كىرىدۇ» دېگەن. بۇ ھەدىستە مەزكۇر ئايالنىڭ قوشنىسىگا ئەزىيەت يەتكۈزگەنلىكى ئۇنىڭ دوزاخ ئەھلىدىن بولۇپ كېتىشىگە سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىلگەن.

5. بايلارنىڭ يوقسۇللارغا زۇلۇم قىلىشى. چۈنكى قول ئىلكىدە بار كىشىلەرنىڭ يوقسۇللارغا تېگىشلىك ھەققىنى بەرمەسلىكى، زاكات پەرزىنى ئادا قىلماسلىقى ۋە سەدىقە، خالىسانە ياردەم قاتارلىق ئىشلارنى تەرك ئېتىشى ئۇلارنىڭ يوقسۇللارغا زۇلۇم قىلغانلىقىدۇر. چۇنكى زاكات ۋە سەدىقە قاتارلىقلار يوقسۇللارنىڭ بايلار ئۈستىدىكى ھەققىدۇر. « ئۇلارنىڭ پۇل_ مېلىدا تىلەيدىغان ۋە (ئىپپەتلىك بولغانلىقتىن) تىلىمەيدىغان ھاجەتمەنگە ( بېرىشكە تېگىشلىك) مۇئەييەن ھەق بار»

6. ئۇرۇق–تۇغقانلارغا زۇلۇم قىلىش. شەكسىزكى، تۇغقاندارلىقنى داۋاملاشتۇرماسلىق، ئۇرۇق _ تۇغقانلارغا ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ياردەم قىلماسلىق ئۇلارغا زۇلۇم قىلغانلىقتۇر. چۈنكى تۇغقاندارلىقنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە ئۇرۇق_ تۇغقانلار ئىچىدىكى ماددىي ياردەمگە ئېھتىياجلىق بولغانلارغا ياردەم قىلىش پەرزدۇر. « تۇغقانغا، مىسكىنگە، مۇساپىرغا (بېرىشكە تېگىشلىك) ھەققىنى بەرگىن» . تۇغقاندارلىقنى ئۈزۈپ قويۇش ئېغىر گۇناھتۇر ۋە جەننەتكە كىرىشكە توسالغۇدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «تۇغقاندارلىقنى ئۈزۈپ قويغان ئادەم جەننەتكە كىرمەيدۇ» دېگەن. تۇغقاندارلىق يۇقىرىسى، ئۇرۇق ـ تۇغقانلار ئۈچۈن ئۆزىنىڭ مال دۇنياسى، يۈز ـ ئايرۇيىنى ۋە ماددىي ھەم مەنىۋى كۈچىنى ئايىماسلىقتۇر، ئۇنىڭ ئەقەللىيسى ئۇلارغا چىرايلىق سۆز قىلىش ۋە تەبەسسۇم بىلەن قاراشتىن ئىبارەتتۇر. چۈنكى كىشىلەرگە چىرايلىق سۆز قىلىش ۋە تەبەسسۇم بىلەن قاراش ھەم ئىبادەت ھەم سەدىقىدۇر.

7. مۇئەللىمنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا زۇلۇم قىلىشى. بۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا يېتەرلىك تەربىيە بەرمەسلىكى، ئۇلارنى قېتىرقىنىپ ياخشى ئوقۇتماي ئۆمرىنى زايە قىلىۋېتىشى ياكى ئۇلارنىڭ ئىمتىھاندا كۆچۈرۈپ تاپشۇرۇشىغا كۆز يومۇشى ياكى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئادالەتلىك بولماستىن، بەزى ئوقۇغۇچىلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، بەزىسىگە كۆڭۈل بۆلمەسلىكى ياكى بەزىسىنى سىنىپتىن ئۆتكۈزۈپ بەزىسىنى سىنىپتا قالدۇرۇپ قويۇشى قاتارلىق ئىشلار بىلەن بولىدۇ. چۈنكى مۇئەللىم مۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئۇۋال قىلغان بولىدۇ.

8. مۇسۇلمانلارغا زۇلۇم قىلىش. يەنى مۇسۇلمانلارنى ئۇلارنىڭ پىكىر–ئېقىمى ياكى مەزھىپى سەۋەبلىك چەتكە قېىقىش ياكى ئۇلارغا مۇئامىلىدە ئادالەتسىزلىك قىلىش ۋە ياكى ئۇلارنىڭ ھەق_ ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىش، تۆھمەت چاپلاش، غەيۋەت قىلىش، مەسخىرە قىلىش، ھەققىنى يېۋېلىش، ئالداش، يالغان گۇۋاھلىق بېرىش، خىيانەت قىلىش، ھەسەت قىلىش، لەقەم قويۇش، ئەيبىنى ئىزدەش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارغا ئۇۋال قىلغانلىقتۇر. بىر مۇسۇلماننىڭ يەنە بىر مۇسۇلمانغا يامانلىق قىلىشى ئەمەلىيەتتە ئۆزىگە يامانلىق قىلغانلىقىدۇر. چۈنكى ئۇلار بىر گەۋدە. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: « بىر – بىرىڭلارغا كۆرەلمەسلىك قىلماڭلار، بىر– بىرىڭلارنى ئالدىماڭلار، بىر– بىرىڭلارنى يامان كۆرمەڭلار، بىر– بىرىڭلارغا دۈشمەن بولماڭلار، بىر– بىرىڭلارنىڭ سودىسىنى بۇزماڭلار. ئۆز ئارا قېرىنداشلاردىن بولۇپ، ئاللاھنىڭ ياخشى بەندىلىرىدىن بولۇڭلار. مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ قېرىندىشى، ئۇنىڭغا زۇلۇم قىلمايدۇ، خورلىمايدۇ. تەقۋالىق قەلبتە، ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشىنى خور كۆرگەن ئادەمدىنمۇ يامان ئادەم يوق. بىر مۇسۇلماننىڭ يەنە بىر مۇسۇلماننىڭ قېنىنى تۆكۈشى، پۇل– مېلىنى تارتىۋېلىشى ۋە ئابرۇيىنى تۆكۈشى قەتئىي ھارامدۇر»

9. مۇسۇلمان ئەمەس كىشىلەرگە زۇلۇم قىلىش. چۈنكى مۇسۇلمانلار مۇسۇلمان ئەمەس كىشىلەرگىمۇ ياخشى، ئادالەتلىك ۋە توغرا مۇئامىلە قىلىشقا بۇيرۇلغان. بارلىق مۇئامىلە تۈرلىرىدە ئۇلارغا ئايرىمىچىلىق قىلماستىن، ھەقسىزلىق قىلماستىن، توغرا ۋە ئادالەتلىك مۇئامىلە قىلىش، ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتلەردىن قولدىن كېلىشىچە ئۇلارغا ئىنسانىي ياردەم قىلىشقا بۇيرۇلغان. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە بىزگە تەۋسىيە قىلىپ مۇنداق دېگەن: «باشقا دىندىكىلەردىن سىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلمىغان ۋە سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارمىغانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلاردىن، ئۇلارغا ئادىل بولۇشۇڭلاردىن سىلەرنى توسمايدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئادالەت بىلەن ئىش قىلغۇچىلارنى ياقتۇرىدۇ» .

10. ھايۋانلارغا زۇلۇم قىلىش. چۈنكى ھايۋانلارغا كۆتۈرەلمەيدىغان ئېغىر يۈكلەرنى ئارتىش، ئۇلارنى ياخشى باقماي ئاچ ياكى سۇسىز قويۇش، ئۇرۇپ قىيناش، ئوق ئېتىش مەشىقلىرىدە نىشان قىلىش، ئۇلارنى بىر –– بىرى بىلەن سوقۇشتۇرۇش. مەسىلەن: ئىت تالاشتۇرۇش، خوراز چوقۇشتۇرۇش، قوچقار سوقۇشتۇرۇش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى ھايۋانلارغا زۇلۇم قىلغانلىقتۇر. ھەتتا ھايۋانلارنى بوغۇزلاشتىمۇ قاتتىق قوللۇق قىلىش چەكلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە: «ئاللاھ تائالا ھەممە نەرسىگە رەھىم – شەپقەت قىلىشنى پۈتۈۋەتتى. مال بوغۇزلىغاندا ياخشى بوغۇزلاڭلار، پىچاقنى ئىتتىك قىلىڭلار ۋە مالنىڭ جېنىنى قىينىماستىن چىقىرىڭلار» دەپ كۆرسەتكەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە ئۇسسۇزلۇقتىن قاتتىق قىينىلىپ كېتىپ، قۇدۇقنىڭ يېنىدىكى ھۆل تۇپراقنى يېيىشكە باشلىغان بىر ئىتنى كۆرگەن بىر ئادەمنىڭ ئىتقا ئىچ ئاغرىتقانلىقتىن، ئايىغىنى سېلىپ، ئۇنىڭغا قۇدۇقتىن سۇ تولدۇرۇپ چىقىپ بۇ ئىتنى سۇغۇرۇپ قويغانلىقى سەۋەبلىك پۈتۈن گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىپ جەننەت ئەھلى بولۇپ كەتكەنلىكى، بۇنىڭ ئەكسىچە، بىر ئايالنىڭ بىر مۈشۈكنى سۇ ياكى نان بەرمەستىن باغلاپ قويۇپ، ئۇنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغانلىقى ئۈچۈن دوزاخ ئەھلىدىن بولۇپ كەتكەنلىك قىسسىسىنى ئېيتىپ بېرىش ئارقىلىق ھايۋانلارغا رەھىم – شەپقەت قىلىشنىڭ نەقەدەر چوڭ ئىبادەت ۋە دىنىي ھەم ئىنسانىي مەجبۇرىيەت ئىكەنلىكىنى ئوچۇقلىغان.

11. يالغان سۆزلەش ۋە سۆزىدە تۇرماسلىق بىلەن زۇلۇم قىلىش. شەكسىزكى، يالغان سۆزلەش ئەڭ چوڭ ھەقسىزلىق ۋە قەبىھ زۇلۇمدۇر. چۈنكى يالغان ئېيتقان ئادەم ئاللاھ تائالا چەكلىگەن يالغان سۆزنى سۆزلەش بىلەن ئۆزىنى ئاللاھ تائالانىڭ ئازابىغا ھەقلىق قىلغان بولىدۇ ھەم باشقىلارنى بۇ يالغان سۆزگە ئىشەندۈرۈش بىلەن ئۇلارغا زىيان_ زەخمەت يەتكۈزگەن بولىدۇ. بۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى قەتئىي ھارامدۇر. ھەقىقىي مۇسۇلمان ئادەم ھەرگىز يالغان سۆزلىمەيدۇ. بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: «مۇسۇلمان ئادەمنىڭ ئوغرىلىق قىلىشى مۇمكىنمۇ؟» دەپ سورالغىنىدا، «ھەئە، مۇمكىن» دەپ جاۋاب بەرگەن. «مۇسۇلمان ئادەمنىڭ زىنا قىلىشى مۇمكىنمۇ؟» دەپ سورالغىنىدا، «ھەئە، مۇمكىن» دەپ جاۋاب بەرگەن. يەنە «مۇسۇلمان ئادەمنىڭ يالغان ئېيتىشى مۇمكىنمۇ؟» دەپ سورالغىنىدا، ‹«ياق، مۇمكىن ئەمەس» دەپ جاۋاب بەرگەن.
شۇنىڭدەك، سۆزىدە تۇرماسلىق ۋەدىلىشىپ قويغان ئادەمگە قارىتا قىلىنغان ئەڭ چوڭ زۇلۇمدۇر. چۈنكى ۋەدىسىدە تۇرمىغان ئادەم ۋەدىلىشىپ قويغان ئادەمنىڭ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلغان ۋە ئۇنىڭ ئىشەنچىنى يەردە قويغان بولىدۇ. سۆزىدە تۇرماسلىق، ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىش دۇنيادا ھەممە ئادەم ئۆچ كۆرىدىغان يالغانچىلىق بولۇپ، بۇ ئىللەت كىمدە بولسا شۇ ئادەم ياخشىلىق كۈتۈشكە يارىمايدىغان، ئىشەنگىلى بولمايدىغان، يارامسىز ئادەم ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق ئادەم ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا نۇرغۇن زىيانلارنى كەلتۈرىدۇ. ۋەدىگە ۋاپا قىلماسلىق، لەۋزى قىلغان ئىشقا ئىگە بولماسلىق ئىماننىڭ ئاجىزلىقىدىن دېرەك بېرىدىغان مۇناپىقلىق خاراكتېرىگە ئىگە يالغانچىلىقتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇناپىقلىقنىڭ ئالامەتلىرىنى بايان قىلىپ: «مۇناپىقلىقنىڭ بەلگىسى ئۈچ بولۇپ، ئۇلار: يالغان سۆزلەش، ۋەدىگە خىلاپلىق قىلىش، ئامانەتكە خىيانەت قىلىش» دەپ كۆرسەتكەن. مانا بۇ ئۈچ ئىش ئىشەنچنى يوقىتىشنىڭ ئامىلىدۇر.

12. پارا بېرىش ياكى ئېلىش ئارقىلىق زۇلۇم قىلىش. بىراۋغا پارا بېرىش بىلەن باشقىلاردىن پارا ئېلىش ھەر ئىككىلىسى زۇلۇمدۇر. چۈنكى پارا ئالغان ياكى پارا بەرگەن ئادەم بۇ ئىشنى پەقەت باشقىلارنىڭ ھەققىنى دەپسەندە قىلىپ ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىش ئۈچۈنلا قىلىدۇ. پارىخورلۇق __ بىراۋنىڭ ھەققىنى يەۋېلىش، ياكى ئۇنىڭ خىزمەت ئورنىنى تارتىۋېلىش، ياكى ئۇنىڭغا كەلگەن ئامەتنى ئۆزىگە قارىتىۋېلىش، ياكى گۇناھسىز بىرىنى قارىلاش، ياكى بىرەر جىنايەتكارنى ئاقلاش، ياكى ئۇنىڭ جىنايىتىنى يېنىكلىتىش، ياكى قانداقلا بىر داۋا ئىشىدا قارشى تەرەپنىڭ ھەققىنى ئۆزىگە قارىتىشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىش ئۈستىدىكىلەرگە مەلۇم مىقداردا پۇل، ياكى پۇلغا توختايدىغان بىر نەرسە بېرىش دېگەنلىك بولۇپ، پارىنى بەرگەن ۋە ئالغان ھەر ئىككىسى ئاللاھنىڭ ئالدىدا قاتتىق گۇناھكار، ئىنسانىيەت ئالدىدا ئەيىبكار بولىدۇ.
پارىخورلۇق ئەڭ يامان خىيانەتچىلىك بولۇپ، ھەق _ ھوقۇقلارنىڭ زايە بولۇشىغا، ئادالەتسىزلىك ۋە ھەقسىزلىككە، كىشىلەرنىڭ مەنپەئەتىگە نامەردلەرچە خىرىس قىلىشقا، ئۇلارنىڭ ھەقلىرىگە تاجاۋۇز قىلىشقا، تۆھمەتلەرنى ئارتىپ ئۇلارنىڭ ئابرۇيىنى تۆكۈشكە، جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزۇشقا، خاتىرجەملىك، ئامانلىق ۋە ئىشەنچنىڭ يوقىلىشىغا سەۋەب بولىدىغان ئىنتايىن قەبىھ ۋە رەزىل قىلمىش بولغانلىقى ئۈچۈن پارا بېرىش ياكى ئېلىش ئىسلام دىنىدىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دىنلاردا ۋە پۈتۈن قانۇنلاردا قەتئىي ھارامدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ پارا بەرگۈچىگە، ئۇنى ئالغۇچىغا ۋە ئۇنىڭغا ۋاسىتە بولغۇچىغا لەنەت قىلدى» دېيىش ئارقىلىق پارىخورلۇق جىنايىتىنىڭ دائىرىسىنى ۋە جازاسىنى بايان قىلغان. ئاللاھنىڭ لەنىتىگە ئۇچرىغانلىق ئاخىرەتلىك نېسىۋىدىن پۈتۈنلەي قۇرۇق قالغانلىقتۇر. ئىسلام ئۆلىمالىرى ئىنسان ئۆزىنىڭ ھەققىنى ئېلىش ياكى يوللۇق ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن پارا بېرىشكە مەجبۇر بولۇپ قالسا، باشقىلارغا زىيان– زەخمەت يەتكۈزمەسلىك شەرتى بىلەن پارا بېرىپ بولسىمۇ، ئۆز ھەققىنى قوغدىسا گۇناھ بولمايدۇ، دەپ قارايدۇ.

13. سودىدا ئالدامچىلىق قىلىش ئارقىلىق كىشىلەرگە زۇلۇم قىلىش. ساتماقچى بولغان مالنىڭ ئەيىبىنى يوشۇرۇش، يالغان سۆزلەش، ساتماقچى بولغان ماللىرىغا باشقىلارنىڭ ماركىلىرىنى ئوغرىلىقچە چاپلاپ سېتىش، تارازىدا ياكى ئۆلچەمدە كەم تارتىپ بېرىش، خېرىدار ئەمەس بىرىنى خېرىدار ئورنىدا كۆرسىتىپ ئۇنى يۇقىرى باھادا تەلەپ قىلدۇرۇش ئارقىلىق راستتىنلا ئالىدىغان خېرىدارلارنى ئالداپ سېتىۋېلىش، چارۋا ماللارنى سېتىشقا ئېلىپ چىقىشتىن بۇرۇن مەخسۇس دورىلار بىلەن يالغاندىن سەمرىتىپ خېرىدارلارنىڭ كۆزىنى بوياش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى سودىدا ئالدامچىلىق قىلىش ئارقىلىق كىشىلەرگە زۇلۇم قىلغانلىقتۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالا:« ئى ئىمان ئېيتقانلار! بىر _ بىرىڭلارنىڭ پۇل_مېلىنى ناھەق يول بىلەن يەۋالماڭلار» دەپ توسقان. يۇقىرىقى ئالدامچىلىق تۈرلىرىنىڭ ھەممىسى كىشىلەرنىڭ پۇل_ مېلىنى ناھەق يەۋالغانلىقتۇر.

14. چېقىمچىلىق قىلىش ئارقىلىق كىشىلەرگە زۇلۇم قىلىش. شەكسىزكى، بىراۋنى زالىم ھۆكۈمدارلارغا مەلۇم قىلىپ قويۇش ياكى ئۇنى باشقىلارغا يامان كۆرسىتىش ئۇنىڭغا ئەڭ چوڭ زۇلۇم قىلغانلىقتۇر. چۈنكى چېقىمچىلىق — بىراۋنى زىيانغا ئۇچرىتىش ئۈچۈن ئۇنى زالىملارغا مەلۇم قىلىپ قويۇش ياكى ئىككى كىشىنى بىر _ بىرىگە دۈشمەن قىلىش ئۈچۈن بىرى توغرۇلۇق ئاڭلىغان بىر _ ئىككى ئېغىز گەپنى، يالغان سۆزلەر بىلەن كۆپتۈرۈپ يەنە بىرىگە يەتكۈزۈشتۇر. چېقىمچىلىق گەپ توشۇشتىن ئىبارەت سۇخەنچىلىكتىن پەرقلىق جىنايەتتۇر. چۈنكى گەپ توشۇش مەقسەتسىزمۇ ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئەمما چېقىمچىلىق پەقەت بىرىنى زىيانغا ئۇچرىتىش ئۈچۇن رەزىل مەقسەت بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ. بىر قېتىملىق چېقىمچىلىقنىڭ سەۋەبى بىلەن دوستلار ۋە ئائىلىلەر ئوتتۇرىسىدا ئۆچمەنلىك پەيدا بولۇپ، بەختنىڭ ئاساسى بولغان خاتىرجەملىك، ئىناقلىق بۇزۇلىدۇ. چېقىمچىلىققا قارشى تۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسى— چېقىمچىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالماسلىق ياكى ئىشەنمەسلىكتۇر. چېقىمچىنىڭ يامان ئاقىۋىتى توغرۇلۇق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كىمكى كىشىنىڭ باشقىلار ئاڭلاپ قېلىشىنى ياقتۇرمايدىغان سۆزىنى يەتكۈزۈپ قويىدىكەن، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ ئىككى قۇلىقىغا قوغۇشۇن قويۇلىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن.

http://turkistantimes.com/uy/news-3887.html
Share
2812 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.