logo

trugen jacn

زۇلۇمغا سۈكۈت- ئادالەتكە خىيانەتتۇر

03SIRTCANTAM-ANA-FOTO

مەھمەتىمىن ھەزرەت

        ( ئۈرۈمچى 7.5 ۋەقەسىنىڭ 3 ئايلىغى مۇناسىۋىتى بىلەن)

بىر دۆلەتنىڭ ئەڭ زور دۈشمىنى-ئۇ دۆلەتنىڭ ئادەتلەتسىز سىياسىتىدۇر

خىتاي كومىنىستىك پارتىيەسى دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك،ئامما ئەڭ قورقۇنچاق پارتىيە،ئەڭ قورقۇنچاق سىياسى ھاكىمىيەتتۇر. خەلقتىن شۆھبىلىنىدۇ.قورقۇدۇ.خەلقنى ھاكىمىيەتكە قارشى تەھدىت سۈپىتىدە كۆرىدۇ.چۈنكى،خەلقنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزگەن جىنايىتىنى ياخشى بىلىدۇ

ھاكىمىيىتىنىڭ 60.يىللىقىنى خاتىرلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئەلىنغان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى.تىيەنئەنمىن مەيدانىدا كۆز-كۆز قىلىنغان قوراللار بۇنىڭ بىر مىسالى.60.يىللىق خاتىرە كۈنىدىن بىر-ئىككى كۈن ئىلگىرى “ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىغى نەمۇنىچىلىرىنى مۇكاپاتلاش يەغىنى“دا خۇجىڭتاو ،مىللىي سىياسەتنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىغىنى ئىلان قىلدى.ئامما،خاتالىقلارنى تۈزىتىدىغانلىغى،نىڭ ئىشارىتىنى بەردى

شەرقى تۈركىستاندىكى ۋەزىيەتنىڭ قانچىلىك جىددى ئىكەنلىگىنى ”7.5“ ۋەقەسى دۇنياغا ئاشكارىلاپ قويدى

خىتاي ئارمىيىسى ۋە ساقچىلىرىدا بار قورالنىڭ يۈزدە بىر پىرسەنتى ئۇيغۇرلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغاندا شەرقى تۈركىستان بىر قان دەڭىزىغا ئايلىنىدۇ.مەۋجۇت زىددىيەتنى مۇرەسسە قىلىش مۇمكىن ئەمەس.60 يىللىق ئادالەتسىز مىللىي سىياسەت،بىر بىرىگە قەبىھ ئۆچمەنلىك بىلەن تولغان ئىككى سەپنى،ئىككى مىللەتنى ياراتتى.قىرىلىپ تۈگەپ كىتىش خەۋىپى ئاستىدىكى ئۇيغۇرلار،ئۆزلىرىنى قىرماقچى بولغانلارنى قىرىپ تۇرۇپ قىرىلىپ تۈگەپ كىتىشكە رازى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئالدىدا ئىككى يول تۇرۇپتۇ؛بىرسى،ئادالەتسىز مىللىي سىياسەتنى تۈپتىن بىكار قىلىش.ئۇيغۇرلارنىڭ قەنىنى ئىچىش ئارقىلىق ھاياتىنى داۋام قىلىپ كىلىۋاتقان،مىللىي ئۆچمەنلىك يارىتىشتىن ئىختىسادى ۋە سىياسى مەنپەتكە ئەرىشىپ كەلىۋاتقان پارازىت خەنلەرنى شەرقى تۈركىستان زىمىنىدىن ئەلىپ كىتىش.ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىگىنى ئۆز قولىغا قايتۇرۇپ بەرىش
ئىككىنجىسى،بۇگۈنكى يۇقىرى بەسىملىق ئاسلىمىلاسسىيە سىيەسىتىنى داۋاملاشتۇرۇش،ھەممە ھوقۇق ۋە بەخىت-ساادەتكە ئىگە بولغان خەن مىللىتى بىلەن ھەممە ھوقۇق ۋە بەخىت-ساادەتتىن مەھرۇم قالغان ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدا قانلىق ئۇرۇش قىلىشقا زىمىن ھازىرلاپ،شەرقى تۈركىستاننى ئىككىنجى بىر پەلەستىڭە ئايلاندۇرۇش.خەنزۇلارغا جەننەت،ئۇيغۇرلارغا دۇزاخ بولغان بۇ يۇرتنى ھەر ئىككى مىللەت ئۈچۈن دۇزاخقا ئايلاندۇرۇش
قايسى يولنى تاللاش ئەلبەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىختىيارىدا

   X                                      X                                   X                                            X

ئىرىقچى شۇۋىنىست مىللتچىلەر ئۈچۈنمۇ،ئىزىلگۈچى،چارىسىز قالغان مىللەتلەر ئۈچۈنمۇ مىللىي كەيپىيات،خۇددى خەرويىندەك زەھەرلىك،ئامما ۋاز كەچكىلى بولمايدىغان سىرلىق بىر تۇيغۇدۇر.مىللەتلەرنىڭ مەدىنىيەت سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى بولۇشى،ئىلغارلىغىمۇ شۇۋىنىست مىللەتچىلىكنى  يىڭىشكە ئاجىزلىق قىلىدۇ

رادىكال مىللەتچىلىك تۇيغۇسى- ھەققانىيەتنى كۆرۈشكە كۆر،ئاڭلاشقا ساغىر،سۆزلەشكە گاس بىر تۇيغۇدۇر.مەنىۋىي ئاتوم بومبىدۇر

بۇ خىل تۇيغۇ ھەربىي كۈچ بىلەن بىرلەشسە ئىنسانىيەتكە ئەلىپ كەلىدىغان زىيىنى تەسەۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدە مىسلىسىز بولىدۇ

ئىدىلوگىيەسىز قالغان خىتاي كۆمىنىستىك پارتىيەسى،ھاكىمىيەتنى قولىدا تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن،خىتاي خەلقىنىڭ مىللىي شۇۋىنىستلىق ئىدىيىسىنى كۈچەيتىدىغان سىياسى تەدبىرلەرنى يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە.ئۇيغۇرلارغا ۋە تىبەتلىكلەرگە قارشى يۈرگۈزۈلىۋاتقان تەشۋىقاتلار بۇ مەخسەتتىكى ئىستىراتىگىيەنىڭ بىر قىسمى.”7.5” ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كىيىن،خىتاي ھاكىمىيىتى قىپ يالىڭاچ ئوتتۇرىغا چىقىپ،خىتاي خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارغا غەزىۋىنى قوزغايدىغان ساختا ئۆلۈك،يارىدارلارنى ئايلاپ تەلىۋىزورلاردا تەكرار-تەكرار كۆرسىتىش ئارقىلىق بەلگىلىك نەتىجىگە ئەرىشتى

بۈگۈن “7.5” ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىگىنىڭ 3 ئاي تولغانلىغىنىڭ خاتىرە كۈنى

خىتاي ھاكىمىيىتى بەلكى يىقىندا ئۇيغۇر ئىشسىزلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدا بەزى تەدبىرلەرنى ئەلىشى مۇمكىن.بىراق،ئۇمۇمى ۋەزىيەت ئۇيغۇرلارنىڭ كۈرىشىسىز،بەلكى، شىددەتلىك قارشىلىق كۆرسىتىشى بولماستىن ئىنسانغا ئوخشاش ياشاش ھوقۇقىغا ئىگە بولالىشى ناتايىن. چۈنكى،يىرتقۇچ ھايۋان،گوش ۋە قان بىلەنلا ئۇزۇقلىنىدۇ.بۇ ئۇزۇقتىن مەھرۇم قالسا ئۆزىنىڭ ھاياتى ئاخىرلىشىدۇ.خالاس

ئۇيغۇر مىللىتى بۇ مەنتىقىنى ئۇنۇتماسلىغى لازىم

ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلغۇچىلار،ئۆزلىرىنى بۇ غايىنىڭ بەدىلى سۈپىتىدە تەقدىم قىلالىغاندىلا،ئەركىنلىك كەلەچەك ئەۋلاتلارنىڭ ئەبىدى مۈلكىگە ئايلىنالايدۇ

ئۈرۈمچى “7.5” ۋەقەسىدىن كەيىن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كىلەچەگى،بەختىيار ئىستىقبالغا ھامىلدار،بولغان بىر باسقۇچقا قەدەم قويدى.بۇ ئىستىقبالنىڭ ئارقىسىدا سايىدەك ئەگىشىپ تۇرغان كۈلەڭگۈنىڭ ھاياتنىڭ ئاخىرقى نوقتىسى بولغان تاۋۇت ئىكەنلىگىنى ئۇنۇتماسلىغىمىز لازىم

چوڭ مىللەتلەردىكى شۇۋىنىست مىللەتچىلىك، تۇيغۇسى،كونترولنى بوزۇپ يامرىغاندا،ئىنسانىيەتنى ھالاك قىلغۇچى ۋاباغا ئايلىنىدۇ

بۇگۈن بالىلىرىنى يوقاتقان ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلار،20 يىل بۇرۇن ئۆزلىرىمىز ئادالەت تەلەپ قىلىپ مەيدانلارغا چىقىشقا جۈرەت قىلغان بولساق ئىدۇق،”7.5”كۈنى بالىلىرىمىزنىڭ ھالاك بولىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان بولار ئىدۇق

 

سۈكۈت قىلغان بىر ئەۋلات،ئۈستىدىكى زۇلۇمنى ئەۋلاتلىرىغا مىراس قالدۇرۇپ كەتسە،ئىككى ئەۋلاتقا تەەللۇق زۇلۇم يۈكىنى كۈتۈرەلمىگەن ئىككىنجى ئەۋلاتنىڭ قانلىق پاجىيەسىگە سەۋەپچى بولىدۇ

زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىش – ئادالەتكە خىيانەت قىلىشتۇر
يىل 2009.10.05

ۋەتىنىم تور بىتى ئارخىۋىدىن ئىلىندى

Share
2058 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.